كۆرۈش: 378|ئىنكاس: 2

«ئۇقۇمشۇناسلىققا كىرىش»،«ھاياتنىڭ مەنىسى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  767
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 603
تۆھپە : 6
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 17:15:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                ئۇقۇمشۇناسلىققا كىرىش

                                         مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


     ئۇقۇمشۇناسلىق- توپلام نۇقتىسىدىن، بارلىق بىلىش نەزەرىيىلىرىنىڭ توپلىمى. كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيتىگە بولغان ھەرخىل تونۇشى ۋە بىلىشى ھەققىدىكى قاراش. ئۇقۇمشۇناسلىققا ھازىرچە،نەق چۈشىدىغان ئېنىقلىمىنى تەييارلاپ چىقالمىدۇق. ئەمما، بايانلىرىمىز ئارقىلىق داۋامىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. ئۇقۇمشۇناسلىق ھەققىدە توختىلىش ئۈچۈن،ئاۋۋال گەپنى ئاتالغۇمىزدىكى تۈپ سۆز ئۇقۇمنى ئېنىقلاشتىن باشلايمىز.

ئۇقۇم توغرىسىدا

     ئۇقۇم-ئومۇمىي لوگىكا چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقاندا، شەيئىنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان تەپەككۇر شەكلىدۇر. ئوبېيكتىپ دۇنيادا شەيئىلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.مىسال ئالساق: قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، ئۆسۈملۈكلەر، مەدەنىيەت، مائارىپ، كومپيۇتېر، توربېكەت قاتارلىقلار.بۇلار بىلىشنىڭ ئوبيېكىتلىرىدۇر.بۇ ئوبيېكىتلار نۇرغۇن خاراكتېرلارغا،بەلگىلەرگە ئىگە بولغاندۇر.كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيانى بىلىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ بارىدىغان بىر جەريان. كىشىلەر ئەمەلىيەت جەريانىدا ئالدى بىلەن سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى سېزىپ ھېسسىي بىلىملەرگە ئىگە بولىدۇ. يەنى شەيئىلەرنىڭ ھادىسىلىرىنى،ئايرىملىق ۋە ئومۇملۇق تەرەپلىرىنى، ئىچكى-تاشقى باغلىنىشلىرىنى بىلىدۇ. ئىجتىمائى ئەمەلىيەتكە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ بىلىشىمۇ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى ھېسسىي بىلىش ئاساسىدا تەھلىل قىلىش،بىرىكتۈرۈش،ئابىستراكىتلاش،ئۇمۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ،ناچىرىنى ئىلغىۋېتىپ، ياخشىسىنى ئېلىپ قېلىش، ساختىسىدىن ۋاز كېچىپ، چىنلىققا ئىنتىلىش،بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا،تاشقىرىدىن ئىچكىرىگە ئۆتۈش،...قاتارلىق بىرقاتار قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ ۋە ماھىيەتكە يېقىنلىشىدۇ.شەيئىلەرنىڭ ئۇمۇمىيتىنى ۋە ئۇلارنىڭ باغلىنىشىنى چۈشىنىپ،ئۇلارغا ماس بولغان ئۇقۇم ۋە نەزەرىيلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.دېمەك،ئۇقۇم شەيئىلەرنىڭ ئاشۇ ماھىيەتكە يېقىن تەرەپلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان تەپەككۇر شەكلىدۇر.
     ئۇقۇم بىلەن سەزگۈ، ئىدراك، تەسەۋۋۇرلار ئىپادىلەشتىكى چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن پەرق قىلىدۇ.ئۇقۇم ئابىستىراكىتلاشتۇرۇش ۋە ئۇمۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى خۇسۇسىيتى بىلەن ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئەڭ چۇڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرگەن بولىدۇ.
     ئۇقۇم-ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرىنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسى.ئۇ ئاڭ كاتېگورىيسىگە تەۋە بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئوبيېكتىپ رېئاللىقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەيئىنىڭ ئۆزى ئەمەس.شۇڭا،ئۇقۇمدا سوبيېكتىپ يەنە بىر تەرەپمۇ بولىدۇ.ئەمما،ئۇقۇمنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرى بولغاچقا،ئۇنىڭ مەزمۇنى ئوبيېكتىپ بولىدۇ.شۇڭا،ئۇقۇم سوبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپنىڭ بىرلىكىدۇر.
     بىلىش ئۇقۇم ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى،ئۇقۇمدا ئوبيېكىتنىڭ ئۇمۇمىيتى،ئىچكى باغلىنىشى ھەم ماھىيتى «ئۇچۇر»لار مەۋجۇت.ئۇقۇم يەنە ھۆكۈمنى ھاسىل قىلغۇچى ئاساسى ئامىل بولۇپ،ھۆكۈمنى چۈشىنىش ئۇقۇمنى چۈشىنىشنى شەرت قىلىدۇ.
    ئۇقۇم ماس كېلىدىغان ئوبيېكىتنىڭ دائىرىسىگە ئاساسەن،ئۇقۇمنى خاس ئۇقۇم،تۈردەش ئۇقۇم(بىرخىلدىكى نۇرغۇن ئۇبيېكىتنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى ئۇقۇم)،توپلام ئۇقۇم دەپ ئايرىپ تەھلىق قىلىشقا بولىدۇ.ئۇقۇمنىڭ مېغىزى(ئورتاق ماھىيەتلىك بەلگە)غا ئاساسەن كونكېرت ئۇقۇم،ئابىستراكىت ئۇقۇم ياكى تەستىقىي ئۇقۇم،ئىنكار ئۇقۇم دەپ ئايرىپ تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ.

ئۇقۇم ۋە سۆز-ئىبارىلەر،ئاتالغۇ

    ئۇقۇم بىلەن سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ پەرقىنى ئاجرىتىۋېلىشىمىز ئۇقۇمنىڭ تىلدا ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنى ئىگەلىشىمىزئۈچۈن ۋە ئۇقۇمنى توغرا ئىگەللەپ ئىشلىتىشىمىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر. ئۇقۇم بىلەن سۆز-ئىبارە ناھايىتى زىچ باغلانغان بولىدۇ.ئۇقۇم-سۆز-ئىبارىنىڭ پىكىر مەزمۇنى،سۆز-ئىبارە ئۇقۇمنىڭ تىل شەكلىدۇر.ئۇقۇم سۆز-ئىبارىلەر ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.سۆز-ئىبارىسىز ئۇقۇمدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.ھەرقانداق ئۇقۇم بىرياكى بىرقانچە سۆز ئىبارە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.ئۇقۇم بىلەن سۆزئىبارىلەر بىر-بىرىگە دەلمۇ-دەل ماس كېلىۋەرمەيدۇ:
     1.ھەرقانداق ئۇقۇم سۆز-ئىبارە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولسىمۇ،سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇقۇمنى ئىپادىلەۋەرمەيدۇ.مەسىلەن،مۇستەقىل سۆزلەر ئۇقۇمنى ئىپادىلىسىمۇ،ياردەمچى سۆزلەر ئادەتتە ئۇقۇمنى ئىىپادىلىيەلمەيدۇ.
     2.ئۇقۇم بىلەن سۆز-ئىبارىلەر بىرگە كۆپ ماسلىققىمۇ ئىگە.يەنى ئوخشاش بىر ئۇقۇمنى ئوخشاش بولمىغان سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن.مەسىلەن: كۈن،قوياش؛ئالەم قاراش،دۇنيا دۇنيا قاراش؛ۋاھاكازالار.
     3.سۆزبىلەن ئۇقۇممۇ يۇقىرىقىدەك بىرگە كۆپ مۇناسىۋەتنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.يەنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى بىر سۆز ئوخشاش بولمىغان بىرقانچە ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ.بۇنىڭغا ئالدى بىلەن كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن.
     ئۇقۇم ئادەتتە لوگىكا ئىلمى تەتقىقات دائىرىسىدە ، سۆز-ئىبارىلەر بولسا تىلشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات دائىرىسىدە بولىدۇ.
     ئاتالغۇ ئاتالغۇ تىلىمىزدىكى سۆزلۈكنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇش خاراكتېرى بىلەن سۆز-ئىبارىلەرگە ئوخشاش ئالاقە ئېھتىياجىدىن نۇرغۇن ئەسىرلەر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن.ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ھەربىرساھەدە ئۇقۇم بولۇپ شەكىللىنىدۇ.تەتقىق قىلغۇچىنىڭ نەتىجىسى ئۇقۇم ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.ئۇقۇم ئارقىلىق تەتقىقاتچى ئۆزنەتىجىلىرىنى شەرھىيلەيدۇ.بۇ شەرھىيگە ئاساسەن قويۇلغان ئىسىم ئاتالغۇ بولىدۇ.ئاتالغۇ ئىلمىي ساھەدىكى سۆز-ئىبارە بولۇپ،ئۇ ئادەتتىكى باشقا سۆز-ئىبارىدىن كېيىنرەك مەيدانغا كەلگەن.
     ھازىرقى زامان شەكىل لوگىكىسى(فورمال لوگىكا)دا يەنە مۇنداق بايانلار دېققىتىمىزنى جەلپ قىلىدۇ.
ئەنئەنىۋى شەكىل لوگىكىسىدا، ئۇقۇم مەسلىسى nئەزالىق مۇناسىۋەت ئۇقۇمىدىكى بىر ئەزالىق مۇناسىۋەت ئۇقۇمىنى تەتقىق قىلىدۇ. ھازىرقى زامان شەكىل لوگىكىسى بولسا nئەزالىق مۇناسىۋەت ئۇقۇمىنى تەتقىق قىلىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭدا،ئۇقۇمنىڭ مېغىزى،ئۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى،توپلام نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈلۈپ،ئىككى ئەزالىق مۇناسىۋەت ئۇقۇمى،ئۈچ ئەزالىق مۇناسىۋەت ئۇقۇمى،...nئەزالىق مۇناسىۋەت ئۇقۇمىغىچە كېڭىيىپ كېتىدۇ.
   
ئۇقۇمشۇناسلىق

     ئۇقۇمشۇناسلىق-ئۆزىدىن مەلۇمكى،ئۇقۇمنى تەتقىق قىلىدىغان پەن،دېمەكتۇر.بىرشەيئىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان ئادەم ئۆزىنىڭ بىلىمىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوخشىمىغان تونۇشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.شۇڭا،ئالەمدىكى شەيئىلەر ۋە ئىشلارنىڭ ئوخشىمىغان تەبىرى بولىدۇ.بىلىش نەزەرىيسىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەتقىقاتلار ئۇقۇمشۇناسلىقنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.شۇڭا،
△ ئۇقۇمشۇناسلىق مەلۇم ئادەمگەكونكېرتلاشقاندا،بىرئادەمنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى ھەرخىل كۆزقاراشلىرىدۇر.
△ ئۇقۇمشۇناسلىق مەلۇم ئۇقۇمغا كونكېرتلاشقاندا،بىرئۇقۇمنى بىردىنمۇ كۆپ بولغان ئادەمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئايلىنىدۇ.
△ ئۇقۇمشۇناسلىق مەلۇم شەيئىگە كونكېرتلاشقاندا،مەزكۇرشەيئى توغرىسىدا قانچە خىل ئوخشىمىغان ئۇقۇم بارلىقىغا بېرىپ چېتىلىدۇ.
ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شەيئىلەرنى ئىلىم-پەن مېتودى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ.دىنىي ئۆلىمالار بولسا ئىلاھشۇناسلىق ۋە باشقا دەستۇرلار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ.ئەدىبلەر ئەدەبىي تەربىيلىنىش چېگراسى ئىچىدە شەيئىلەرنى كۆزەتسە،ئادەتتىكى كىشىلەر تۇرمۇش تەجرىبىسى بويىچە چۈشىنىدۇ ھەم چۈشەندۈرىدۇ. ئوخشاش بىر شەيئى ئۈستىدە نېمىشقا شۇنچە كۆپ خىل چۈشەندۈرۈشلەر ۋە مۇنازىرىلەر پەيدا بولغان؟
   بۇ دەل ئۇقۇم مەسلىسىدۇر،يەنى ئۇقۇمشۇناسلىق مەسلىسىدۇر.بىر شەيئىنىڭ ئېنىقلىمىسى ھامان ئېنىقلىغۇچىنىڭ بىلىش چەكلىمىسى ئىچىدە بولىدۇ.ھەربىر ئادەمنىڭ بىلىمى ئۆزى بىلگەن ئۇقۇملارنىڭ توپلىمىدۇر.تۇلۇقلاپ ئېيتقاندا،ئۇقۇملار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ توپلىمىدۇر.
   بىلىش ياكى چۈشىنىش دېگەنلىك-كونا ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىپ يېڭى يېڭى ئۇقۇملارنى چۈشىنىش،دېگەنلىكتۇر.يېڭى ئۇقۇملار مۇشۇ قائىدە بويىچە مەيدانغا كېلىدۇ.

ئۇقۇمشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ئەھمىيتى

     ئۇقۇمنىڭ رولىنى گەۋدىلەندۈرگەندىن سىرت،ئۇقۇمشۇناسلىق يەنە كەم دېگەندىمۇ،بىلىش نەزەرىيسىنى تولۇقلايدۇ ھەم تېخىمۇ ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدۇ،بېيىتىدۇ.بىلىش،ئاڭ ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى،كېلەچىكى ھەققىدىكى تونۇشنى چۇڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
پەن تەۋەلىكى:
پەلسەپە سېستىمىسى ئىچىدىكى مۇھىم تارماق پەن.
رولى:

     ئىدىيە كۆپ خىللىقىنى(شۇنداقلا،كۆپ خىللىشىشىنى)قوغدايدىغان مۇھىم تەتقىقات تېمىسى.
     تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم
     ئۇقۇم نەزەرىيسى— خەنزۇچە概念论دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ،ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدىكى مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ ئىلغار ئېقىملىرىدىن بىرى.ئۇ ئابېليار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان.ئۇنىۋېرساللىق توغرىسىدىكى مۇنازىرىدە،ئۇقۇم نەزەرىيسى تەرەپدارلىرىمۇ،نامچىلىق تەرەپدارلىرىغا ئوخشاشلا،يەككە جىسىمغا بېقىنمايدىغان ئۇمۇمىيلىقنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ.بىراق ئۇلار يەنە نامچىلىق تەرەپدارلىرىغا ئوخشىمايدۇ.ئۇلار،رېئاللىقنى بىلىشنىڭ ئۇمۇمى ئۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە شەكلى كىشلەرنىڭ ئەقلىدە مەۋجۇت،دەپ قارايدۇ.
پايدىلانمىلار:
[1] «ئۇمۇمىي لوگىكا».شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1986-يىل،ئۇيغۇرچە نەشىرى.
[2] ئەنسارىدىن مۇسا:«فورمال لوگىكا».
[3]مۇھەممەترېھىم سايىت:«ئاتالغۇچىلىققا باشلاش»،بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى2011-يىل8-ئاي نەشىرى.
[4]لوڭ چىروڭ:«ھازىرقى زامان شەكىل لوگىكىسى ۋە ئۇنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدا قوللىنىلىشى توغرىسىدا تەتقىقات»(خەنزۇچە)،ئېلىكترون سانائىتى نەشرىياتى،2011-يىل1-ئاي نەشىرى.
[5]م.روزېنتال،پ.يۇدىن:«قىسقىچە پەلسەپە لۇغىتى»،ئۇيغۇرچە2-توم.



***      ***    ***     ***    ***    ***    ***



                           ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە


                                    مەقسۇت ئەمىن ئەركيار



تۇغۇلۇش— مۇقەررەرلىك ھەم تاسادىپىيلىق،خۇددى گۈل-گىياھ ۋە باشقا جانلىقلارغا ئوخشاش.ئوخشىمايدىغىنى ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىز ھەققىدە ئويلىيالايدىغان ئەقىلنىڭ بولغانلىقىدا.
ھەرقانداق شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ.«مەنە»دېگەندە،بىز ئىنسانلارنى كۆزدە تۇتتۇق. ماھىيەت بىر بولسىمۇ ئىنكاس چەكسىز بولىدۇ.ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىنسان ئېڭىدا پەيدا بولىدىغان ئىنكاسلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.بۇلارنى بىر-ئىككى ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىۋەتكىلى ياكى سۆزلەپ ئاخىرىغا يەتكىلى بولمايدۇ.ئەمما،مەلۇم بىر تەرىپىنى يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن بولسىمۇ بىرنەرسە دەپ باقماي بولمايدۇ.
ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ ئادەمنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە بەزى تۇنۇشلارنى ھاسىل قىلىۋالغاندىن كېيىن،كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ئىجتىمائى قىممىتىگە بولغان بىلىشمۇ چۇڭقۇرلىشىدۇ.
بىئولوگىيلىك مەنىدىكى ئادەم— پايانسىز كائىنات سېستىمىسىدىكى كىچىككىنە پىلانت يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ بىر تۈرى،شۇنداقلا بىرخىل ئالاھىدە ھالەتتىكى(ھاياتلىققا ۋە نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىدىكى تەپەككۇرغا ئىگە) ماددا.
ئادەم بىلەن باشقا جانلىقلار ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە.يەنى،بارلىققا كېلىش، يوقىلىش،باشقا ماددىغا ئايلىنىش.بۇ نۇقتىدىن ئادەم كائىناتتىكى باشقا ماددىلارنىڭ «مەۋجۇتلۇق ۋە ئايلىنىش»تىن ئىبارەت ئۇمۇمىيەت مەنىسىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.
تەپەككۇردىكى ئادەم بولسا پايانسىز ئالەم ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزىنىڭ«ئېچىنىشلىق»قىسمىتىگە تەن بەرمەي،ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ«ئۇلۇغ ئەھمىيتى»ھەم باشقا ماددىلار،باشقا جانلىقلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقى بىلەن ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئىزدەۋاتقانلار بولىدۇ.ئەمما،ئەقىلنىڭ جاكارى شۇكى: ئادەم باشقا ماددىلار ۋە باشقا جانلىقلار بىلەن ماھىيەتلىك ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاجىزغىنە تەپەككۇر ئۇنى باشقا ماددىلار ۋە باشقا جانلىقلاردىن ئايرىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما،ئوخشاشلىقنى رەت قىلىش ۋە كائىناتتىن قۇتۇلۇپ چىقىش مۇمكىنسىزلىكتۇر.
شۇڭا،« ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟»دېگەن سۇئال كائىناتقا،تەبىئەتكە قارىتىلسا بۇ بىر ئەخمىقانىلىق. ئەگەر بۇ سۇئال نىسبىيلەشتۈرۈپ كائىناتقا ئەمەس،ئىنسانلارئۆزلىرى (مەن)نىڭ مەۋجۇتلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش مەسلىسىگە ئايلاندۇرۇلسا،ئاندىن ئەھمىيەتلىك بولغان بولىدۇ. يەنە كېلىپ،بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى ھەرگىزمۇ«مەن»نىڭ ئۆز ئىرادىسىدىن بولمايدۇ.شۇڭا،«مەن»نىڭ دۇنياغا كېلىشىدىلا«مەن»نىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇشتىكى نىشانى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.بۇ نىشاننى تەبىئەت،ئىنسانىيەت،ئاتا-ئانا«مەن»گە«مەجبۇرىي» بېرىدۇ.شۇڭا،شەخىسنىڭ كىشىلىك ھايات قارىشىدا، مۇقەررەركى ئىنسانىيەت،ئاتا-ئانىنىڭ«نىشانى»بىلەن جىپسىلىشىش نۇقتىسى بولغان بولىدۇ.بۇلارنىڭ تۈرتكىسىدىكى«ئىجتىمائى ئاڭ» ئىنسان توپىنىڭ داۋاملىشىش شەكلىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.
شۇڭا،«مەن»نىڭ ئاڭقىرالىشى ياكى ئاڭقىرالماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ياشاشنىڭ مەقسىدى— «قانداق قىلغاندا ئىنسانىيەت(مەن)نىڭ كائىناتتىكى ئۆمرىنى نىسبەتەن ئۇزارتىش ، ياخشىلاش»تىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئىنسانىيەت—پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيتى(كەڭ مەنىدىكى مەن) ۋە«مەن»ئۆزى(تارمەنىدىكى مەن)دىن ئىبارەت ئىككى ئاخىرقى نۇقتىغا يىغىلىدۇ.تۇغمابىئولوگىيلىك ئىقتىدار تارمەنىدىكى «مەن»نى شەكىللەندۈرگەن بولسا، جەمئىيەت ۋە مۇھىت يەنە كەڭ مەنىدىكى ئىنسانلىق ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئەمما،بۇ ئىككى نۇقتا ھەققىدىكى تۇنۇش ئوخشىمىغان قىممەتتە ئىپادىلىنىپ،كىشلىك ھايات ھەققىدىكى تۇنۇشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.كىشىلەرنىڭ ھايات ھەققىدىكى قارىشى مۇنۇ ئىككى نۇقتا ئارىسىدا ئارىسالدىلىقتا،تاللاشتا تۇرىۋاتقان بولىدۇ.
1.تاردائىرىدىكى«مەن» مەركەز ۋە ئۆلچەم قىلىنسا: ياشاش— بارلىقىم،بارلىقىم— ياشاش؛ نەپسىم ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
2.كەڭ دائىرىدىكى «مەن»نىڭ (ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت) نۇقتىسىدىن: مەن— توپ،قەۋم،ئوخشاش بىر ئاتا-ئانىدىن ئاپىرىدە بولغان،يىلتىزداش.شۇڭا،مەن ئۇلارنىڭ بىرقىسمى،ئۇلارسىز مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇممۇ بولمايدۇ؛ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇشۇم،ئۇلارغا مەسئۇل بولۇشۇم لازىم.
ئەمەلىيەتتە،يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بىرلا نۇقتىغا مۇتلەق ئېغىپ كېتىدىغانلار ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.شارائىت ۋە تۇنۇش چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن، مۇشۇ ئىككى ئۇچنى داۋاز كالتىكى قىلىپ كۆتىرىپ كېتىۋاتقانغا ئوخشايدىغان ھەربىر ئوخشىمىغان(تار)مەننىڭ بەزىلىرى بىرىنچى نۇقتىغا،بەزىلىرى ئىككىنچى نۇقتىغا ئاغىدۇ.ھازىر مودا بولغان «قىممەت»نۇقتىسىدىن ياكى پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن بولسۇن،يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بارلىق تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدۇر.
   ئىنسان توپىنىڭ داۋاملىشىشىدا ھەربىر ئىنساننىڭ بۇرچى،مەسئۇلىيتى بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئىجتىمائى قىممىتى ئۇنىڭ ئىنسان توپىنىڭ داۋاملىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن قانچىلىك ھەسسە قوشقانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. جەمئىيەتكە ۋە باشقىلارغا سالغان زىيىنى تۆھپىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرقارا يۈز سانىلىدۇ،ئۇنداقلارنىڭ ئىجتىمائى قىممىتى مەنفى ئىپادىلىنىدۇ.جەمئىيەت ۋە باشقىلار ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى زىيىنىدىن ئارتۇق بولغانلار يۇقىرى قىممەتكە،ئىناۋەتكە ئىگە بولىدۇ.ئادەمنىڭ قىممىتى مەسلىسىنى يىغىپ كەلسەك،مۇشۇنچىلىكلا ئىش.
      گەپنى قىسقارتساق،ھاياتنىڭ مەنىسى— كىشىلىك ھايات قارىشىنىڭ ئاكتىپ ياكى پاسسىپ بولۇشى،روھىيەت تارازىسىنىڭ تارمەنىدىكى مەنگە قاراپ ئېغىشى ياكى كەڭ مەنىدىكى مەنگە قاراپ ئېغىشى،ئىنسان توپىغا قارىتا مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، شۇنداقلا، ھەركىمنىڭ ھاياتنىڭ مەنىسنى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشىنىپ يەتكەنلىكى ۋە تاللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئەمىن ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-28 17:32  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  767
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 603
تۆھپە : 6
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 00:50:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

               شەكىل لوگىكىسى(فورمال لوگىكا) ھەققىدە قىسقىچە بايان

                                                        مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


    شەكىل لوگىكىسى- شەكىل(تەپەككۇرنىڭ لوگىكىلىق شەكىللىرى) قۇرۇلمىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەپەككۇرنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئىنسانىيەت تەپەككۇرىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپلا قالماستىن، تەپەككۇرنىڭ ئېنىقىلىقىنى يادرو قىلىپ، بىريۈرۈش قائىدە،ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مەسلىلەر ئۈستىدە توغرا تەپەككۇر قىلىشىغا ۋە ئۆزتەپەككۇرىنى توغرا ئىپادىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئۇنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى زۆرۈر قورالى،دەپ ئېيتالايمىز. ئەڭ دەسلەپ ئارسىتوتېل«مېتافىزىكا»ۋە «ئورگانۇن»دا شەكىل لوگىكىسى ئۈستىدە خېلى ئەتراپلىق توختالغانىدى①.

    شەكىل لوگىكىسىغا تەئەللۇق تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرى ۋەتەپەككۇر شەكىللىرى مۇنداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:

1)ئۇلار ئوبيېكتىپ شەيئىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان.ئۇلار ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق،ئەڭ مۇھىم قانۇنىيەتلىرى،مۇناسىۋەتلىرى،خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ كىشلەر ئېڭىدا سانسىز قېتىملاپ،تەكرار-تەكرا ئەكىس ئەتتۇرۈلىشىدىن شەكىللەنگەن.شۇڭلاشقا،ئۇمۇمى ئەھمىيەتكە ئىگە.ئۇلارنى بىلىش،تەتقىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلنىشقىلا بولىدۇكى،خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ،ئۆزگەرتىشكە،ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس.شەكىل لوگىكىسى تەپەككۇرنىڭ باشلانغۇچ قانۇنىيەتلىرى ۋە شەكىللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى دېئالىكتىك لوگىكىغا سېلىشتۇرۇلغان ھالدا ئېيتىلغان.

2)شەكىل لوگىكىسى بىرخىل قورال خارەكتېرلىك پەن،ئۇنىڭدا ئېيتلىغان بۇ قانۇنىيەتلەر،بۇ شەكىللەرنىڭ سىنپىيلىگى يوق.ئۇلار ھەممە سىنىپقا ئورتاق،ھەممە سىنىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،پۈتۈن ئىنسانغا بىردەك قارايدۇ.

3)بۇ قانۇنىيەتلەر،بۇ شەكىللەر توغرا تەپەككۇرنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى. شەكىل لوگىكىسى كونكېرت ئايرىم شەكىللەرنى ئەمەس،بەلكى ئۇمۇمىي شەكىللەرنى،ئۇمۇمىي قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدۇ②.بۇ مەنىدىن ئۇنى تەپەككۇرنىڭ گىرامماتىكىسى،دەپ ئېيتىش مۇمكىن.

    20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا شەكىل لوگىكىسىنى« مېتافىزىكا» دەپ قاراپ تەنقىدلەش بولدى ھەم دىئالېكتىكا «بىردىنبىر ئىلمىي لوگىكا» دەپ قارالدى.بۇنىڭ تەسىرىدە ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو جەمئىيتىدىمۇ شەكىل لوگىكىسىغا قارشى تۇرۇش خاھىشىدا بولغانلار كۆرۈلدى.ئەمما 1949-يىلدىن بۇرۇن بۇخىل خاھىشلارنى جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىمى بولدى،دېيىشكە بولمايدۇ.1949-1950-يىللىرى بۇ خىل خاھىشلار جەمئىيەتتىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغانىدى.1950-يىلى سىتالىننىڭ«ماركىسىزىم ۋە تىلشۇناسلىق مەسلىلىرى»دېگەن ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شەكىل لوگىكىسى جۇڭگودائاندىن «ئاقلاش»قا ئېرىشتى. بۇخىل ئاقلاش سوۋېتچە تۈس ئالغان بولۇپ، شەكىل لوگىكىسى يەنىلا« ئىپتىدائى لوگىكا »دەپ قارىلاتتى. بۇخىل قاراشلار لوگىكىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپلا قالماي يەنە سوفىستىك ئىدىيلەرنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولغان ۋە يول قويغانىدى. گېگىل لېيبىنتىسنىڭ ماتېماتىكىلىق لوگىكا قىياسلىرىنى پۇتۈنلەي يوققا چىقىرىپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى.1961-يىلىغا كەلگەندىلا،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەزى دەرسلىكلىرىدىكى يۇقارقىدەك خاتالىقلارغا قارىتابىرقېتىملىق "تازىلاش" ئېلىپ بېرىلدى.

    قىزىقارلىقى، گېگىلنىڭ «تار لوگىكا»سى ۋە «كەڭ لوگىكا»سىدا سۆزلەنگىنى تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىدىئالىستىك پەلسەپە بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئەڭ ئاز سۆزلەنگىنى ئىدىيالىزىم، كۈچەپ سۆزلەنگىنى ماتېرىيالىزىم ئىدى،بۇلار زىددىيەتلىك رېئاللىق ئىدى.مېتافىزىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئىدىئالىستىك دېئالىكتېكا ئىدىيسىنى تىكلەش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش-بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيتى ئىدى ③.

    خۇلاسە شۇكى، غەربنىڭ ھازىرقى زامان لوگىكىسى18-ئەسىردە جۇڭگوغا كىرگەندىن باشلاپ بۈگۈنگىچە ئېتىكا(伦理学)،لىزېشۆ(理则学،ئەڭ دەسلەپ سۈن جۇڭشەن ئېنگىلىزچە Logicسۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە شۇنداق ئالغان)قاتارلىق بىرقانچە ناملار بىلەن ئاتالغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ھازىرقى ئىلمىي نامى بولسا شەكىل لوگىكىسى(فورمال لوگىكا،ئېنگىلىزچە ئاتىلىشىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاھاڭى)بولۇپ، ئۇ ماتېماتىكىلىق لوگىكا ۋە دىئالېكتىكىلىق لوگىكىدىن پەرقلىنىدۇ. نېگىزىدىن ئېيتقاندا، فورمال لوگىكىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى سېلىشتۇرما ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئۇقۇملاردۇر. ئۇ ئادەتتىكى لوگىكا بىلەن پەرقلىنىدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئەمىن ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 01:01  


بىلىم دوست تۇتمايدۇ ماختانچاقنى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1423
تۆھپە : 0
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 23:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزغا  تەشەككۈر ! بۇ مەن ئەڭ نەپ ئالغان تېما بولدى .

قەلبىنۇر ئىلياس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش