شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك 6-قېتىملىق دائىمىي ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك 6-قېتىملىق دائىمىي ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شىخەنزە سارىيىدا ئېچىلدى.يىغىنغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن غەيرەت ئاسىم، دوڭ لىبو قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرى، ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەتلەردىكى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قىسمەن ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرلىرىدىن بولۇپ 70 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
يىغىنغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇئاۋىن رەئىس دوڭ لىبو يىغىندا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە ۋە 2013-يىللىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىرى ھەققىدە دوكىلات بەردى. ئاندىن يىغىنغا قاتناشقان 17 دىن ئارتۇق ۋەكىل بېرىلگەن دوكىلاتنى چۆرىدەپ، «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلەر ۋە ئازسانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى»، توختاملىق يازغۇچىلارنى يولغا قويۇش چارىسى، ئەدىبلەرنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە ياش كۈچلەرنى تەربىيەلەش قاتارلىق تېمىلار بويىچە پىكىر، تەكلىپلەرنى بېرىپ قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى .
ئاخىرىدا خۇاڭ يوڭجۈن، ئازات سۇلتان قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلىپ ئۆزىلىرىنىڭ كەڭ يازغۇچىلار، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ۋە ژۇرناللاردىن كۈتىدىغان تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.