ximal
كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 0

پولات غەنىزات غەيۇرانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 11:00:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

QWWWWQQ.jpg

    پولات غەنىزات غەيۇرانى 1961- يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1980- يىلى 11- ئايدا ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسى باسما زاۋۇتىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1985- يىلى 8- ئايدا  ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ گېزىت چىقىرىش  بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1988- يىلى 9- ئايدىن 1991- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1996- يىلى 11- ئايدىن 2008- يىلي 5- ئايغىچە ئۇيغۇر تەھرىر مەخسۇس بەتلەر بۆلۈمى ئەدەبىيات- سەنئەت گۇرۇپپىسىدا ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2008- يىلى 5- ئايدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىرگېزىت چىقىرىش بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ. كەندىدات ئالىي مۇھەررىر، ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە. 2000- يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.  
يازغۇچى ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى پولات غەنىزات غەيۇرانىنىڭ ‹‹بالىلار- ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ياخشى ئوقۇشلۇق››، ‹‹‹ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر ۋە تۈنلەر› دىن تۇغۇلغان ئويلار، ››، ‹‹ئەدەبىي ئاخباراتتىكى باش تېما ۋە تېما››، ‹‹چارەك ئەردىن ئەرەب ئاياللار ئەدەبىياتىغا نەزەر››، ‹‹ئاق مەرۋايىت› نىڭ قىممىتى›› قاتارلىق   30 نەچچە پارچە ئەدەبىي ئوبزورى، ‹‹بوتولكىچى بالا››، ‹‹ئىنساپ››، ‹‹دۇنيادا ياخشىلار كۆپ››، ‹‹داۋۇت شۆلگەي››، ‹‹ئىككى قوشاقچى››، ‹‹مەشھۇر زاتلار يىغىلىشى››، ‹‹بۇلانغان تەلەمچى››، قاتارلىق 40 نەچچە پارچە ھېكايىسى  ئېلان قىلىنغان. چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىدىن ››ئارتىس›› قاتارلىق 20 پارچە  ھېكايىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە 1996- يىلى گېزىت ئەدەبىيات بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا    ‹‹‹ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر ۋە تۈنلەردىن›تۇغۇلغان ئويلار›› دېگەن ئەدەبىي ئوبزورى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ تەھرىرلىگەن ‹‹مانا تاماشا›› ناملىق نەسر ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ تەھرىرلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ 2009 – يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ھېكايىلەر ۋە ئەدەبىي ئوبزورلاردىن تەركىب تاپقان ‹‹دۇنيادا ياخشىلار كۆپ›› ناملىق(351 بەتلىك) كىتابى نەشر قىلىنغان ھەم ‹‹كەتتى شائىر، ئول نەۋايى قېشىغا›› (557 بەت)  بىر پارچە ئوبزورلار توپلىمى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئاپتورنىڭ يەنە ‹‹مەنمۇ دەپ باقاي›› ناملىق  ئەسلىمە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلاردىن تەركىب تاپقان كىتابى نەشرگە تاپشۇرۇلدى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Polat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 12:54  


96_avatar_big--polat.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش