- UID
- 102
- يازما
- 272
- ھوقۇقى
- 255
- 真实姓名
- بەگيار
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1102
- تىزىملاتقان
- 2012-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-16
|
|
|
|
|
«بۆرە تۇتېمى» ناملىق كىتاب كىنو قىلىپ ئىشلىنىدىكەن
ئىمىن ئەخمىدى ئاكىنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن 2008-يىلى جاڭ رۇڭنىڭ «بۆرە تۇتېمى»ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىز ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەنمۇ روماننى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغانىدىم. ئېنتېرنېت ئارلاپ كېلىتىۋېتىپ، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسى، جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىدا بۇ خەۋەنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئەسلى بۇ كىتاب توغرىسىدىمۇ «بىر كىتاب-بىر ئالەم»دە سۆھبەت ئۆتكۈزسە بولاتتى. ئۇمۇ بولۇپ قالار. ھازىر بۇ پاراڭغا نەزەر سېلىپ باقايلى.
2004-يىلى «بۆرە تۇتېم»ناملىق بىر كىتاب «بۆرە مەدەنىيىتى»ئېقىمىنى ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان نەشرىياتىدا مۆجىزە پەيدا قىلغان ئىدى. يازغۇچى جاڭ روڭنىڭ راستتىنلا بىر بۆرە باققان ياكى باقمىغانلىقى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغاپ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. يېقىندا «بۆرە تۇتېم»ناملىق كىتابنى نەشىر قىلغان چاڭجاڭ مەدەنىيەت نەشرىياتچىلىقى لى ۋېييىنىڭ «بۆرە توپىغا قايتىش» ۋە ئاجىمۇنىڭ بۆرە مەدەنىيىتىگە ئائىت «موڭغۇللارنىڭ كۆك بۆرىسى » ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلىپ چىقاردى. بۇ ئىككى كىتاب جاڭ روڭنىڭ بۆرىسىنى قايتىدىن «تىرىلدۈرۈپ»لا قالماي يەنە «بۆرە مەدەنىيىتىنى »داۋاملاشتۇردى.
«بۆرە تۇتېم» ناملىق كىتاب 2004-يىلى تارقالغاندىن بۇيان 120قېتىمدىن ئارتۇق نەشىر قىلىنىپ، 36خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا مىقياسىدا تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ناھايىتى چوڭ مۇنازىرە پەيدا قىلدى ۋە ئەيىبلەشلەرمۇ ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغىنى : موڭغۇللار ئەزەلدىن بۆرىگە چوقۇنمايدۇ،«بۆرە توتېم»يازغۇچى جاڭ روڭنىڭ ئويدۇرمىسى.ئۇ ئەزەلدىن بۆرە بېقىپ باقمىغان دېگەن سۆزلەر بولدى.
ھايۋاناتلار فىلىمىنى ئىشلەشتە بەلگىلىك ئارتۇقچىلىققا ئىگە رېژىسسور جىن.جاكۇۋېس ئارنولد «بۆرە تۇتېم»ناملىق كىتابنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ فرانسۇز تىلىدىكى «بۆرە تۇتېم»نى ئوقۇپ، بىر يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا قاتتىق ھاياجانلىنىپ، قولىدىكى ھوللېۋودنىڭ داڭلىق فىلىملىرىنى تاشلاپ قويۇپ تۇرۇپ، «بۆرە تۇتېم»نى كىنو قىلىپ ئىشلەش نىيىتىگە كەلگەن. ئۇ« بۆرە تۇتېم »رىۋايىتىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن جاڭ روڭ ئەينى يىلى ئۆزى بېرىپ تەتقىق ئېلىپ بارغان ئىچكى موڭغۇل يايلىقىغا بېرىپ شۇ يەرلىك چارۋىچىلارنى زىيارەت قىلىپ، بۆرە توتېمنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى ئىزدىگەن. ئارنولد «بۆرە تۇتېم»رىۋايىتى دۇنيا مىقياسىدا قويۇلۇشقا ئەرزىيدىغان تارىخىي فىلىم بولالايدۇ دەپ قارىغان. نەشرىيات ئورنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «بۆرە تۇتېم»نى كىنو قىلىپ ئىشلەشكە مۆلچەردە 2مىليارد مەبلەغ سېلىنغان. بۇ فىلىم 3D شەكلىدە كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. داڭلىق كىنو چولپىنى سۈن خوڭلېينىڭ بۇ فىلىمدە باش رول ئېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 22:35
|
|
|
|
|
|
|