ximal
كۆرۈش: 230|ئىنكاس: 11

شەيخلەر ۋە شېھىدلار كۇبراسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 708
تۆھپە : 34
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:55:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەيخلەر ۋە شېھىدلار كۇبراسى


ئىبراھىم ھەققۇل

1

     ئنسانىيەتنىڭ ئىلم-ئىرپان،مەدىنىيەت ۋە مەنىۋىيىتىنىڭ ئالتۇن بۈشىكلىر ىدىن بىرى بولغان قەدىمى خارەزم دۇنياۋىي شۇھرەت قازانغان نۇرغۇن ئوغلانلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن. كۇبراۋىيە تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى،خەلق قەھرىمانى نەجمىددىن كۇبرا ئاشۇ مەشھۇر سىيمالارنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىدىندۇر. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەھمەد ئىبنى ئۇمەر ئىبنى مۇھەممەد ئەل-خېۋەقىي ئەل-خارەزمىي. ئۇ 1145 -يىلى خىۋەدەتۇغۇلغان. ئەھمەدنىڭ بالىلىقى ۋە ياشلىقى جانىجان يورتىدا ئوتكەن. لېكىن ئۆسمۈرلىكىدىن باشلاپلا ئۇنىڭدا ئىلمگە بولغان كۈچلۈك  ئىشتىياق ئۇيغانغان. ئىلمگە بولغان تەشنالىق ئۇنى جاھان كېزىشكە چاقىرغان. ئۇ قايسى يورت ۋە مەملەكەتكە سەپەر قىلمىسۇن، ئۆزىنىڭ ئىلمگە بولغان ساداقىتىنى، ئىلمىي سالاھىيىتىنىڭ ناھا يىتى ئوتكىرلىگىنى نامايەن قىلىپ، بەس- مۇنازىرلەردە دائما غالىپ چىققان. «ئۇلارغا كۇبرا شۇنداق لەقەم بولدىكى، يىگىتلىك دەۋرىدىلا، زاھىرى ئىلىم تەھسىلىغا كىرىشكەن،ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بەس-مۇنازىرە سورۇنلىرىدا ئۇ ھەمىيشە غالىپ كېلىدىكەن»،-دەيدۇ ئەلىشىر ناۋايى. ئەھمەد غالىپلىقتا پەلىمۇ-پەللە ئىلگىرلىگەن. ئىلم-مەرىپەت سىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەن. ۋاقتى-ساىتى كېلىپ نەجمىددىن-دىن يولتۇزى بولۇپ پارلىغان. ئۇنىڭ ئەۋلىيالىقى شۇ قەدەر كامال تاپقانكى،ھالدا غالىپلىق باشلانغاندا مۇبارەك نەزىرى كىمگە چۈشسە، ئاشۇ كىشى ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.  ئەنە شۇندا ئۇ شەيخ ۋەلى تاراش لەقىمى بىلەن شەرەپ قازانغان. ئەبۇلجەنناپ - نەجمىددىن كۇبرانىڭ خوتۇنى. «مېنىڭ غەيپتىكى ئىسمىم قەنتەرۇندۇر. خوتۇنۇمغا كەلسەك، - دەيدۇ نەجمىددىن كۇبرا، - ئۇنىڭ ھېكايىسى مۇنداق: ئىسكەندەرىيەدە ھاپىز سەلەپىي ئىسپاھانىيدىن بىر ھەدىس ئاڭلىدىم. بۇ پىشقەدەم ئالىم شافى مەزھىپىدە ئىدى، ئېتىقادتا سەلەپىي بولۇپ، يۈز ياشتىن ئاشقان ئىدى. بىر كۇنى غايىۋانە ھالدا رەسۇلۇ للاھنى ھەزرىتى ئابابەكرى بىلەن يېنىمدا كۆردۈم. ئۇنىڭ تىزلىرى تىزىمغا تېگىپ تۇراتتى. دەل شۇچاغدا قۇرئانى كەرىمدىن ھەركۇنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇلغان ئايەتلىرىم زېھنىمدىن ئۇرغىدى. دەرھال ئوقۇشقا باشلىدىم. ئوقۇپ تۈگىتىشىم بىلەنلا پەيغەمبەر ھەدىسلنى ئايەتلەرگە ناھايتى ياخشى تەدبىقلىغانلىقىمنى تەكىتلەپ: «مانا شۇنداق كۇندۇزلىرى ھەدىس ئاڭلا،كېچىلىرى قۇرئانى كەرىم ئوقۇ!»-دېدى.ئاندىن ماڭا خوتۇنۇمنى سوراش ئىلھامى كەلدى ۋە: «يا رەسۇ لۇللاھ، مېنىڭ خوتۇنۇم ئەبۇلجەناپمۇ ياكى ئەبۇلجەنناپمۇ؟ نەپسىم ئەبۇلجەناپ (بۈيۈكلىك يىتەكچىسى) بولۇشنى خالايتتىم»،-دەپ سوردۇم. ئۇ زات: «ياق، خوتۇنۇڭ ئەبۇلجەنناپ(قورققۇچىلار، پەرھىزكارلار يىتەكچىسى)،دەپ جاۋاپ بەردى...» بۇ ھادىسە نەجمىددىن كۇبرانىڭ دۇنياقارىشىدا، مەنىۋى-روھىي ھاياتىدا كەسكىن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ ئەمدى زاھىرىي ئىلمنىڭ يول ۋە مەيدانلىرىنى تاشلاپ، قەلپ ساياھىتىنى باشلاشقا نىيەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇرشىدنىڭ ياردىمى ۋە باشلامچىلىقى بولۇشى زۆرۇر ئىدى. ئەنە شۇ زۆرۇرىيەت ئۇنى مىسرغا-شەيخ روزبېھان ئەل-ۋەززان مىسرىي دەرگاھىغا ئېلىپ باردى. كۇبرا قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەنىۋى يوللاردا تېز ئىلگىرلەيدۇ، شەيخىنىڭ ئىشەنچىسىنى ۋە ئېتىبارىنى قازانىدۇ، ئۇنىڭ قىزىغا ئۇيلىنىپ، ئىككى پەرزەنتكە ئاتا بولىدۇ. ئەمما ھەق يولىدىكى ھەرەكەت، شىددەتلىك ئىنتىلىش ئۇنى تېنىچ ۋە خاتىرجەم ياشاشقا يول قويمايتتى. ئۇ تەبرىزگە بېرىپ ھەدىس ئىلمىنى ئۆگۈنۈشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇزاق ئۆتمەي«ھەق تائالانىڭ ئاشىق ۋە مەھبۇبلىرىدىن» بولمىش بابا پەرەج بىلەن ئۇچرىشىدۇ. كۇبرانى بۇ ئاشىق شەيخ دۈۋەت ۋە قەلەمدىن قۇتۇلدۇرپ رىيازەت ۋە خىلۋەتكە پۈتۈنلەي مەشغۇل قىلدى. ئەمما كۇبرانىڭ تەسەۋۋۇپى ھاياتتا تولۇق زەپەر قازىنىشىدا بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچە شەيخلەرنىڭمۇھەسسى بار. جۇملىدىن، ئۇنىڭغا ئەممار ياسىر ۋە ئىسمايىل قەسرىيلەرنىڭمۇ ئەجرى سىڭگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلەر كۇبراشۇناسلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالمىغان.
دىن ئىلمىنى بىلىش شەرىئەت بولۇر،
ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساڭ تەرىقەت بولۇر
سىدق بىلەن باغلىساڭ ئىلمۇ ئەمەلنى
ھەقنىڭ رىزاسى بىلەن ھەقىقەت بولۇر،-
دەيدۇ نەسىمىي.دېمەك، نەجمىددىن كۇبرا ئالىي مەقسەت مەنزىلىگە يەتكەن، نەچە يۈزلەپ مۇرىدلارنى تەربىيىلەپ ئۇلارنىڭ قەلبىنى دىن ئىلمى، شەرىئەت، تەرىقەت ۋە ھەقىقەت نىڭ زىلال سۇلىرى بىلەن قاندۇرىشقا قادىر مۇرشىدى كامىل بولغان ئىدى. كۇبرا ئۇزاق يىللىق ئايرىلىشتىن  كېيىن ئانا دىيارى خارەزمگە قايتىشى، ۋەتەنداشلىرىغا مەرىپەت تارقىتىشى، يېڭى تەرىقەت بىنا قىلىشى ۋە ئىرشاد ئىشلىرى بىلەن قىزغىن مەشغۇل بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ ھەقتە ئۇ تېخى قەتئىي بىر قارارغا كەلمىگەن ئىدى. تەبرىزدىن مىسرغا قايتىپ كېلىپ، پىرى ۋە قېيىنئاتىسى روزبېھان مىسرىيدىن مەسلىھەت سورىغاندىن كېيىن، 1185 –يىلى خارەزمگە قايتىپ كەلدى. ئەلۋەتتە، ئۇ بۇندىن يىگىرمە بەش يىل ئاۋالقى ئەھمەد ئەمەس ئىدى. كۇبرا ئەمدى مەرىپەت ۋە ھەقىقەت دېڭىزى ئىدى. قەلبىدە ۋە روھدا ئەزىم جەيھۇن دەرياسىغا ئوخشاش كەڭلىك ھوزۇرى مەۋىچ ئۇراتتى.

II

    «تەرىقەتتە سىياسەتلىك مۇرشىد كېرەك»،-دەيدۇ ئەھمەد يەسسەۋىي. دەرھەقىقەت، چىن بىر مۇرشىد يولباشچى بولمىسا،ئۇ مۇرىدنى تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق قوللىمىسا، ئەڭ ئېغىر سىناق پۇرسەتلىرىدە ئۇنىڭغا ئىلھام ۋە مەدەت بەرمىسە، تەرىقەتتە ئىلگىرلىگىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋال، شەيخنىڭ «پىشىنى»نى ئىشەنچ-ئېتىقاد بىلەن مەھكەم تۇتۇش، ھەممە نەرسەدىن ئۆزىنى تارتىپ، پەقەت يىگانە مېھرىبان بولغان شەيخنىڭ كوڭلى ئەتراپىدا ئايلىنىش دېمەكتۇر. مۇرىد شۇ «مېھرىبان»دىن يىراقلاشتىمۇ، يولدىن ئازىدۇ، قەلپ ساياھەتىدىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە، شەيخ مۇرىدنىڭ ھەقىقى پاسبانى ۋە چىراغبانى. شەيخنىڭ ئەقل، دىل ۋە تەدبىر چىرىغى مۇرىدنىڭ نەپسىگە قارىتىلىدۇ. مۇرىد نەپسىنىڭ ئەھۋالىنى رەۋشەن كۆرىدۇ. ئۇنى ئوزگەرتىش، يەنى پاكلاشقا دىل-دىلدىن ئېھتىياج تۇيىدۇ. بۇنى تېخى ھېچ قاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋە ياشالمىغا مەنىۋى ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى، دېسىمۇ بولىدۇ. نەپس بويسۇندۇرلۇپ پاكلانغىچە بولغان ناپاك جەرياننى تولۇقى بىلەن ئىزاھلاش تەس، ئەلۋەتتە. لېكىن تەسەۋۋۇپدىكى سەيلى- سۇلۇككە دائىر ئۇمۇمى ئېتىراپلارغا ئاساسلىنىپ، نەپس تەسپىيىسىدىن كېيىنكى ھالەت ۋە نەتىجىلەرتوغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. چۇنكى: نەپس پاكلىنىپ، زىننەتلىنىدىكەن، قەلپ خۇددى پاكىز ئەينەككە ئايلىنىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭدا ھەممە نەرسە ئەكس ئىتىدۇ. ئەتراپقا قەلپتىن ئىلاھىي نۇرچېچىلىدۇ. ئەڭ ئاساسىيسى ماھىيەت ئېچىلىدۇ. خۇددى شۇ ماھىيەت ئاللاھنىڭ جامال ۋە نۇرجۇلالىرىنى سەير قىلىدۇ. گۈزەللىك ئىدراكى ۋە ئىشتىياقى تۈپتىن ئوزگىرىدۇ. شۇ تەرزدە سالىك(تەرىقەت يولىغا كىرگۈچى-تەرجىماندىن) ھەممە جايدا،ھەممە نەرسىدە رەببىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ كوڭلىدە ئىشق يالقۇنلاپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى بولسا، نەپسنىڭ پاكلانغانلىقى ۋە كۆرۈنۈشتىكى چىركىنلىك، قوپاللىق، يامانلىقلارغا ماتانەت بىلەن بەرھەم بېرىلگەنلىگىدۇر. ئاللاھنى تونۇش، ئۇنىڭ مەرىپەتىگە ئىگە بولۇشنىڭ سىنالغان يولى ئەنە شۇ!
دېمەك، قەلپ ئەينىكى پاكىزلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۈزىنى تۇمانغا ئوخشاش تۇرسۇۋالغان تۇيغۇلارمۇ يۇقۇلىدۇ. پۈتۈن ئىللىتى، ياۋۇزلىقى، مەككارلىقى، چەكسىزلىگى، بىرئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، ھەقىقى قىياپىتى بىلەن ئەمدى قەلپتە دۇنيا نامايان بولىدۇ. قىزىغى شۇنىڭدىكى، ئوتكۈنچى دۇنيا بىلەن باقى دۇنيا ئارىسىدىكى تەپاۋۇتلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئاجرىتىشتا سالىك مۇتلەق قىيىنچىلىق ھېس قىلمايدۇ: ئۇ پەم ۋە ئىدراكتا شۇ دەرىجىدە ئىلگىرىلەيدۇ، روھى ۋە مەنىۋىي ھاياتتا شۇ قەدەر ئېگىزلەيدۇ. ھېچ  قانداق بىر سالىكتا تەركى دۇنياچىلىق تۇيغۇسى ئوز-ئۆزىدىن پەيدا بولمىغان. بەلكى ھەق ئىشقى ۋە روھى ئىشلار قەلپتە تەركى دۇنياچىلىق ھىسسىياتىنى پەيدا قىلغان. بۇ - خىلۋەتكە چېكىنىش ئىستىكىنىڭ رىئاللىشىشىدۇر. خىلۋەت بولسا، ئىلاھىي ئىشقتىن ھۇزۇرلىنىش، ئىشق ۋە ھەقىقەت سىرلىرىنى كەشپ قىلىشنىڭ دەخلسىز ھوجرىسى. شۇ سەۋەپتىن تەسەۋۋۇپتا خىلۋەت ھاياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.
«نەپسنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ۋە يامانلىققا ئۇندىگۈچى خۇسۇسىيە تىدىن قۇتىلۇپ، ئىرىشكۈچىنى ئېزگۇلىككە باشلىشى، - دەيدۇ شەھابىددىن ئۇمەر سۇھرەۋەردىي،-يارىتىلىشىدىن باشلاپ ئۇنىڭدا مەۋجۇت بولغان قۇرۇقلۇق ۋە سوغۇقلۇقنى ئىرغىتىپ تاشلىشىدىن بىلىنىدۇ. نەپستىن قۇرۇقلۇق كۆچسە، ئۇنىڭغا ئۇلاشقان ۋە ئۇنى تەسىرىگە ئالغان روھنىڭ ھارارىتى بىلەن ئۇ يومشايدۇ».نەپستىكى بۇنداق ھالەت ئوزگىرىشى ئۇنىڭ قەلپكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە خۇرۇچلىرىنى تامامەن تۈگىتىدۇ. چۈنكى تۇيغۇ ۋە ئىدراك مەركىزى بولمىش قەلپ پەقەت روھقىلا ئەمەس، بەلكى نەپسكە يۈز لىنىشكىمۇ مەجبۇردۇ. سالىكنىڭ نەپسى سەيرۇ سۇلۇك بىلەن جىپسىلىپ، خاتىرجەملىك تاپقان بولغاچقا،نەپس قەلپكە ھۇكۈمرانلىق قىلىش ئىمكانيتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى «ئەۋارىپ ئۇل-مائارىپ» نىڭ مۇەللىپى مۇنداق شەرھىلەيدۇ: «دېمەك، نەپس تىزگىنلەبگەندىن كېيىن جانابى ھەقنىڭ بۇيرۇقلىرىنى  ئورۇنداشقا كىرىشىدۇ. قەلپمۇ نەپس يونەلگەن تەرەپگە بوي سوزۇپ ئۇ جايدىن ياخشى تەسىرات ئېلىشقا باشلايدۇ. شۇ چاغدا مۇرىد، تالىپ ۋە سادىقلارنىڭ نەپسى، قەلپ بىلەن نەپسنىڭ ئارىسىدىكى جىنس ئوخشاشلىقى تۇپەيلىدىن قەلپ خۇسۇسىيىتىنى ئالىدۇ» . مۇرشىدنىڭ  بىۋاسىتە خىزمىتى، سالاھىيىتى ۋە شاراپىتى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بۇ مۇرىدنىڭ نەپسى، قەلبى، روھىدىكى بۇ ئۆرۈلۈش ھالى تەسەۋۋۇپتا «ئىككىنچى ۋە مەنەۋى تۇغۇلۇش» دەپ تەرىپلەنگەن. چۈنكى مۇرىد ئانىدىن تۇغۇلۇشتا ئاتىسىغا قانچىلىك مەنسۇپ بولسا، مەنىۋى تۇغۇلۇشتىمۇ شەيخىگە شۇنچىلىك باغلىق ۋە ئوخشاشتۇر. بۇ مەسىلىنى غايەت قىزىقارلىق ۋە ئاساسلىق تەرزدە يۇرۇتۇپ بەرگەن سۇھرەۋەردىي، «كىشىنىڭ بىرىنچى تۇغۇلۇشى ئۇنىڭ ئالىمى مۇلك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەمىنلەيدۇ. ئىككىنچىى، يەنى مەنىۋى تۇغۇلۇش بولسا، ئىلاھىي ئالەم بىلەن بولغا ئالاقىسىنى تەمىن ئتىدۇ»، - دەيدۇ. ئالىمى مۇلك كائناتنىڭ ئاشكارە تەرىپىنىڭ كۆرۈنىشى بولسا،ئىلاھىي ئالەم ئۇنىڭ ئىچكى تەرىپى ۋە كۆرۈنىشىدۇر. دېمەك، مۇرشىد ئوز مۇرىتىغا ئىلاھىي ئالەمنىڭ سىرلىرىدىن ئاگاھ بولۇش، ھىدايەت نۇرلىرىدىن قەلىپ ۋە روھنى قۇۋەتلەندۈرىشكە كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. نەجمىددىن كۇبرا «تەرىقىتىمىز ۋە يولىمىز، خېمىيە يولىدۇر. تاغلار ئارىسىدىن نۇرلۇق ۋە گۈزەل نەرسەلەرنى تېپىش شەرتتۇر»،-دېگىنىدە ئاشۇ مەنىۋى تۇغۇلۇشنى نەزەردە تۇتقان ئىدى. چۈنكى خېمىيە سەنئىتى بىلەن مەدەنلەر ئالتۇنغا ئايلاندۇرلغىنىدەك،كۇبرەۋىيلىك تەرىقەتىدىمۇ ئىنسان ماھىيەت ئىتىبارى بىلەن قەلبەن ۋە روھەن ئوزگىرىشى، يېڭى مەنەۋىي شەخسىيەت مەقامىنى ئېگەللىشى مۇقەررەر ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تەسەۋۋۇپ تىلىدا خېمىيىۋى سائادەت ئىبارىسى، نەپسنى يامان ۋە ناچار خويلار، ئارزۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلەر بىلەن بېزەش، زىننەتلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، كۇبرا «تاغلار ئارىسىدىن...» دېگەندە بىز بايا ئىزاھلىغان نەپسنىڭ قاتتىقلىق ۋە سوغۇقلۇق ھالەتىگە ئىشارەت قىلغان.
دېمەك، سەيرۇ سۇلۇكنى ئاخىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزۈشنى بىلگەن  كىشى ئەدەپ- ئەخلاقتا، پېئل ۋە سۈپەتتە، پىكر ۋە ئىرادىدە پەۋقۇلئاددە خالىس يېڭى«مېن»گە ئېرىشىدۇ. سۇھرەۋەردىيمۇ بۇنى جىسمانىي تۇغۇلۇشتىن كېيىنكى - ئىككىنچى، يېڭى مەنىۋىي تۇغۇلۇش دەپ تەرىپلەيدۇ. ھەقىقەت ئەھلى تەرىپىدىن «قىيامەتى سۇغرا»(كىچىك قىيامەت)» دەپمۇ ئاتالغان بۇ مەنىۋى تۇغۇلۇشتا سالىكنىڭ ھالى - ئۇنىڭ سۇلۇككىچە بولغان، رىيازەت، كۆرۈنۈش، پاكلىنىش مۇشاقەتلىرىگە تېخى كىرىشىلمىگەن ھالىدىن كەسكىن پەرق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەخلاقىي، ھىسسىي ۋە پىكرى ھاياتى ئاۋالقىسىغا ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدا مۇرشىدنىڭ خىزمىتى ۋە ھەسسى بىقىياسدۇركى، بۇنداق شەرەپلىك ئىشنى ئۇرۇنلاشتا نەجمىددىن كۇبرا شەيخلەرنىڭ ئەڭ پېشقەدىمى ئىدى.


  ئىبراھىم ھەققۇلنىڭ «باقىي سەرچەشمىلەر»ناملىق كىتابىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
   
داۋامى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 19:10  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 00:42:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا ھەققۇل قەلىمى تىلىدىن تامغان ناۋايى تىنىقلىرى، مەرھابا نەجمىدىن  كۇبراھ چەشمىلىرى!...مەرھابا بەگيار ئاكىنىڭ تىنىمسىز ئەمگەكلىرىنىڭ جەھەرلىرى...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 708
تۆھپە : 34
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 03:37:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت، ئابدۇمىجىت!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 11:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەگيار ئاكا، ياخشى تېمىغا تۇتۇش قىپسىز، لېكىن تەرجىمىدە ئازراق مەسلە باردەك ھېس قىلدىم، مەسىلەن:            

             ئەبۇلجەنناپ - نەجمىددىن كۇبرانىڭ خوتۇنى. «مېنىڭ غەيپتىكى ئىسمىم قەنتەرۇندۇر. خوتۇنۇمغا كەلسەك، - دەيدۇ نەجمىددىن كۇبرا، - ئۇنىڭ ھېكايىسى مۇنداق:
                   ئۆزبېكچە نۇسخىسدا «ئەبۇلجەنناب - نەجمىددىن كۇبرانىڭ كۇنيەتى، ..مېنىڭ غەيبدەگى ئىسمىم قەنتەرۇندۇر، كۇنىيەمگە كېلسەك،-دەيدۇ نەجمىددىن كۇبرا...» دېگەن بايانلار ۋە : «ئاندىن ماڭا خوتۇنۇمنى سوراش ئىلھامى كەلدى ۋە: «يا رەسۇ لۇللاھ، مېنىڭ خوتۇنۇم ئەبۇلجەناپمۇ ياكى ئەبۇلجەنناپمۇ؟ نەپسىم ئەبۇلجەناپ (بۈيۈكلىك يىتەكچىسى) بولۇشنى خالايتتىم»،-دەپ سوردۇم. ئۇ زات: «ياق، خوتۇنۇڭ ئەبۇلجەنناپ(قورققۇچىلار، پەرھىزكارلار يىتەكچىسى)،دەپ جاۋاپ بەردى...»
             دېگەن بايانلاردىكى «كۇنيە» سۆزىنى سىز «خوتۇن» دەپ خاتا تەرجىمە قىلىپ قويۇپسىز، «كۇنيە» ئەرەبچە سۆز بولۇپ ئەرەبلەرنىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىگە ھۆرمەت يۈزسىدىن بېرىلىدىغان لەقەم، يەنى تەخەللۇستۇر. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كۇنيەسى چوڭ ئوغلىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. يەنى ئەرلەرگە «دادىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەبچە «ئەبۇ» سۆزىنى چوڭ ئوغۇلنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چاقىرىش، يەنى «ئەبۇ ھۈرەيرە»- ئەسلى ئىسمى ئابدۇراھمان خەۋف بولغان بۇ ساھابە مۈشۈككە زىيادە ئامراق بولغاچقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە «مۈشۈكنىڭ دادىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇبۇ ھۈرەيرە» دېگەن لەقەمنى قويۇپ قويغان. يەنە ئەسلى ئىسمى ياقۇب بولغان ھەنىفىيە مەزھىپىنىڭ ئۆلىماسى بولغان ئەبۇ يۈسۈپمۇ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى بولغان يۈسۈپنىڭ نامى بىلەن «ئەبۇ يۈسۈپ دەپ ئاتالغان. مەشھۇر مۇھەددىس ئىمام بۇخارىينىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد بولۇپ، ئۇمۇ چوڭ ئوغلى «ئابدۇللاھ» نىڭ ئىسمى بىلەن «ئەبۇ ئابدۇللاھ» دەپ ئاتالغان. ئاياللارمۇ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئالدىغا «ئانىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇممە» سۆزىنى قوشۇپ چاقىرلىدۇ. مەسىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللرىدىن بىرىنىڭ نامى ئۇممە سەلىمە بولۇپ، چوڭ ئوغلى بولغان سەلىمنىڭ ئىسمىنى كۇنيە قىلغان.... شۇڭا بۇ يەردىكى «كۇنيە» بولغان «ئەبۇلجەنناب» نەجمىدىن كۇبرانىڭ خوتۇنىنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى لەقىمىدۇر.  

          ئەڭ ئاۋال، شەيخنىڭ «پىشىنى»نى ئىشەنچ-ئېتىقاد بىلەن مەھكەم تۇتۇش، ھەممە نەرسەدىن ئۆزىنى تارتىپ، پەقەت يىگانە مېھرىبان بولغان شەيخنىڭ كوڭلى ئەتراپىدا ئايلىنىش دېمەكتۇر. مۇرىد شۇ «مېھرىبان»دىن يىراقلاشتىمۇ، يولدىن ئازىدۇ...

           بۇ بايانلارنىڭ ئۆزبېكچىسىدىكى «مىھۋەر» سۆزىنى سىز «مىھرىبان» دەپ خاتا تەرجىمە قىلىپ قويۇپسىز.     «مىھۋەر» سكزى ئەرەبچە بولۇپ «مەركەز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سىزتەرجىمە قىلغاندەك «پەقەت يىگانە مىھرىبان بولغان شەيخنىڭ» دەپ ئېلىنسا بۇ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ قالىدۇ-دە، نەجمىددىن كۇبرانى ئاللاغا قوشۇپ قويغان بولىمىز. شۇڭا بۇ ئىبارىنى «بىرلا مەركەز بولغان شەيخنىڭ كۆڭلى ئەتراپىدا ئايلىنىش دېمەكتۇر. مۇرىت شۇ مەركەزدىن يىراقلاشتىمۇ، يولدىن ئازىدۇ...» دەپ ئالسىڭىز توغرا بولۇرمىكىن دەيمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 11:21  


يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 11:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 11:19  


يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 11:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-10 11:18  


يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1805
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 194
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 11:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،ياخشى ئىشقا تۇتۇشىپسىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1523
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 210
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 16:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزاتنىڭ قۇشۇمچە بايانلىرىغىمۇ رەھمەت.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 708
تۆھپە : 34
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 17:00:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بەگزات، ماڭا قىلغان ياردىمىڭىزگە كۆپ رەخمەت. ھەقىقەتەن بەك ئوبدان ياردەم قىلدىڭىز، يەنىمۇ ئوبدانراق قاراپ باقسىڭىز ، يەنە شۇنداق كېتىپ قالغان سۆز -ئىبارىلەر بولسا ئەسكەرتىپ قويۇڭ. تەسەۋۇپ، بۇ بەك مۇرەككەپ بىر ئىلىم ئىكەن، دىنىي ئىشارە ئىبارىلەر، سىمۋوللار كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»دېگەندەك نامۇكەممەل، چولتا تۈزۈلۈپ قالغان لوغەتلەردىن باشقا پايدىلىنىدىغان ماتېرىيال بولمىغاچقا مۇشۇنداق ئەسەرلەرگە كەلگەندە بەزى سەھۋەنلىكلەر ئۆتۈلۈپ قالىدىكەن. بولۇپمۇ دىنىي ئىبارىلەردە خاتالاشساق، بەك چوڭ خاتالاشقان بولۇپ قالىمىز...ياردىمىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى سورايمەن.
                       ھۆرمەت بىلەن:بەگيار

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 708
تۆھپە : 34
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 15:15:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەيخلەر ۋە شېھىدلار كۇبراسى

ئىبراھىم ھەققۇل

III

   مەلۇمكى، ئىنسان بارلىق تەرتىبىدە باشقا بارچە يارالمىشلارنىڭ ئەڭ كەيىندە تۇرىدۇ. دەسلەپ «ئەقلى ئەۋۋەل» يارالغان. كېيىن ئون ئەقل، پەلەكلەرنىڭ نەپسى، ئەرش، كۇرسى ۋە باشقا بىر قانچە جىسملار بىلەن بىرگە تۆت ئۇنسۇر، مەۋالىدى سەلاسە (مەدەن -نەباتات – ھەيۋانات) بىنا بىنا قىلىنغان. مانا مۇشۇلاردىن كېيىن، يەنى ئاخىردا ئىنسان يارىتىلىش. يارلىش ئېتىبارى بىلەن ئىنسان گەرچى ھەممە نەرسنىڭ كەيىندە بولسىمۇ، ماھىيەت، سالاھىيەت جەھەتىتىن ھەممىنىڭ ئالدىدا-يوكسەكلىكتە تۇرىدۇ.ئەمىلىيەتتە، ئىنسان- ئالەمنىڭ روھى، ئالەم گۈزەللىكلىرىنىڭ مۋىسى. كامىللىق ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە ئەڭ ئالىي شان-شەرەپ دەرىجىسىدۇر. بۇ مەۋجۇتلۇق ئالىمىدە ئاللاھ كامىل ئىنساننىڭ ۋاسىتىسىدا تەجەللى بولىدۇ. كامىللىق نۇرى يوقالسا، ئالەمنى زۇلمەت قاپلايدۇ. بۇ ھەقتە شەيخ ئەكبەر مانا نىمە دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئالەمنى ئامان سەقلاش ئۈچۈن ئادەمنى ئۆزىگە خەلىپە قىلدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە كامىل ئىنسان مەۋجۇت بولغانغا قەدەر ئالەممۇ مۇھاپەزەتتە بولىدۇ. ئىنسانى كامىل شۇ خەزىنىدىن ئايرىلىپ ئاخىرەتكە كوچىشى ھامان ئاسمان گۆمۈرلۈشكە، يولتۇزلار چېچىلىشقا، قۇياش سونۇشقا باشلار». دېمەك، بۇنداق مەنىۋىي ھاكىملىق ۋە مۇھاپىزەتچىلىك ئىنساننىڭ زىممىسىگە ناھايتى زور بىر مەسۇلىيەت بولۇپ يوكلەندى.بۇنداق قارالسا، ئىنسان پەقەت ئەقل ۋە بىلىش بىلەنلا ئەمەس، روھ، تۇيغۇ ۋە ھىسسىياتلىرى بىلەنمۇ ھايۋاندىن پەرق قىلىدۇ. ھىسسىياتى ئالىيە، يەنى يوكسەك ھىسسىياتلار دەپ ئاتالغان دىنىي ۋە ئېستېتىك تۇيغۇلار يالغۇز ئىنسانغا خاس، ئىنسان ئۈچۈن ئىمكانىيەت، ئىمتىياز مەيدانلىرىدۇر. دىنىي تۇيغۇغا ئوخشاش گۈزەللىك ھىسسىمۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە مەۋجۇت. ئىنسان تۇغۇلۇشىدنلا ئەنە شۇ تۇيغۇلەرئېرىشكەن بولىدۇ. تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئادەملەرنى بىرلىك ۋە ھەمكارلىققا چاقىرىدىغان ھېچ بىر كەيپىيات، ھېچ بىر ئېھتىياج تەسەۋۋۇپ تەرىپىدىن رەت قىلىنمىغان. بەلكى، تەسەۋۋۇپ ئىنساندا يارىتىلىشىتىلا مەۋجۇت بولغان ساپلىق، بىگۇناھلىق، مېھرىبانلىق كەبى خۇسۇسىيەت، قابىلىيەت ۋە پەزىلەتلەرنى مۇكەممەل تەرزدە ئاسراپ-ئاۋايلاش، تەرەققىي تاپقۇزۇشۇقا غەمخورلۇق قىلىدۇ. تەسەۋۋۇپ روھى ھاياتقا، ئۇنىڭدىن ئېرىشىكۈسى نەتىجىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىشقا ئۆگىتىدۇ. ئەڭ پېشقەدەم سوپىلار نۇقتىئىي نەزىرىدە تەرىقەت روھىي مىراجدىن ئۆزگە بىر نىمە ئەمەس. بۇ پىكر نەجمىددىن كۇبراغىمۇ تولۇق تىگىشلىك. شۇڭا كۇبرا بىر قانچە تەرىقەت ئەربابلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، سەيرۇ سۇلۇك قىلغۇچى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس ھايات تەرزى ۋە ئوز ئالدىغا ياشىغۇچى روھى ئالىمى بارلىقىنى تولۇق ئىناۋەتكە ئالىدۇ.
    تەسەۋۋۇپ تارىخىدىن مەلۇمكى، قەدىم دەۋرلەردىن ئېتىبارەن سوپىلار پسىخىلوگىك تۇيغۇلىرى ۋە ئېرىشىلگەن روھى ھالەتلىرىنى «ھال» دەپ ئاتىغان.كېيىن ھەر تۈرلۈك ئۇنۋان ۋە مەرتىۋىلەرتەقسىملىنىپ «مەقام» دەپ ئاتالغان. سالىك بۇ يولدا سوپىدىن باشقىغا نامەلۇم ۋە كۆرۈنمەيدىغان ھادىسىلەرگە ئۇدۇل كەلگەن. ئوزگىلەر روبىرۇ بولمايدىغان قىيىنچىلىق ۋە مۇشاققەتلەر ئۇنىڭ يولىغا توساق. سەيياھ شۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، ئەزاپ-زەۋققا، زەۋق-ئەزاپقا ئالمىشىدۇ. بەزىدە ئۇ «ماددىي ئالەمگە نىسپەتەن بىرزېرىش»ھىس قىلىدۇ. «ئولمەستىن بۇرۇن ئولۈش» قىيناقلىرىغا چىدايدۇ. قەلبدىكى مەنالار ئوزگىرىدۇ. ھاللار يېڭىلىنىدۇ. نەجمىددىن كۇبرا بۇ ئۆزگۈرۈش ۋە يېڭىلىنىشلارنى رەڭ ۋاسىتىسى بىلەنمۇ  ئىزاھلايدۇ. ئۇنىڭچە، يېشىل رەڭ«قەلىپ ھاياتى ۋە جانلىقلىقىنىڭ«رەمزى»(بىشارىتى)دۇر. «بۇ رەڭدىن كېيىن ئاق تاشنىڭ رېڭى پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەقلى زورلۇقنىڭ رەڭگى». ئەقلى زورلۇقنىڭ رەڭگى قىزىللاشقاندىن كېيىن، ئەڭ قېلىن يېپىنچىلارمۇ يىرتىلىدۇ. قىزىل رەڭ پارلىغاندا«سەييارنى پەرىشان ئەيلەر، پارچىلار، قومۇرۇپ ئالار ۋە تەۋرىتەر». بۇلار غارايى ھادىسە ۋە ئوزگىرىشلەر. ئادەتتە مىستىك كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا بۇنداق روھى-پسىخولوگىك جەريان سىرلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى ئاشكارە قىلىشقا ئانچەبەك رۇخسەت بېرىلمىگەن. ئۇسمانلى تۇرك ئالىمى مۇستاپا قارە توغرىنىڭ تەكىتلىگىنىدەك، نەجمىددىن كۇبرا«پەۋايىھ ئۇل-جامال»ناملىق رىسالىسىدە تەسەۋۋۇپ كلا سسىكلىرى ئارىسىدا ناھايتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر ئۇسۇل بىلەن، شەخسىي ھىس ۋە مىستىك كۆرۈنۈشلىرىگە دىققىتنى تارتىپ، غايبەت(ىلاھىي يېقىنلىق) ھالىدىكى تەشبىھلىرىنى قەلەمگە ئالغان ۋە ئوقۇغۇچىغا يەتۈزگەن. رىسالىگە شۇ نۇقتئى نەزەردىن ياندىشىلغانىدا، ئۇنى مۇكەممەل بىر تەسەۋۋۇپ پسىخولو گىيىسى دېيىشكە بولىدۇ ».
     دەرھەقىقەت، «پەۋايىھ» كۇبرانىڭ ھال ھەقىقىتى، روھ گۈزەللىگى ۋە قەلپ كەچۈرمىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى بىتەكرار بىر ئەسىرى. ئۇنىڭدا كۇبرا ئاجايىپ سەمىمىي،ناھايتى ھاياجانلىق، كۆڭۈل ھاياتىنى ناھايتى تېرەن ۋە تاللىغان يولىدا تەۋرەنمەيدىغان شەخس قىياپىتىدە نامايان بولىدۇ. كۇبرا ئىلاھىي ئىشقنىڭ سىر-ئەسرارىدىن، ھىكمەت ۋە ھەقىقەتلىرىدىن ئىشەنچ بىلەن سۆزلەيدۇ. ئىشقنىڭ ئىنسان قەلبىدىكى رەھىمسىز ۋە شىددەتلىك تەسىرلىرىنىمۇ ھەققانىي كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇ ئىلاھىي ئىشققا مەجازىي ئىشقنى قارشى قويمايدۇ، ئاللاھقا بولغان ئىشقنى ياقلاپ، بەشەرىي سۆيگۈنى يەرگە ئۇرمايدۇ. ھەتتا تەسەۋۋۇپ شەيخلىرى ئۈچۈن خاس ۋە خەراكتېرلىك بولمىغان بىر تەرزدە مەجازىي ئىشق سەرگۇزەشتلىرىنى قەغەزگە كۆچۈرىدۇ: «مىسردا، نىل دەرياسى ساھىلىغا يېقىن يېزىدىكى بىر جارىيەگە ئاشىق بولغان ئىدىم. بىر نەچچە كۇن يىيىش - ئىچىشتىن توختۇدۇم. ئىشق ئوتى شۇ قەدەر كۈچەيدىكى، گويا نەپىسىممۇ ئوتقا ئايلانغان ئىدى»،-دەيدۇ ئۇ.
ئەمر ئەل-مەككىي:«ئاللاھ قەلپلەرنى بەدەنلەردىن يەتتە مىڭ يىل مۇقەددەم ياراتقان ۋە ئۆزىگە يېقىن بىر مەقامدا ساقلىغان. روھلارنى قەلپلەردىن يەتتە مىڭ يىل ئاۋال يارىتىپ ئۇلارنى يېقىنلىق بېغىدا ساقلىغان. ئەڭ ئىچكى كوچا بولغان ۋىجدانلار بولسا،روھلاردىن يەتتە مىڭ يىل ئالدىن ياراتىلغان ۋە ئۆزى بىلەن ئېرىشكۈچى ھالىدە ساقلانغان. ئاشۇچاغدا ۋىجدان روھقا، روھ قەلپكە، قەلپ ۋۇجۇدقا قامالغانكەن. ئەنە شۇ سىناق ئەسناسىدا بەدەن ئىبادەتكە بېرىلىدىكەن، قەلپ ئىشققا غەرق بولغانكەن، روھ رەببىگە يېقىنلىشدىكەن، ۋىجدان بولسا، ئۆزى بىلەن بىرلىك ھالىدە ھۇزۇر ئالىدىكەن». خۇددى شۇ تۆت مەۋجۇدلۇق: ۋۇجۇد، قەلپ، روھ ۋە ۋىجدان، شۇ تۆت مەۋجۇدلۇقنىڭ ھەقىقىتى: تائەت-ئبادەت، ئىشق، ئېرىشىش ۋە ئىلاھىي ھۇزۇر تەسەۋۋۇپتىكى باش مەقسەت، باش تەلەپ ۋە سەيرى سۇلۇ كدىكى ئەڭ ئالىي نەتىجە دېسە ئەسلا خاتا بولمايدۇ. نەجمىددىن كۇبرا رىسالىلىرىدە بۇلار توغرىسىدا قەيتا-قەيتا مۇھاكىمە يۈزگۈزىدۇ، ھەر نۆۋەت يا قەلپ، يا روھ ياكى ۋىجداننىڭ ماھىيىتى ۋە سىرلىرىنى گويا يېڭىدىن ئىجات قىلىپ بېرىدۇ.


IV
     

   نەقل قىلىنىشىچە، كۇنلەردىن بىر كۇنى بىر كىيك خۇشبوي مىۋەلىك ئەنبەھ دەرەختىنىڭ تېگىدە ئۇخلاپ قاپتۇ. كۇتۈلمىگەندە دەھشەتلىك بىر شاۋقۇن ئىشىتىلگەندەك بوپتۇ. كىيىك ھېچ ئىككىلەنمەستىن قىيامەت قايىم بولدى، دەپ دەرھال قېچىپتۇ. بۇنى كۆرگەن باشقا كىيىكلەر ئۇنىڭدىن«نېمە بولدى؟ئۈچۈن بۇنچە تېز يۈگۈرەيسەن؟» -دەپ سورىغاندا ئۇ «ئاخىر زامان باشلاندى...»،-دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ.باشقا كىيىكلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭ ئارقىسدىن يۈگۈرۈشكە باشلاپتۇ. كىيىكلەرنىڭ جان-جەھلى بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بۇغىلار «ئاخىر زامان»نىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپلا ئۇلارغا قوشۇلۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ ، ھەر تۈرلۈك جانلىقلار بىرىنىڭ ئارقىسدىن ئىككىنچىسى ئەگىشىپ چېپىشىۋەرگەندىن كېيىن، بۇ قاچقۇن دەھشەتلىك بىر خەۋپكە ئايلىنىپتۇ. شۇچاغداسەيلى-ساياھەت قىلىپ يورگەن ھىندى پەيغەمبىرى بۇددا بۇ ئەقىلغا سىغمايدىغان توپىلاڭغا دۇچ كېلپ، ئەڭ ئاخىردا يۈگۈرەۋاتقان ھايۋاندىن بۇ قاچە-قاچنىڭ سەۋەبىنى سۇرىشتۈرگەندە ئۇ «ئاخىر زامان باشلاندى...»،-دەپتۇ. شۇچاغدا بۇددا: «بۇ توغرا ئەمەس. توختاڭلار! دۇنيا ئاخىرلاشقىنى يوق. قاچماڭلار. مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار»، - دەپ ۋاقىراپتۇ. جانۋارلار توختاپتۇ. بۇددا ئاخىر زامان ۋەھىمىسىنى كىمنىڭ باشلىغانلىقىنى سۇرىشتۈرگەندە، گەپ بىرىنچى بولۇپ قېچىشنى باشلىغان كىيىككە كېلىپ تاقىلىپتۇ. بۇددا ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:«ئاخىر زامان باشلانغانلىقىنى سەزگىنىڭدە سەن قايەردە ئىدىڭ ۋە نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتىڭ؟» ،«ئەنبەھ دەرەختىنىڭ ئاستىدا ياتاتتىم»، - دەپتۇ كىيىك. «ئېھتىمال دەرەختدىن ئۇزىلىپ چۇشكەن مۋىنىڭ ئاۋازى سېنى ئۇيغىتىۋەتكەندۇ؟ بەلكى شۇ ئاۋاز سەندە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ قورۇقىنىڭدىن قىيامەت بولدى دەپ ئويلىغانسەن؟ يورۈڭلار، بېرىپ ئاشۇ دەرەخنى كۆرەيلى، ھەممىسى ئاشۇ جايدا ئايدىڭلىشىدۇ». ئۇلار بېرىپ دەرەخكە قارىسا. بۇددىنىڭ پەرىزى ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن.
تەسەۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئاشۇ توپ-توپ ھايۋانلار بۇددىغا ئۇچراپ قالمىغان بولسا قانداق بولاتتى؟ ئەلۋەتتە،باشقىچە بىر قىيامەت پەيدا بولاتتى. دېمەك،بۇ قىيامەتنىڭ تۈپ سەۋەبى، شۈبھىسىزكى، قورقۇنۇچتۇر. قورقۇنڭچ، ۋەھىمە قانداق چاغدا تەنتەنە قىلىدۇ؟ قاچانكى ئەقل،شەيئىيلەرنىڭ ماھىيتىنى تونۇس سۇسايسا.«كىيىك»لەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن باشقا ھايۋانلارچۇ؟ ئۇلار قورقۇنۇچ ۋە ۋەھىمىگە نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك تېز، بۇنچىلىك ئاسان تەسلىم بولۇشتى؟ بۇ ھەقتە باش قاتۇرسا، بۇنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلسە ئەسلازىيان بولمايدۇ. چۈنكى ئىنسان ۋەھىمە ۋە قورقۇنۇچنىڭ «قاينىمى»غا يېتىپ بارمىغۇچە، ئۆزىگە خاس بىر ئىزچىللىق ۋە جۇرئەت بىلەن ئۇلارنى چۇڭقۇر ئىدراك قىلمىغۇچە، ھېچ قاچان جاسارەت تۇيغۇسىغا كېلەلمەيدۇ. جۇرئەت ۋە جاسارەت قۇرۇق گەپ ياكى دەۋا ئەمەس،ھال ۋە مەنادۇر. بۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولسا،ساۋات، مەرىپەت بولۇشى زۆرۇر. ئىنسان ھېچ قاچان ئوز-ئۆزىدىن شىجائەتلىك بۇلۇپ قالمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى، قورقۇنچاقلىقى، مۇناپىقلىقىنى تونۇپ يېتىپ جۇرئەت ۋە جاسارەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ. «بالىلىقىمدا ھېچكىم يوق بىر ئۇيدىكى نەرسىلەرنى قوغداش ئۈچۈن بۇ ئۆيدە ئۆزەم يالغۇز قونۇشقا توغرا كەلگەن ئىدى،-دەپ ھىكايە قىلىدۇ نەجمىددىن كۇبرا،-شەيتان: «ئۆيگە ئوغرى كىرىدۇ»،-دەپ توختىماي ۋەسۋەسىگە سالاتتى،كۆڭلۈم ۋەھىمىدە ئىدى. ھالبۇكى، ئېشىكلەر مەھكەم ئىتىلگەن ئىدى. غايىۋىي تۇيغۇلارنىڭ ئۇيغۇنىشى، ھېسلارنىڭ ئادىشىشى ۋە قورقۇنۇچنىڭ دەھشىتى بولسا كېرەك، مەن ئوغرى كەلگەنلىگىگە قەتىي ئىشەندىم، گويا قۇلىقىمغا ئۇنىڭ ئىشىكنى تىرىقلىتىشى ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى: ئەنە، ئىشىكنىڭ يېنىغا كەلدى، تەييارلاندى، ئىشىڭنىڭ مەھكەم تاقالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، چاچلىرىنى ئوينىتىشقا باشلىدى.ئاخىرىدا، ئىشىكنى ئاچتى،ئىچكىرىگە كىردى.ئەقل-ھۇشۇمنى يوقاتتىم. ئەتىسى كەچتە ھۇشۇمغا كېلىپ، ئۆز- ئۆزەمگە: «ماڭا نېمە بولدى؟» دېدىم.  ئاستا-ئاستا كېچىسى ئۇيگە ئوغرى كىرگەنلىگىنى ۋە بەزى نەرسەلەرنىڭ ئوغىرلانغانلىقىنى ئەسلىدىم،-دە، دەرھال نەرسىلەرگە قارىدىم. ھەممە نەرسە جاي-جايىدا تۇراتتى. ئىشىكنى تەكشۈردۈم-ئۇمۇ تاقاقلىق ئىدى. شۇندىلا بۇنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ قىلمىشى ئىكەنلىگىنى بىلدىم. قاتتىق قورۇققاندا ئاللىقانداق قورقۇنۇچلۇق شەخسلەر كۆزگە كۆرىنىدۇكى، بۇنىڭ سىرى ۋەھمىدۇر».بالىلىقتىكى ۋەھىمە-بالىلىقتىلا قېپقالمايدۇ:ئۇ ئىنسان بىلەن باپ-باراۋەر ئۆسۈپ، ئۇلغىيىدۇ. رىۋايەتكە كۆرە، بىر ئادەم كۇنلەردىن بىر كۇنى يولدا كېتىۋېتىپ ۋاباغا يولۇقۇپ قاپتۇ-دە، ئۇندىن قاياققا كېتىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ. «قوشنا يۇرتقا خىزمەت قىلىشقا كېتىۋاتىمەن، ئۇ يەردىن بەش يۈز ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىپ قايتىمەن»،-دەپتۇ ۋابا. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. «خىزمەت سەپىرى»دىن قايتىۋاتقان ۋابا بىلەن ھېلىقى كىشى يەنە ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ. «بەك ھېرىپ كەتكەندەك قىلىسەن.نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىنى قۇرۇتتۇڭغۇ دەيمەن؟». ۋابا: «شۇنداق بولۇپ قالدى. ئەسلىدە مەن بەش يۈز كىشىنىڭ جېنىنى ئالدىم، خالاس. لېكىن بىر يېرىم مىڭ كىشى قورقۇنۇچتىن جان تەسلىم قىلدى»،-دېگەن ئېكەن.
خۇلاسە ئېنق: قورقۇنۇچ ۋابادىنمۇ يامان. قورقۇنۇچنىڭ ھالاكىتى ۋابانىڭكىدىنمۇ دەھشەتلىكراق بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تەسەۋۋۇپ ئىنساننىڭ قەلبى ۋە روھىنى قورقۇنۇچتىن تازىلاشقا ئالاھىدە دىققىتىنى قاراتقان. چۈنكى قورقۇنۇچ ۋە تەھلىكە ئىرادىنىڭ كۇشەندىسى، ئەركىنلىكنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس قەپىزىدۇر. ھەممە جىنايەت، ھەممە خىيانەت، ھەممە قاباھەتلەردە قورقۇنۇچنىڭ قولى ۋە ئىشتىراكى بار بولۇپ، ئۇ ھەر قانداق كىشىنى ئاجىز، سەت،ھەقىقەت تۇيغۇسى ئۆلگەن بىر مەخلۇققا ئەيلاندۇرىدۇ.شۇڭا قورقماسلىق شەرت ۋە زۆرۇر بولغان نەرسىلەردىنمۇ قورقىلىدۇ. تەسەۋۋۇپتا قورقۇنۇچ بىر نەچچە تۇرگە بۆلۈنگەن. بۇلار:1.دۇنيا ئەھلىنىڭ قورقۇنۇشى. 2. ئاخىرەت ئەھلىنىڭ قورقۇنىشى. 3. ئەھلۇللاھنىڭ قورقۇنۇشى. بۇ قورقۇنۇشلار ئىچىدە ئىنساننىچەكلەيدىغان ۋەھىمە قوزغايدىغان ۋە جۇرئتىنى يىمىرىپ تاشلايدىغان قورقۇنۇچ دۇنيا ئەھلىنىڭ قورقۇنۇشىدۇر. چۈنكى ئۇ مال-مۇلك، ئەمەل- مەرتىۋە، ھۇزۇر-ھالاۋەتلەردىن ئايرىلىشتىن پەيدا بولغان بولۇپ،ئۇ ئادەمنى ئادەمگە ئىتائەتمەن ياكى قارام قىلىپ قويىدىغان تەھلىكە ۋە قورقۇنۇچ ھىسابلىنىدۇ. تەرىقەت تەربىيىسى بولسا، ئىنساننى ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىم ۋە ھېچ نېمىدىن قورقماسلىق دەرىجىسىگە يوكسەلدۈرىدۇ. بۇنى نەجمىددىن كۇبرا ئەمىلىيەتتە ئىسپاتلىغان ئىدى.
    بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى يىللىرىدا رۇس مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى، «ئنسا ننىڭ پەقەت ئىنسانلا بولۇپ تۇرالىشى ئەمەس، ئۇ ئۆزىدىن يا ئىگىزگە كۆتۈر لىشى ياكى تۆۋەنگە غۇلىشى كېرەك، ئۇ يا ئاللاھ تەرەپكە يوكسىلىدۇ ياكى يىرتقۇچلىشىدۇ»،-دېگەن ئىكەن. دەرھەقىقەت، ئىنساننىڭ پەقەت ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈنلا قانائەتلىنىشى ۋە پەخرلىنىشى ھەمىشە ئۆزىنى ئاقلىيا لمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئىنسان ياخشىلىق ۋە يامانلىق، شەپقەت ۋە ياۋۇزلۇق، مېھر ۋە قەھرگە ئوخشاش ئۆزئارا ناھايىتى زىت، قارمۇ-قارشى خۇسۇسىيەت ۋە تۇيغۇلارنىڭ مۇجەسسەمىلىنىشىدۇر.مانا مۇشۇ ھەقىقەتنى چۇڭقۇر بىلىش -ئوزنى بىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسىي، بەلكى بىرىنچى شەرتىدۇر. ئەكسىچە ھەر قانداق ئالىي تۇيغۇ ۋە چۈشەنچە قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە ھەقىقەت ۋە توغرىلىق تۇيغۇسىغا تەلەپكارلار سانى كېمەيگەنسېرى كېمىيى بېرىۋېرىدۇ، يېتۇكلۈك،كامىللىق ھەققىدىكى ئېگىز-پەس سۆزلەرنى چايناش بىر ئادەتكە ئايلىنىدۇ. بۇنداق پەيتتە بوشاڭلىق، چەكلىمىلىك ۋە ئاۋاملىق شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ.چۈنكى، مەرىپەت زوقى تۈگگەن، نەپسانىي ۋە شەيتانىي مۇناسىۋەتلەر تەنتەنە قىلغان مۇھىتتا باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس. «دەسلەپكى قېتىم خىلۋەتكە كىرگىنىمدە،-دەيدۇ نەجمىددىن كۇبرا، - ئىچىمدە بىرئازغۇنلۇق، شۇھرەتپەرەسلىك تۇيغۇسى، مۇنبەرلەرگە چىقىپ تەرىقەتنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش ۋە ئۆگۈتۈش ئارزۇسى بار ئىدى. مەن شۇھرەتپەرەسلەردىن ئەمەس ئىدىم. ئەمما ئاغۇنلۇق مېنى بەرىبىر ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشىۋەتكەن ئىدى. كېيىن بىلگىنىمگە قەدەر«بۇ يول توغرا»دېگەن بىر نەرسە مەندە ھاسىل بولدى. لېكىن خىلۋەتنىڭ تەمى بۇزۇق ئىدى. چۈنكى مەقسىتىم نائېنىق، نىيىتىمدە سادىق ئەمەس ئىدىم».بۈگۈننىڭ ئادىمى ئۆزىنى-ئۆزى بۇنداق تەرزدە تەكشۈرەلمەيدۇ. بۇنىڭغا سەل-پەل ئېرىشسىمۇ، ھەقىقەتنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشقا كۇچى ئەتمەيدۇ. بۇ ئۇمۇمىي كۆنۈكمە ئۈچۈن كىملەرنىدۇر ئەيپلەش ئىنساپتىن ئەمەس.ئۇنىڭدىن قالسا، ھەر بىر شەخس نەجمىددىن كۇبرانىڭ «ئۇنۇتما، شاھ، نەپس ۋە شەيتان سەندىن باشقا ۋە سەندىن تاشقىرى بىر بارلىق ئەمەستۇر، بىلسەڭ، ئۇلار-سەن،سەن-ئۇلارسەن»،-دېگەن پىكرلىرىگە مەرىپەتنىڭ كۇچ-قۇدرىتى بىلەن ئىقرار بولمايدىكەن، ئۇ ھېچ قاچان ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇ ۋە مەيللىرىنى خالىس تەكشۈرۈشكە كىرىشىشنى بىلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى باشقا بىر شەيخ،«نۇرغۇن ئنسانلارغا مەرىپەتنىڭ شەرىپى نىسىپ بولمايدۇ، ئۇلار جاھىل بولۇپ، لۇتپقا ئىشەنمەيدۇ، مەرتىۋە قۇدرىتىدىن خەۋەرسىز، تېرەن مەنالىرىدىن بەكمۇ يىراق» دەپ شەرھلەيدۇ ۋە ئۇلارنى«ئاداۋەت تەربىيىسىد ىكى كىشىلەر» دەپ باھالايدۇ. «ئاداۋەت تەربىيىسى»-بۇ نەپس ۋە شەيتان تەربىيىسى دېمەك. نەپسمۇ، شەيتانمۇ ئادەمنىڭ ئىچىدىكى «مۇرەببىي». ئۇلارنىڭ تەربىيە، تەسىر ۋە تەقىپلىرىدىن قۇتۇلۇش بەكمۇ مۈشكۇل. نەجمىددىن كۇبرا بۇنى بۇنى تولۇق ئېتىراپ قىلغان ھالدا نىجاتلىقنىڭ ئۇسۇلى ۋە يوللىرىنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇ مەنادا ئۇلۇغ شەيخنىڭ تەجرىبىلىرى پەۋقۇلاددە قىزىقارلىق ۋە ناھايىتى ئىبرەتلىكتۇر.
مەشھۇر ياپۇن ئەدىپى كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ ئىقرارىغا قارىغاندا،«شەيتان دۇنياسى»غا كىرمەك بەك قىيىن. ئاجىز روھ بىلەن ئۇ ئىشنىڭھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدۇ». بۇ گەپكە ئىشىنىش كېرەك. چۈنكى شەيتان دۇنياسى ئىنسان سۈرىتىدىكى بىر دۇنيابولۇپ، ئۇندىكى توساقلارنىڭ سان-سانىقىنى ئېلىىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۈپتىن يوقۇتۇش تولىمۇ مۇشكۈل. بۇ «توساقلار»بولسا، ئىنساندىكى نەپسانىي ۋە شەيتانىي ئارزۇ-ھەۋەسلەردۇر. بۇلارنىڭ بىر قانچىسى ھۆكۈمرانلىق مەۋقەيىگە ئېگە بولسا، يەنە بىر قانچىسى شىلاش، ئالداش،توغرا يولدىن ئازدۇرۇىشقا ماھىر. لېكىن بۇ يەردە مەسىلىنىڭ باشقا تەرىپىمۇ بار. ۋاقت-زامان ئۆتكەنسېرى ئىبلىسلىقتا ئىنسان ئىبلىستىنمۇ ئىلگىرلەپ،خۇسۇسەن،كېيىنكى ئەسرلەردە بۇزغۇنچىلىق،ياۋۇزلۇق، زالملىق، قانخورلۇقتا ئىبلىسنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرغان، ھەتتا قورقۇنۇچقا سالىدىغان ھالغا يەتكەن. ھۇسەين جاۋىدنىڭ «ئىبلىس» ۋە «ئىبلىسنىڭ ئىنتىقامى» ناملىق دىرامىلىرى ئەنە شۇ مۇدھىش ھەقىقەتنى تەسۋىرلەشكە بېغىشلانغان. تەسەۋۋۇپ ئەھلى بۇ پاجىئەنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ناھايتى ياخشى تەسەۋۇر قىلالىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان ۋە شەيتان، شەيتا نىيلىق ۋە ئىنسان قىسمىتىمەسىلىلىرىگە دائمىي رەۋىشتە دىققەت قىلىپ كەلگەن. نەجمىددىن كۇبرانىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا بۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم ئىشەنچ ھاسىل قىلىسىز.

V


   ئىمام رەببانىي تەسەۋۋۇپقا دائىر كىتاپلارنى ئوقۇش ھېچ قاچان ھېچ كىمگە زىيان يەتكۈزمەسلىگىنى مەخسۇس تەكىتلىگەن. ئەلۋەتتە، تەرىقەت، مەرىپەت، ھەقىقەت ياكى ئىشق ۋە كامىللىق سىرلىرى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن كىتاپلاردىن ئادەملەر پايدا كۆرسە كۆرىدۇكى، زىيان كۆرمەيدۇ. ئەمما ئاشۇ كىتاپلار ئەۋام، جاھىل ۋە نادان ياكى پىكر-قاراشلىرى تار ئالىملارنىڭ قولىغا چۇشسىچۇ؟ بۇ بەك يامان، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇلاردا ئىپادىلەنگەن مەنا ۋە ھەقىقەتلەر، بىرىنچىدىن،ئېغىر ۋە ناتوغرا چۇشۈنىلىدۇ، ئىككىنچىدىن، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خاتا ھۆكۈملەر چىقىرىلىدۇ، خىلمۇ-خىل يالغانلار توقۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتمۈشتە سەيرى كېيىنكى ھاللىرىنى ياشاشنى بىلگەن ياكى تەسەۋۋۇپنىڭ باش تۈپ تەلەپلىرىگە ھالى قۇدرەت ئەمەل قىلالىغان كىشىلەرگىلا تەسەۋۋۇپ ھەققىدە سۆزلەش ھۇقۇقى بېرىلگەن. نەجمىددىن كۇبرا ھەزرەتلىرىنىڭ ئىبرەت ۋە نەمۇنىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئۇلۇغ خىسلەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ كىشى ھەق يولچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەيرى سەياھەتتە نېمىنى باشىتىن كەچۈرگەن بولسا، شۇنى سۆزلىگەن. ئەقلىي، مەنىۋى، روھى قۇۋىتى نېمىلەرگە يەتكەن بولسا، شۇلارنى بايان قىلغان. ئېرىشكىنىنى-ئېرىشتىم،دېگەن. ئېرىشەلمىگىنىنى يۇشۇرمىغان. ھۆر ئادەم باشقىلارنىڭ دۇنياسىدا ياشاشنى ئەسلا خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئەركىن، گۈزەل ۋە دەخلسىز ئۆز دۇنياسى بار. ھۆر ئادەم مەنپەئەت تۇزىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن خېلى بەك ئېگىزلەپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنداق كىشى قۇشتەك يەڭگىل، قۇشتەك ئازاد-نەپس قۇتراتقۇلىرىدىن قۇتۇلغان ھالدا كۇن كەچۈرىدۇ. ئەمما بۇ-بىر قېتىم پاكلانغان قەلپ قايتا كىرلاشمايدۇ، بىر نۆۋەت ھۇرلۈككە ئېرىشكەن كىشى ئۆزىنى ھېچ قاچان قۇللۇققا مەھكۇم قىلمايدۇ، دېگىنى ئەمەس. شۇ مەنادا تەسەۋۋۇپتىكى نەپس تەلىماتى ۋە نەپسنى تەربىيلەش تەجرىبىسى ھېچ قاچان كونىرىمايدۇ، دائىمىي رەۋىشتە كامىللىق مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قادىر تەلىمات ۋە تەجرىبىدۇر ، دىيىشكە بولىدۇ.
     بىز نادانلىق ۋە جاھالەت زۇلمىتىگە ئىلم نۇرىنىڭ بەرھەم بېرىدىغا نلىقىدىن شۇبھىلەنمەيمىز. بۇ توغرا، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملىققامۇ ئىشانچ-ئېتىبارىمىز قاتتىق. لېكىن يالغۇز ئىلم بىلەن ياكى ئالىملىق دەر ىجىسىنى ئېگەللەش بىلەن ئاساسىي مەسىلىنىڭ يىشىلمەيدىغانلىقىنى ئانچە كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمايمىز. ۋەھالەنكى،«نۇرغۇن ئىلىملەر بار بولۇپ،بۇ ئىلىملەرنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى  يەنىلا، جاھالەت ۋە بىلىمسىزلىكتۇر. نۇرغۇنلىغان ئىلمسىزلىكلەر باربولۇپ، بۇنىڭ نەتىجە كۆرۈنىشى ئىلمدۇر. كىشىگە غۇرۇر ۋە خۇداپەرەسلىك ئىددىئاسىنى تۇغدۇرىدىغان ئىلم جاھالەتتىن ئوزگە نەرسە ئەمەس» («ئەن-نىزامۇل خاس»، 169-بەت).
    تەسەۋۋۇپتا «ئەقەباتى سەبە» دېگەن ۋە نەپسى ئەممارەنىڭ يەتتە تۈرىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە بار. بۇلار: 1.بۇخل. 2. ھىرس. 3.. جەھل. 4. كىبر. 5. ھەسەت. 6. شەھۋەت. 7. غەزەپتىن ئىبارەت. ئەگەر ئالىمنىڭ قۇدرىتى يەتسە، ئىلمنىڭ شاراپىتى تۇپەيلىدىن بۇ يەتتە ئاپەتتىن خالاس بولۇپ نەپسى ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە يتىشىشى ۋە ساخاۋەت، قانائەت، تەۋەزۇ، سەۋىرگە ئوخشاش سۈپەتلەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن. بىراق نەپسى ئۇلۇغ «مەزالىكى ئەقدام»-ئاياق تېيلىپ كېتىدىغان جاي، مەنزىل بولغانلىقى ئۈچۈن ھەتتا قىيىن ئىلىملەر سىرلىرىدىن خەۋەردار ئالىممۇ ئۆزىگەتامەننا قويۇپ ئىلمىدىن مەغرۇرلانغاندا، يەنە نەپسى ئەممارەگە قەيتىشقا مەجبۇر. بۇنداق بىخۇدلۇق تۇيغۇسى باش كۆتۈرگەندە ئالىمنىڭ ئالىملىقىدىن نام-نىشان قالمايدۇ: ئۇ قەھر-غەزەپ ئوتىدا كۆيىدۇ، يىرتقۇچلىشىدۇ، ئەشەددىي داۋراڭچىغائايلىنىدۇ، مەنپەئەتىگە توقۇنۇش كەلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمگە تەشلىنىشتىن ئۆزىنى تارتالمايدۇ. بۇنداق ھالەت ۋە ھادىسىنى ھاياتتا كۆپ ئۇچرىتىش ياكى كۆرۈش مۇمكىن. تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ ھال ئىلمىگە نىجات ۋە ئۇمىد كۆزى بىلەن قاراپ، زاھىرىي ئىلملەرگە بىر قەدەر شۇبھە بىلدۈرۈشلىرىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىمۇ ئەنە شۇنڭدا. ئەگەر مەسىلىنىڭ مۇشۇ تەرىپىگە دىققەت قىلىنسا، نەجمىددىن كۇبرانىڭ بەزى مۇلاھىزىلىرى، جۇ ملىدىن: «خىلۋەتتن نېرىدا بىر قانچە كىتاپلىرىم بار ئىدى. ئۇلارنى ئويلۇدۇم. شۇ كىتاپلار مېنى ئون بىر قېتىم خىلۋەتتىن ئايرىدى..»، دېگەن پىكىرلىر ىدىن باشقىچە مەنا چىقىرىش ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. نەجمىددىن كۇبرا رىسالىلىرىدىكى مەقسەت-مۇددا، پىكىر،كۆرۈنۈشلەرنى دەرھال بىلىپ، بەك ئوڭاي ئۆزلەشتۈرۈۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنى سەۋىرچانلىق بىلەن، ھال ۋە مەرىپەت، ئىشق ۋە ھەقىقەت كۆرۈشۈشلىرىنى ھالى قۇدرەت ئىدراكتىن ئوتكۈ زۈپ ئوقۇپ، ئۈگۈنۈش كېرەك.
    كۇبرانىڭ تەسەۋۋۇپتا ئېرىشكەنلىرىنى ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى - ئەدنا. ئىككىنچىسى - ئەلا. كېينكى كۆرۈنۈش(مۇشاھەدە)يوكسەك دەرىجىدىكى مۇشاھەدە بولۇپ، ئۇ سامادىكى بارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك.ھەققىتە«پەۋايىھ»تىكى مانا بۇ گەپلەرگە دىققەت قىلىڭ:«غايبەت ھالىدە جىسمانىي كۆزۈڭگە كۆرۈنگەن ئاسماننى-ھەمىيشە كۆرۈپ تۇرغان ئاسمان دەپ ئويلىما. غايپ ئالىمىدە تېخىمۇ گۈزەل،تېخىمۇ يېشىل،تېخىمۇ ساپ ۋە ناھايتى پارلاق سان-ساناقسىز كوكلەر بار. ئۆزىنىڭ ئىچكىي دۇنيايىڭنىڭ پاكلىقى بارغا نسېرى ئېشىپ، ئىلگىرلەش ھېس قىلغانسېرىڭ سامامۇ ساڭا تولىمۇ ئوچۇق، گۈزەل ۋە ساپ كۆرىنىدۇر».گەپلەرگە ئىشەنگۈمىز كېلىدۇ. ئەمما غايىپ ئالىمىدىكى ئاشۇ گۈزەل، ئاشۇ ساپ ۋە پارلاق كوكلەرنى كۆرىشكە ئىمكانىمىز يەتمەيدۇ. چۈنكى بىزدە زېرەكلىك تەربىيىسى يوق. لېكىن ھەممە نەرسە مەخپىي پاكلىنىش ۋە روھ تەزكىرىسىگە باغلىق ئىكەنلىگىگە ئۇمىد باغلىساق بولىدۇ.
    كۇبرا مەرىپەت قانىتىنى ئىشق قانىتىدىنمۇ ئىگىز ھىساپلىغاندا سۆزلىشىش، خەت يېزىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنىڭ كۈچىگە تولۇق ئىشەنگەن.

  ئىبراھىم ھەققۇلنىڭ «باقىي سەرچەشمىلەر»ناملىق كىتابىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى

   داۋامى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 15:27  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 708
تۆھپە : 34
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 16:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەيخلەر ۋە شېھىدلار كۇبراسى

ئىبراھىم ھەققۇل



VI


   نېمىس پەيلاسوپى پ.نېتچشىنىڭ دىيىشىچە، ئىنسان يالغانسىز ياشىيا ئالمايدۇ. ئۇنىڭغا يالغان كېرەك، ئۇ ھەقىقەتكە سادىق بولۇش، ھەقىقەت يوكىنى كۆتۈرۈشكە قادىر ئەمەس. «ئادەملەرنىڭ تىنچلىقىنى بۇزماڭ! ئۇلار ئوزلىرىنىڭ يالغان ۋەئالدامچىلىقى بىلەن ئۇمۈر ئوتكىزىۋەرسۇن. يالغان ياخشى، يالغان ھاياتنىڭ تىرىگى»، - دەيدۇ نېتچىشى. بۇ گەپلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈش مۇمكىن. ئىنكار قىلسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئېتىراپ قىلىشقا ياكى ئىنكارقىلىشقا ئالدىرىماستىن،«نېتچىشى قانچىلىك ھەق، قانچىلىك ناھەق؟»،-دېگەن سۇئال توغرىسىدا ئويلىنىش كېرەك.ئەڭ دەسلەپ يالغان سۆزلىگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ھازىرغىچە ھېچكىم بىلمىسە كېرەك. ئەمما يالغانچىلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە خاس نەرسە ئېكەنلىگىنى، ھەرقايسى دەۋرلەردىمۇ يالغاننىڭ ئۇنداق ياكى بۇنداق تەرزدە رىئال ھاياتتىن ئورۇن ئېگەللەپ كەلگەنلىگىنى ھەممە دېگۈدەك بىلىدۇ،بۇنىڭغا ئىقرار بولماسلىقنىڭ ئىمكانىيىتىمۇ يوق. ئەگەر كېينكى بىر ئەسردىكى يالغانلار - ئىجتىماىي، سىياسىي، دىنىي، مەنىۋىي ۋە مەدىنىي ئازغۇنلۇقلاردىن تولۇق ھىساپ ئېلىنسا، نېتچىشىنى ھەقىقەت سۇلتانى دەپ ئاتاش لازىم بولىدۇ. ئاخىرى، ئاددىي ئادەمدىن تارتىپ يازغۇچى، شائىر ۋە ئالىمغىچە-بىرسى ئاز، بىرسى كۆپرەك، بىرسى قورقۇپراق، بىرسى قورۇقماستىن يالغان ئىشلىتىدۇ. يالغان گاھىدا«كىسلارود»قا ئوخشايدۇ؛ نەپەس ئېلىشنى يەڭگىللەشتۈرىدۇ، ئىش ھەركەتىنى تېزلەشتۈرىدۇ.قانداقتۇر دادىللىق بېغىشلايدۇ. شۇ سەۋەپتىن يالغان بەزىلەر ئۈچۈن-ياشاش ئۇسۇلى. شۇنىڭغا قارىماستىن، نېمىس پەيلاسۇپىنىڭ پىكرىنى تولۇق ماقۇللاش توغرا ئەمەس. ئۇ ئىنسانغا پەقەت ئىنسانىيلىك دائىرىسىدە نەزەر تەشلايدۇ. نېتچشى بەلكى «نەپسىنى تونۇغان-رەببىنى تونۇيدۇ»، دېگەن ھەقىقەتنى بىلمەيدىغاندۇر. بىراق بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇ بۇنى تەن ئالمايتتى. شەرق تەسەۋۋۇپى ۋە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدە بولسا، ئەھۋال تامامەن باشقىچە؛ يالغان ئىنسان بىلەن ھەق ئارىسىدىكى پەردە ۋە توسۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلماسلىق ئۆز-ئۆزىگە قىلىنغان دۈشمەنلىكتۇر. ئۇنىڭدىن قالسا، يالغان ئورۇن ئالغان كۆڭۈلدە مېھر، ئىشق، ۋەھدەت ھىسسى، ئەلۋەتتە، زاۋالغا ئۇچرايدۇ. قۇرئانى كەرىمدە دۇنيانى چۇڭقۇر بىلىش، راست ۋە يالغاننى توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىلاھىي سىرلارنىڭ ئاشكار لىنىشى ئۈچۈن ئەقلدىن يوكسەك بىر قۇدرەتنىڭ بولۇشى ھەققىدە گەپ قىلغان. مانابۇ-زېرەكلىتۇر. زېرەكلىك تەسەۋۋۇپتىكى ئاددىي چۈشەنچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سوپىي ۋە مۇتەسەۋۋىپلار ئۇنى ئاساسەن بىر خىلدا بىلىپ، بىر خىلدا شەرھىلەشكەن.زىرەكلىك-قەلپ كۆزى،ئىمان نۇرى بىلەن يۇرۇىغان قەلپنىڭ پەۋقۇلاددە قۇۋىتى دېمەك.زېرەكلىك توغرىسىدا ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە يورگۈزگەن ئەللامىلەردىن بىرى ئىمام غەززالىيدۇر. ئۇنىڭچە،«ئەقلدىن يىراق باشقا بىر دائىرە بار بولۇپ، ئۇنىڭد ئۆزگە بىر كۆز (قەلپ كۆزى)ئېچىلىدۇ. ئەنە شۇ كۆز بىلەن غايىپ كۆرۈلىدۇ، كېلەچەكتە يۈزبېرىدىغان ۋەقەلەرنى، ئەقل بىلىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ».زېرەكلىك كۆزى ئېچىلغاندا، ئىنسان مەرتىۋىلىك بولىدۇ، گۈزەللىكنى ۋە گۈزەل نەرسىلەرنى سۆيىدۇ، ئۆتكەنلىكىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۇنىڭ دۇنياغا تۇتقان پۇزىتسىيىسى ۋە دۇنيانى بىلىشى تۈپتىن ئوزگىرىدۇ. قەلبى ھەقىقىي مەنادا نۇر ئاشىقىغا ئەيلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلىشر ناۋايى:
سىررى ھەقىقەتدىن ئولۇب بەھرەۋار،
ئەيلە بەسىرەت كۆزى بىرلە نەزەر، -
دەپ كۆرسەتمە بېرىدۇ. چۈنكى غەپلەتكە تەسلىم بولماي، يۈزەكى ھىسىياتلارغا بېرىلمەي، دۇنيانىڭ ھىلە-مىكرلىرىگە ئالدانماي ھەقىقەت ۋە كېلەچەكنى يارقىن كۆرۈشنىڭ باشقا يولى، ھەم چارىسىمۇ يوقتۇر. سۇلتان ۋەلەد «مەمارىپ»ناملىق ئەسىرىدە بەسىرەت(زېرەكلىك)نى ۋىجدان كۆزى دەپ تەرىپلەپ شۇنداق قىممەتلىك پىكرلەرنى بايان قىلغان: «نەزەر ئىككىدۇر. بىرى مەخسۇس، ئىككىنچىسى ۋىجدانىيدۇر. بىرىنچىسى بېشىمىزدىكى كۆزدۇر. ۋىجدانىيسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزدىكى قەھر، خاتىرجەملىك، دەرغەزەپلىك، گۈزەلىك، مەردلىك، پېقىرلىق، سەداقەت، دوستلۇق، دۇشمەنلىك، بىرلىك، قارمۇ-قارشىلىق، شەھۋەت ۋە ئىپپەت ھاللىرىنى كۆرە كۆرەلەيدىغان كۆزدۇر. سەن بۇلارنى بېشىڭدىكى كۆزۈڭ بىلەن كۆرەلمەيسەن. ۋىجدانىي كۆز بىلەن كۆرۈش ئاشكارە كۆز بىلەن كۆرۈشتىن تولىمۇ تېرەن ۋە ئۇستۇن بولۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋىجدانىي كۆزبىلەن ئىچىڭدىكى شەھۋەت، قورقۇنۇچ ۋە بىئاراملىق ئەھۋاللىرىنى تولۇق كۆرىسەن. بېشىڭدىكى كۆزنى قانچە قېتىم ئېچىپ- يۇمما بۇلار تۈگىمەيدۇ...».
خوش، بۇ ۋىجدانىي كۆز، يەنى بەسىرەت(زېرەكلىك)نىڭ ئېچىلىشىغا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ بىرىنچى ۋە ئاساسىي شەرتى-قەلپ سىرىلىشى. قەلپ پاكلانمايدىكەن، ئىنسان ئۈچۈن ھېچ بىر نەرسە پاك ئەمەس. شۇڭا ئۇ پاكنى-چىركىندىن،گۈزەللىكنى-سەتلىكتىن، بۇئالەمنى – ئۇ ئالەمدىن ئاجرىتىشنى بىلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بولسا، ھەر قانداق يورەكتە ساختا ۋە يالغان ئىدىئاللار، بەزى بىر غەرەزلىك تۇيغۇلار، تەبىئي ئەھۋالغا نامۇۋاپىق دانالىقلار، يىلتىزسىز شىجائەتۋازلىقلار ھۇكمرانلىق قىلاتتى. «قۇلنىڭ ئىختىيارى ۋە ئىرادەسى،-دەيدۇ ھۇجۋىرىي،-ئۇنىڭ شەخسىي سۈپەتلىرىدۇر. قۇل ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەقنىڭ ئىرادىسىدىن مەھجۇب(ئۇيالغان)، يەنى پەردىلەنگەندۇر. بۇ نداق ئەھۋالدا قۇلنىڭ سۈپىتى ئارىدىكى ھىجاب(يېپىنچا) ۋە پەردىدۇر.گۇمان قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ھەقنىڭ ئىرادىسى ئەزەلى ۋە مەڭگۈلۈكتۇر». ئەزەلىي بولغان نەرسە، ئەلۋەتتە، پانىي بولمايدۇ. دېمەك، ئىنسان پاكلىنىش دېگەندە، ئەڭ ئاۋال، ئالىي سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇش ۋە ئىرادىسىنى ھەق ئىرادىسىگە پانىي قىلىشنى ئىتىۋارغا ئېلىشى لازىمدۇر. بەسىرەت(زېرەكلىك)نىڭ ئېچىلىشى شۇنڭدىن باشلىنىدۇ. ئەنە شۇچاغدا تەركى دۇنيالىق تۇيغۇسىنىڭ نۇقسانسىز شەكللىنىشىگە ھېچ نەرسە كاشىلاقىلالمايدۇ. بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتىش زۆرۈردەك قىلىدۇ.
    تەسەۋۋۇپ ئەھلى ئۈچۈن دۇنيانى تەرك قىلىش ياكى دۇنياغا قول شىلتىش باش مەقسەت ۋە ئاساسىي ئىشلاردىندۇر. لېكىن ئۇلار «دۇنيا» دېگەندە نېمىنى كۆزدە تۇتقان ۋە نېمىنى بلگەن؟ بىز بۇنى ھازىرغىچە ئېنق بىلمىگىنىمىزدەك، توغرا تەسەۋۋۇرمۇقىلالمايمىز.شۇنداقلا دۇنيا نىڭ ئەھمەد يەسسەۋىيگە ئوخشاش زاتلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلمىگەنلىكتە ئەيپلەشتىن مۇ خىجل بولمايمىز. ھالبۇكى، ئۇلار ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد ئېتىقادىغا سادىق بولۇپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن ھېچ بىر ئەشياغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارىمىغان. ئاللاھ ياراتقان ۋە بىرلىك تۇيغۇسىغا تەسىريەتكۈزىدىغان ھېچ بىر نەرسىدىن يىراقلىشىشقا ئۇنمىغان. شۇ سەۋەپتىمۇ مەۋلانا جالالىددىن رۇمىي «مەسنەۋ ىي»دە: نېست دۇنيا نۇقرەھۇ پەرزەندۇ زەن چىست دۇنيا؟ ئەز خۇدا غاپىل بۇدىن، -دەيدۇ. بۇ بېيتتىن كېلى چىقىدىغان خۇلاسە شۇكى: سەن بايلىقنى مۇ، ئايال ۋە پەرزەندنىمۇ دۇنيا دەپ بىلمە، ئۇلاردىن يۈز ھەم ئۆرۈمە! دۇنيا نېمە؟ دۇنيا -خۇدادىن غاپىل بولماقتۇر. سېنى نېمە غەپلەتتە قالدۇرسا، نېمە ھەقىقەتتىن يىراقلاشتۇرسا ئەنە شۇنى دۇنيا دەپ بىلگىن.
بىزنىڭ نەزەرىمىزدە، مەۋلانانىڭ بۇنداق پىكرنى ئىلگىرى سۇرىشىدە، كوڭلىدە ۋەتەن ئىشقى جوش ئۇرغان، خەلقىنىڭ ئەركى- ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمىغان، بۈيۈك مۇجاھىد نەجمىددىن كۇبرانىڭ تەرىقىتى ۋە شەخسىيىتىنىڭ تەسىرىنى ئىلغىماسلىق مۇمكىن ئەمەس. ئەلىشر ناۋايىنىڭ «نەسايىم ئۇل-مۇھەببەت»ناملىق ئەسىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇيمىز:«چۇن تاتار كۇپپارى خارەزمگە يېتىپدۇرلەر، ھەزرەتى شەيخ(يەنى كۇبرا - ئى.ھ.) ئەگەشكۈچىلىرىنى يىغىپ، ئەمر قىلىپتۇلەركى، ۋىلايەتلىرىڭلارغا بېرىڭلار. ئەلەر ئۇ ھەزرەتنىڭ ئەمرى بىرلەن ئۆز ۋىلايەتلىرىگە بېرىپتۇرلەر. شەيخ دەپتۇلەركى، بىز بۇ كۇپپارنىڭ قولىدا شېھىد بولىمىز. ئەگەشكۈچىلەر تارقالغاندىن كېيىن، كۇپپار لارخارەزمگە كىرىپتۇ ھەزرىتى شەيخ قالغان ئەگە شكۈچىلىرى بىلەن چىقىپ، تا شاھادەت شارابىنى تېتىغۇچە، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقىپتۇ. شاھادەت ۋاقتىدا كاپىرنىڭ بايرىقىنى تۇتىۋالغان ئىكەن. شاھادەتتىن كېيىن ئون كىشى بىر بولۇپمۇ ئۇنىڭ قولىنى ئاجىرتالماي، ئۇ بايراقنى كېسىپ ئاجىرتىپتۇ.شۇچاغدا بەزىلەر شۇنداق دەپتۇ. ھەزرىتى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىي غەزەلىياتىدا ھەزرەتى شەيخقا ئىشارەت قىلىپ بۇ قىسسە ۋە ئۆز ئېچىنىشىنى  بايان قىلغان، شېئر:
ما ئەز ئان مۇھتەشەمانېمكى، ساغەر گىرەند،
نە ئەز ئان مۇپلىسانكى، بۇزى لاغەر گىرەند
بە يەكى دەست مەيى خالىسى ئىيمان نوشەند،
بە يەكى دەستى دىگەر پەرچەمى كاپەر گىرەند.
مەزمۇنى: بىز ئاشۇ ساغەر(ھاراق) ئىچكۈچى كىشىلەردىن. ئازغۇن لۇققا يېتەكلىگۈچى مۇناپىقلاردىن ئەمەسمىز. بىر قولىدا ئىماننىڭ خالىس مەيىنى سۈمۈرسەك،يەنەبىر قولىمىزدا بولسا، كاپىر بايرىقىنى قاتتىق تۇتىمىز.
دۇنيادا ئىككىلا ئاساسي يول بار: بىرى - ھەق يولى، ئىككىنچىسى - خەلق يولى. خەلق يولىنى تاللىغان ۋە شۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنگەن كىشى ھەق يولىدا يوكسىلەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ھەق يولىغا كىرگەن ھەقىقى ئاشىقلار بولسا،خەلق يولىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھەق ئىشقى خەلق ئىشقىدىن ئايرىلماستۇر. ئىمان «قەدەھى» ئۇلارنى ئەل-يۇرت غېمى بىلەن ياشاشقا، ئەڭ ئېغىر سىناقلارنىمۇ مەتانەت بىلەن يېڭىپ كۆرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. بۇنىڭ بۇنىڭ تېگىدە بولسا، يۇقاردا ئىزاھلىغىنىمىزدەك بەسىرەت (زېرەكلىك)تۇرىدۇ. نەجمىددىن كۇبرا بەسىرەتنىڭ(زېرەكلىك) قانداق ئېچىلىشى ۋە ۋۇجۇددىن ئارقا-ئارقىدىن قانداق ئورۇن ئىگەللەيدىغا نلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئۇنى «نۇرانىي شەخس» دەپ خاراكتېرلەيدۇ. دېمەك، بەسىرەت(زېرەكلىك)ساھىبلىرى قەلپ كېەسللىكلىرىنىڭ تىۋېپلىرىدۇر. ئۇلار يۇشۇرۇن ئىللەتلەرنى يۇقۇتۇشقا ماھىردۇر، سۆزلىرى دەۋا، نەزەرلىرى شىپادۇر. ئاللاھقا يېقىن قەھرەمانلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مۇناسۋەتكە كىرىشكەنلەر ۋە سۇھبەت قۇرغانلارنىڭ يۇشۇرۇن مەنىۋىي كېسەللىكلەر، يامانلىق ۋە ياۋۇزلۇقلار سۈپۈرىلۈپ كەتكەن.
VII
ھەممە دەرۋىش شائىرلىق سەلاھىيىتىگە ئىگە بولمىغىنىدەك، شائىرلارنىڭ ھەممىسىمۇ دەرۋىشلىك زوق-شوققا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەسلىدە دەرۋىشنىڭ كۆڭلى بىلەن شائىرنىڭ كوڭلىدە، دەرۋىشنىڭ ئىدراكى بىلەن شائىرنىڭ ئىدراكى ئاراسىدا كەسكىن پەرق سېزىلمەسلىكى كېرەك. دەرۋىشلىك تۇيغۇلىرىدىن مەھرۇم شائىر ھۇرلۈكنىڭ ئالىي مەقاملىرىغا يوكسىلىشنى بىلمەيدۇ. گۈزەللىكنى ھەقىقى شائىرنىڭ قەلىپ كۆزى بىلەن كۆرەلمىگەن دەرۋىش بولسا، ئىشق ئوتىدا كۆيۈشتىن بنىسىپ قالىدۇ. زاھىرى ھېچ قاچان باتىنىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. مەسىلىلەرگە چۇڭقۇرراق قارايدىغان بولساق دەرۋىشلىكنىڭ شائىرلىققا ئوخشاش ئالاھىدە بىر قابىلىيەت ئىكەنلىگىگە تەن بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئېھتىمال، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ نەجمىددىن كۇبرا بىر رۇبائيسىدە:
زىنھار مەزەن تۇ تەنە بەر دەرۋېشان، ھەستەند ئېشان، چۇنانچى ھەستەند ئېشان، -يەنى: سەن دەرۋىشلەرگە زىنھار تەنە قىلما، ئۇلار قانداق بار بولغان بولسا شۇنداقتۇر-ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن. ئەلۋەتتە، تەربىيە، شاراىت، مۇھىت، ئېتىقاد-بۇلار شائىرغىمۇ، دەرۋىشكىمۇ تەسىركۆرستىدۇ. ئەمما شائىرنىڭمۇ، دەرۋىشنىڭمۇ تەسىرلىنىش مەركەزى پەقەت ۋە پەقەت كوڭۇلدۇر. مەنىۋىي ھاياتنىڭ يۆلۈنىشى تولىراق كۆڭۈلگە تايىنىشتا، دۇنياغا قەلپ كۆزى بىلەن قاراشتا، روھىيەت .ىشلىرى جەريانىغا بولغان مەسۇللۇق ۋە ھەقىقەتكە تەشنالىقتا ئۇلار بىر-بىرىگە بەك يېقىن. قېنىدا دەرۋىشلىك جۇش ئۇرغان شائىرنىڭ ئاۋازى باشقىچە ياڭرايدۇ. شەخسىيىتى پاقىراپ كۆزگە تاشلىنىدۇ. بۇنداق ئاۋاز تازىلانغان ۋە خالىس بولىدۇ. بۇنداق شەخسىيەت ھەيران قالارلىق دەرىجىدە خاكسار(تۇپراق بىلەن تەڭ)، سەمىمىي، مەرىپەتلىك كۇچ-قۇۋەتكە تولغانلىقى بىلەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق شائىرلا ئادەملەرنى ئىشق ۋە مەرىپەت شارابى بىلەن مەست قىلالىشى، ھېچ كۇتۈلمىگەن تەرزدە كۆڭۈل ھەقىقەتلىرىگە دىققىتنى قارىتىپ، روھ ۋە روھانىيەتچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرەلىشى مۇمكىندۇر.
تەسەۋۋۇپ باشتىنلا شېئرىيەتكە مۇھتاجلىق سەزگەن: شېئر يولى، پەقەت شېئرغا خاس تەسىر ئۇسۇللىرى بىلەن كەڭ ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىگەللىۋېلىشنى كۆزلىگەن. ۋە ھەم مەقسەتكە ئېرىشكەن. بىراق شېئرىيەت ھەم بۇندىن زىيان تارتمىغان. تەسەۋۋۇپقا بارغان سېرى يېقىنلىشىپ، تەسەۋۋۇپ بىلەن چۇڭقۇر ئالاقە ئورناتقان شەرق شېئرىيىتى-بۇ باشقا شېئرىيەتكە نىسپەتەن ، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىكلىگى بىلەن ئىنسانغابولغان مۇناسۋىتى تېرەنلەشكەن، ئىنساننىڭ قەلبى ۋە روھى سىرلىرىنى كەشپ قىلالىغان شېئرىيەت. چۈنكى تەسەۋۋۇپ ئىنسان ۋە ئىنسانىيلىقنىڭ مەنا-ماھىيەتىنى پۈتۈن مۇرەككەپلىگى ۋە پۈتۈن مۇكەممەللىگى بىلەن كەشپ قىلىپ ئىلمى، دەستۇرى، تەجرىبىلىرىنى جارىي قىلدۇرغان ئىدى. شېئرىيەت بولسا، بۇلارنى ئۆز تەبىئتى، پائالىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا مۇۋاپىق رەۋىشتە تاللانغان- تاللاش، تايىنىشتا قىلچىلىك خاتالىققا يول قويمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى تۇركىستانىمىزدامۇ شەيخلەر نىڭ-شائىرلىقى،شائىرلارنىڭ-شەيخلىگى ھېچكىمگە غەيرى تەبىئي تۇيۇلمىغان. خۇسۇسەن،ئىككى بۈيۈك تەرىقەت-يەسسەۋىيلىك ۋە كۇبراۋىيلىكنىڭ ئاساسچىلىرى ئەھمەد يەسسەۋىي ۋە نەجمىددىن كۇبرانىڭ شېئر يېزىشقا قىزىقىشى تەرىقەت تارىخىدىكىدەك، شېئرىيەت تارىخى ئۈچۈنمۇ زور ۋەقەدۇر. بىراق بۇ ئىككى شەيخنىڭ شېئر يازغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس: بىرىگە نىسپىتەن كۆپرەك، ئىككىنچىسىگە ئازراق -لېكىن بار. بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل بۇرۇن ئاتاقلىق رۇس شەرقشۇناسى ئې.ئې.بېرتېلس «تەسەۋۋۇپ ۋە تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابىدا نەجمىددىن كۇبرانىڭ رۇبائيلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تۈرلۈك تەزكىرىلەردىن تېرىلىپ جەملەنگەن بۇ رۇبائيلارنىڭ سانى بار-يوقى يىگىرمە بەش. كۇبرا شېئرىيىتنى بېيىتىدىغان ياكى ئۇنىڭ شائىرلىقىنى يەنىمۇ پۇختىراق ئاساسلاشقا دەلىل بولالايدىغان باشقا شېئرىي نەمۇنىلەر ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق. بۇنىڭ ئەمىلىيەتتە، مەلۇم بىر شۇبھىلىك مۇلاھىزىلەرگە سەۋەپ بولىشى تەبىىي. كۇبرا نىڭ ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئۇزاق مۇددەت جىددىي ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان مۇستاپا قارى خۇددى شۇنداق پىكردەدۇر. ئۇ ئې.ئې.بېرتېلسنىڭ ئىشىنى ماقۇل كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭچە، بىرىنچىدىن، ئىشەنچلىك ۋە قەدىمىي مەنبەلەردە كۇبرانىڭ شائىرئىكەنلىكىگە ئالاقىدار بىرەر بىر دەلىل ياكى مىسال ئۇچرىمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەگەر كۇبرانىڭ شائىرلىق ھۇنىرىنى پۇختا ئىگەللەپ شۇنچە رۇبائيلارنى يازغانكەن، شۇ ئىقتىدارىنى ھەممە ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىشى، ئىسپاتلىشى لازىم ئىدى. «پەۋايىھ ئۇل- جامال»دەك باشتىن-ئاخىر نازۇك ۋە پسىخولوگىك تەھلىللەرگە تولغان بىر ئەسەردە شېئر ئۇنسۇرلىرىغا ئورۇن بېرىلمەسلىگىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ»، دەيدۇ مۇستاپا قارا. بىزنىڭچە، مۇشۇ«پەۋايىھ»نى ئوقۇغان ئادەم كۇبرادا شائىرلىق سالاھىيىتىنىڭ يوكسەك بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇنڭدىن تاشقىرى، ئەسەردىكى ئاشۇ «نازۇك ۋە پسىخولوگىك تەھلىللەر» كۇبرا رۇبائيلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلسا، ئوتتۇرىدا شەكل ۋە تەسۋىردىن باشقا پەرق يوقلىقىغا ئىشەنمەسلىكتىن ئۆزگە ئىمكان قالمايدۇ. مەسىلەن، «پەۋايىھ»دە نەپسنى ئاپا دىيلىدىغان بىر يىلانغا سېلىشتۇرۇپ ئېيتىلغان گەپلەر بىلەن«دېۋ ئەست دەرۇنى مەن، كى پىنھان نېست» مىسراسى بىلەن باشلىنىدىغان رۇبائيدىكى پىكر ئىچىدە ماھىيەت جەھەتتىن كەسكىن زىددىيەت يوق. شۇنىڭدەك، كۇبراغا بېغىشلانغان مەناقىبلەردە ئۇنىڭ شائىرلىقىغا ئۇرغۇ بەرگۈچى دەلىللەر نىڭ مەۋجۇتلىقىنى مۇستاپا قارا نېمە ئۈچۈندۇر نەزەردىن ساقىت قىلغان.
مەلۇمكى، قەدىم-قەدىمدىن تارتىپ ئىككى نەرسە شېئرنىڭ ئاساسىي شەرتى دەپ قارىلىپ كەلگەن؛ بىرىنچىسى - مەزمۇن گۈزەللىگى، ئىككىنچىسى - ئىپادە گۈزەللىگى. ئىپادىدە بىر قەدەر ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىلىگەن بولسىمۇ، مەزمۇنى قۇرۇق، چۈشكۈن بولسا -بۇنداق شېئر ھېچ قاچان ئىجتىھاتلىق شېئىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبى ۋە روھىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندىمۇ ئەھۋال شۇنىڭا يېقىندۇر. كۆپچىلىك، شېئردىكى ئىپادە ۋە تەسۋىر گۈزەللىگىنى قولگە كىرگۈزۈش تەس، دەپ ئويلۇشىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن توغرا. ئەمما شېئردا ئوقۇغۇچىغا شەۋق بېغىشلايدىغان، ئۇنىڭ پىكر-قاراشلىرىنى يېڭىلىشغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان جەزىبىلىك، تولۇق مەزمۇننى پەيدا قىلىشتولىمۇ  قىيىن ھۇنەردۇر. ئەنە شۇ ھۇنەرنى نۇرغۇنلىغان شائىرلار قايتىلاپ ئورۇندىيالمايدۇ. ئەنە شۇ ھەل قىلغۇچ جايدا، ھەتتا قەلىمىنىڭ كۇچىگە ئىشەنگەن شائىرلارمۇ ئاقسايدۇ. چۈنكى مىرزا پەتەلى ئاخۇنداۋ ھەققانىي تەكىتلەپ ئوتكەندەك «گۈزەل مەزمۇن تاپماق، ئاللاھ نىڭ تۆھپىسى بولغان تەبىئي خۇسۇسىيەتلەردىندۇر، ئەمما قاپىيە تىزماق، باشقا سەنەتلەرگە ئوخشاش ئۈگۈنۈش مۇمكىن بولغان بىر نەرسەدۇر».
كۇبرانىڭ رۇبائيلىرى-ئىجاد ۋە ئىلھامنىڭ مىۋىسى. ئۇلار ئاددىي بىر شائىرنىڭ ئەمەس، بەلكى تەرىقەتنىڭ تەرتىپ-قائدىلىرى بويىچە ياشىغان، خىلۋەت ھاياتىنىڭ جاپا ۋە توسىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ قەلبىنى پاكلىغان، گاھ ئاشىقلىق، گاھ ئارىپلىق، كۆپىنچە ۋەلىيلىك ھالەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن شائىرنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىدۇر. كۇبرا رۇبائيلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا ھالدىن ھالغا ئۆتىۋاتقان، پۈتۈن دىققىتى ئۆزىنىڭ ئىچكىي دۇنياسىنىڭ ئوزگىرىشگە قاراتىلغان سەيياھنىڭ پىكر-قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن.بىزنىڭچە، ئۇلارنى كۇبرا رىسالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا تەتقىق ۋە تەھلىل قىلىش كەلگۈسىدىكى قىزىقارلىق ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردىن بىرى ھىساپلىنىدۇ.
بېرتېلس نەجمىددىن كۇبرانى سوپىلار ئارىسىدىكى ئەڭ يارقىن شەخسلەردىن بىرى دەپ ھىساپلايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ نەجمىددىن كۇبرانىڭ شەخسىيىتىدەك مۇنەۋۋەر، مەرىپەتلىك، ۋەتەن سۆيەر، جەسۇر شەخسىيەتنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ئۇمۇمەن ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسىلەردىن بىرى ھىساپلىنىدۇ. نەجمىددىن كۇبرا دىن ۋە تەرىقەتنىڭ، مىللەت ۋە مەنىۋىيەتنىڭ ئەڭ پارلاق يولتۇزى. بۇنداق سىيمالارۋۇجۇدىدىن  پارلىغان نۇر ئۇلار جىسمانەن قۇبۇل قىلىنغاندىمۇ سۇنمايدۇ.
ئازەربەيجاننىڭ مەشھۇر شائىرلىرىدىن مۇھەممەد ھادى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەي تۈرمىلەر، ئەي زىندانلار، ئەي مازارلار، سىلەر نەقەدەر مۇقەددەس مەكانلار بولۇپ، ھەقىقەت ۋاراقلىرىنىڭ جامالى سىلەرنىڭ قاراڭغۇ قۇچاقلىرىڭلاردىن نۇرلىنىدۇ... ئىشىكلىرىڭلارغا تىز چۆكىمەن،  ئىچكىرىسىدە نۇرلۇق سىيمالار، مۇنەۋۋەر كىشىلەر، پارلاق پىكرلەر، ئۇلۇغۋار خىياللارنىڭ ئىگىلىرى بارلىقىغا ئىشىنىمەن».دەھشەتلىك ياۋۇزلۇققا پىسەندقىلمىغان، ئۆلۈمدىن قورقۇپ-قاخشىمىغان نەجمىددىن كۇبرانىڭ قەلبىدە-ھەقىقەت ۋە جاسارەت نۇرى پارلىغان، ئۇلۇغ خىيال ۋە يېڭىلمەس ئېتىقاد ئەنە شۇنداق مۇقەددەس سەجدىگاھ تۇر. ئۇنىڭدا ھەمىشە ئەۋلادلارنى ئاللاھ سۆيگىسىگە چاقىرغۇچى، يورت ۋە مىللەت ئەركىنى ھەرقانداق نەرسەدىن ئۇستۇن قويۇشقا ئىلھاملاندۇرغۇچى تىرىك روھ ھاكىمى بولغان. كوڭلىگە ئىشق ۋە مەرىپەت نۇرى سىڭگەن ھەر بىر ئوزبېك شۇنى بىلگەن، شۇنىڭغا ئىشەنگەن.
خاندەمىرنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، سۇلتان ھۇسەين بايقارادىن «سەلتە نەت ساھىبى بولمىغىنىڭىزدا نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولارئىدىڭىز؟ »-دەپ سوىغاندا،«نەجمىددىن كۇبرا مەقبەرىسىدە جارۇپكەشلىك قىلاتتىم»،-دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.نەجمىددىن كۇبرا ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئېھتىرام ۋە ئىتىبارغا تولۇق لايىق ۋەلىي زاتتۇر. بىز بۇلارنى بىلەتتۇق. بىراق مۇستە قىللىققا ئېرىشكۈچە دىن ۋە تەرىقەت ئالىمىدە داڭ چىقارغان ئەھمەد يەسسە ۋىي، نەجمىددىن كۇبراغا ئوخشاش ئەللامىلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقلىرىغا يارىشا پىكر ۋە مۇناسۋىتىمىزنى ئوچۇق-ئاشكارە ئىزھار قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ئىدۇق. مۇستەقىللىق بۇنداق ئەدالەتسىزلىك ۋە ئىمكانسىزلىكلەرگە خاتىمە بەردى. ئالىملار، شائىرلار نەجمىددىن كۇبرا ھاياتى، تەرىقىتى ۋە ئەسەرلىرىنى ئۆگۈنۈشكە كىرىشتى. يەنە تېخى، كۇبرا تەۋەللۇتىنىڭ 850 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. تاشكەندتە، خارەزمدە ئۇنىڭ ھاياتى، ياشىغان دەۋرى، تەرىقىتى تەتقىق قىلىنغان ماقالىلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى. پروفېسسور ن.كامىلوۋنىڭ «نەجمىددىن كۇبرا» ناملىق رىسالىسى بېسىلىپ چىقتى.ئۇنىڭدىن سەل كېيىنراق ئۇرگەنچدە كۇبرانىڭ«ئادەپ ئۇز-زاكىرىن»ناملىق ئەسىرىگە ئەبۇلغاپۇر لارىي تامانىدىن يېزىلغان«شەرھى رىسالەئىي ئادەپ ئۇز-زاكىرىن»(تەرجىمان م.قادىروۋ)نىڭ نەشىر قىلىنىشىمۇ كۇبراشۇناسلىقنىڭ ئىلگىرىلىشىدىن دالالەتتۇر.
مېن بۇ يەردە تالانتلىق شائىر ۋە تارىخچى خۇرشىد دەۋراننىڭ «شەھىدلەر شاھى»ناملىق ئەسىرى توغرىسىدا ئالاھىدە توختۇلۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. بۇ تارىخىي قىسسەدە نەجمىددىن كۇبرانىڭ ھايات تارىخى، تەرىقەت ئەربابى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈش جەريانى، مەرىپەت تەرەققىياتىدىكى تارىخىي خىزمەتلىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك جاسارىتى تەسىرلىك ئۇسلۇپتا يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. خۇرشىدنىڭ شائىرلىق ۋە ئالىملىق سالاھىيتى قىسسەدە سەمىمىي بىر ئۇيغۇنلۇق تاپقان.«شەھىدلەر شاھى» ياشلارنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىشتەك قۇۋەتكە ئىگەئىكەنلىگى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئوقۇغان ھەربىر كىتاپخاندا مەلۇمات ۋە تەسىراتتىن-ھېس قىلىشقا، ھېس قىلىشتىن-ئىلم ۋە مەرىپەتكە ئىنتىلىش ئىشتىياقى تۇغۇلىدۇ. بۇ بىر مۇھىم جەھەت، ئەلۋەتتە.
يەنە بىر خەيرلىك ئىش. تالانتلىق ئالىم ۋە تەرجىمان ئې.ئاچىلاۋ نەجمىددىن كۇبرا رۇبائيلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى توغرىسىدا پىكر يۈگۈزۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ رۇبائىيلار نىسپىتەن قىسقا پۇرسەت ئىچىدە ئۇچ قېتىم ئۆزبېك تىلىغا ئۆرۈلدى. دەسلەپ قايتا قۇرۇش، ئاشكارىلىق شاراپىتى تۇپەيلى 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تەرجىمان جامال كامال بۇ قۇتلۇق ئىشقا كىرىشتى: ئۇلۇغ يۇرتدىشىمىزنىڭ  25 رۇبائىيسىنى ئەنئەنىۋىي ۋەزىن ۋە كىلاسسىك ئۇسلۇبىنى ساقلىغان ھالدا ئوزبېكچىلەشتۈردى. يېقىندا بولسا، كۇبرا تۇغۇلغا نلىقىنىڭ 850 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىرتالانلىق شائىر مەتنەزەر ئەبدۇلھەكىم كۇبرا رۇبائىيلىرىنىڭ يېڭى تەرجىمىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بىز شەيخ-شائىر رۇبائىيلىرىنىڭ ئۇچىنچى تەرجىمىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا جۇرئەت قىلدۇق».
   نۆۋەتتىكى ۋەزىپەبولسا،بۇ خەيرلىك ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز دەۋامى سۈ پىتىدە نەجمىددىن كۇبرا ھەزرەتلىرىنىڭ رىسالىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ  نەشر قىلدۇرۇش،كۇبراشۇناسلىقنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭى-يېڭى تەتقىقا تلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتۇر.

ئىبراھىم ھەققۇلنىڭ «باقىي سەرچەشمىلەر»ناملىق كىتابىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى

تۈگىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 16:22  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 21:12:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2012-8-10 11:18
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەگيار ئاكا، ياخشى تېمىغا تۇ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ ياخشى تېمىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان ئەزىزلەر ، مەن بەك تەسىرلەندىم.نۇرغۇن بىلىملىرىمنى يېڭىلىۋالدىم. تارىىمىنىزدىكى پەيلاسۇفلارنىڭ پىكىرلىرىنى بىر قېتىم ئوقۇش بىلەنلا چۇشەنگىنى ۋە ئۇنۇم ھاسىل قىلغىنى بولمايدۇ.بۇنىڭ ئەسلى ئاپتۇر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئوتتۇرىسىدا چوقۇم بىر ۋاستىچى بولۇش زۆرۇل دەپ قارايتىم . ئىبراھىم ھەققۇلوۋ مانا مۇشۇ ۋاستىچى ئىدى، سىلەر ئۇ مۇبارەك زاتنىڭ پەيلاسۇالارنىڭ ئىجدىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىزگە پايدىلىنىش ئۇچۇن سۇنۇپ ، بەك ياىشى ئىش قىلدىڭلار . بولۇپمۇ سەھۋەن كەتكەن تەرەپلەرگە تۇزۇتۇش خاراكتىرلىق ئىزاھات بېرىپ تولوقلاپ  بىزنى تولۇقسىز مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ قىلىشىمىزدىن توسقىنىڭىزغا  كۆپ رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش