كۆرۈش: 5770|ئىنكاس: 0

كامىلجان ناسىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2003
تۆھپە : 49
توردا: 690
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 23:30:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

okili.jpg


كامىلجان ناسىر(دىلداش) 1970-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسىدىكى مەرىپەتپەرۋەر تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ ھاراپ يېزلىق بازار باشلانغۇچ مەكتەپ. يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان. 1986-يىلىدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە جەنۇبى شىنجاڭ بۇيۇنچە ئىچىلغان 5-قارار ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇپ 1988-يىلى 8-ئايدىن 1994-يىلى 9-ئايغىچە يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىدا ئىشلىگەن. 1994-يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە  قەشقەر تېببى تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ غەرىپچە داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان. 1997-يىلى 9-ئايدىن بۇيان يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىدا ئەلشىپا داۋاخانىسىنى ئىچىپ داۋالاش بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلمەكتە.

كامىلجان ناسىر(دىلداش) 1984-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «سالام ئۇستاز» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەر دەرجىلىك گېزىت- ژۇرناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،«غەم باسقان كۈلكە»، «ئاي كۈلگەن كېچە» ناملىق 50 پارچەدىن ئارتۇق ھېكايە- نەسىرىلىرى، «ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكىگە نەزەر»، «تەڭگە تەمرەتكۈسى(كالا تەمرەتكۈسى)نى داۋالاشتىكى يېڭى بايقاش»  قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالىسى، 300پارچىدىن ئارتۇق تېببى ساۋات خاراكتېرلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

ئىشقىنى ئىجادقا، مېھرىنى بىتاپقا بەرگەن ياش تىۋىپ كامىلجان ناسىر(دىلداش) ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن بىتاپلار ئۈچۈن كۈچ چىقارسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ، ئىزچىل ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن. داۋالاش، ساقلىقنى- ساقلاش قۇشۇنىدا ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە تەلەپچانلىقى بىلەن بەلگىلىك كەسپى ساپا ھازىرلاپ، ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئىرىشىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيۇنچە ۋىراچلىق، غەرىپ تىبابىتى بۇيۇنچە فىلشىرلىق ساھاليىتىگە ئىرىشكەن. ئەدەبى ئىجادىيەتتىمۇ بەلگىلىك نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

2001-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ياشا يۈرىكىم، ياشا مۇھەببىتىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. «بىلەمسەن»، «بىۋاپا»، «ھەسرەت»، «ئەقىدەڭگە ئاشىقمەن»، «بىلمەيسەن» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىغا مۇزىكا ئىشلىنىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرشىغا ئىرىشتى. ئۇ سىناريسىنى يىزىپ رەتلىگەن ۋە رىجسورلۇق قىلغان « يىپەك يولىدىكى كۈلكە ساداسى» ناملىق بەدئى فىلىم شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. «زەرەپشان چېچەكلىرى»، «ئۇيغۇر يېڭى دەۋر بالىلار قوشاقلىرى» ناملىق توپلاملارغا  بىر قىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. يېڭىشەھەر ناھىيەسى نەشىر قىلدۇرغان «ئۇيغۇ خەلق قۇشاقلىرى» ناملىق كىتاپقا ئۇ توپلىغان مۇھەببەت قوشاقلىرى كىرگىزىلگەن. ئون پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.

«دەۋرىمىز تېۋىپلىرى»، «مەن شاھىد يىللاردا» ناملىق پوۋىست ھېكايىلەر توپلامى، « مەڭگۈلىك بالىلىق » ناملىق بالىلار شېئىرى توپلامى، «تېرە كېسەللىكىلىرىنى داۋالاشتىكى يېڭى بايقاشلار» « سىناقتىن ئۆتكەن ئاددى رىتىسىپلار» ناملىق كىتاپلىرىنى نەشىرگە سۇنغان. داۋالاشقا ئائىت 5 پارچە ئىلمى ماقالىسى ئاپتونۇم رايۇن ۋە ۋىلايەت بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

كامىلجان ناسىر(دىلداش) ئىجادىيەتتىكى قىزغىنلىقى بىلەن  قەشقەر  ئەدەبىياتىدا تەرجىمەھالى تونۇشتۇرۇلدى.ئۆز كەسپدىكى كۈچلىك مەسئۇلىيەتچانلىقى، تۇغماسلىق كېسىلى، ئۆسمە كېسەللىكلىرى، ئۆت ۋە بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈشتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە مول تەجىربىسى بىلەن بەلگىلىك نوپۇز تىكلەپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم  رايونىدىكى بىر قىسىم گېزىت ۋە رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن تەشۋىق قىلىنغان.«يېڭىشەھەر مائارىپى» ناملىق كىتاپنىڭ يېڭىشەھەردىكى مەشھۇر شەخسلەر قىسىمىغا تەرجىمەھالى كىرگۈزۈلۈپ، ئەل ئارسىدا «ئىشىقنى ئىجاتقا، مېھرىنى بىتاپقا» بەرگەن تېۋىپ دېگەن باھاغا ئېرىشكەن.

كامىلجان ناسىر(دىلداش) ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەميىتى،  قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى جەمىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياش، مىللى تېۋىپ- دورىگەرلىك تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-8 02:35  


ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش