- UID
- 186
- يازما
- 39
- ھوقۇقى
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2012-3-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-14
|
31. سەئدى «گۈلىستان» دىكى تەۋسىپ سەنئىتى توغرىسىدا
دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسى 1996- يىلى تاجىكىستان ئىلمىي نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ( رۇس تىلىدا ) .
دېسسىرتاتسىيە كىرىش سۆز ۋە ئۈچ چوڭ بابقا بۆلۈنگەن. كىرىش سۆزدە ‹‹گۈلىستان›› نىڭ دۇنياۋى تەتقىقاتى، بۇ ماۋزۇدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار، نەتىجىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ دېسسىرتاتسىيىدە ھەل قىلىنىدىغان ئىلمىي مەسىلىلەر، ئۇلارنىڭ قىممىتى تونۇشتۇرۇلىدۇ .
1- بابتا تەۋسىپ سەنئىتىنىڭ باشقا بەدىئىي سەنئەتلەر بىلەن بولغان پەرقى ۋە ئورتاق تەرەپلىرى ئۇنىڭ ئاپتورنىڭ خاس ئۇسلۇبى ئېنىقلاشتىكى مۇھىم رولى سۆزلىنىدۇ . شۇ ئاساستا ‹‹گۈلىستان›› دىكى تەۋسىپ سەنئىتى تەھلىل قىلىنىپ ئاپتورنىڭ ئۇسلۇبى ئېنىقلىنىدۇ .
2- بابتا تەۋسىپتە قوللىنىلغان سۆزلەر لىكسىكا نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىدۇ .
3- بابتا گۈلىساندىكى تەۋسىپ سەنئىتى قوللىغان ئوبرازلار تۈرلەرگە ئايرىلىپ ئالاھىدىلىكى تەھلىل قىلىنىدۇ .
مەزكۇر دېسسىرتاتسىيە تاجىكىستاندا تۇنجى قېتىم تەھلىل ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولغاچقا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن ۋە ئىلمىي كېڭەشتە 0 گە قارشى 17 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ نەشرگە يوللانغان.
32. ‹‹ ئالدىراش دۇنيا ››
بۇ ياش تاجىك يازغۇچىسى سەپەروپ بەندوكنىڭ نەسىرلەر توپلىمى بولۇپ، 2002- يىلى قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى، راۋان ۋە قىزىقارلىق تىلى، تولۇپ تاشقان ئاجايىپ قىزغىن ھېسسىياتى بىلەن نەسردىن ئىبارەت بۇ ژانىردىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۆزىنى ھاياجانلاندۇرغان تۈرلۈك شەيئىي ۋە ھادىسىلەر ئۈستىدە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزىدۇ. نەسرلەرنىڭ سەھىپىسى كىچىك، ئىخچام بولسىمۇ، ئەمما كىشىنى جەلپ قىلىپ ھاياجانغا سالىدۇ . ئۇنىڭ بۈگۈنكى تاجىك ياشلىرىنىڭ جەمئىىيەتكە ۋە دۇنياغا بولغان قارىشىنى بىلىشكە بولىدۇ . شۇڭا، ئۇ قولغا ئېلىپ ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان قىزىقارلىق كىتاب.
33. «ئېگىز تاغ كېسەللىكلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش»
بۇ تاجىك دوختۇرى سىجەك ۋەزىرىنىڭ مەخسۇس ئەسىرى بولۇپ، 1987- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. كىتابتا ئېگىزلىك ۋە ئېگىز تاغلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى ئاممىباب ھالدا بايان قىلىنغان. تىببىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ يېزىلىشى ۋە نەشر قىلىنىشى ئەھمىيەتلىك ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. كىتاب ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ .
34. «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»
بۇ ئىلىمىز تاجىكلىرىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشى ۋە ۋەتەن چېگرىسىنى قوغداشتىكى قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن نادىر ھېكايە فىلىمى بولۇپ، 1963- يىلى چاڭچۈن كىنو سىتودىيىسى ئىشلىگەن. فىلىم سىنارىيىسىنى بەيشىن يازغان. جاۋ شىنشۈي فىلىمگە رىژىسورلۇق قىلغان. تاجىك تىل - يېزىق تەتقىقاتچىسى گۈلمىرە مەمەت فىلىمنىڭ تاجىك مىللىي ئۆرپ - ئادىتى مەسلىھەتچىسى ۋە قوشۇمچە رول ئالغان. فىلىمنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭق چىقىرىشىدا بىرى ۋەقەلىكى ياخشى، بىرى، تاجىك مىللىي مەدەنىيىتى جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە . يەنە بىرى تاجىكلارنىڭ مەشھۇر «گۈلبىتە» ناخشىسى («گۈل نېمىشقا شۇنچىۋالا قىزىل ؟» ) ناھايىتى يېقىملىق، شۇڭا فىلىم 40 يىلدىن بېرى كىشىلەر قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ كەلمەكتە.
35. ‹‹ گۈلمىروي ››
بۇ ئۇيغۇر شائىرى مامۇت زايىت ئەپەندىنىڭ شىئېرى رومانى بولۇپ، 1982- يىلى ئۇيغۇر تىلىدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. روماندا تاجىك قىزى گۈلمىروي بىلەن پولاتنىڭ پاك سۆيگۈ - مۇھەببىتى ۋە ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلق ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل تاجىك خەلقىنىڭ زۇلىمەتلىك كونا جەمئىيەتتىكى ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى ۋە ئازادلىق دەۋرىدىكى بەختىيار تۇرمۇشى يورۇتۇپ بېرىلگەن. رومان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ تاجىك خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان، تاجىك يازغۇچىسى شېرىن قۇربان «تاجىك خەلقىنىڭ تىپىك ئوبرازى» دېگەن تېمىدا ئوبزور يېزىپ، رومانغا يۇقىرى باھا بەرگەنىدى. رومان مۇئەيىيەن تارىخى ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە.
36. ‹‹ تاجىك خەلق چۆچەكلىرى ››
بۇ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987- يىلى خەنزۇ تىلدا نەشر قىلىنغان. تاجىك خەلق چۆچەكلىرى توپلىمى بولۇپ، توپلامغا جەمئىي 40 چۆچەك كىرگۈزۈلگەن. «مۇز تاغ ئاتا رىۋايىتى»، «بۈركۈت نەي رىۋايىتى»، «پەرھات – شېرىن ئۆستىڭى رىۋايىتى»، «داپ رىۋايىتى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر مەزكۇر توپلامغا كىرگۈزۈلۈپ تۇنجى قېتىم خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان ۋە دۆلەت ئىچىگە تارقىتىلغان. توپلام نەشر قىلىنغاندىن كېيىن خەنزۇ ئاپتورلىرى ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن.
37. «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيە تارىخدىن ئوچىرېكىلار»
مەزكۇر ئەسەر دۆلەت ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى ئىچىدىكى تەتقىقات تۈرى بولۇپ، مائارىپ مېنىستىرلىكى ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە يۈز نۇقتىلىق تەتقىقات بازىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى، لەنجۇ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنڭ ئىلمىي ئەسەرلەر مەجمۇئەسى ئىچىدىكى ئەسەردۇر. ئەسەردە پروفىسسور شېرىن قۇربان تاجىكلارنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيە تارىخىغا ئائىت«فىردەۋسى ۋە ئۇنىڭ شاھنامە ئىپوسىدىكى پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي قاراشلار»، «ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى»، «ئىسمائىلە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى» قاتارلىق ئۈچ بابنى يېزىپ تاماملىغان. بۇ ئازادلىقتىن بۇيان تاجىكلارنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيە تارىخىغا ئائىت تۇنجى ئەسەر بولۇپ، ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە.
38. بەدىئىي فىلىم — «جۇڭگو تاجىكلىرى»
بۇ تاجىك يازغۇچىسى مۇنى تابىلدى قەلەم تەۋرىتىپ يازغان مەدەلخان مەسلىھەتچىلىك قىلغان تاشقورغان ناھىيىسى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى بىرلىكتە سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن فىلىم بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ ئىتنوگرافىيە – فولكلور مەدەنىيىتى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق بايان قىلىنغان. فىلىم ئىكراندا كۆرسىتىلگەندىن كېين ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائىي ئىنكاس ۋە باھالارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ماتېرىياللىق قىممىتى بىرقەدەر زور .
39. «تارىم» ژورنىلىنڭ 2000- يىلى 11- سان (مەخسۇس سان)
بۇ «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 50 يىللىق نەشر جەريانىدا تۇنجى قېتىم تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىگە بېغىشلانغان مەخسۇس سان ( 2000 - يىل 11- سان )بولۇپ، بۇ ئەدەبىي سانغا تاجىك يازغۇچىلىرى مۇنى تابىلدى بىلەن روزى گۈلباينىڭ ئىككى پوۋىستى، مەدەلخان بالۇن قاتارلىق يەتتە ئەدىپنىڭ ھېكايە، نەسرلىرى، شاھنىياز كەپەل، باتۇرجان ئاتىخان قاتارلىق 20 شائىرنىڭ شىئېرلىرى، ئاتىكە زەمىرى، شېرىن قۇربان ، شىجائەتخان ۋەزىرى بىلەن جاپپار ياۋاسار قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ ھەرخىل تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ۋە ئافىيەت دۆلەت ئىشلىگەن يەتتە پارچە تاجىك لەتىپىلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەسەرلەردىن بۈگۈنكى دەۋر تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ھالىتى ۋە يۈزلىنىشىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
40. «شەيخ سەئدى»
بۇ دوكتورىمىز ۋە تەتقىقاتچىمىز زەمىر سەيدۇللازادەنىڭ كلاسسىك مۇتەپپەككۇر ۋە شائىرىمىز بولغان شەيخ سەئدىگە بېغىشلاپ يازغان مەجمۇئە بولۇپ، ئۇنىڭدا شەيخ سەئدىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى، ئەدەبىي مىراسلىرى، دۇنيا قارىشى، پەلسەپىۋى ئەقىدىلىرى، ئىجتىمائىي قاراشلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرى، ئەخلاقى قاراشلىرى، روھانىيلار توغرىسىدىكى قارىشى، ئىشق ۋە ئائىلە قارىشى ۋە دانىشمەن ئالىمىمىزنىڭ جاھان ئەدەبىياتىدىكى نوپۇسى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ۋە ئاممىباب بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2002- يىل ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان .
41. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 2001- يىل 6- سان
بۇ «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىگە بېغىشلانغان مەخسۇس سانى بولۇپ، 2001- يىل 12- ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ ساندا قۇربانەم ئاخۇنباي قاتارلىق 11 يازغۇچىنىڭ ھېكايە - نەسرلىرى، باتۇرجان ئاتىخاننىڭ «قۇياش تۇتاشقان روھ» ناملىق تارىخىي داستانى، شانىياز كەپەل قاتارلىق 32 شائىرنىڭ شىئېرلىرى، ئابدۇرەھىم نەۋرۇز قاتارلىق بەش ئاپتورنىڭ ماقاللىرى، مەدەلخان بالۇن تەرجىمە قىلغان ھافىزشىرازى لىرىكىلىرى، قەيسەر دۆلەتبىك قاتارلىق ئۈچ ئاپتور ئىشلىگەن ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەر، دەريا ھەسەن، باتۇرجان ئاتىخان ۋە شىجائەتخان ۋەزىرى يازغان «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» فىلىمى توغرىسىدىكى ماقالىلىرى بېرىلگەن بولۇپ، ئەسەرلەر سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە. بۇ ئەسەرلەردىن بۈگۈنكى دەۋر تاجىك جەمئىيىتىنىڭ رېئال مەنزىرىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
42. «مۇز تاغ ئىگىسى»
بۇ يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىق تەتقىقات تېمىسى بولغان «ⅩⅩ- ئەسىر جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالى خاتىرىسى» ئىچىدىكى تارماق تۈر ‹‹تاجىك مىللىتى›› بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفىسسورى شېرىن قۇربان ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلىگەن. يۈننەن خەلق نەشرىياتى بىلەن يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بىرلىكتە 2003- يىلى 12- ئايدا خەنزۇ تىلدا نەشر قىلىنغان، كىتاب ئەمەلىيەتتە تاشقورغان ناھىيە تاشقورغان يېزىسى ۋەرشىدىن كەنتىدىن بالۇن ئائىلىسىنىڭ ئائىلە تەزكىرىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا مەزكۇر ئائىلىدىكى توققۇز ئەۋلادىنىڭ تارىخى ئۆزگىرىش قىسمەتلىرى بايان قىلىنىغان. بۇ تەتقىقات تېمىسىنىڭ مەقسىدى بىر مىللەت ئىچىدىن بىر ئائىلىنى تەكشۈرۈش، بۇ «ئائىلە» دىن ئىبارەت ئەينەكتە پۈتۈن بىر مىللەتنى كۆرۈشتىن ئىبارەت، كىتاب ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ، ئۇ بىر ئۆرنەك بولۇپ، ھەربىر ئائىلە ئۇنىڭغا قاراپ ئۆزىنىڭ ئائىلە تەزكىرىسىنى يېزىپ چىقسا بولىدۇ .
43. «مۇز تاغ يۈرىكى»
بۇ ئاتاقلىق تاجىك يازغۇچىسى ئاتىكە زەمىرىنىڭ خاس ھېكايىلار توپلمى. 1996 - يىلى 11- ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. توپلامغا توققۇز نادىر ھېكايە كىرگۈزۈلگەن ، مەزمۇن دائىرىسى تاجىكلار ئىجتمائىي ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. توپلامدىكى ھېكايىلارنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، تىلى ئاممىباب بولۇش بىلەن بىرلىكتە پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرى جايىدا يارتىلغان. بۇ توپلام 1999- يىلى كۈنمىڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتى «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. توپلام ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ.
44. «قۇياشقا يېقىن كىشىلەر»
بۇ يازغۇچى ئاتىكە زەمىرىنىڭ تۇنجى رومانى، شۇنداقلا ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ بۈگۈن دەۋر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومانى، مەزكۇر رومان 2004- يىلى شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى. ئاپتور ئۇنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا ئاتاپ يازغان. ئاپتور ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان بۇ روماندا تاشقورغاننىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرى پىرسۇناژلارنىڭ رەڭگارەڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تەسۋىرلىگەن. بۇ روماننىڭ بارلىققا كېلىشى تاجىك مەدەنىيىتى تارىخىدىكى بىر زور ئەھمىيەتلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ.
45. «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام مەزھەپلىرى»
بۇ كىتابنى زەمىر سەيدۇللا زادە بىلەن پەرھات غاپپار بىرلىكتە يازغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىلى بۇ كىتابنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلغان. پۈتۈن كىتاب جەمئىي10 بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسلام دىنىدىكى سۈننى مەزھىپى،شىئە مەزھىپى، خارىجىيە مەزھىپى، سوفىزىم ئېقىمى، ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە باشقا پىرقىلەر، ئېقىملار، تارماقلار بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ بىلىش قىممىتى ۋە ماتېرىياللىق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ .
46. «پامىر شادلىقى»
بۇ بىر ئەدىبىي توپلام (ژورنال) بولۇپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش ئىشخانىسى تۈزۈپ نەشر قىلغان. بۇ مەخسۇس سانغا تۆت ھېكايە، ئالتە پارچە ماقالە ، 21 ئاپتورنىڭ شىئېرلىرى، ئىككى خەلق چۆچىكى، مەدەلخان بالۇن تەرجىمە قىلغان كلاسسىك شائىرىمىز ھافىزشىرازىنىڭ غەزەللىرى بېسىلغان. بۇ ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا بەلكىم تۇنجى مەخسۇس سان بولۇشى مۇمكىن. ژۇرنالدىكى ئەسەرلەر ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىر 80- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش باھار شامىلىنىڭ پامىر رايونىغا ئېلىپ كەلگەن خاسىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن .
47. «بۈركۈت نەي ساداسى»
بۇ تېلېۋېزىيە سەنئەت فىلمى بولۇپ، سىنارىيە ئاپتورلىرى روزى گۈلباي، مۇنى تابىلدى، مەمەت ئەزىز، باش رىژىسسور نىجات نىياز، رىژىسسور ئادىلشاھ شاھراخمان، فىلىمىنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن. فىلىمىدا باش رولنى مەدەلخان بالۇن بىلەن ئەجەرگۈل مۇرادبىك ئالغان. فىلىمىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، باش مۇدىرى ۋە نازارەتچىلىكىنى گۇجىيەنۋى بىلەن روزى گۈلباي ئۈستىگە ئالغان باش نازارەتچى شاۋكەت ئىمىن ، مىرزاي دوستمەمەت، قاينام ئىمارەتشاھ ، تۆمۈر مەمەت بولغان، دۆلەت سۇلتان، غالىپ مۇسا، خوجا ھەسەنلەر فىلىم مۇدىرى بولغان. ئاكورتلاشتۇرغۇچى ھېكىم ھەسەن. ئوپىراتۇر مامۇت ياقۇپ بىلەن رۇستەم ئابلىز بولغان. زۇلال ياقۇپ، رۇستەم ماناس، ئىسمائىل ئەزىز ۋە تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى فىلىم مەسلىھەتچىسى بولغان . فىلىمدىكى ئاساسلىق ناخشا - مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئىجادىيىتى ۋە ئورۇندىغۇچىلاردىن ئاتاقلىق تاجىك ناخشىچىسى ئاخۇنبېك دۆلەتبېك، ئاتىكە زەمىرى، مۇبارەك تابىلدى، تۇرسۇن قادىر، جامالخان گۈلمەمەت، سەلتەنەت نەۋرۇز، لەيلى مۇراتشاھ، يۈكسەك شىجائەت، يۈكسەك ئىسھاق، گۈل دۆلەت، رىزىۋانگۇل بارات، ئەزىم خوشدىل، تۇرسۇنگۇل ئىسھاق، قادىر، بەختىخان قاتارلىقلار بولۇپ، ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا فىلىم مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىر قوزغاپ ناھايىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن .
48. «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1994- يىل
2- سان
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 1994- يىلى 2- سانى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس سەھىپە ۋە تەھرىر ئىلاۋىسى يېزىپ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل يېزىقتا ئەينى ۋاقىتتا تاشقورغان ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇڭ جياشى بىلەن تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى مىرزاي دوسمەمەتلەر يازغان «تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى»، شېرىن قۇربان بىلەن مەدەلخان بىرلىشىپ يازغان ‹‹ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تارىخى تەرەققىياتى توغرىسىدا››، ئاتىكە زەمىرى يازغان «ئازادلىقتىن كېيىنكى تاجىك ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى»، ئوبۇل ھەسەنخان يازغان«تاجىك خەلق سەنئىتى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»، رەھقانقول يازغان «تاجىك خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى» قاتارلىق بەش پارچە ماقالىنى ئېلان قىلغان . بۇ ئاپتونوم رايۇنىمىز بويىچە ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا تاجىك ئاپتورلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ كۆپ ئېلان قىلغان ئىلمىي ئەسەرلىرى بولۇپ، بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .
49. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1994- يىل 4- سان
بۇ «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىغا ئاتاپ چىقارغان مەخسۇس سانى بولۇپ ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى ئىلاۋىسى ۋە «تاجىكلار ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى» ناملىق ماقالىنى يېزىپ، تاجىكلار ۋە ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلغان. مەخسۇس بۇ ساندا 27 شائىرنىڭ ھەرخىل تېمىدىكى شىئېرلىرى، مۇنى تابىلدىنىڭ «جىلغىدىكى مەقبەرە» ناملىق پوۋېستىدىن پارچە، زورى گۈلباي قاتارلىق سەككىز ئەدىپنىڭ ھېكايە نەسرلىرى، شېرىن قۇربان ، مەدەلخان قاتارلىقلارنىڭ تۆت پارچە ماقالىسى، ئىككى ئاپتورنىڭ ساتىرا ۋە يۇمۇرلىرى، مەرھۇم تابىلدى ھوشۇر رەتلىگەن تاجىكلارنىڭ مەشھۇر «پەنج بۇرادەر» داستانى ۋە مەدەلخان تەرجىمە قىلغان 21 رۇبائىي قاتارلىقلار بار. بۇ ئەسەرلەر رەڭگارەڭ بولۇپ ، تاجىك خەلقىنىڭ 90- يىللاردىكى ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . ھەمدە شۇ مەزگىلدىكى ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت سەۋىيىسىنى نامايان قىلىدۇ .
50. ‹‹ بۈركۈت ۋە تاجىك مەدەنىيىتى — تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا سوۋغات»
بۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاجىك پروفىسسورى شېرىن قۇربان بىلەن ئاتاقلىق تاجىك يازغۇچىسى مەدەلخان بالۇننىڭ ئانا يۇرتىنىڭ 50 يىللىق مەرىكىسىگە بېغىشلاپ يازغان ئۇنىۋېرسال ئىلمىي ئەسىرى بولۇپ، 2004- يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىندى. ئەسەر 300 مىڭ خەتلىك چوڭ ھەجىملىك كىتاب بولۇپ، جەمئىي توققۇز بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەزمۇن دائىرىسى جەھەتتە تاجىكلارنىڭ گىئوگرافىيىلىك ياشاش مۇھىتى، تاجىكلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، تاشقورغاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىساد تەرەققىياتى، تاجىك مەدەنىيتىنىڭ ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكى، تاجىكلارنىڭ ئىنتنوگرافىيە – فولكلورى، ئەخلاق - پەزىلىتى، تىل - يېزىقى، ئەدەبىيات - سەنئىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەسەردىكى ماتېرىياللار ئۆزگىچە، ئۇسلۇبى بۆلەكچە بولۇپ ، سىزنى سېھىرلىك ۋە مەپتۇن قىلارلىق تاجىك مەدەنىيىتى مەنزىرىسى ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ.
يۇقىردىكىلەردىن باشقا تاجىك مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم ئەسەرلەردىن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرى بولغان ‹‹جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىن ۋە ئەپسانە لۇغىتى›› (بېيجىڭ نەشرى) ‹‹جۇڭگو ئەدەبىياتىدىن ئومۇمى ئۆرنەكلەر لۇغىتى›› (ئازدلىق ئارمىيە نەشرىياتى نەشرى) «جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىنسىكلوپىدىيىسى» (سىچۈەن نەشرى) «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ھېكايەتلەر قامۇسى» (شاڭخەي نەشرى) «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت قامۇسى» (لياۋنىڭ نەشرى) ‹‹جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت لۇغىتى›› (بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى)‹‹غەربىي شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت لۇغىتى›› (شىنجاڭ نەشرى) ‹‹ شىنجاڭ ئومۇمى تەزكىرىسى، تىل – يېزىق تەزكىرىسى›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى) ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئىتنوگرافىيىسى›› (شىنجاڭ نەشرى) ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى›› (بېيجىڭ نەشرى) ‹‹شىنجاڭ ئىنسىكلوپىديسى» (بىيجىڭ نەشرى ) قاتارلىق ئىنسىكلوپىديە، قامۇس ۋە لۇغەت قاتارلىق قۇرال خاراكتېرلىك مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە تاجىك مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى كەڭ ۋە ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. بۇ مۇھىم ئەسەرلەر تاجىك مەدەنىيىتىنى پامىر ئېگىزلىكىدىن ئاپتونوم رايونغا، مەملىكەتكە ۋە دۇنياغا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ تارقاتتى. بۇ تاجىكلارنىڭ ئامەت - تەلىيى. گېزى كەلگەندە شۇنى ئېيىتىش لازىمكى، بۇ چوڭ - چوڭ قامۇسلاردا تاجىك مەدەنىيىتىنى شېرىن قۇربان، مەدەلخان بالۇن، زەمىر سەيدۇللازادە قاتارلىقلار 20 يىلدىن بۇيان تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىشلەپ ئەكس ئەتتۈردى. بۇ ئاسان قولغا كەلگەن نەتىجە ئەمەس.
بۇلاردىن باشقا يەنە تاجىك مەدەنىيىتىگە ئائىت جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ۋاڭ مىڭنىڭ ‹‹پامىرغا سەپەر›› ناملىق شىئېرى، تۆمۈر داۋامەتنىڭ تاجىكلارنىڭ «بۈركۈت نەي رىۋايىتى» ۋە «مۇز تاغ ئاتا رىۋايىتى» ئاساسىدا يازغان ‹‹ئامان ۋە ئەختەر›› ناملىق داستانى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ‹‹تاجىك تەرەنلىرى›› ناملىق داستانى، مامۇت زايىتنىڭ ‹‹مۇز تاغدىكى ئوت››ناملىق داستانى، مۇھەممەد شاۋۇدۇننىڭ ‹‹تاشقورغاندا تامغان مىراسلار›› ناملىق داستانى، ئۇچقۇنجان ئۆمەرنىڭ بىرقانچە پارچە ماقالىلىرى، خەنزۇ يازغۇچى دۈەن شىيۇنىڭ بىر قانچە پارچە ماقالىلىرى قاتارلىق ناھايىتى مۇھىم سالمىقى بار ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاجىك مەدەنىيىتىگە ئائىت تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلەر 5000 پارچىدىن ئاشىدىكەن. بىزنىڭ يۇقىرىدا قىسقىچە تونۇشتۇرغىنىمىز ئەنە شۇ 5 مىڭ ئەسەر ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسەرلەر بولۇپ، بىز بۇ يەردە ئۇلارنى بىر تەكشىلىككە قويۇپ كىتاپخانىلارنىڭ دىققەت نەزىرىگە قويدۇق. بىزنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ 50 يىللىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بويىچە مۇشۇنداق قىلىشىمىز، ئەگەر ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق رول ئوينىغان بولسا زىيادە خۇشال بولاتتۇق .
2004- يىل 3- ئاي ( ئۈرۈمچى)
تورغا يوللىغۇچىدىن: گەرچە شېرىن قۇربان بۇنىڭدىن سەككىز يىل بۇرۇن يازغان بولسىمۇ، مەتبۇئاتتا كۆرمىدىم، ماڭا ئوخشاش كۆرمىگەنلەر بولسا پايدىلىنار دېگەن ئۈمىدتە يوللىدىم. ماتىريال ئىزدەۋېتىپ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزدىن توپلىغان «تاجىك ماتىرياللىرى» ھۆججەت ساندۇقۇمدا بارئىكەن يوللىدىم، شۇڭا مەنبەنىمۇ ئەسكەرتەلمىدىم. ئەگەر ئاپتور يوللانسا بولمايتتى دەپ قارىسا ئۆچۈرۋېتىشكە تەييارمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايبۈۋى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-5 23:27
|
|