يېڭى كىتاب ئۇچۇرى (44 ـ سان)
يېقىندا شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ـ فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن ـ سىن نەشرىياتى يازغۇچى نىياز ئىمىننىڭ «سىرلىق ئەرۋاھ» ناملىق ھېكايە، نەسرلەر توپلىمىنى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شائىر ئوبۇل ھاشىمنىڭ «ئاشىقلىق كۈيى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى «غەربكە ساياھەت» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سۇن ۋۇكۇڭ رولىنى ئالغان ليۇشياۋ لىڭتۇڭ ئەپەندىم يازغان «سۇن ۋۇكۇڭ بايانىدىكى غەربكە ساياھەت» ناملىق 2 قىسىملىق كىتابنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىگە سۇندى.