كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 0

بىزدىكى مىھماندارچىلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 651
تۆھپە : 0
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 18:48:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى مىھماندارچىلىق




مۇھەممەدئىمىن ھەسەن






مىھماندارچىلىق يەنى”مېھمان كۈتۈش “ئۇزاق تارىختىن بىرى ئىنسانلار جەمئىيتىدە ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىنى ئۆز-ئارا يىقىنلاشتۇرۇپ، دوستلۇق رىشتىسى پەيدا قىلىپ، ئۇلارغا سەمىمى دوستلۇق ۋە مىھرى- مۇھاببەت، ئىناقلىق سوۋغا قىلىدىغان، ئاجايىپ سىھرى كۈچكە ئىگە تۇرمۇش سەنئىتى بولۇپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ، ئىنسانلار ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان مەدەنىيەت جەۋھىرىدۇر.

بۇ مىھماندارچىلىق ئاتا قىلغان مىھرى-مۇھاببەت ئارقىلىق، رەقىبلەر دوستقا، كۆڭۈلسىزلىكلەر خۇشاللىققا ئايلىنىپ، ئىنسانلار جەمئىيتى تىنچ تەرەققى قىلىپ گۈللەپ ياشنىماقتا.

مېھمان كۈتۈش سەنئىتى بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئەجدادلىرىمىز شەكىللەندۈرگەن، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە يوسۇنلىرى بىلەن مەخسۇس بىر سەنئەت سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان، شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلارنى  مېھمان دوست خەلق دەپ دۇنياغا تونۇتقان ئۆچمەس تۆھپىسى بىلەن، تۇرمۇشىمىزنىڭ بىرخىل تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان بايلىقىمىز ئىدى.

ئەپسۇس، يىقىنقى يىللاردا بۇ مەدەنىيەت بايلىقىمىز، ئىقىتدىسادنىڭ كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىشى، تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى، شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭمۇ خەلقئارالىششى سەۋەپلىك، سىرىتقى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشى بىلەن كۈندىن-كۈنگە بىزدىن يىراقلىشىپ، ئۆز ئەسلىنى يوقۇتۇشقا يۈزلەنمەكتە.

مەن يىقىنىدا بىر نەچچە دوستلىرىم بىلەن بىر تويغا بارغان ئىدىم، بۇ توي شەھرىمىزنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، زال ئالدىدا يۈزدىن ئارتۇق كىشىلەر بەزىلىرى ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئارا پاراڭلىشىۋاتاتتى.بۇ يەردە تۇرغان مىھمانلارنىڭ كۆپلىگىدىن بۇ توينىڭ تازا قىززىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى، بىز قائىدە بويىچە بۇ كىشلەرگە ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ سالام بەردۇق، ئەپسۇس شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئىچىدىن بىرەرسى بىزنىڭ سالىمىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.بىز خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى باشقا بىر ئەلگە چىقىپ قالغاندەك، ياكى سالىمىمىزنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرگە ئۇچراپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، قول يۇيۇش جۈمىكىدە قولىمىزنى يۇيۇپ، ئۆز- ئارا خوش دىيشىپ، ئىجازەتسىزلا زال ئىچىگە كىردۇق. زال ئىچىدە مىھمانلارنىڭ كۆپلىگىدىن ئولتۇرغىدەك ئورۇن چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىز قەيەردە ئولتۇرۇشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدۇق، شۇ ئەسنادا ھەي ئۇكىلار بۇياققا كىلىڭىلار دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، قارىسام بۇلۇڭدىكى بىر جوزىدا 70ياش ئەتراپىدىكى تۆت بەش كىشى ئولتۇرغان ئىكەن.بىز ئولتۇرغىلى يەر چىققىنىغا خۇشال بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىشىغا باردۇق. قائىدە بويىچە ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم دەپ سالام بەردۇق، بۇلار ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام دەپ قىزغىن جاۋاب قايتۇردى ۋە بىزگە دەرھال ئورۇن تەييارلىدى.بىز بۇ كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىدىن خۇشال بولۇپ، بايىقى خىجالەتچىلىكتە قىزارغان يۈزلىرىمىزمۇ ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى.بىز ئولتۇرىشىمىزغىلا ئۇلار ئىچىدىن ئۇزۇن ساقاللىق بىر كىشى ئامىن دەپ دۇئا باشلىدى، بىزمۇ ئەگىشىپ دۇئا قىلدۇق. ئارىمىزدا بىردەم جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، مەن بۇ چاغدا زال ئىچىگە بىر قۇر قاراپ چىقتىم، تونۇشىدىغان ئادەملەردىن بىرەرسى باردەك قىلمايتتتى.

مۇلازىملارنىڭ، - ئاشتىن بەشنى، ماۋۇ جوزىغا گۆشى چوڭ- چوڭ بولسۇن، ماۋۇ جوزىغا قوغۇن- تاۋۇز، بۇياققا چاي دىگەندەك ھەرخىل توۋلاشلىرى زالنى بىر ئالغان ئىدى. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتداشلىرىنى، دوستلىرىنى ياكى باشلىقلىرىنى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، تونۇشمايدىغان مىھماننى كۈتۈشكە چولى باردەك قىلمايتتى.

مىھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاش-گۆش، تىزىلغان مېۋە- چىۋىلەرنىڭ ئاز، كۆپلىگىدىن ئۇلارنىڭ دەرىجە ئۈنۋانلىرىنى، ئەمەل مەنسەپلىرىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.

- ھەي! بىز بۇيەرگە خاتا كېلىپ قالدۇقمۇ قانداق، باغاققا قارىسامغۇ دەل ئۆزى شۇ، دەپ جىمجىتلىقىنى بۇزدى ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان كېلىشكەن بوۋاي، بىز كەلگىلى نەۋاخ، بۇ قانداق مىھماندارچىلىق، مۇشۇمۇ مېھمان كۈتۈش بولدىمۇ؟ قىنى بىزدىكى ئادىمىگەرچىلىك؟ قىنى بىزدىكى مېھمان كۈتۈش ئەدەب-ئەخلاقلىرى؟ قاراڭلار ئۇكىلار بىز بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايۋاتىدۇ، تويغا چاقىرغانلار ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرىۋالسا، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىلى بىر يۇتۇم چايمۇ تاپقىلى بولمىسا، بۇ يەرگىغۇ ئاچ قىلىپ كەلمىگەن، شۇ ئادىمىگەرچىلىكنى دەپ ھەي ئىسىت، ھەجەپ ئۆزگىرىپ كىتىپتۇق.

-چېچىلمىسا بوۋا، دېدى ئارىمىزدىن يەنە بىر يىگىت، ھازىر زامان تەرەققى قىلپ، مېھمان ئۇزۇتۇشنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى مۇشۇنداق بولۇپ كەتتى. بۇغۇ مەرىكە زالى، ئۆز ئۆيلىرىدە توي، نەزىر قىلغانلارمۇ مۇشۇنداق ئۇزىتىدىغان بولۇپ كەتتىغۇ.، بۇ يەردىغۇ ئاش ئەكەلگىلى، چاي قۇيغىلى ئادەم بار ئىكەن، قوشنا ناھىيلەردە كۈتكۈچىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. مىھمانلار يەيدىغان ئاشلىرىنى ئۆزلىرى بۇيرۇپ، ياكى قازان بىشىغا بىرىپ ئەكىلىپ يەيدىغان، ئىچكىلى چاي يوق، ئىچىملىك سۇلىرىنى نەخ پۇلىغا سىتىۋىلىپ مېھمان بولىدىغان ئىشلارمۇ بار.بۇ مىھمانلار بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق، تاماقنى يەپ دۇئامۇ قىلماي چىقىپ كىتىۋىرىدۇ.

- مۇنداق قىلىقلارمۇ بار دىسىلە دېدى ھىلىقى بوۋاي رەنجىگەن قىياپەتتە،

- شۇنداق بوۋا، بۇ ئىشلارغا ھەممە ئادەم كۆنۈپ كەتتى، تويدىن خاپا بولساڭ توي قىلىپ باق دەيدىغان گەپ بار دىدىم مەن تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ.

- ھەي ئۇكام توي قىلىپ باق دەپ قالدىڭىز، مەن مۇشۇ يىشىمغا كەلگۈچە ئاز دىگەندە 30قىتىم توي ئۆتكۈزگەندىمەن. قىز- ئوغۇللۇرۇمنىڭ تويىنى ھەتتا نەۋرىلىرىمنىڭ تويلىرىنىمۇ ئۆز قولۇم بىلەن قىلغان مەن، مېھمان ئۇزىتىش دېگەن باغاق يازساڭ، پولۇ ئەتسەڭ مېھمان ئۇزاتقانلىق بولمايدۇ، دەپ يەنە كايىشقا باشلىدى بوۋاي.

- بوۋا مېھمان دىگەننى قانداق ئۇزاتسا مېھمان ئۇزاتقانلىق بولىدۇ؟ دەپ سورىدىم مەن ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ،

- ئۇكام، بىزنىڭ كىچىك چاغلىرىمىزدا مېھمان كۈتۈش بىر خىل ماھارەت ھىساپلىنىپ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلەتتى دېدى ۋەزنىلىك قىلىپ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇنداق بىر ھىكمەتلىك سۆز بار، ”مىھماننى ياخشى كۈتۈش، مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ بىر خىل بەلگىسى، ئۆي تۇت مېھمان ئۈچۈن، مېھمان كەلگمىگەن ئۆيدە بەرىكەت يوق“ دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ تۈرۈتكىسىدە مىھماننى ئۇلۇغ دەپ بىلىدىغان كۆز قاراش شۇنداقلا مېھمان كۈتۈشكە ئالاقىدار ئەدەب- ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن، ئۆرۈپ- ئادەتلەر ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى. كونىلاردا ”بۇغداي نىنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟“ دەيدىغان گەپ بار. بەزىلەر قوي سويۇپ مىھماننى رازى قىلالمىسا يەنە بەزى ماھىر، تەجرىبىلىك كىشىلەر ئاددى تاماقلىرى بىلەن تۆگە سويغاندەك خۇشال قىلىۋىتىدۇ. گەپ مىھماننى قانداق كۈتۈش، قانداق مۇئامىلە قىلشتا. بىزنىڭ ياش ۋاقىتلىرىمىزدا توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا مېھمان ئۇزۇتۇشتا قول سۈيى ئالىدىغان، ئاش قويىدىغان، ئاش توشۇيدىغان ، چاي قۇيىدىغان ، شۇنداقلا ئۆيدە مۇقىم تۇرۇپ مېھمان كۈتىدىغان ئىشلارغا ئايرىم-ئايرىم ئادەملەر بەلگىلىنەتتى.بۇلار ئالاھىدە تاللىنىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى ئۆزلىرى قىلماقچى بولغان مۇلازىمەت ئىشلىرىدا پىشقان، تەجرىبىلىك مېھمان كۈتۈشكە ماھىر كىشىلەر ئىدى.

مىھمانلار كەلگەندە مىھماننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلىدىغانلار باشقا بولۇپ، ھەرقايسى ئۆز ئورۇنلىرىدا مۇقىم تۇراتتى.مىھمانلارمۇ ناھايىتى ئەدەپلىك بولۇپ، دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە، ئۆيگە كىرگەندە چوڭلار، پېشقەدەم كىشلەر ئالدىدا ماڭاتتى، ھەم ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم دەپ سالام قىلىپ كىلەتتى. مېھمان بىلەن ساھىبخان بىر- بىرلەپ قول ئىلىشىپ كۆرىشەتتى.ئۆيگە كىرگەندە ئالدى بىلەن پېشقەدەم كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا دۇئا قىلىناتتى، دۇئادىن كىين ھاردۇق چېيى قۇيىلاتتى، چاي قۇيغاندا ئاۋاز چىقارماي، كۆپۈك چىقارماي، پىيالىنىڭ لىۋىدىن قۇياتتى، كۆپۈك چىقىرىپ، ئاۋاز چىقىرىپ چاي قويۇش ئەدەپسىزلىك دەپ قارىلاتتى. چايدىن كېيىن قول سۈيى ئىلىناتتى، قول سۈيىنى ئالىدىغانلار چىلاپچىنى مېھمان ئالدىغا قويۇپ، ئابدۇۋىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، سۇنى ئۈزۈپ- ئۈزۈپ ئۈچ قېتىم قۇياتتى، قول چايقاپ بولغان مېھمان قول سۈيىنى ئالغۇچىغا ھەشقەللا، بارىكاللا، رەھمەت دىگەندەك سۆزلەر بىلەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرەتتى.مىھمانلارنىڭ ئىشىكتىن كىرىش، ئولتۇرۇش جەريانلىرىدا ئۆزگىچە قائىدىلىرى بار بولۇپ، ئالدى بىلەن بىلىم ئەھلىلىرى، ئاندىن پىشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلار، بالىلار تەرتىپ بويىچە كىرەتتى ھەم ئولتۇراتتى.تاماق يىگەندە ئالدى بىلەن چوڭلار بىسمىللا بىلەن باشلاپ بىرەتتى، تاماق يىيشتىن ھېچكىم ئۆز ئالدىغا بالدۇر توختىۋالمايتتى، قورسىقى توقلارمۇ يىنىدىكى مىھماننىڭ تاماق يىيىشىگە دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن تاماق يىگەن بولۇپ ئولتۇراتتى. تاماقتىن كېيىن چوڭلار دۇئا باشلاپ بىرەتتى.دۇئادا ئۆيگە بەرىكەت، ئىشلىرىغا خەيرىلىك تىلىنەتتى.ۋاھ ھازىر دۇئالىرىمىزنى رېستوران، مەرىكە زاللىرىغا قىلىۋىرىپ، شۇڭا بۇ سورۇنلارنىڭ سانى كۈندىن- كۈنگە بەرىكەت تىپىپ، ئاۋۇپ، ئىشلىرى روناق تىپىپ، كىشلەر بارغانسېرى بۇ سورۇنلارغا موھتاج بولۇپ قىلىۋىتىپتىكەندە دەپ چاقچاق ئارىلاش گەپ قىستۇردى يەنە بىر يىگىت.

- توغرا دىللە دېدى ھىلىقى ئۇزۇن ساقاللىق بوۋاي گىپنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ رسىتۇران، مەرىكە زاللىرىدا مېھمان ئۇزاتقاندا مىھماننىڭ لايىقىدا ھۆرمىتىنى قىلالمىغاندىن باشقا كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ ئۆيلىرىنى بىلەلمەسلىك، ئاغرىپ قالسا كىسەلنى يوقلاش، ۋاپاتىغا پەتە قىلىش، ھىيتلاش قاتارلىق دوستلۇق رىشتىسىگە ئىغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەھەللىدارچىلىق مىھرى-مۇھەببىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رېستۇران مەرىكە زاللىرىدا مېھمان ئۇزاتقاندا مېھمان كۈتۈش، مېھمان بولۇش، ئەخلاق، قائىدە  يوسۇنلىرىمىزمۇ، ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزمۇ بەلگىلىك زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇاڭا بۇسورۇنلاردا قىلىننغان دۇئا سالاملار، ئىتىبارسىز قالىدىغان، تاماق يەپ بولۇپ، دۇئامۇ قىلماي چىقىپ كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

ھازىر بىزنىڭ مىھماندارچىلىقىمىز، ئەنئەنىلىرىمىز بارغانسېرى يىراقلىشىپ توي ئىگىسى بولغان ساھىپخان ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرىۋالىدىغان، مىھماننى دەرۋازىدىن كىرگۈزۋەتسە ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان، مىھمانلار مۇساپىر بولۇپ، نەدە ئولتۇرۇپ نېمە يىيىشنى بىلەلمەيدىغان، كەلگەن مىھماننى تەكلىپ قىلغىلىمۇ ئادەم يوق قايتىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

مىھماندارچىلىقىمىزدا كىشىلەر مىھماننى  ياخشى كۈتۈش، رازى قىلىش جەھەتتىكى سۈپەتكە قارىماي، مىھماننىڭ ناھايىتى كۆپ كەلگەنلىكىگە قارايدىغان، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ قالدى.

مىھماندارچىلىقىمىز ئەجەب ئۆزگۈرۈپ كەتتىغۇ، باشقا مىللەتلەر تەرەققى قىلسا، يىڭىلىقنى قوبۇل قىلسا، ئۆزىنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت، ئەن- ئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەم ئۇنى بيىتىپ تەرەققى قىلىدىكەن. بىز بولساق يېڭىلىقنى قوبۇل قىلغاندا، كونا ئۆرۈپ- ئادەت، ئەن-ئەنىلىرىمىزنى تاشلاپ قوبۇل قىلىدىكەنمىز، بەزىدە ئاشۇرىۋىتىپ قوبۇل قىلىدىكەنمىز، بىزنىڭ مۇشۇ خىل مىجەز، خارەكتىرىمىز تۈپەيلىدىن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆرۈپ-ئادەت، ئەن-ئەنىلىرىمىزدىن نىمىمىز قالاركىن دەپ كۆزىنى يۇمغىنىچە خىيالغا پىتىپ قالدى بوۋاي.–بولدىلا ، دېدى بىر ئازدىن كېيىن كۆزىنى ئېچىپ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بۇ گەپلەرنى دەپ نېمە قىلاي، دۇئا قىلايلى دىگىنىچە دۇئاغا قول كۆتۈردى.بىزمۇ قىلىشقان قىزغىن پاراڭلىرىمىزغا دۇئا قىلىپ چىقىپ كەتتۇق، سىرىتتا ھىلىقى كىشىلەر يەنە شۇ پاراڭلىرى بىلەن ئىدى.

بىز كىتىۋىتىپ ئارقىمىزغا قاراپ- قاراپ ماڭدۇق، ئۇلارنىڭ بىزنى ئۇزۇتۇپ قويۇشقا ۋاقتى يىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش