ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىدىن بىرى –ھاپىزى ۋە ئۇنىڭ بىر شېئىرى
قازىلىقتىكى ئادىللىقى ۋە شېئىرىيەتتىكى ئاجايىپ تالانتى بىلەن كىلياڭ خەلقى ئارىسىدىلا ئەمەس ، پۈتۈن گۇما تەۋەسىدە يۈكسەك ئابرۇي تاپقان ھاپىز ئاخۇنۇم(ھاپىز ئىبراھىم) 1884-يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ كىلياڭ يېزىسىدا تۇغۇلۇپ 1947-يىلى كىلياڭدىكى ئۆز ئۆيىدە 63يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
ھاپىز ئاخۇنۇم ئەينى دەۋىرنىڭ ئوقۇمۇشلۇقلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن كىلياڭنىڭ مەدەنىيەت –سەنئەت ، تىبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر ئۆمۈر كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىغان . ئۆز ئوغلى ئابدۇمىجىت ھاپىزنى ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە سىستىمىلىق تەربىيەگە ئېگە قىلغان . مەزكۇر كىيىن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي داۋالاش ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا قوبۇل قىلىنىپ ، 2011-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر شۇ يەردە خىزمەت قىلغان .
ھاپىز ئاخۇنۇم يەنە قاى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەينى دەۋىردە خەلقنىڭ ھال ئەھۋالىغا يېتىپ ، ئۇلارنىڭ دەرد -ھەسرەتلىرنى ئاڭلاپ ، زامان ناھەقچىلىقلىرى ئۈستىدىن ئامالنىڭ بارىچە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشقا تىرىشقان ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەينى دەۋىر رىئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ ، خەلققە ئاسايىشلىق ،تېرىشىش يولى كۆرسىتىپ بەرگەن . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئوغلى ئابدۇمىجىت ھاپىز تەرىپىدىن 90-يىللاردا ‹‹تارىم›› ، ‹‹ بۇلاق ›› ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، تۆۋەندە مەزكۇرنىڭ يېقىندا تېپىلغان ، تېخى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن ‹‹ بالامغا نەسىھەت ›› ناملىق ، ئوغۇللىرىغا ئاتاپ يازغان بىر پارچە شېئىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوۇرىغا سۇنىمەن .
بالامغا نەسىھەت
ئىلمى بابىدا ۋەرەئ ① تەئۋانى باشلاڭلار بالام،
بېھۇدە ، بېمەنە سۆزنى ئارقا تاشلاڭلار بالام.
ھىممىتىڭلار بارىچە ئۇستاىڭىز رازى قىلىڭ،
ھەمساۋاقلار ھۆرمىتىنى ياخشى ساقلاڭلار بالام.
تا تىرىكمەن مۇددىئايىم – ئىلمى تەھسىل قىلدۇرۇش،
مۇددىئانى بىلسىڭىزلەر ئەسلى ھارماڭلار بالام.
كېچىسى تەكرار قىلىڭلار ، كۈندۈزى ساۋاق ئېلىپ،
ھەر پۇنۇن ②ھەر ئىلمىدىن بىي بەھرى قالماڭلار بالام.
ئۆز ۋەتەندىن ئايرىلىپ غۇربەتچىلىك سەھراسىدا،
بەزى ئاچ –توق ، ئۇسسىساڭلار تەئنە قىلماڭلار بالام.
ئىلمىدە ماھىر بولۇشنىڭ بىر يولى غۇربەتچىلىك،
ھىچ كىشى ئۆز يۇرتىدا ئەللامە بولماسلار بالام.
ئاتىڭىزنىڭ سالى③ئاتمىشقا يېقىنلاشتى بىلىڭ،
بىر نەپەسلىك ئۆمرىڭىزنى زايە قىلماڭلار بالام.
بارچە ئادەم ئۇشبۇ رەپدارى پەلەكنىڭ زۇلمىدىن،
ئويلىغان مەقسىدىنىڭ بىرىنى تاپماسلار بالام.
ئۇشبۇ كۈندە بارچە ئادەم سۇ ئۈزە ④لەيلەپ يۈرەر،
ئاقىبەتنى بىر خۇدادىن ئۆزگە بىلمەسلەر بالام.
غەنىيمەت كۈنلەر ئارا بىر كۈن سالامەت ئولتۇرۇش،
دەۋرى جەمشىيدۇ ئىسكەندەر ھەممىدىن ئارتۇق بالام.
ھاپىزى بىر سۆزلەپ ئۆتتۈڭ مەستى لا يەئقىل⑤ كەبىي ،
نۇردىدە بەرگەزىدە ماھىي تابانىم بالام .
1944-يىل ماھىي سەپەر
①چوقۇم-تەقۋا
②پۇنۇن-پەن
③سالى-يېشى
④ئۈزە-يۈزى
⑤مەستى لا يەئقىل-ئەقلى يوق مەست كەبىي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-23 15:42
|