يېڭى كىتاب ئۇچۇرى (42 ـ سان)
يېقىندا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە ـ نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى يۈرۈشلۈك كىتابلىرى قاتارىدا پىشقەدەم يازغۇچى ۋە مۇھەررىر سۇلتان ھاشىمنىڭ «كۈمۈش رەڭ قۇتا» ناملىق فانتازىيەلىك رومانىنى، مەرھۇم يازغۇچى ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ «سىرلىق ئۆڭكۈر» ناملىق بالىلار رومانىنى، پىشقەدەم شائىر ۋە يازغۇچى ھۈسەن روزى تىرىكنىڭ «قارىياغاچقا ياماشقان خىياللار» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ـ فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن ـ سىن نەشرىياتى يازغۇچى، دوتسېنت مۇھەممەد بارات تەشنائىينىڭ «مۆجىزى» ناملىق رومانىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىگە سۇندى.