ximal
كۆرۈش: 421|ئىنكاس: 12

‹‹مايبۇلاقتىن›› ئوقچىغان مەنىۋى شەربەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 11:22:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مايبۇلاق» تىن ئوقچۇغان مەنىۋى شەربەتلەر
               پولات غەنىزات غەيۇرانى
   يېقىندا «شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى » قاراماي نىفىتلىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە تۈرلۈك كەسىپ بىلەن شۇللىنىۋاتقان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ھەۋەسكارلارنىڭ ئىجادىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن، شۇنداقلا باشقا يۇرتتىكى بىر قىسىم ئاپتورلارنىڭ «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىللىق سانلىرىدا  ئېلان قىلىنغان بىر قەدەر ياخشى ئەسرلىرىنى تاللاپ كىرگۈزۈپ «مايبۇلاق ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما»ناملىق ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي توپلامنىڭ تۇنجى تومىنى نەشر قىلدى. توپلامنىڭ نەشر قىلىنىشى قاراماي خەلقىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى مەنىۋى شەربەت بولۇپلا قالاي، مۇشۇ توپلامنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئوقۇرمەننىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بيىتىشتىكى ماياك بولالىشىدا گەپ يوق. چۈنكى، قاراماي خەلقىگە شۇنەرسە بەش قولدەك ئايانكى، يېقىنقى يىللاردىن بىرى جۇڭگو نېفىت ئىستېراگىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە غەربكە كېڭىيىشى، بولۇپمۇ قاراماي شەھىرى، قاراي نېفىت سانائىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قاراماينىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىمۇ  تېز سۈرئەتتە زورىيىپ ۋە كۆلەملىشىپ ، ھازىرقىدەك پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، جەمئىيەت كومپيۇتېردىن  ئىبارەت ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىۋاتقان، كىشىلىك ھايات يېڭى تەرەققىيات، يېڭى يۈكسىلىشلەرگە يۈزلىنىۋاتقان ھازىرقى دەۋردە ئىجتىمائىي رېئللىقىمىزدا قاراماينىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت، جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. مانا مۇشۇ نەتىجىلەرنىڭ تىپىك بىر نامايەندىسى دەل مەن بىر ئاي ئىچىدە تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تەكرار ئۈچ قېتىم ئوقۇپ چىققان «مايبۇلاق ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما» نامىلىق كىتابتۇر.
كىتابقا ئاساسلىقى 2008- يىلىدىن 2009- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئىككى يىلدا قارامايلىق يەرلىك ئاپتورلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق گېزىت، ئەدەبىي ژۇرناللاردا، جۈملىدىن «مايبۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلىرى، شۇنداقلا باشقا يۇرتلۇق بىر قىسىم شائىر، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ياخشى يېزىلغانلىرىنى  تاللاپ كىرگۈزگەن بولۇپ،50 ئاپتورنىڭ يۈز نەچچە پارچە ئەسىرى تاللانغان. كىتابتىكى ئەسەرلەر: « پوۋېستلار، ھېكايىلەر، نەسىرلەر، داستان ۋە شېئىرلار، ئەسلىمە ۋە ماقالىلەر»دىن ئىبارەت  بەش سەھىپىگە بۆلۈنگەن، كىشىنى سۈيۈندۈرىدىغان يېرى شۇكى، بۇ كىتابتىكى ھەرقانداق بىر ئەسەر ئاپتورغا قاراپ ئەمەس، ئەسەرگە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىپ تاللانغاچقا، ناھايىتى ئىسىل ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن توپلامغا نامدار يازغۇچى، شائىرلارمۇ،  يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىپ ئىجادىيىتىدە بەلگۈلۈك ئۇتۇق قازىنىۋاتقان شائىر- يازغۇچىلارمۇ، مۇشۇ يولدا مېڭىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئىجادىيەت ئىشقىدا يېنىۋاتقان ياش ئەدەبىي ھەۋەسكارلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلىپ، ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەتتىكى باراۋەرلىكى نامايان قىلىنغان. بۇنداق تەڭشەپ تارازىنى ئوڭ، توغرا تۇتۇپ مۇشۇنداق بىر ئۇنىۋېرسال  ئەدەبىي توپلامنى ۋۇجۇتقا چىقارماق ئاسان گەپ ئەمەس. بۇ توپلامغا ئەسەر تاللاشتا ناھايىتى ئەتراپلىق  پىلانلانغاچقا، كاۋاپمۇ كۆيمەي، زىخمۇ كۆيمەي كىتابقا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن ھەممە ئاپتورنى قانائەتلەندۈرگەن.  
مېنىڭچە، بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، كىتابنى نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىغۇچى بولغان دولقۇن تۇرغۇن بىلەن نەشرىگە تەييارلىغۇچى ئوسمان قاۋۇل قارامايدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن پىكىردە بىرلىككە كەلگەن، ئەسەرلەرنى بېكىتىشتە كەڭ قورساق بولۇپ، بار مەسلىھەت ئىش قىلغان، ئۆزى مۇشۇ ساھەنىڭ كىشىلىرى بولغاچقا، ئەدەبىياتنى قارامايدىن ئىبارەت مۇھىم  سانائەت شەھىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى، جۅملىدىن قاراماي خەلقىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى ئىنتىلىشلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، شائىر- يازغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى، قەدىر - قىممىتىنى ئەتراپلىق مۆلچەرلەپ، بېكىنمىچىلىكتىن قاتتىق ساقلانغان. يەنە بىر نۇقتىدىن كىتابنىڭ نەشىردىن چىقىشىغا  ئالاھىدە كۈچ چىقارغان«شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى»دىكى مۇناسىۋەتلىك نامسىز ئەجىر قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئەجرىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارمۇ ئۆز ئەمگىكىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى تونۇپ كىتابنىڭ سۈپەتلىك چىقىشىغا تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان. خەلقىمىزدە« كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە» دەيدىغان گەپ بار. ھەر قانداق ئىشتا ئىتتىپاقلاشساق، بار مەسلىھەت ئىش قىلساق،«كۆڭۈل قويغان ئادەمگە قىيىن ئىش يوق ئالەمدە» دېگەندەك، بىز قىلالمايدىغان ئىش بولمىسا كېرەك.  بەزى ئورۇنلار مۇشۇنداق كىتاب چىقىرىدىغان بولدۇق دەپ شائىر، يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالىنى، بىرقىسىم ئەسەرلىرىنى يىققىنىنى ئاڭلىغانىدىم، بىرقانچە يىل  ئۆتكەندىن كىيىن ئاڭلىسام، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشر قىلىنماي قاپتۇ. بىراق خۇشاللىنىدىغان يېرىمىز شۇكى «مايبۇلاق ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما» دېگەن كىتابنى يۇرۇقلۇققا چىقارغۇچى خادىملاردەك كەڭ قورساق بولۇپ، كۆڭلىمىز خالىغان نەشرىيات بىلەن ھەمكارلاشساق، بار مەسلىھەت ئىش قىلساق، ئەلۋەتتە بىزدىن ھېچقانداق ئىش قېچىپ قۇتىلالماسلىقى مۇمكىن. پارتىيىمىزنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ چىقارغان فاڭجىن- سىياسەتلىرىدىن بىزمۇ قېرىنداش مىللەتلەردەك تېخىمۇ توغرا پايدىلىنىشنى بىلىپ، توغرا يۆنىلىش بويىچە ھەمكارلاشساقلا ھەرقانداق ئىش ئۇتۇقلۇق بولىدىغان گەپكەن؟ ساڭىمۇ يوق، ماڭىمۇ يوق قىلساق، «مالغا بۆرى تەگسە ئوۋچىغا پايدا » دېگەندەك ئىش بولىدىغان گەپكەن. ھەتتا بەزى ئورۇنلار كىتاب چىقىرىمىز دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرگەن ئالدىنقى يىللاردا، قاراماي ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پەقەت «مايبۇلاق» تىن ئىبارەت ئىچكى ئەدەبىي ژۇرنالنى چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ، نېفىتلىك ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن «قۇياش نۇرى ئاستىدا» قاتارلىق تۆت توپلامنى چىقارغاندىن باشقا يەنە بىر قانچە كۆللېكتىپ توپلامنىمۇ چىقارغانىدى. بۇ مەنىۋى شەربەتلەرگە ئېغىز تەگكەن ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن رازى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، ھەتتا مۇشۇ كىتابنى كۆرگەن، ئوقۇغان بىر قىسىم شائىر،  يازغۇچىلانىڭ: «قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاجايىپ خاسىيەتلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار، بىر يۈرۈش ئەدەبىي كىتابلارنى چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئارسلان تالىپ قاتارلىق تۆھپىكار ئاپتورلارغىمۇ تون كىيدۈردى، ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى، ھەر پەسىلدە چىقىدىغان «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنى نېفىتلىك ئاپتورلارنىڭ خاس ژۇرنىلى دەپ قارىماستىن، باشقا يۇرتلۇق ئاپتورلارنىڭ ئوبدان ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. گەپ ئېچىق بېشىدىكى كىشىلەرنىڭ ساپاسىدىكەن» دەپ تەرىپلەشكىنىنى ئۇ، بۇ سورۇنلاردا ئاڭلاپ تۈرىمەن. مەيلى قانداق ئىشنى قىلىشتىن قەتئىي نەزەر گەپ ئۆزىمىزدە.
كىتابنى شۇنداق قولىڭىزغا ئالسىڭىز ، مۇقاۋىنىڭ ئوڭ ۋە سول يۈزىنىڭ لاھىيىلىنىشى قاراماي نىپىتلىكىنىڭ دەسلەپكى بايقىلىشىغا سىمۋول قىلىنغان ماي بولاقنىڭ ئوقچۇپ تۈرغان ھالەتتىكى تەبىئىي كۆرۈنۈشى، كۈن ئولتۇرۇش ئالدىدىكى  چوغدەك قىزىل شەپەقنىڭ نۇرلاندۇرۇشى ناھىيىتى سىپتا، ئوبرازلىق لايىھىلەنگەن بولۇپ، مۇقاۋىنىڭ كۆركەملىكى، تىمتاسلىققا چۆمگەن چۆللۈكتە نېفىتتىن ئىبارەت بايلىقنىڭ ئوقچۇپ تۇرغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ، پونتاللاپ تۇرغان نېفىتلىكنىڭ ئەسلى ھالىتى كەلگۈسىنىڭ پارلاقلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى، قاراماي نېفىت سانائىتىنىڭ ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ قاراماي خەلقىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بېيىپ قالماي، مەنىۋىيىتىنىڭ تېخىمۇ بېيىيدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، مۇقاۋا لايىھىلىگۈچى غالىپ شاھ رەسساملىق ماھارىتىنى بۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھىلەش جەريانىدا  خېلى ئۇتۇقلۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەسىمنى ئوبراز دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇقاۋىنى ناھايىتى سىپتا لايىھىلىگەچكە، كىتاب ھەرقانداق ئوقۇرمەننى بىر قاراشتىلا ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
كىتابتىكى يارقىن نۇقتىدىن بىرسى شۇكى، شىنجاڭ نېفىتلىك ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا، بولۇپمۇ يېڭى ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ بارلىققا كىلىشىدە بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ياش، ياش شائىر، يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنىڭ كىتاب سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدۇر. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ياش ئاپتور ئېرشاد ھېيتاخۇننىڭ «ئازغۇنلار» ناملىق پوۋېستى، ئاتاقلىق يازغۇچى غەيرەت ئاسىمنىڭ «مەن ئۈزۈم ئۆزۈم ئەمەس»، ياش ئاپتورلاردىن ئادىل غوجالىمنىڭ «قۇياشتا يۇيۇنۇش»،تۇرسۇن مۇسانىڭ «ئېلان ھەققىدە لەتىپە»، ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ «ئايالىمنىڭ ‹دوستى›» قاتارلىق ھېكايىلىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن نەسىرچىلەردىن  ئەنۋەر تاشتۆمۈر بىلەن ئوسمان قاۋۇلنىڭ «كۈي مۇئەمماسى»،«قاراماينىڭ چۈشى»، «چەكسىزلىك رەۋىشىدە» ھەمدە يېڭىدىن يېتىشىۋاتقان ئاپتورلاردىن نۇرئامىنە روزىنىڭ «قەلب چوقانلىرى»، ئادىل يۈسۈپنىڭ «كۆڭۈل بوستانى»قاتارلىق نەسىرلىرى، ئابدۇلئەھھەد ئىسمائىل ئوغلان،ئىبراھىم نىياز، شاۋكەت مىجىت ئېمىل، دىلنۇر ياسىن قاتارلىق شائىر، شائىرەلەرنىڭ شېئىرلىرى، مۇھەممەت سابىتنىڭ «ئۇ نېفىتلىك ئوغلانلىرىنىڭ سەرخىلى ئىدى»، ئوسمان قاۋۇلنىڭ «مېنىڭ نەۋائى مەكتىپىم» قاتارلىق ئەسلىمە ۋە ماقالىلىرى كىتابنىڭ بەدىئىي ۋە ئىلمىي قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. بۇ ئەسەرلەردە تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك ئاچچىق-چۈچۈكلىرى، ئەگرى-توقايلىقىلرى، ۋەتەن، يۇرت مۇھەببىتى، نېفىتلىككە، تەبىئەتكە، كىشىلەرگە، كەلگۈسىگە، جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشىگە بولغان چوڭقۇر ئىشەنچ ۋە ئېتىقاد، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئىلىم-مەنگە بولغان يۈكسەك تەلپۈنۈشچانلىق روھى قاتارلىق كەڭ مەزمۇن تولىمۇ تەسىرلىك بايان قىلىنغان.  ئاپتورلارنىڭ زور تىرىشانلىقى ۋە ئىجتىھادى ئارقىلىق بۇ گۈزەل ھايات تۈرلۈك بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە ئاجايىپ رەڭدار ئىپادىلەنگەن. بولۇپمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، كىتابنىڭ «داستان ۋە شېئىرلار» سەھىپىسىنى ۋاراقلاپ كۆرۈدىغان بولساق،2000- يىلىدىن كېيىن قانداقتۇر بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر قايسى نەشىرىياتلار شېئىرىي توپلاملارنى نەشر قىلماسلىق، نەشىر  قىلسىمۇ بىرنەچچە توپلام بىلەن چەكلىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەنىدى. ئەمما «شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى» 2008- يىلى 7- ئايدا نەشر قىلغان «قاراماي ئەسەرلىرى»ناملىق  تۆت توملۇق كوللېكتىپ توپلامدا مەخسۇس  شېئىرىي توپلام «گۈلۈم ئۈچۈن ياشايمەن» ناملىق 3 - كىتابنى نەشر قىلىپ بۇنداق قىسمەنلىككە خاتىمە بەرگەنىدى ۋە ئۇ كىتاب  ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغانىدى. «مايبۇلاق ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما» (2010- يىل 12- ئايدا «شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى» نەشر قىلغان ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي توپلام) ناملىق  بۇ توپلامدىكى شېئىرلاردىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئىلگىرىكى توپلام تۈزۈشتىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ياخشى يېزىلغان پوۋېست، ھېكايە، ئەسلىمە ۋە ماقالىلەرنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي،  داستان ۋە شېئىرىي ئەسەرلەرنى تاللاشتا ھەربىر شائىر ۋە شائىرەنىڭ ئەسەرلىرىنى شاكىلىنى ئايرىۋېتىپ، مېغىزىنى ئېلىپ قېلىشتەك ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئىسىل شېئىرلارنى كىرگۈزگەن. شۇڭا، بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ياش، ياش شائىرلارنىڭ، شائىرەلەرنىڭ بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرىي ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەرنى مېنى جەلپ قىلغاندەك جەلپ قىلىپ،  قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ قارىشىمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، ئىبراھىم نىيازنىڭ  بىر يۈشۈش شېئىرلىرىدىن «شېئىر بىلەن سۆزلىشىش» دېگەن شېئىرنى كۆرۈپ باقايلى:
       بىر قورساقتىن تۇغۇلغان قېرىنداشتەك ياشىدۇق،
       بالىلىقتا ئۆگەتتىڭ ۋىجدان بىلەن ياشاشنى.
       بۇ ھاياتنىڭ قەدرىنى قەلبلەرگە باشلىدۇق،
       سەن باشلىغان يوللاردا كۈندە كۆردۈم قۇياشنى.

   تونۇشقاندا ئىككىمىز ئون بەش ياشلىق بالىتىم،
  تۇيۇلاتتىڭ تولىمۇ سۈرلۈك ماڭا ئاشۇ چاغ.
سېنى سۈيۈپ قالساممۇ، ئەمما ئىشتا چالىتتىم.
  كۆرۈنەتتىڭ كۆزۈمگە مېھرى ئىسسىق چاھار باغ.                                                                                                                                                         

ئايرىلمىدۇق ئىككىمىز داۋانىدا ھاياتنىڭ ،
پەسكەشلەرگە سەن بىلەن تىغ كۆتۈرۈپ ئېتىلدىم.
زەپەر قۇچماق بولغاندا بىرى بولدۇڭ قاناتنىڭ،
ئادەملىكنىڭ قېتىغا سېنىڭ بىلەن قېتىلدىم.

زىمىستانغا يولۇقسام،ئاتا قىلدىڭ باھارنى،
چاڭقىغاندا تومۇزدا ماڭا زەمزەم تەڭلىدىڭ.
يوللىرىنى يورۇتتۇڭ يوللىرىدىن ئازارنى.
قىسىلغاندا تار يولدا، ھەتتا يولنى كەڭلىدىڭ.
شائىر شېئىردا:«لىرىك شېئىر شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتى، ئىدىيىسى، كۆز قارىشى، تەسىراتى، چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان تىل سەنئىتىدۇر. (ئەي چىڭ)»، دەپ بىلگەچكە، بۇ شېئىرىغا بالىلىق چاغلىرىدىكى شېئىرىي ھەۋەسكار چاغلىرىنى ئەسلەپ: بۇ ئوت ماڭا تۇتاشقاندا ئون بەش ياشتا ئىدىم، ماڭا تولىمۇ سىرلىق بىلىنەتتى، شۇڭا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سېنى بېرىلىپ ئۈگەندىم، ئەمما گۈدەك بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشلاردا قىينالساممۇ سېنى چۈشەنگەنسېرى ساڭا ئامراق بولۇپ كەتتىم. جاپا-مۇشەققەتلەرگە يولۇققاندا، سەندىن مەدەت ئېلىپ،  ياتلاشماستىن، بىر قورساقتىن چۈشكەن ئامراق قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتتۈم، ھاياتنىڭ ئېگىز داۋانلىرىغا يولۇققاندا سەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ ماڭدىم، يولۇمنى توسقان پەسكەشلەرگە سەن بىلەن تىغ كۆتۈرۈپ ئېتىلدىم. نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى پەرق ئىتىشنى سېنىڭدىن ئۆگەندىم، سەن ئارقىلىق يۇرتۇمنىڭ تۆت پەسلىنىڭ خاسىيىتىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلىۋالدىم، مەنىۋى دۇنيايىم سېنىڭ بىلەن نۇرلىنىپ تۇرغاچقا، مۇدھىش قىش زىمىستانغا يولۇقسام سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن باھاردەك ھېس قىلدىم. ناۋادا، پىژغىرىم ئىسسىقتا قالسام زەمزەم بەردىڭ. كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقىچە  40 يىل ئۆتۈپتۇ، سەن بولغاچقا ئادىمىيلىكىم خونىكلىشىپ قالمىدى، قانداق ياشاشنى، ئەڭ مۇھىمى، ئىنسانىي خىسلەتنى، ئادىمىيلىكنى ماڭا ئۆگەتتىڭ....،دېگەندەك  نۇرغۇن مەزمۇنلار سىڭدۈرۈۋېتىلگەن.
قىسقىسى، بۇ شېئىرنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن چوڭقۇر، تېما دائىرىسى كەڭ ، ۋەزنى يەڭگىل، تىلى ئاممىباب، شائىر ئۆزىنىڭ  شائىرلىق بۇرچىنى ھەم ئېسىل شېئىرنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىكى مەنىۋى قۇدىرىتىنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكىنى تېخىمۇ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، لىرىك تەسەۋۋۇر بىلەن مۇنداق تۈگەللەيدۇ:
بۇ تۆت كۈنلۈك ھاياتنى قەدىرلەشنى ئۆگەتتىڭ،
ماڭا بەردىڭ تەسەللى ھەسرەتلەرگە پاتقاندا.
ئادەملەرنىڭ قېنىدىن كىر- داغلارنى تۈگەتتىڭ،
ئادىمىيلىك بازىرى ئادەملىكنى ساتقاندا.

ئۆتتى ھايات مەنىلىك سېنىڭ بىلەن سىردىشىپ،
قاپتۇ مانا كەينىمدە قىرىق جۇدۇن- قىرىق ياز.
ئادەملىكىم سەن بىلەن قالمىدى ھېچ كىرلىشىپ،
كۈي كۈيلىدىم سەن بىلەن بولۇپ شۇنچە خۇش ئاۋاز.

يۈز ئۆرۈدى ھاياتتا مەندىن تالاي دوستلىرىم،
ھەمراھ بولدۇڭ ۋە لېكىن سەنلا ماڭا جاپادا.
سېنىڭ بىلەن شادلىنىپ بولدى نەچچە تويلىرىم.
دۇنيايىمنى ئىللىتتىڭ سۆيگۈڭ تولغان ۋاپادا.

ساڭا بىرتال گۈل تۇتسام بەردىڭ ماڭا گۈلدەستە.
ئادەملىككە چېتىلدى سېنىڭ تال-تال نۇرلىرىڭ.
مۆھۈر قىلدىڭ قەلبىمگە:ھەق ئالدىدا ھەق سۆزلەپ،
سۆيۈملۈكتۇر شۇڭلاشقا، سېنىڭ ھەربىر قۇرلىرىڭ...

كىتابتا يەنە ئايال ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگە  ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، خېلى ياخشى ئەسەرلەر تاللانغان. شائىرە رەشىدە سىيىتنىڭ « بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئىزدەپ كەل مېنى» دېگەن لىرىك شېئىرنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، شېئىر  بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر سەھرا يىگىتىنىڭ ساپ سۆيگۈگە ئىنتىلىشى، گەرچە ئۇ يىگىت سەھرادا بولسىمۇ ئاقكۆڭۈل، ئىشچان، راسچىل، چىن ئادىمىيلىكى بىلەن ھالال ياشاپ كەلگەچكە، ھاياتىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، پاك سۆيگۈ بىلەن  بىرگە ياشاپ ئۆتۈشكە بەل باغلىغانلىقىنى، سەھرادىمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ساپ سۆيگۈ  ۋىسالىدىن بەھرىمان بولۇپ، تەبىئەتنىڭ تۆت پەسىلدە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن ئۇزۇقلىنىپ، ئانا زېمىن سەھرانىڭ گۈزەللىكىگە بولغان  چىن ئەقىدىسى بىلەن گۈزەل غايىگە ئىنتىلىپ، سەھرا خەلقىنىڭ  ئاچ كەلگەنلەرنى توق قىلىدىغان، يالىڭاچ قالغانلارنى تونلۇق قىلىدىغان، قىلچە ۋايسىماي ئىشلىگەچكە  ئۆزىدىن ئېشىنىپ شەھەرلىكلەرنىڭ يىمەك –ئىچمىكىنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان سەھرا خەلقىنىڭ  ئالىي جاناب پەزىلىتىدىن ئۇدۇم ئالغان بىر يىگىتنىڭ  كىشىلىك ھاياتتىكى گۈزەللىك شەھەردىلا ئەمەس، سەھرادىمۇ بار. ھاياتنى، چىن مۇھەببەتنى مۇرادىغا ياتكۈزەي دېسەڭ ، ئۆزۈڭنىڭ پاكلىقىغا، گۈزەللىكىگە ئىشەنسەڭ، گۈزەللىكىڭنى ئىشچانلىقىڭ بىلەن سەھرانىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىدە نامايان قىل، قايسى چاغدا كەلسەڭ قولۇپ كۆكسۈمدە، ھاياتىمىزدىكى چىن سۆيگۈ گۈلىنى قانداق ئېچىلدۇرۇش  بىر- بىرىمىزگە، مۇھەببەتكە بولغان ساداقىتىمىزدە، ئىشچانلىقىمىزدا ئىپادىلىنىدۇ. سەھرانىڭ باغرى كەڭ، مېھرى ئىللىق، توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە ساھرادىن چىقىدۇ.  جىمى گۈزەللىك سەھرادىدۇر،  دەپ چۈشەنگەن بىر سەھرا يىگىتىنىڭ چىن مۇھەببەتكە، ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشىنى لىرىك ھېسيات بىلەن ئىپادىلىگەن.
توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول، پىكرى چوڭقۇر. ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ  «ياتاقداشلار» دېگەن مۇنۇ شېئىرنى كۆرۈپ باقايلى:

بەش يىگىت بىر ياتاقتا بىللە يېتىپ،
قوياتتۇق ئوتتۇرىغا بىر نان تاپساق.
شاد كۈلكە ئۆكسىمەيتتى چىھرىمىزدىن،
ئارماننىڭ كۆكىدە بىز قانات قاقساق.

بىر ياتاق - ئايلاندۇردى قېرىنداشقا،
بىر ياتاق ـ چاتتى دىلنى دىلغا ئۇزاق.
تۆكىمىز بار – يوقىنى  كۆڭۈلنىڭ بىز،
ئىچەكىپ قالدۇق بىللە ياشاپ شۇنداق .

توي قىلدى ئارىمىزدىن بىرى چىقىپ،
يۆتكىدى يۈك- تاقىنى بۇ ياتاقتىن.
ئايرىدى بەشىمىزنى بەش پەرىشتە.،
بەش تەرەپ بەش ئۆي بولدى بەك يىراقتىن.

شائىرنىڭ شېئىرى پەقەت ئۈچ كۇبلىتتىن تەركىب تاپقان، ئەمما ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇرمەننى تەبىئىي ھالدا بويتاقلىق ھاياتىغا باشلاپ كىرىدۇ-دە، بىر خىزمەتداش،  بىر ياتاقداش بولۇپ ياشىغان، سېنىڭ- مېنىڭ دېيىشمەي تاپقىنىنى تەڭ يېيىشىپ، ئىچكى سىرلىرىنى دېيىشىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكەن چاغلىرىنى ئەسلىتىدۇ. كېيىن بولسا «نىكاھ غايىپ»دېگەندەك، كۆڭلى چۈشكەن قىزلارغا ئۆيلىنىپ ئۆي ئوچقلىق بولىدۇ. بۇ كۆپىنچە كىشىلەر بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رېئاللىق، بۇ رېئاللىقنى بەش ياتاقداشنىڭ ئۆيلەنگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن باغلاپ تەسۋىرلەپ  بىرەر داستان يېزىشمۇ مۇمكىن ئىدى. ئەمما شائىر شېئىرىيەتتىكى «قىسقا يېزىش، ئاز، ساز يېزىش» ئەقىدىسى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپ، بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرىنى ئەسكە ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. بۇنداق قىسا يېزىش مەيلى شېئىرىيەتتە بولسۇن ياكى رومان، پوۋېست، ھېكايە ئىجادىيىتىدە بولسۇن، شائىر، يازغۇچىلاردىكى ئۇزاق ئىجادىيەت جەريانىدا يېتىلگەن بىر خىل ماھارەت بولۇپ، ئۇنداق ماھارەتنىڭ ھەممىلا شائىر، يازغۇچىنىڭ قۇلىدىن كېلىشى ناتايىن. چۈنكى، «قىسقا يېزىش، ئاز،ساز يېزىش» شائىر، يازغۇچىلاردىن ئىجتىمائىي ھاياتنى ئىنىچكە كۆزىتىشتە باي تەسەۋۋۇرغا، ئەڭ ئىخچام ، ئەڭ جانلىق، ئەڭ تىپىك، پېرسوناژ خاراكتىرىنى ماكان، زامانغا ماسلاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان دىتنى، چىن ئىنسانىي غۇرۇرنى، ساغلام بولغان، چوڭقۇر مەنالارغا تويۇنغان ئىدىيە، ئوبرازلىق تىل، ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
دېمەك، بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلىدىغان شېئىرىي ئەسەرلەرنى تاللاشتا  ھەربىر شائىر، شائىرەنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىدىكى ۋە خاسلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ تاللىغاچقا، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان زور ھەجىملىك شېئىرىي  ژانىر -داستانچىلىققىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. بىز بۇنىڭ مىسالى ئۈچۈن 1999- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئەپيۈنگۈل» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى بىلەن تونۇلغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۇنىۋېرسال يېتىلگەن(بۇيەردە ئۇنىڭ پوۋېست، ھېكايە، شېئىر،  ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى ئۇتۇقىنىمۇ نەزەرگە ئالدىم، سەۋەبى، ئوسمان قاۋۇل 1997- يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر « شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «گۈلشەن» بىتىدىلا 48 پارچە ئوبزورى ئېلان قىلىنىپ ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان)  ئوسمان قاۋۇل ئەپەندىنىڭ «يىلان، مەن ۋە كەترەنگۈل» ناملىق لىرىك  داستانىمۇ بۇ كىتابقا  كىرگۈزۈلگەن. داستان ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بولۇپ، «ئىچىمدە يىلان»، «چۈشۈمدە يىلان»، «قوينۇمدا يىلان»، «ئەقلىمدە يىلان»، «ۋەسلىمدە يىلان» دەپ بەش قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. بۇ مەن يىلان توغرىسىدا ئوقىغان تۇنجى داستاندۇر. شۇ كەمگىچە بىرەر ئۇيغۇر شائىرىنىڭ يىلان توغرىسىدا شېئىر يازغىنىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ھەم ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. مەن بۇ داستاننى ئوقۇپ قاتتىق تەسىرلەندىم. ئاپتور يىلاننىڭ تەبىئەت بىلەن، ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تولىمۇ قىزىقارلىق، ئەركىن بايان قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن داستانچىلىقتىكى كونا ئەندىزىلەرگە ئېسىلىۋالماي، يىلاننى تەسۋىرلەشتە ئىجادىيەتتىكى ئۆزىدە مەۋجۇد بولغان خاسلىقىنى نامايان قىلغان. بۇنى ئوسمان قاۋۇل داستانچىلىقىدىكى بىر يېڭىلىق دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ «مايبۇلاق» ژۇرنىلىدا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان تۆت پارچە داستانىدىمۇ ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەتتە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىك مەۋجۇد ئىدى.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، لىرىك داستاندا مۇكەممەل ھېكايە ۋە تىپىك يارىتىلغان پېرسۇناژلار ئوبرازى  بولىدۇ. ئەنە شۇ ھېكايە ۋەقەلىكلىرىنى ۋايىغا ياتكۈزۈپ تەسۋىرلەش، پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى (مەيلى جانلىقلار بولسۇن ياكى ئۆسۈملۇكلەر بولسۇن ياكى ئادەملەر بولسۇن) سۈرەتلەش ئارقىلىق ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى بايان قىلىنىدۇ. ئاپتور «يىلان، مەن ۋە كەترەنگۈل» ناملىق بۇ لىرىك داستانىدا، تەبىئەت، يىلان ،ئادەمدىن ئىبارەت بۇ ئۇچ خىل مەۋجۇداتنىڭ باغلىنىشنى ناھايىتى تەبىئىي تەسۋىرلەپ بەرگەن. بىز داستاننى ئوقۇساق تەبىئىي ھالدا بالىلىق چاغلىرىمىزدا  يېزا-قىشلاقلارغا، ئورمانلىقلارغا، تاغلارغا بارساق يىلان تۇتۇپ ئوينايدىغان، ئۇچار جانىۋارلارنى تۇتۇۋېلىپ باقىدىغان كۆڭۈللۈك ئىشلارنى ئويلاپ قالىمىز. چۈنكى، داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بۇلا ئەمەس. مېنىڭچە بۇ داستاندا ئاپتورنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىدىكى، بولۇپمۇ داستانچىلىق ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچە خاسلىقى خېلىلا ئۇتۇقلۇق نامايان قىلىنغان. مەن ئۇنىڭ «ئۇ مېنى قۇياشىم، دېدى» قاتارلىق پوۋېستلىرىنى، نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋاتقان نەسىر، ھېكايىلىرىنى ئوبزورچىلارنىڭ تەتقىق قىلپ بېقىشى تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەقىلنى خورىتىدىغان تولىمۇ جاپالىق ئىش، ھازىرقى ۋاقىتتا بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ئاسان گەپ ئەمەس، شۇڭا ئۇنىۋېرسال يېتىلگەن ھەم يېتىلىۋاقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ئۇستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش پەقەت ئادەبىي ئوبزورچىلارنىڭلا ئىشى دەپ قارىمستىن، باشقا ئاپتورلارنىڭمۇ قەلەم تەۋرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«مايبۇلاق ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق بۇ ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر ھەقىقەتەن قارامايلىق ئاپتورلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلاردا، جۈملىدىن، «مايبۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بولۇپ، بۇ ئەسەرلەردە نېفىتلىك ئەدەبىياتىىڭ پارلاق يۈزلىنىشى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ناھايىتى جاپالىق نېفىتلىك تۇرمۇشى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قارامايلىق نېفىتچىلارنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش روھىغا مەدىيە ئوقۇلغان.
خۇلاسىلىغاندا، شائىر، يازغۇچى، ئوبزورچىلارنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، سىرتقا قارىتا ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن ۋەزىيەتتە قارامايدىن ئىبارەت نېفىتلىك شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان خەلق تۇرمۇشىنى، كونا شەيئىلەرنىڭ ئورنىغا بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى شەيئى ئىگىلەپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا گۈللىنىۋاتقان قاراماي مائارىپىنى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە روناق تېپىۋاتقان تۆھپىكارلارنى. باياشادلىق، ئېناقلىق نامايان قىلىنىۋاتقان بەختىيار دەۋرنى ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىشتىكى تۈپ مەقسىتىمۇ بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يىتىشتۇر. توپلامدىكى بارلىق ئەسەرلەردە شائىر، يازغۇچىلار قاراماينىڭ ھازىرقى رېئال تۇرمۇشىنى نوقۇل ئوبيېكتىپ ھالدا تەسۋىرلىمەستىن، ئۇنىڭغا مۇئەييەن ئىجتىمائىي غايە ۋە ئېستېتىك قارىشىنى سىڭدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشقا، ھاياتقا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە باھاسىنى ئىپادىلەيدۇ. بولۇپمۇ ئەخلاق تېمىسىدا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەردە، ئوقۇرمەنلەرگە نېفىتلىكنىڭ ئەڭ تىپىك تۇرمۇش كارتىسىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، ئوقۇرمەنلەرگە نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ يالغانلىقىنى، نېمنىڭ ياخشىلىق، نېمىنىڭ يامانلىقىنى، نېمىنىڭ گۈزەللىك، نېمىنىڭ خۇنۈكلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق، نېمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىملىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. توپلامدىكى ھەر بىر ئەسەردە ئىپادىلەنگەن بۇنداق خاھىشچانلىق بىر پۈتۈن بەدىئىي ئوبرازغا تەبىئىي سىڭگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر ئۆز تەجىربىسىگە ئاساسەن بۇ ئەسەرلەردىن بارا- بارا ئىستېتىك تەربىيەگە ئىگە بولىدۇ. بۇئەسەرلەرگە ئەدەبىي تەنقىد نەزەرى بىلەن قارايدىغان بولساق، قاراماينىڭ رېئال تۇرمۇشىدىكى بەزى ۋەقە- ھادىسىلەر يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئەدەبىي قانۇنىيەت بويىچە تاللاش، تاۋلاش، شاللاش ئارقىلىق، ئۇلارنى تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ تىپىك ئىپادىلىگەچكە، ھازىرقى خاتىرجەم ، باياشاد تۇرمۇشنىڭ قەدىرگە يېتىشتىكى غايىسىنى يۇرۇتۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە بولغان تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلغانلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى، ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابتىكى ئەسەرلەر ئارقىلىق، ئىستېتىك زوق ئېلىش ۋە بىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بىرخىل تەربىيىلىنىش جەريانىنىمۇ باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. بۇ ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن خۇنۈكلۈك، چىنلىق بىلەن ساختىلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز كەچۈرمىشى ۋە ئوي-خىيالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ۋۇجۇدىدا ھەق- ناھەق تۇيغۇسى بىلەن ئەخلاق- پەزىلەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ.
ئوقۇرمەنلەرگە شۇ نەرسە ئېنىقكى، ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تەربىيىۋى رولى ئادەمنىڭ بارلىق مەنىۋى قىياپەتلىرىگە قارىتىلغان. ئۇ ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى. ئادەمنىڭ ھېسسىياتى، روھىي ھالىتى، ئەخلاق - پەزىلىتى، ئىستېتىك قىزىقىشى ۋە غايىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇرمەنلەدە تۇرمۇشقا بولغان ئالىيجاناب ئىدىيىۋى ھېسسىياتنىڭ يېتىلىشىدە، ئىلغار كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ھازىرقى باياشاد، خاتىرجەم، ئىناق تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداق ئىكەن، قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «مايبۇلاق ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق بۇ كىتابنى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ داۋاملىق ئەمەلگە ئېشىشىغا، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىپ توپلامغا كىركىرگۈزۈلۈپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتىشىغا تىلەكداشمەن.


  2011 – يىل 11- ئاينىڭ 12- كۈنى      ئۈرۈمچى.

ئادرېسىم: «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى.
تېلېفون: 13659978711،    5593373 -0991
  





Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 578
تۆھپە : 11
توردا: 97
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:16:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايبولاق ژۇرنلىنىڭ بۇ توپلىمىنىڭ ئۇتۇقلوق چىققىنىغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ژۇرنالىنى تاپماق ناھايتى تەس، مەن نامىنى ئاڭلىدىم، لىكىن بىر قېتىممۇ كۈرۈشكە مۇيەسەر بولالمىدىم !

ئۆزلۈك تۇيغۇمىزنى ئويغۇتايلى!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6151
تۆھپە : 555
توردا: 442
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:50:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان سەمەت يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 12:16
مايبولاق ژۇرنلىنىڭ بۇ توپلىمىنىڭ ئۇتۇقلوق چىققىنىغا م ...

ئەمەتجان، سىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر)لىك شىنخۇا كىتابخانىسىغا كىرىپ باقمىدىڭىزمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ قارىشى، ھېسسىڭىز ئارقىلىق باشقىلارنى چالماڭ! باشقىلار ‹‹ھە، بۇ تاپقىلى بولمايدىغان كىتاب ئىكەنغۇ›› دەپ قالمىسۇن! بۇ كىتاب بازارغا سېلىنغىلى نەۋاخ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  663
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1195
تۆھپە : 0
توردا: 171
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتۇمنىڭ بىباھاسىدىن خەۋەرسىز قاپتىمەن دىسە. مەن ئىزدەپ تاپاي بۇنى.

ئۆزۈمنى بەزلەشكە، يەتمەيدۇ تۇيغۇم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1657
تۆھپە : 4
توردا: 434
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 13:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماي بۇلاق مەڭڭۈ بۇلدۇقلاپ تۇرسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 578
تۆھپە : 11
توردا: 97
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 13:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىران يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 12:50
ئەمەتجان، سىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر)لىك شىنخ ...

قىران ئەپەندى توپلام كىتاپنى كۆرگەن. مەن دىمەكچى مايبولاق ژۇرنلىنى دېدىم! توغرا چۈشنىڭ! سىز تۇرۇشلوق جايدىكى كىتاپخانىدا بارمۇ؟

ئۆزلۈك تۇيغۇمىزنى ئويغۇتايلى!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 821
تۆھپە : 6
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 17:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «مايبۇلاق ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق بىر يۈرۈش كىتاپنى كۆردۈم ۋە ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇدۇم، بۇ كىتاپلار ھەقىقەتەن ياخشى چىققان كىتاپلار، ھەممىمىزنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ. «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنى ئوسمان قاۋۇل ئاكىمىز ئىنتايىن قىزغىنلىق ۋە دوستانە سەمىمىيەت بىلەن سانمۇ-سان ئېۋەتىپ بېرىۋاتىدۇ. قارىمايلىقلارنىڭ ئەدەبىيات سۆيەر روھى ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈرمەكتە. قارامايدىكى دوستلار بىلەن ئالاقىلاشساقلا ژۇرنالنى چوقۇم تاپقىلى بولىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 300
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 18:32:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمان قاۋۇل ئەپەندىنىڭ ئەجىرىنى قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدۇ.مۇنۇ ئوبزۇرمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 966
تۆھپە : 2
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 19:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىمايدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئۆملىكى ۋە پائالىيەتچانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئوسمان قاۋۇل ئاكىنىڭ ئەجرىگە ئاپرىن ئېيتىمەن.
ئوبزۇرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ پولات ئاكا، كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز. مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يەنە يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  463
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 571
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 02:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولات ئەپەندىمنىڭ ئەجرىدىن سۆيۈندۈم!سىزگە ئالەمچە تەشەككۈر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 736
تۆھپە : 3
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:23:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىماي كىتاپخانىسىدا نۇر چىچىپ تۇرىۋاتقىلى خىلى ۋاقىت بولدىغۇ بۇ توپلامنىڭ!
شۇنداق كۆركەم ئىشلەنگەن.
قارىمايدىكى داڭلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزەلگەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 731
تۆھپە : 8
توردا: 123
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 13:02:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان سەمەت يوللىغان ۋاقتى  2012-8-6 12:16
مايبولاق ژۇرنلىنىڭ بۇ توپلىمىنىڭ ئۇتۇقلوق چىققىنىغا م ...

سىز دىگىنىڭىز ژورنال.بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى‹ مايبۇلاق› ژورنىلىدىن تاللاپ چىقىرىلغان توپلام.بۇ ھەر قايسى كىتابخانىلاردا سېتىلىدۇ.‹ مايبۇلاق ئەسەرلىرىدىن تاللانما› قاراپ باقارسىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 23:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     پىكىرداش دوستلار، ئازىراق ئەجرىمنى نەزەرگە ئېلىپ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قەدرىگە يەتكىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت. ئىجادىيەتلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش