كۆرۈش: 1083|ئىنكاس: 0

ئايسىمە ئىدىرىس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 6
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 00:34:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايسىمە ئىدىرىس 1971-يىلى 1-ئاينىڭ11-كۈنى يەكەن ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.  1988-يىلى 9-ئايدا ئۇ  ئۆمۈرلۈك ئارزۇيىغا يېتىپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىنىڭ تىل ئەدەبىيات پاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئالى مەكتەپ ھاياتى ئۇنىڭغا  ئېسىل شىئېرلانى ،داڭلىق يازغۇچىلارنى ، دۇنياۋى بۈيۈك ئەسەرلەرنى تونۇتغان. يېزىقچىلىق ھەۋىسىمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ تېخىمۇ دولقۇنلىنىشقا باشلاپ، "شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتى گېزىتى"دە تۇنجى قېتىم شېئىر ئېلان قىلدۇرۇش  پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىجادىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ، ئىجادىيەتتە بارغانسىرى تەرەققى قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. 1993-يىلى 7- ئايدا  سابىق يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىگە خىزمەتكە تەخسىم قىلىنىپ، شۇ مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2005 -يىلى 8- ئايدا مەكتەپ "يەكەن ناھىيىلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ" قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن، مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.   2008 يىلى –1- ئايدا مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلار ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ يۇقۇرى نومۇر بىلەن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ فىلىلوگىيە پاكولتىتىغا ھازىرقى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان.  
شائىرەنىڭ ئىجادىيەتلىرى 1988-يىلىدىن باشلاپ   <تارىم>، <تەڭرىتاغ>، <قەشقەر ئەدەبىياتى >، شىنجاڭ گېزىتى >، <ئىشچىلار ھەركىتى >،  <تۇرپان>، <كىروران>، <يەكەن گېزىتى> قاتارلىق گېزىت ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ، 300پارچىدىن ئارتۇق شىئېرلىرى، 40 پارچىغا يېقىن ئوبزور –ماقالىلىرى، 10 پارچىدىن كۆپرەك تەرجىمە شىئېرلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. 2001-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن <<مەڭگۈلۈك سېغىنىش >>، 2007-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن <<دەرىزىنىڭ يېنىدىن كەتتىم>> ناملىق شىئېرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. <<ئوتتىن ئاتلىغۇچى ئايال>>ناملىق شىېرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>> ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. <<شەھەردىكى كەچكى قۇياش>>، <<جەنۇپلۇق قىز>> ناملىق شىئېرلىرى <<قەشقەر ئەدەبىياتى>> ژورنىلى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا، <كىچىك كەنت ناخشىسى> ناملىق شىئېرى 3- دەرىجىلىك ئاخبارات ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا، <ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن دوستلىرىم> ناملىق ماقالىسى> شىنجاڭ ئاياللىرى< ژورنىلى تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇنازىرىلەر بولۇنغان. شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى 5- قانىلى، <قەشقەر ئەدەبىياتى>، <ئىشچىلار ھەركىتى > ژورناللىرى تەرىپىدىن ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. ئۆزى كۆپ قېتىم يەكەن ناھىيىلىك تەشۋىقات بولۇمى تەرىپىدىن <ئىلغار ئىجادىيەتچى> مۇكاپاتىغا ۋە 2008-يىلى <تۆھپە > مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
شائىرەنىڭ " مەڭگۈلۈك سېغىنىش"،" دەرىزىنىڭ يېنىدىن كەتتىم" ناملىق شىئېر توپلاملىرى ئۇنىڭ قىزلىق-ئاياللىق مۇساپىسىنىڭ بەدىئى كارتىسىنى بولۇپ، شائىر يەڭگىل تىل، لىرىك ھىسسىيات، چوڭقۇر پىكىرلەر ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاياللىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئاياللارنىڭ دەۋر  ، ئائىلە  ، پەرزەنلەر، ھەتتا ئاتا-ئانىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى. ئاياللارنىڭ تېڭىرقاشلىرى، قەلب ئىزتىراپلىرىنى قويۇق تۇرمۇش پۈرىقىغا ئىگە مىسرالار بىلەن ئىپادىلەپ بەردى. شائىرەنىڭ شىئېرلىرىدا يەنە باھار ۋە كۈز پەسىللىرى ئەڭ كۆپ ئىپادىلىنىپ، شائىرەنىڭ ھاياتلىق، ئۆمۈر ئۈستىدىكى ئويلىنىشلىرى، تەبىئەت توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرى بۇ شىئېرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
شائىرەنىڭ ئىجادىيىتىدە يەنە بىر تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك تەرەپ شۇكى، ئۇ 1993-يىلىدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز ھالدا  ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوبزور شەكىلدىكى ماقالىلاردىن ھالقىپ تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يەكەن يازغۇچىلار توپى ۋە شىئېرىيەت ھەققىدە يازغان  " ەۈزەل مۇھەببەت سۈرىتى قىزارغان سەھرا"، " دىھقان روھى قاناتلانغان زىمىن"، " "دولقۇنلۇق تارىم " دىكى تىل ئىزچىللىقى ھەققىدە"، " بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر  شىئېرىيىتىدىكى بىر جۈپ شۇڭقار"، " شىئېردىكى ۋاقىت ۋە كەڭلىك " قاتارلىق ماقالىلىرى" بىر قەدەر ئەتراپلىق سېستىمىلىق بولۇپ،ئەدەبىياتىمىزدكى بىر قىسىم ھادىسىلەر ۋە ،يازغۇچىلار ۋە ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ ، بىر قەدەر يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەن  باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتى. ئۇ يەنە  قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇش جەريانىدا "يېڭى ئەسىردىكى ياش ئايال ئىجادىيەتچىلەر ھەققىدە تەتقىقات"تېمىسىدىكى مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېما ئىشلەشكە قاتنىشىپ، ئۇنىڭ شائىرەلەرگە ئائىت قىسمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ چىقتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمى ماقالىسىغىمۇ " يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر ياش شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش" تېمىسىنى تۇتۇپ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشتى.
شائىرە ئايسىمە ئىدىرىس شىنجاڭ  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى، يەكەن ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايۇنلۇق7- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش