50يىلدا —— 50 نامة
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنغان تاجىك مەدەنىيىتىگە
ئائىت مۇھىم ئەسەرلەر كاتالوگى
شېرىن قۇربان
50年的历程50部书 — 中国塔吉克文化50年
作品简介
پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئالاھىدە گىئوگرافىيىلىك شارائىتى ۋە ئادەمىيلىك مۇھىتى بۇ رايۇندا بىر خىل سېھرىي ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن .بۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر بولغان جۇڭگو تاجىك مەدەنىيىتىدۇر . بۇ مەدەنىيەت شۇنداق مەشھۇر .ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم دۇردانىلەر، ئالايلۇق، قەدىمكى تاش شەھەر، مەلىكە قورغان، بۈركۈت نەي ۋە بۈركۈت ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئۇلۇغ مۇبارەك نامى ھەتتا جاھانشۇمۇل گرېك كىلاسسىكلىرى پىتولمى(تەخمىنەن مىلادىيە 168 - 90 يىللار )سىترابون (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 63- يىلدىن مىلادىيە 20- يىللارغىچە) ۋە ئارىئەن (مىلادىيە 95 – 175 يىللار) نىڭ ئالەمشۇمۇل كاتتا ئەسەرلىرىدىن ئورۇن ئالغان. جۇڭگو تاجىك مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ماركو پولۇ (1254 – 1324 )، ئاۋرىل سىتەين ( 1862– 1934 )، سىۋىن ئاندىرىس ھىدىن ( 1865–1952 )، داگوگۇاڭرۈي ( 1876– 1948 ) ، يانخاسىن ( 1863– 1943 ) قاتارلىقلارنىڭ خاتىرە ئەسەرلىرىدە ئاجايىپ مول ۋە قىزىقارلىق بايانلار، تەسىۋىرلەر ۋە سۈپەتلەر يېزىپ قالدۇرۇلغان. لېكىن، بىز شۇنىڭغا ناھايىتى دىققەت قىلدۇقكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ ئۆتۈپتۇ . پارچە - پۇرات تارىخىي خاتىرىلەر، يازمىلاردىن باشقا، جۇڭگو تاجىكلىرىنىڭ مەدەنىيىتى توغرۇلۇق بىرەرمۇ كىتاب يېزىلماپتۇ . ئازادلىقتىن كېيىن بولۇپمۇ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىغا قەدەرمۇ تاجىك مەدەنىيىتىگە ئائىت تۈزۈكرەك مۇكەممەل كىتاب، ئەسەر ياكى مەجمۇئە - توپلام تاپقىلى بولمايدۇ.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا يولغا قويۇلغان ئىسلاھات ئېچىۋىتىش دولقۇنى تاجىك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قانات بەردى . شۇڭا تاجىك مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان زور نەتىجە - مۇۋەپپىقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت :
بىرىنچىدىن؛ تاجىك مەدەنىيىتىنىڭ گۈل تاجىسى بولغان تاجىك ئەل ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى، ئەپسانە - رىۋايەتلەر، ھېكايە - چۆچەكلەر، مەسەل - لەتىپىلەر، داستان - قوشاقلار، غەزەل - رۇبائىيلار، مەرسىيە - قەسىدىلەرنى يىغىش، توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىپ، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان تاجىك ئەل ئەدەبىياتى ئاساسى جەھەتتىن قۇتقۇزىۋېلىندى.
ئىككىنچىدىن؛ تاجىك خەلق سەنئىتى تاغ ئارىسىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلىنىشكە باشلىدى. تاجىك كلاسسىك مۇزىكىسى، ئۇسسۇلى، چالغۇ - ئەسۋابلىرى ۋە ئەلنەغمىسى توپلىنىپ، رەتلىنىپ، سەھنىلەردە كۆرسۈتۈلدى. تاجىكلار ئىچىدىن نۇرغۇن سەنئەت چولپانلىرى بارلىققا كېلىپ، تاجىك سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى.
ئۈچىنچىدىن؛ تاجىك يازما ئەدەبىياتى راۋاجلىنىپ، بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. تاجىك ئەدەبىياتىدا بىر تۈ*ركۈم ياش ۋە ئوتتۇرا ياش يازغۇچى ئەدىبلەر بارلىققا كەلدى. پىروزىچىلىق ۋە پوئىزچىلقتا پاراللېل تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
تۆتىنچىدىن؛ تاجىك مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىقىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ بىر قىسىم بوشلۇقلار تولدۇرۇلدى. تاجىكلارنىڭ ئۆز تەتقىقاتچىلىرى بارلىققا كېلىپ، ناھايىتى قىممەتلىك تەتقىقات ئەسەرلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلىپ جامائەتچىلىك ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.
بۇ يەردە بىز تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيانقى تاجىك مەدەنىيىتىگە ئائىت نەشر قىلىنغان مۇھىم ئەسەرلەر توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىمىز.
1. ‹‹تاجىكلارنىڭ قىسقىچە تارىخى››
بۇ كىتاب دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى مىللىي مەسلىگە دائىر بەش يۈرۈش مەجمۇئە ‹‹جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن مەجمۇئە›› نىڭ بىرى بولۇپ، 1958- يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر ئىنستىتوتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجتىمائىي تارىخىنى تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يېزىلىشقا باشلاپ، 1961- يىلى يازدا ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى پۈتكەن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982- يىلى خەنزۇ تىلىدا بۇ كىتابنى ‹‹جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن مەجمۇئە — تاجىكلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›› نامى بىلەن نەشر قىلىنغان. 1985- يىلى بۇ كىتاب ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. كىتاب جەمئىي بەش باب بولۇپ، تاجىكلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى قىسقىچە بايان قىلىنغان.
2.‹‹تاجىكلارنىڭ ئىجتمائىي تارىخىنى تەكشۈرۈش››
بۇ كىتاب دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى مىللىي مەسىلىگە دائىر بەش يۈرۈش مەجمۇئەنىڭ بىرى — جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى مەجمۇئەسى ئىچىدىكى بىر مەجمۇئە بولۇپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىق ئىنسىتىتوتى 1956- يىلدىن 1960- يىلىغىچە تاشقورغان، پوسكام ۋە يەكەن ناھىيىلىرىدىكى تاجىكلار رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئاساسىدا يېزىلغان. 1984- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بۇ كىتابنى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلغان. پۈتۈن كىتاب جەمئىي سەككىز مەسىلە توغرىسىدىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مول ماتېرىياللىق ۋە ئۇچۇر قىممىتىگە ئىگە.
3.‹‹ تاجىك تىلىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى ››
بۇ كىتاب دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى مىللىي مەسىلىگە دائىر بەش يۈرۈش مەجمۇئەنىڭ بىرى بولغان ‹‹جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل تەزكىرىسى مەجمۇئەسى›› ئىچىدىكى بىر مەجمۇئە بولۇپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىدىن تىلشۇناس گاۋئېرچاڭ ئەپەندى يازغان. تاجىكلار ئىچىدىن پولات مۇھەممەد، تابىلدى ھوشۇر ۋە گۈلمىر مەمەتلەر مەزكۇر تۈر تەتقىقاتقا قاتناشقان. كىتابتا تاجىك تىلىنىڭ فونىتىكىسى، لېكسىكىسى، مورفولوگىيىسى ۋە سىنتاكسىسى دەسلەپكى قەدەمدە بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985- يىلى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلنغان .
4.‹‹تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى››
بۇ كىتاب دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى مىللىي مەسىلىگە دائىر بەش يۈرۈش مەجمۇئەنىڭ بىرى بولغان ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونوم جايلىرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى مەجمۇئەسى›› ئىچىدىكى مەجمۇئە بولۇپ، ‹‹تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى›› نى يېزىش گورۇپپىسىدىن يازغۇچى مەدەلخان بالۇن بىلەن رەھمانقول قاتارلىقلار يېزىپ چىققان. كىتاب سەككىز باب بولۇپ، تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ گىئوگرافىيىسى، قىسقىچە تارىخى، ئۆرپ - ئادىتى، ئازادلىقتىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988- يىلى بۇ كىتابنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلغان. كىتاب 1995- يىلى مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ باھالىنىپ ئاپتونوم رايون بويىچە مۇكاپاتلانغان .
5.‹‹ سەرىكوي تىلى توغرىسىدا ئومۇمى بايان ››
بۇ بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل يېزىق تەتقىقاتى ئىنىستىتوتىدىن ت . خ پاخالىنا خانىمنىڭ ئەسىرى بولۇپ، 1969- يىلى موسكۋادا ئىلىم - پەن نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان. پاخالىنا خانىم 1956- يىلى تاشقورغانغا كېلىپ سەرىكوي تاجىك تىلى ئۈستىدە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىردە سەرىكوي تاجىك تىلىنى ھەرقايسى تەرەپلەردىن نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن بىر قەدەر ئەتراپلىق شەرھىلىگەن .
6. ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تاجىكلار تارىخى››
بۇ ئەسلىدە تاجىك تارىخچىسى ۋە ئاكادىمدىكى باباجان غاپۇرۇف ) 1908– 1977 ( نىڭ نوپۇزلۇق ئەسىرى بولۇپ، دۇنيادا تاجىكشۇناسلىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا شۇناسلىق ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ۋە كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئېلىمىزدە 1985- يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقاتى ئىنىستىتوتىدىن شياۋجىشىڭ ئەپەندىنىڭ تەرجىمىسىگە ئاساسەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى بۇ ئەسەرنى نەشر قىلغان. 1988- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى مەزكۇر ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئەسەر ئېلىمىزدە چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان .
7. ‹‹ تاجىك مىللىتى ››
بۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقاتى ئىنىستىتوتىدىن شياۋجېشىڭ ئەپەندىنىڭ مەخسۇس ئەسىرى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989- يىلى نەشر قىلىنغان. شياۋجېشىڭ ئەپەندى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەش يۈرۈش مەجمۇئە ئىچىدىكى‹‹تاجىكلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›› نى يازغان. بۇ كىتاب ناھايىتى ئاددىي بولۇپ قالغان، كېيىن ئۇ باباجان غاپۇرۇفنىڭ ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تاجىكلار تارىخى›› نى رۇس تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تاجىكلارنىڭ تارىخى مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە بىلىمى ئاشقان. مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇ ‹‹تاجىك مىللىتى›› ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، تاجىكلارنى بىر قەدەر ئەتراپلىق ۋە كونكرېت بايان قىلغان .
8. ‹‹ تاجىك مىللىتى ››
بۇ جۇڭگو شىنجاڭ مىللەتلىرى ئېتنوگرافىيىسىگە دائىر بىلىملەر مەجمۇئەسى ئىچىدىكى مەجمۇئە بولۇپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىن لى شياۋشيا يازغان. 1996- يىلى شىنجاڭ گۈزەل - سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئەسەردە تاجىكلارنىڭ ئىكىئولوگىيىلىك مۇھىتى، قىسقىچە تارىخى، ئىجتىمائىي ئىقتىساد - ئىگىلىكى، ماددىي مەدەنىيىتى، ئائىلە ۋە نىكاھ، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت سەنئىتى، ئىتنوگرافىيە ۋە ئەخلاق - پەزىلىتى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىنغان.
9. ‹‹ جۇڭگو تاجىكلىرى ››
بۇ مەخسۇس ئەسەرنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفسسورى شېرىن قۇربان بىلەن تاجىك يازغۇچىسى مەدەلخان بالۇن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ 40 يىللىق بايرىمىغا ئاتاپ يازغان . شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى 1994- يىلى 8- ئايدا بۇ ئەسەرنى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلغان. خەنزۇچە يېزىشقا دۈەن شىيۇ ئەپەندىمۇ قاتناشقان. بۇ كىتاب ھازىرغا قەدەر مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا جۇڭگو تاجىك مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلغان نوپۇزلۇق ئىلمىي ئەسەر بولۇپ، مەزمۇن دائىرىسى تاجىكلارنىڭ گىئوگرافىيىلىك شارائىتى، ئۇزاق تارىخى، دىنىي ئېتىقادى، ئىتنوگرافىيە - فولكلورى، تىل - يېزىقى، ئەدەبىيات - سەنئىتى ۋە ئەخلاق - پەزىلەت مەدەنىيىتىگە چېتىلىدۇ . مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورلىرى ئۇزاق مۇددەتكىچە تاجىك مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى، زور مىقداردىكى تارىخى يازمىلار، ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار ۋە ئەل مەدەنىيەت ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكەنلىك سەۋەبلىك، ئەسەرنىڭ تارىخى ۋە ماتېرىياللىق قىممىتى زور دەرىجىدە ئاشقان. بۇ كىتاب ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پەن - تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ باھالانغان ۋە مۇكاپاتلانغان.
10. ‹‹ تاجىك مەدەنىيەت تەتقىقاتى ››
بۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفىسسورى شېرىن قۇرباننىڭ تۇنجى ئىلىمى ماقالىلىرى توپلىمى بولۇپ، 1992- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. ئەسەردە جەمئىي 19 پارچە ماقالە بېرىلگەن بولۇپ، تاجىك مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابتىكى ماقالىلەر ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە .
11. ‹‹ شىنجاڭ تاجىك ئەدىپلىرى ››
بۇ تاجىك كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، دوكتور زەمىر سەيدۇللا زادەنىڭ ئىلىمىز تاجىك ئەدەبىياتى ساھەسى بويىچە ئىشلىگەن تۇنجى ئەسىرى بولۇپ، 1990- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. ئەسەرگە ئازادلىقتىن كېيىن تاجىكلار ئىچىدىن يىتىشىپ چىققان 13 ئەدىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى ۋە 149 پارچە ھەرخىل ژانېردىكى ئەسەرلىرى بېرىلگەن بولۇپ، زور بەدىئىي ۋە ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە. ئەسەردىن تاجىك خەلقىنىڭ 40 يىللىق ھايات مەنزىرىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
12. ‹‹ تاجىك خەلق ئەدەبىياتى ››
بۇ تاجىك خەلق ئەدەبىياتى بويىچە تۇنجى مەجمۇئە بولۇپ، 1984- يىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. مەجمۇئەگە تاجىكلار مەدەنىيىتىنىڭ دۇردانىسى بولغان ‹‹مۇز تاغ ئاتا›› رىۋايىتى، ‹‹بۈركۈت نەي›› رىۋايىتى، ‹‹پەرھات ئۆستىڭى›› رىۋايىتى، ‹‹دۇختەرى زەرىن›› داستانى، ‹‹نىگار ۋە مەجنۇن›› داستانى ھەمدە نۇرغۇن چۆچەكلەر ۋە مەسەللەر، ماقال - تەمسىللەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى زور ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە. توپلامدىكى ئەسەرلەرنى تاجىك يازغۇچىلىرى تابىلدى ھوشۇر، مەدەلخان بالۇن، مۇنى تابىلدى، راھمانقول، دەرياباي قاتارلىقلار توپلاپ رەتلىگەن.
13. ‹‹خۇش ئامەدى››
بۇ توپلامنى ئاتاقلىق تاجىك يازغۇچىسى ئاتىكە زەمىرى قىزى 1984- يىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلىگەن بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا سەككىز تاجىك شائىرنىڭ 60 پارچە شىئېرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ شىئېرلار تاجىك ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە .
14. ‹‹ پامىر ھېكايىلىرى ››
بۇ تاجىك يازغۇچىسى ئاتىكە زەمىرى ئىشلىگەن تاجىك يازغۇچىلىرىنىڭ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، 1987- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. توپلامغا ئالتە تاجىك يازغۇچىسىنىڭ 14 پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ھېكايىلاردا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تاجىك جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يارقىن مەنزىرلىرى رەڭگارەڭ پىرسۇناژلارنىڭ پائالىيىتى ۋە ئىدىيىۋى - ھېسسىياتى ئارقىلىق ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن .
15. ‹‹مۇز تاغ سۆيگۈسى››
بۇ بىر شىئېرلار توپلىمى بولۇپ ، تاجىك شائىرى ئىسمائىل ئەزىز نەشرىگە تەييارلىغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1992- يىلى بۇ توپلامنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلغان. توپلامغا 10 تاجىك شائىرنىڭ 182 پارچە شىئېرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ شىئېرلار ئىدىيىۋىي مەزمۇنىنىڭ ساغلاملىقى بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى، مىللىي پۇرىقىنىڭ قويۇقلىقى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر تاجىك شىئېرىيىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى نامايان قىلىدۇ . ئاتىكە زەمىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك داستانى بولغان «ۋاپا بىلەن گۈلشاد» مۇ مەزكۇر توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. توپلامنىڭ ماتېرىياللىق قىممىتى بىر قەدەر زور .
(داۋامى بار) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايبۈۋى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-5 22:48
|