غۇلجىدىكى كۈنلەردە
پەرىدە توختاخۇن
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ماكانىم چۆچەك بولسىمۇ ئەمما يولدىشىمنىڭ غۇلجىلىق بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ غۇلجىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن غۇلجىدىن ئىبارەت باغرى ئىللىق، قۇچىقى كەڭ بۇ زىمىنغا ھەر يىلى يازلىق تەتىل مەزگىللىرىدە يولدىشىم بىلەن ياكى بالىلىرىمنى ئېلىپ كېلىپ بىرقانچە كۈن تۈرۈپ كېتىمەن.
بۇيىلمۇ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككى بالامنى ئېلىپ غۇلجا سەپىرىگە ئاتلاندىم. تەلىيىمگە بۇ قېتىمقى غۇلجا سەپىرىم ئاۋالقى يىللارغا قارىغاندا ئۆزگىچە بىر مەنالار بىلەن بېزەلدى.
7-ئاينىڭ 12-كۈنى مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى ماڭا ئىجادىيەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇستازلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن غۇلجا مېھمانسارىيىدا ئېچىلغان « 6-نۆۋەتلىك ‹ئىلى دەرياسى› چۆلپان مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى» غا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتىم. مۇشۇ پۈرسەتتە مەن ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان تۇرسۇمۇھەممەت ئىمىن، مەمتىمىن ھوشۇر، ئابلىمىت سادىق، سىدىق تۇرسۇن، غەيرەت ئاسىم، پەرھات جامال، ئەيبۇ ياقۇپ، ئەسئەت ئابدۇرىشىت، ئابلىكىم ھەسەن، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، ئەدىھەم ئىبراھىم قاتارلىق نۇرغۇن ئەدىپلەر بىلەن دېدارلاشتىم. ئەسىرى مۇكاپاتلانغان ئاپتۇرلارنىڭ شۇنداقلا ھەر جايدىن كەلگەن شائىر-يازغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئىپتىخارلىق ھېسلارغا چۆمدۈم. بۇ يىغىنغا يەنەجەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن بىر تۈركۈم يازغۇچى-شائىرلارمۇ قاتناشقان ئىكەن. مېنىڭدەك بىر ھەۋەسكار ئۈچۈن ئىيىتقاندا ئەسەرلىرىنى گېزىت-ژۇرنال، كىتاپلاردىنلا كۆرۈپ كەلگەن بىر تۈركۈم ئەدىپلەر بىلەن يۈز تۈرانە كۆرۈشۈشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك. تۇرسۇنجان مۇھەممەت، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرۇرەن، ياسىنجان سادىق چۇغلان قاتارلىق داڭلىقلىرىمىزمۇ ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا بار ئىدى. شۇ كۈنى پائاليەت قاتناشقۇچىلىرى قاتارىدا ئىلىدىكى ھاۋالىق، كۆركەم ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان دوڭمەھەللە راۋىقىغا باردۇق. بۇ چاغدا غۇلجىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى بويىچە بىر تۈركۈم ناخشىچى سازەندىلەر ئىلى خەلق ناخشىلىرى بىلەن پائالىيەت قاشناشقۇچىلىرىنى ئىزگۈ كۈيلەرگە جۇر قىلسا، داڭلىق خەلق چاقچاقچىسى ھېسام قۇربان باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم چاقچاقچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوتكۈر چاقچاق، قىزىقارلىق لەتىپىلىرى بىلەن سورۇن ئەھلىنى كۈلكىلەر دۇنياسىغا غەرىق قىلدى. چۈشتىن كېيىن قەلبىنۇر ئىلياس باشچىلىقىدىكى غۇلجىلىق ئايال ئاپتۇرلار ئۆز ئالدىغا دەستۇرخان ھازىرلاپ ھەر جايلاردىن كەلگەن مېھمان ئايال ئاپتۇرلارنى « ھوزۇر تېزتاماقخانىسى»دا كۈتۈۋالدى. مەن بۇ ئولتۇرۇشتا گۈلباھار ئەزىز، قەلبىنۇر ئېلياس،نۇرىيە ئابدۇكېرىم، ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت، پاتىگۈل نىياز، زوھراگۈل ئابدۇۋايىت قاتارلىق جەنۇپ ۋە شىماللىق ئايال ئەدىپلەر بىلەن كەڭ-كۈشادە پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.«ئەگەر مۇمكىن بولغان بولسا يەنە بىر ئىككى كۈن جەنۇپ ئەدىپىلىرى بىلەن بىللە جىلىليۈزى، توققۇزتارالارغا بارغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى- ھە» دەپ ئارمانمۇ قىلدىم. ئەپسۇس، مەن سىرتتىن قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ ياقلارغا بارالمىدىم. شۇنداقتىمۇ بىر كۈنلۈك ئىجادىيەت پائاليىتىم ماڭا ئۇنتۇلماس مەنالارنى ئاتا قىلدى.
بۇ قېتىم غۇلجىغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ئاتاغلىق شائىر مۇھەمەتجان راشىدىن بىلەن كۆرۈشۈش،شۇنداقلا شىئېرلىرىمنى كۆرسىتىپ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئويۇم بار ئىدى .مەن مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىئېرلىرىنى بەك سۆيۈپ ئوقۇيتتۇم. ئۇ ئۇستاز بىلەن بىر نەچچە قېتىم تېلېفۇندا پاراڭلاشقان بولساممۇ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدىم. ئەنە شۇنداق تۆھپىكار ئۇستاز بىلەن كۆرۈشۈش، يۈز تۇرانە پىكىر تەلىمىنى ئاڭلاشمېنىڭ بىردىن - بىر ئارزۇيۇم ئىدى. مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇستاز بىلەن تېلېفۇندا پاراڭلاشقاندىلا ئۇستازنىڭ ئىنتايىن كىچىك پېئىل، ئاق كۆڭۈل، سىلىق - سىپايە گەپ قىلىدىغان سەمىمى ئادەم ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغان ئىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ قېتىم غۇلجىغا كېلىپ ئاز كۈن ئۆتمەيلا قىلچە قورۇنماستىن ئۇستازنى ئىزلەپ جىلىلىيۈزگە قاراپ ماڭدىم. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەن چېغىمدا ئۇ كەڭ كەتكەن ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئاستىدا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپلا «پەرىدەمۇ سىز بالام» دەپ ئالدىمغا چىقتى. سالىمىمنى قوبۇل قىلىپ، مېنى كۆرپىگە تەكلىپ قىلدى. بولۇپمۇ خەلچەم ھەدەمنىڭ ئوچۇق-يۇرۇق مۇئامىلىسى مېنى تۈرلۈك قورۇنۇشلاردىن خالى قىلدى. مەن ئۇ ئۇستاز بىلەن سالاملىشىپ بولۇپ ئۆزۈمنىڭ كېلىش مەقسىتىمنى ئېيىتتىم. بىرقانچە پارچە شېئىرلىرىمنى كۆرۈپ بېقىشقا بەردىم. مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن سۆھبەتلىشىش جەرياندا شىئېرغا بولغان چۈشۈنۈشۈم ئىلگىركىگە قارىغاندا چوڭقۇرلاشقاندەك، شىئېر يېزىشنىڭ يولىنى خېلىلا چۈشۈنۈپ قالغاندەك بولدۇم. بولۇپمۇ شائىرنىڭ سەمىمىي پۇزۇتسىيەسى، شېئىرىيەت ھەققىدىكى چۈشەندۇرۇشلىرى، مېنىڭ شېئىرىمغا بەرگەن باھالىرى مېنى قايىل قىلدى. مېنىڭ ئالغاچ كەلگەن بىر قانچە پارچە شېئىرلىرىمنى كۆرۈپ ئىچىدىكى بەزى مىسرالارنى تۈزۈتۈشنى ئېيتتى مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ پىكرى بويىچە شىئېرلىرىمنى تۈزۈتۈپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن قايتا باردىم.ئۇ شىئېرلىرىمنى كۆرۈپ " ئەمدى بوپتۇ " دەپ بېشىنى لىڭشىتتى ئۇ قايتار چېغىمداماڭا تېخىمۇ تىرىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتمەسلىك، كىتاپنى كۆپ ئوقۇش، كۆپ مەشىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەردى. مەن ئۇستازغا ئۆز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۇرۇپ قايىتتىم.
غۇلجىدابولغان كۈنلەردە يەنە كىتابخانىلارنى ئارىلاپ خېلى كۆپ يېڭى كىتابلارنى سېتىۋالدىم. ئابدۇللا سۇلايماننىڭ «توغراق يېشى-توغراق سولىرى»، ئابلەت ئابدۇللانىڭ «چىدىساڭ ياشا»، چىڭگىز ئايىتماتۇفنىڭ «تاغلار غۇلىغاندا» قاتارلىق بىر قانچە كىتابلارنىڭ ئىلگىرى ئىسمىنى ئاڭلىغان بولساممۇ سېتىپ ئالالمىغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. تېخى «ئىلى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە شېئىرىمنىمۇ مۇشۇ غۇلجا تۇپرىقىدا تۇرۇپ كۆردۈم.
دېمەك، مېنىڭ بۇ قېتىمقى غۇلجا سەپىرىم مېنىڭ مەنىۋېيىتىمنى بېيىتىپ، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىمنى تېخىمۇ كۈچەيىتتى.
چۆچەك ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتەپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىدە توختاخۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-7 09:58