كۆرۈش: 289|ئىنكاس: 3

غوجامۇھەممەت مۇھەممەت: قەلىبكە تۇتاشقان يول [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 815
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1908
تۆھپە : 0
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-28

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 10:04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غوجامۇھەممەت مۇھەممەت

قەلىبكە تۇتاشقان يول


(ئابدۇرېشىت سۇلايمانىڭ «قەلبىم سېنىڭكى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە)


ئاۋۋال ئابدۇرىشىت سۇلايماننىڭ نەشىرگە تەييارلىغان تۇنجى توپلىمىنىڭ كىتاپ ئىسمى دىققىتىمنى تارتتى. «قەلبىم سېنىڭكى»... ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن ئاۋال ئىشىكنى ئاچىمىز، بىر كىتابقا نىسپەتەن كىتابنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ ئىشىكىدۇر. شۇنداق بىر ئىشىككە دۇچ كەلدىمكى، ئىشىكنىڭ جىمجىت سالاپىتى ۋە ئويچان قىياپىتى ماڭا بۇ ئىشىكنى ئاچماقلىقنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇردى. چۈنكى بۇ ئىشىكنى ئاچساملا مۇھەببەتكە دۇچ كېلىدىغاندەك قىلاتتىم.
بۇنىڭدىن ئون يىللار مۇقەددەم مۇھەممەت كامال خۇشخۇي ۋە ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركلەرنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە يەكەن ناھىيەسىنىڭ تاغاچى يېزىسىغا كەلدۇق. تاغاچىغا كېلىشتىن مەقسەت ئابدۇرېشىت سۇلايمان بىلەن كۆرۈشۈش، مۇڭدۇشۇش ئىدى، بەخىت- تەلىيىمىزگە بىز ئابدۇرېشىت سۇلايماننىڭ ئۆيىدە ئۇزۇندىن بىرى دىدارلىشىشقا ئىنتىزار بولغان، ئۆزگىچە لىرىك ۋە مۇھەببەتلىك شېئىرلىرى بىلەن قەلبىمىزدە يىقىلماس ئوبرازىنى تىكلىگەن يەنە بىر قۇرداش شائىر- مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى بىلەن ئۇچراشتۇق. بۇ ئىككى شائىر بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز بولغاچقا بىر- بىرىمىزگە بولغان زوقمەنلىك ۋە قىيالماسلىق ئىلكىدە ھەلقە- سۆھبەتلەر بىلەن تۈننى تاڭغا ئۇلىدۇق. ئاشۇ ئۇنتۇلماس كېچىدە ئابدۇرېشىت سۇلايماننىڭ شېئىرىيەت ھەققىدىكى يېڭىچە قاراشلىرى، بىز تىخىچە كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان تىخىمۇ نادىر شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ دوستلۇق ئالاقىمىز باشلاندى. كېسىپ ئىيىتالايمەنكى- بىزنىڭ بۇ دوستلۇقىمىزنىڭ رىشتىسىنى ئەڭ مەھكەم چېگىپ تۇرغىنى بىرىنچى بولۇپ يەنىلا شېئىر ئىدى.


ئەسلىمىدىن چىقىپ ئورگىنالغا يۈزلەندىم.

ئوقۇپ باق !!قەلبىمنى ،قەلبىم بىر شامال ،

تىڭشىغىن قەلبىمنى ،قەلبىم مۇزىكا .

قەلبىم ھەر ۋاقىت نۇرغا سۆزلەيدۇ ،

قېنىڭدىن خەت پۇتۇپ يوللىغىن ماڭا .

كوردۇڭمۇ  يۇرەكنى ئالقىنىمدىكى ...

پەرىشتەم  ئالغىنا، قەلبىم سىنىڭكى .


مەجنۇنلارچە ئىشتىياق يۈرىكىمنى كۆيدۈردى. تەلۋە مىسرالار ئەسەبلىرىمنى تىترىتىپ ئۆتتى. نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا، نەشىر ئەپكارلاردا، ئەدەبىيات مۇنبەرلىرىدە... كۆزىمىزگە كىرىۋالىدىغان، ئوقۇشقا قىستايدىغان، ئوقۇغان كىيىن كۆڭۈلنى قارا قاغىدەك چوقۇپ، پوق يەپ سالغاندەك بىمەززە تۇيغۇلارغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان بىر قىسىم شېئىرلار ۋە ئۇ شېئىرلاردىكى تولا چاينىلىپ تەمى قالمىغان مۇھەببەت- نەپرەتلەرگە قارىغاندا «قەلبىم سېنىڭكى» دېگەن بۇ شېئىردىن قەلبىم تولىمۇ ئەركىلەشتى، ۋۇجۇدۇم كېڭىيىپ، پىكىر- تەسەۋۋۇرلىرىم «كۆلەم»لەرنى بۇزدى.
«جاللات» دېگەن تەخەللۇس نامىغا مۇناسىپ ھالدا شېئىرىي مىسرالىرىدا سۆزلەر ۋە غەمزىلەر قورشاۋىدىكى شېئىرىي قۇللۇقنى ئۆلتۈرۈپ ماڭىدىغان بۇ شائىر گەرچە باسما مەتبۇئاتلارغا تىخىمۇ كەڭ يۈزلىنىپ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزىنى داڭلىتالمىغان بولسىمۇ لىكىن تور ئەدەبىياتىدىكى «1- نومۇرلۇق شەخىس»لىك ئورنىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. ئۇنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بىر ئوبدان كېتىۋاتقان رېتىم يۆلىنىشىنى بۇزدى دەيدىغانلار بار، ئۇنداقتا تۈزۈگىچىلەر كىم؟ ئەجەبا، بۇزۇش بولمىسا ھالقىش بولمايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدىغاندۇ؟ قارىماققا ئۇنىڭ زور كۆپچىلىك شېئىرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم ئەمەستەك، پىكىر- ئىدىيەلەر چىچىلاڭغۇدەك تۇيۇلىدۇ، لىكىن ھەر بىر شېئىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئادەم ئىختىيارسىز شۇنداق دەپ سالىدۇ: بارىكاللا، ئاشىقلىق دەقىقىلىرىدىكى سەرسان كۆڭۈل، بارىكاللا سەۋدايى!... ئۇ شېئىرىي مىسرالىرىدا مەشۇقىغا زار بولغان تەلۋە ئاشىقنىڭ ئاشىقانە جىدەل- ماجىرالىرىنى ئۆز رېتىمى ۋە ئەسلى ھالىتى بويىچە ئىپادىلەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدىكى «چىچىلاڭغۇلۇق» ۋە «مۇستەھكەم ئەمەسلىك» تولىمۇ چىن ۋە سەمىيمىيدۇر.


ﺑﯩﺮﻳﯘﻟﺘﯘﺯ  ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﯪﻗﺴﯘﻥ ﻛﯩﭽﯩﮕﻪ ،

ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ ﻳﯘﺭﻩﻛﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﻗﺎﻧﯩﻐﺎﻥ.

ﺑﯘ ﯪﺯﺍﭖ ،ﺑﯘ ﻛﻪﭼﻤﯩﺶ ،ﭼﯘﺵ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻳﺴﻪﻥ،

ﻳﯘﺭﻩﻛﺘﯩﻦ  ﻳﯘﺭﻩﻛﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ ﭘﯩﻨﺎﻥ.


يۈرەكتىن يۈرەككە يول بار. شۇنداق ھېس قىلاتتۇق، لىكىن ھىچقايسىمىز بۇ توغرىلىق گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدۇق. ئابدۇرېشىت سۇلايماندىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەلبىمىز تولىمۇ ئىسسىق بولدى، بۇ گەپنى نىمىشقا مەن دېمىگەندىمەن؟ دەپ رەشىكتە ئۆرتەندۇق. ئۇيغۇر ياشلار شېئىرىيىتىدە(بۇنداق ئاتاشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لىكىن 70- يىللاردا تۇغۇلغان ۋە ئۆزگىچە شېئىرلىرى بىلەن مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلغان چاغداش شائىرلارنى شۇنداق ئاتاپ تۇردۇم) ئادىل تۇنيازدىن باشلانغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر شائىرلار بار، ئۇلارنىڭ تازا بالقىيدىغان مەزگىلىدە ئەدەبىيات بازارغا يۈزلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايى ساپ شېئىرغا قارىغاندا جانغا ئەسقاتىدىغان ۋە كۆڭۈلگە تىز ياقىدىغان تىبابەت، دىداكتىكا ۋە تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرگە تارتتى. مەتبۇئات ۋە گېزىت- ژۇرناللارمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايى بويىچە ئاشۇنداق «ئاممىۋىي ئوقۇشلۇق»لارغا كەڭ مەيدان ھازىرلاپ بەردى. نەتىجىدە شېئىرغا نىسپەتەن مەيدان تارايدى، ھەتتا تۈزۈكرەك سورۇنمۇ قالمىدى. لىكىن شېئىر يېزىشنى ياراتقۇچى بۇيرۇغان خىزمەت، شېئىرنى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىغا قىلغان ھەمدۇ- ساناسى دەپ بىلگەن بىر قىسىم شائىرلار قەلبىدىكى ئىلاھىي ئىشىقتىن ۋاز كەچمىدى ھەمدە شېئىر يېزىشنى قەتئى توختاتمىدى(بۇ شائىرلارنىڭ بىرسى دەل ئابدۇرېشىت سۇلايماندۇر). بۇ جەرياندا  ئادىل تۇنىياز ۋە چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى بىر نەچچە شائىر شېئىر توپلاملىرىنى ئۇدۇللۇق نەشىر قىلدۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ لىكىن باشقا زور كۆپچىلىك چاغداش شائىرلارغا بۇنداق ئامەت ئاساسەن نىسىپ بولمىدى. شۇ سەۋەبتىن ياشلار شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا كەڭ دائىرىدە باھا بېرىش تەس بولۇش ۋە بېرىلگەن باھالار  تار دائىرىلىك بولۇپ قىلىشتەك پاسسىپ ئەھۋال شەكىللەندى. ئەمەلىيەتتە بىر يازغۇچى ياكى بىر شائىر بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى يارىتالمايدۇ، ئەكسىچە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ۋە شائىرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىشى ۋە بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ ئابدۇرېشىت سۇلايماننىڭ شېئىرلار توپلىمىنڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر ياشلار شېئىرىيىتنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشتە مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە.
قولۇمدىكى ئوگىنالنى كۆرۈۋىتىپ ھېس قىلغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى- توپلامدىكى زور كۆپچىلىك شېئىرلارنىڭ تىلى نەپىس ۋە ئەسەبىي، مەزمۇنى چوڭقۇر ۋە چۈشىنىكسىز، رېتىم تىز ۋە تۇراقسىز، كەيپىيات  جانلىق ۋە ئۆزگىرىشچان. بۇ ئەھۋال باشقىلار چايناپ بەرگەن تەييار ناننى يەپ كۆنۈپ قالغان بىر قىسىم ھورۇن ئوقۇرمەنلەرگە نىسپەتەن كىرزىس تۇيغۇسى بېرىشى مۈمكىن. شۇنداق، زور كۆپچىلىك كىشىلەر شېئىرىيەتنى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولى- ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى بىلىش، يەنى- ئەسەر يازغاندا زور كۆپچىلىك ئوقۇمەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىش- قىلالماسلىقىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك، دەپ قارىشىدۇ. مېنىڭ قارىشىم ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنداق بولغاندا كىتابخانلارنى ئاسانلا زىرىكتۈرۈپ قويىمىز، ئوقۇرمەنلەرنى يىتەكلەش رولىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرۇپ قالىمىز ياكى ئارقىدا قالىمىز، بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر پاجىئە! ئۇ چاغدا دائىم باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمىز. ئۆزىمىزگە خاس بولغان تەنھا قەلبىمىز، قايغۇ- ھەسرەتلىرىمىز ۋە شاد تەنتەنىلىرىمىز ئاستا- ئاستا توزۇپ كېتىدۇ، بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇدھىش تىراگىدىيە! پەقەت ئۆزىمىزگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەتلا باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا قىلچە ساختىلىق ۋە زورۇقۇش يوق. يالغان شېئىرلار بىزنى ھالاك قىلىدۇ، مۇھەببەت- كىرزىستىن قۇتۇلۇشىمىزنىڭ بىردىنبىر- بىر يولى.


-تاپاي دەيمەن كۇلكەڭنى سەنەم ،

بىلەمسەن مەجنۇندەك سويىمەن  سىنى ،

قارلىغاچ ئۆيىدە تۈنۈدۇق بىر كۇن

دەريانىڭ ئاۋازى چاقىرار بىزنى  .

-قەلبىمنى ئوقىغىن ،گۇللەردىن سەنەم  ،

مەن يىراقنىڭ قىشىغا كەتتىم .

سوزلەپ بىرەي  ساڭا ھىكايە  ،

مەن كېچەمگە ئويۇمنى سالدىم .

شەھلا كوزلەر تىكىلەر ماڭا ،

شائېر بالا ئاشۇمىكىنا ..!!

-قەلبىمنى تېڭشىغىن ،قۇشلاردىن سەنەم ،

مىنىڭ «ھۇجرام »-سىنىڭ كۇلكەڭدە .

مەن قۇياشنى بايان قىلىمەن ،

قايتىپ كىلىپ سالغان ئويۇمگە .

...

«سەنەم» دېگەن سۆز ئابدۇرېشىت سۇلايمان شېئىرلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ بىر سۈلكەتلىك جاناننىڭ ئوبرازى بولۇپ، بۇ ئوبراز مىسرالارنى تىخىمۇ مۇھەببەتلىك يالقۇنجىتىدۇ. شېئىرلاردىكى چېكىدىن ئاشقان ئەپسانە تىل ۋە ئەركە كەيپىيات شائىرنىڭ كۆڭۈل مەيلىگە ئەگەشكەنلىكىنى،  بۇ مەيىلنىڭ ئۇنى سەمەرقەند ئالمىسىدك ھەر يەرگە تاشلىغانلىقىنى بىشارەتلەيدۇ. توپلامدىكى شېئىرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا قىلچە بېسىم ھېس قىلمايمىز، تولىمۇ ئەركىن ۋە بەھوزۇر ھالدا بىزمۇ كۆڭۈل مەيلىگە ئەگىشىمىز. سەۋەب: بۇ شېئىرلار كۆڭلىمىزنى ئۆزىگە باغلىۋالمايدۇ، ئەكسىچە مەيلىگە قويۇۋىتىدۇ، بىز شېئىرىي قۇللۇقتىن مۇستەسنا ھالدا مىسرالار ئارىسىدىن ئۆز قەلبىمىزنى ئوقۇيمىز.
بەزى شائىرلار باركى، ئۇلار " شېئىرنى پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا يازىمەن، شېئىر- شائىرنىڭ ئۆزىگە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتنىڭ ھاسىلاتىدۇر" دەيدۇ(مېنىڭچە مەزمۇر توپلامنىڭ ئاپتۇرىمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن). ئەلسۆيەر ئوبزۇرچىلار بۇنداق قاراشقا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ، " شائىر- مىللەتنىڭ ۋىجدانى، شېئىر- دەۋرنىڭ ئاۋازى" دەيدۇ ئۇلار چىڭقىلىپ، " ئاھ- ۋاھ، كۆيدۈم- پىشتىم... بىلەن تولغان بۇ شېئىرلار قانداقمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاچقان يىرىگە بارسۇن؟ خەلقنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى، غايە- ئىستەكلىرىنى ۋە تەقدىر- قىسمەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرەلمىگەن بۇ شېئىرلارنى قانداقمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇنەۋۋەر شېئىر دېگىلى بولسۇن؟!..." دەيدۇ ئوبزورچىلار يەنە چوڭقۇر ئۆكۈنۈش بىلەن. ئەجەبا، ئۆزىنى چوڭقۇر سۆيمىگەن كىشىدىن مۇھەببەتنىڭ يالقۇنلۇق جۇلاسىنى تاپقىلى بولسۇنمۇ؟ ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشىنىڭ باشقىلارنى سۆيۈشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە شېئىردىكى ئاھ ئۇرغان، پەرياد چەككەن، شادلانغان، تەنتەنە قىلغان كىشى شۇ شېئىرنى ئوقۇغان كىتابخاندۇر. ئاپتۇر يېزىلىپ بولغان شېئىرىدىن راھەتلىنىدۇ ۋە يىنىكلەيدۇ، خالاس! «ئۆزۈم ئۈچۈن...» دېگەن شائىر ئۆزى ئۈچۈن ۋەتەننى سۆيۈشى، ئۆزى ئۈچۈن خەلقىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۆزى ئۈچۈن ئىكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئەنئەنىنىڭ ياتلىشىشى، مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشى قاتارلىق تىراگىدىيەلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى مۈمكىن. قاراڭ، ئۆزى ئۈچۈن چەككەن بۇ ئىزتىراپلار نىمە دېگەن سەمىمىي؟! ئەل- ئاۋامنىڭ، يۇرت- قەۋمنىڭ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تىراگىدىيىسىنى ئۆز قايغۇسىغان ئايلاندۇرغان بۇ شائىر نەقەدەر سۆيۈملۈك ۋە جەلىپكار؟! ئۆزى ئۈچۈن يېزىش ۋە خەلق ئۈچۈن يېزىش دېگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ماھىيەتلىك پەرقى يوق. كۆپىنچە ھاللاردا بىز بۇلارنى بۇرمىلاپ قويىمىز.
ئۇتۇق ۋە شان- شەرەپلەر مەڭگۈلۈك بولمايدۇ، ئەڭ قەدىرلىك بولغىنى يەنىلا ئەمگەك. شۇڭا بىز ئەمگەكتىن بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك! توپلامدىكى شېئىرلار شائىر ئابدۇرېشىت سۇلايماننىڭ ئومۇمىي ئجادىيەت خاھىشى ۋە مىتودىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرگە بۇ شېئىرلار ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىتىدىكى ئۆزگىچە گۈل بولۇپ بىزنى ئۆزىگە خاس رەڭ ۋە پۇراقلىرى بىلەن ھوزۇرلاندۇرالايدۇ. ئاخىرىدا شائىرنىڭ ماڭا دوستلارچە ئۇزاتقان قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ توپلامنىڭ تىزرەك يورۇقلۇققا چىقىشىنى ۋە تىخىمۇ تىزرەك شېئىرخۇمار خەلقىمىزنىڭ خۇمارىنى قاندۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!


2013- يىلى 18- يانۋار. خوتەن




مەنبە: شۇ ناملىق چىققۇسى كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 10:07  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 753
تۆھپە : 0
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:45:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشىت سۇلايماننىڭ  بۇ توپلىمىنىڭ  بالدۇراق روياپقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن ... غوجىمۇھەممەتمۇ  بۇ كىرىش سۆزنى  نەسىردەك  يېزىۋىتىپتۇ . ھەممىمىزدە مۇشۇنداق قوللاش روھى بولسۇنكى ، زادى كۆزى كىچىكلەردىن بولمايدۇ . مەردانىلىق ھەمممىزنى نۇرلاندۇرغۇسى . مانا بۇ شائىر قىرىنداشلىرىمنىڭ ئۇلۇغ تىلەكلىرىدۇر ... بۇ تېمىنى يورۇتقان مەھەممەت ئۆمەر ئىنىمغا  رەھمەت ...!

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  269
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 336
تۆھپە : 2
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:50:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا غوجىمۇھەممەد ماقالىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ سۆيۇندۇم...شۇنداق«ئۇتۇق ۋە شان- شەرەپلەر مەڭگۈلۈك بولمايدۇ، ئەڭ قەدىرلىك بولغىنى يەنىلا ئەمگەك. شۇڭا بىز ئەمگەكتىن بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك» سىزگە ھەمىشە توختاپ  قالمايدىغان شەرەپلىك ئىجادىيەت تىلەيمەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 11:51  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1410
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 749
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 14:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭلاردىن،‹‹قەلبى قۇلۇپلىنىپ كەتكەن›› دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلايتىم كىچىكلىكىمدە.توغرا؛ قەلب ساھىبنىڭ ئىشىكىنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يول بولىدۇ، يول -لىنىيەسى بولمىغان جايغا كىم ئۆي سالسۇن !ياكى يولسىز تاشلانغان ئۆيسىمانلاقتا كىم بولسۇن دەيسىز !
جىمجىتلىق ئىچىدە بىر سۆزلىگۈچىنىڭ ماڭا يېقىنلاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلاتتىم،كىم سەن؟ ئاۋاز ئۆزەمگە قايتاتتى،،،،،ئۆزەمنى ئۇنتۇغىنىمدا،ئۆزگىنى ئۇنتۇماقچى بولغىنىمدا ياكى ئۇنتۇشلارغا ئامالسىز ئىكەنلىكىمنىمۇ بايقىغىنىمدا ئۇ سۆزلىگۈچى ھەمرا بولۇپ كەلدى،دېمەك قەلىبلەر مەنبە، ياكى ئۇنىڭدا ئەسلى مەنبەگە يول بارئىدى. بۇ مەنبەنىڭ بىر تەرىپى؛ ئۇ دەل قەلبىم ئىدى. ‹‹قەلبىم ئۆلدى›› دىگۈچىلەرنى كۆرگەن مەن. ئۇ بۇ مۇقەددەس ھۇجرىنىڭ بۇسۇغىسىغا ئۆزگىلەرنى باشلىمايدىغان راستچىللارنىڭ تېرىتورىيە سىرتىدىكى نابابلارغا بەرگەن ئاگاڭلاندۇرۇش چۈشەندۈرىشى ياكىدا،ئۆز ھۇجرىسىنىڭ چەكسىزلىكىنى تولدۇرالماي ،يارىماس سەرەمجان بىلەن بوش قۇيۇشتا زارىققۇچى ئۈمۈتسىزنىڭ چۈشكىن بىلجىرلىشى.....شۇنداق؛ئۆلسە-ئۆلمىسە<بۇ مۇمكىن ئەمەسقۇ؟!>بۇ ھۇجرا دەل قەلب!
بۇ ھۇجرىنى ‹قەلبنى›، ئۆز رەۋىشىدە، تەل-تۆكۈس ساھىبى بىتەكرارغا ‹‹بۇ پەقەت سېنىڭ›› دىيىش، ۋايىغا يەتكەن قالتىسلىقتۇر.....! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شۇئەيب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-2 14:54  


پەقەتلام مۇھەببەت.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش