ئارتۇچ يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 16:40
يازغۇچىلار جەمئىيىتى كەڭ سەھرالاردىكى دىھقان قەلەمكە ...
ئارتۇچنىڭ دېگەن پىكرىنى مەنمۇ قوللايمەن. 2012-يىلى كونا مۇنبەر بار ۋاقتىدا مەن بۇ ھەقتە بىر تېما يوللىغانىدىم. ئۇستاز يازغۇچى- شائىرلاردىن تارتىپ ھەۋەسكار قەلەمكەشلەرگە قەدەر بۇ پىكرىمنى قوللىغانىدى. «يازغۇچىلار مۇنبىرى» نىڭ باش مۇھەررىرى ئەيبۇ ياقۇب ئاكىمۇ ئىپادە بىلدۈرگەنىدى. مەن بۇ يىغىنىدا مۇشۇ ھەقتىكى گەپلەرنىڭ بولۇنغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئارتۇچ دېگەندەك يېزا- قىشلاقلاردىكى كۆپ ئوقۇيالمىغان، ئەمما ئەدەبياتقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان قەلەم ئىگىلىرىنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېقىندىن قوللاپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى ئۈچۈن رىغبەت ۋە مەدەت بېرىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن...