ئىزدە تور لۇغىتى
تورئىملاچىسى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
كۆرگەزمىخانا
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تور تېلىۋىزىيسى
›
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى
›
تۇرسۇنئاي يۇنۇس
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
99
|
ئىنكاس:
0
تۇرسۇنئاي يۇنۇس
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۈلزىرە
گۈلزىرە
توردا يوق
UID
1409
يازما
7
ھوقۇقى
1
真实姓名
گۈلزىرە تىلەخمەت
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-21
دائىملىق ئەزا
دائىملىق ئەزا
, جۇغلانما 186, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 814 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
1409
يازما سانى:
7
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
147
تۆھپە :
4
توردا:
17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2012-10-21
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 13:41:38
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنئاي يۇنۇس ھەققىدە
يىللار ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ چاچلىرىمنى ئاق ئارلىغان بۇ كۈنلەردە تولىمۇ غۇبارسىز بالىلىقىمنى، گۈزەل تۇيغۇلار بىلەن سىھىرلەنگەن ياشلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن.يىللار ئادەمگە ھەممىنى سوۋغا قىلىدىكەن ، بەخىتلىك مىنۇتلارغا ئەگىشىپ جاپا- مۇشەققەت ،بەخىتسىزلىكلەرمۇ تەڭ ھەمرا بولىدىكەن،ئادەملەر يىللار بىلەن تەڭ ئۇلغىيىپ يىتىلىدىكەن، يىللار يەنە ئادەملەرگە ئىرادە سوۋغا قىلىدىكەن،مەن ئەنە شۇ ئىرادە، ئوتلۇق مۇھەببەت ۋە جەسۇرانە كۈچ -قۇۋۋەت سوۋغا قىلغان يىللارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.....
بۇ يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇسنىڭ ھايات ھەققىدىكى بايانى . يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئۆزىنىڭ ئىرادە مۇھەببىتى، غەيرەت جاسارىتى بىلەن توختىماي ئىزدىنىپ كىلىۋاتقان ئايال قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىرى.
ئۇ ئۆز كەسپىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنىڭ تۇرتكىسىدە ئۇزلۇكسىز تىرىشىپ ئۆزىنىڭ رىئال تېمىدىكى پىروزا ئەسەرلىرى ، ئەدەبى ئاخبارات ۋە ئىجدىمائى خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن يازغۇچى.
تۇرسۇنئاي يۇنۇس 1940-يىلى قەشقەرنىڭ يىڭىشەھەر ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ بۇ ئەزىز دىياردىكى قويۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئەدەبىيات –سەنئەت جۇغلانمىسى ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى.ئۇ 1958-يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ.
شۇنداق،كىشى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەمنىڭ ئارزۇسىنىمۇ ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۇسسۇل كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن كەلگۈسىدە ياخشى بىر ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىدا ئۆز كەسپىنى تىرىشپ ئۈگەندى ،توختىماي مەشىق قىلدى،لىكىن بوش ۋاقىت تاپسىلا كىتاپ ئوقۇشنى ، ئاندا – ساندا شىئىر يىزىشنىمۇ تاشلىمىدى، ئۇ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ سابىق شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل-دىراما ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنىدى.كېيىن ئۇ ئۇرۇمچى ئىلمە توقۇلما ماللار شىركىتىگە يۆتكەلدى.
شۇنداق ، ئۇ قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي قەيسەرلىك بىلەن ياشىدى، ئائىلىسى ، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇچۇن تىرىشىپ ئىشلىدى،ئۇ بۇ جەرياندا ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن يول تىپىپ ئىلگىرلەشنى ، ئازاپ ئىچىدىن خوشاللىق تىپىشنى، كەينى –كەينىدىن كىلىۋاتقان بەخىتسىزلىكلەرگە كۈلۇپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەندى، تۇرمۇش ئۇنى چىنىقتۇردى،ۋە يىتىلدۇردى.1981-يىلى ئۇ «چولپاننىڭ تويى» ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە بىرىلگەن باھالاردىن سۆيۈندى ۋە ئىلھاملاندى. ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسى ئىشىپ ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببىتى يۇرىكىدىكى بۇ ئوت يىلىنجاشقا باشلىدى،ئۇ شۇ ئىلھامنىڭ تۇرتكىسىدە «ئۇمۇد ئۇچقۇنى»،«ھەسرەت دېغى»،«كاككۇك گۈلى» قاتارلىق ھىكايىلەرنى يىزىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.1982-يىلى تەشكىل ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» گە يۆتكىدى، ئۇ بۇ يەردە تەھرىر ۋە مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا 500 پارچىدىن ئارتۇق تەسۋىرى خەۋەر، ئەدەبى ئاخبارات ۋە ئىجدىمائى خەۋەرلەرنى يازغاندىن باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىجدىمائى ئەخلاق تېمىسىدىكى 50 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلىپ جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.
ئۇ مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا توختىماي ئىزدىنىپ تىرىشىپ ئۈگەندى، بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ باردى.ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە تېخىمۇ كىرىشىپ «ئېزىتقۇ»،«قىز قۇۋمى»، «ئۈچ تەشتەك گۈل»، «ھايات سىنىقى»قاتارلىق پوۋىىستلارنى يىزىپ ئوقۇرمەنلەرگە سوۋغا قىلدى.ئۇنىڭ «ھايات سىنىقى» ناملىق پوۋىستى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40-يىللىقىغا بىغىشلانغان پوۋىستلار توپلامىغا كىرگۈزۇلدى.
ئۆزىنىڭ ئارزۇ تىلەكلىرىگە ھەقىقى قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنى بىغىشلىغان كىشىلەرلا ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ،تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تېخىمۇ تىرىشىپ «توزىماس گۈل»،«قىزىل شارپا»قاتارلىق ھىكايە توپلاملىرىنى ، ئۇزۇن يىل ئىزدىنىپ ، ماتېرىيال توپلاش ئاساسىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ بىسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى، سەرگۈزەشتىلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى يىغىنچاقلاپ «كارۋان ئىزى» ناملىق رومانىنى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، ئۇسسۇل پىشۋاسى ، سەنئەت مائارىپچىسى قەمبەرخانىمىنىڭ ھايات تارىخىنى ئۈگىنىپ «قەمبەرخانىم» ناملىق بىئوگرافىك قىسسەسىنى ئىلان قىلدۇرى .ئۇنىڭ يەنە يىقىندا نەشىر قىلىنغان «ۋەتەن سۆيگۈسى»ناملىك كىتابى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.
ئىزدىنىش، تىرىشچانلىق ئىنسان روھىنى نۇرلاندۇرغۇچى نۇرلۇق چىراق.تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇسسۇل تەتقىقاتىغا دائىر «ئىزدىنىش، ئىجادىيەت، مۇۋاپىقىيەت»، «ئۇيغۇر ئۇسسۇلى توغرىسىدا قاراشلىرىم» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە تەتقىقات ماقالىسىنى ئىلان قىلىپ ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشتى.
« ھاياتنى سۆيگەنلىك ، ئۆزىنى سۆيگەنلىك ، ئۆزىنى سۆيگەنلىك دۇنيانى سۆيگەنلىكتۇر» دىگەن ئاتىلار سۆزىدە ئىيتىلغىنىدەك تۇرسۇنئاي يۇنۇس ھاياتنى ، ئۆزى شۇغۇللانغان كەسپىنى قىزغىن سۆيدى. چوڭقۇر مۇھەببەت ،گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت ، سەمىمىلىك مۇجەسسەملەشكەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىتاپخانلانى سۆيۈندۇردى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تىلىنىڭ يەڭگىل، گۈزەل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكتىن باشقا قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭ «ئۇمۇد ئۇچقۇنى»،«قىزىل شارپا»قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئالماتا ، تاشكەنتلەردە چىقىدىغان بىر قىسىم گېزىتلەردە ئىلان قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشتى. ئەجىر ، تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ، خەلق ھالال ئەجىر قىلغۇچىلارغا شەرەپ گۈلدەستىلىرىنى سۇنىدۇ.تۇرسۇنئاي يۇنۇس 2004-يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە «تۆھپىكار ئانا ئەدىپ » مۇكاپاتىغا نائىل بولدى،بۇ شان – شەرەپ ئۇنىڭغا تېغىمۇ زور ئىجادىيەت ئىلھامى بىغىشلىدى.ئۇنىڭ كەسىپتىكى ئىزدىنىشچان روھى، ئائىلىسىدە مىھرىبان ، ۋاپادارلىقى، دوستلار ئارا مۇڭداش، سىرداش بولۇشتەك پەزىلىتى ھەممىمىزنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئەرزىيدۇ، ئۇ زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ھاياتىنى مۇنۇ شىئىر ئارقىلىق خۇلاسىلىدى،
مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر دۇنيا
ئۆزۇڭ بىر شاھسەن زىمندۇر تەختىڭ
ئىنسان ھاياتى بىر ئەزىم دەريا
بىلسەڭ ئەزىزىم ھاياتتۇر قىممەت
سۆيگۈن سۆيۈلگىن بۇ سىنىڭ بەختىڭ
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
ياش «قەلەم»
مەتبۇئاتلىرىمىز كاتالوگى
تەرجىمە ۋە ئەسلىي ئەسەر
سۆھبەت - خاتىرىلەر
ئىجادىيەت خەۋەرلىرى
ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار
شېئىرىيەت
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
ئۇقتۇرۇشلار
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش