ximal
كۆرۈش: 1198|ئىنكاس: 22

ئەرشىدىن باھاي بىلەن تونۇشۇش(23) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 795
تۆھپە : 27
توردا: 163
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 16:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بار ئىدىم ئەسلى مەن قارشى قىرغاقتا

arxidin.PNG


[ئاپتوردىن] رىياللىق دولقۇنلىرىدا دولقۇنلاپ تۇرغان قەدىمىمنى توختىتىپ،تەگىسىز خىيال دېڭىزىغا ئۆزۈمنى تاشلىدىم. ئۆزۈم ئۈستىدە ئويلىنىش قاچانلاردا ئادەتكە ئايلانغانلىقى ئېنىق يادىمدا يوق. لېكىن يېڭى ئەسىر بىلەن كونا ئەسىر ئالمشىۋاتقان خەيىرلىك كۈندە تۇيۇقسىز ئۇيغۇنۇپ ئۆزۈممۇ سەزمەستىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ھاياتىمدىكى تۇنجى شېئىرنى بالىلارچە تۇيغۇدا يېزىپ، قەلىب خاتىرەمنىڭ تۇنجى بېتىنى ئاچقىنىم ھېلى-ھەم يادىمدا. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ شېئىر يازالايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم، ئېنىقى شېئىر يېزىشنىمۇ ئويلىمايتىم. شۇ كېچە مېنى شېئىر بىلەن ئۇچراشتۇردى، تۇنجى قېتىم ئۆزۈم بىلەن تونۇشتۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شېئىردىن ئىبارەت بۇ قەلىب غەزىنىسىنى ۋاراقلاپ كېلىۋاتىمەن.

مەن 1986-يىلى 4-ئاينىڭ8-كۈنى توخسۇن ناھىيە بوستان يېزا خېتىپ كارىزمەھەللىسىدە بىر دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىدە يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقانىكەنمەن.لېكىنقانداق سەۋەب بىلەن كىملىك ۋە نوپوس قەغىزىگە 1984-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغاندەپ يېزىلىپ قالغانلىقى مەن ۋە بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە نامەلۈم.مەيلى 1984-يىلىبولسۇن ۋە مەيلى 1986-يىلى تۇغۇلغان بولاي ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە ئاتا-ئانامنىڭمېھرى-مۇھەببىتىگە مىڭ مەرتىۋە شۈكۈر ۋە ھەشقاللا ئېيتماي تۇرالمايمەن.چۈنكى بۇيۇرۇق دۇنياغا قەدىر-قىممەت ئىگىسى بولۇپ تۇغۇلۇش ھەممە جاندارلارغا مۇيەسسەربولىدىغان ئەزىزلىك ئەمەس!لېكىن بۇ ئەزىزلىك كۇرسىدا ھەركىم ئۆزى ئۆرەتۇرالمىسا،ئاتا-ئانا يۆلىگەن بىلەن ئىگىسى ئالدىدا تىك تۇرالىشى ياراتقۇچىنىڭئۆزىگە ئامانەتتۇر.

مېنىڭ بالىلىق خاتىرەمدە ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك بايانلار يوق،ئەممامەكتەپ يېشىغا توشۇشقا ئاز قالغاندا مەكتەپكە بارىمەن دەپ جىدەل قىلغىنىم،چوڭئايلام( ئايلاـ ھەدە،ئاچا دېگەن مەنىدە)نىڭ مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپقويغانلىقى،مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئانا تىلىمىزدىكى« ئە» ھەرىپىنىڭ ھەمزىسىنىتوغرا ھەم چىرايلىق يازالماي ئايلامدىن بىر نەچچە قېتىم دەشنام ئىشىتكىنىمنى،كىچىكئايلامنىڭ ماڭا ۋېلىسپىت مېنىشنى ئۆگۈتۈپ قويغانلىقى،ئاكامنىڭ ئائىلىمىزنىڭدېھقانچىلىق چارۋىچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدائوقۇشتىن چېكىنىپ قويچى( قوي باقىدىغان چارۋىچىلار توخسۇننىڭ يەرلىك تىلىدا شۇنداقئاتىلىدۇ ) بولغانلىقىغا ئائىت بىر قاتار ئەسلىمىلەر ۋە توخسۇن ناھىيە بوستان يېزاپىدايى ھاۋۇل باشلانغۇچ مەكتەپنى( ھازىر بۇ مەكتەپ ئورنىغا 4-كەنىت ئاھالىلەركومىتىتى بىناسى ۋە مەدەنىيەت پونكىتى سېلىندى) پۈتتۈرگىچە بولغان ئارلىقتا بىزگەسىنىپ مۇدىرى بولغان يىگىرمە نەچچە ئوقۇتقۇچى ۋە سىنىپىمىزدىكى 24 ئوغۇل 11 قىزھەممىسى مېنىڭ بالىلىق خاتىرەمگە يېزىلىغان مەۋھۇم خاتىرىلەر بۇلۇپ، بۇ خاتىرىلەر1993-يىلدىن 1999-يىلغىچە بولغان ۋاقىت كارىدورىدا غايىپ بولدى.

باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىم ئانا تىل،دۆلەت تىلى ساۋادىنى چىقىرىش،ئاددىھېسابلاشلارنى بىر تەرەپ قىلىش دەرىسلىك كىتابلاردىكى ئەسەرلەرنى تاپشۇرۇق ئورنىدايادقا ئېلىش كۆچۈرۈش ئىشلىرى بىلەن تۈگەللەندى.1999-يىلى تولۇقسىز مەكتەپ ۋاقىتكارىدورىغا كىرگەندىن كېيىن ھەممىباپ پەنلەرنى قىزىقىپ ئۆگەندىم،بۇ جەرياندا تىلئەدەبىيات دەرىسىگە نىسپەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى.مېنىڭ نەشىرىياتتائېلان قىلىنمىغان ئەمما مېنى شېئىرىيەت دۇنياسىغا ئېلىپ كىرگەن ئۆزى ئاددى، ئەممامەن ئۈچۈن تۇلىمۇ قىممەتلىك، مەنىۋىيىتىمنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان تۇنجى شىئېر «يېڭى ئەسىر ۋە رىقابەت » دەل مۇشۇ ۋاقىت كارىدورى ئىچىدە يېزىلدى.شۇنىڭدىنئىتىبارەن مەن ئۆزۈمنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىشقاباشلىدىم.2002-يىلى مەن تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن باغرىمغا ئەدەبىياتنىڭئوتى خېلى بەك تۇتاشتى،شۇنىڭدىن بۇيان ئەدەبىيات دەرىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىدىم،ئەممائەدەبىي مۇھىتىم دەرىسلىك كىتاپلىرىمدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلەندى.ئۇچاغلاردا قايسى سەۋەب،قايسى باھانىلەر بىلەن دەرستىن سىرتقى ئەدەبىي ئوقۇشلۇقلارنىقولۇمغا ئالالمىغانلىقىم توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېگۈم يوق.

       2005-يىلى پۈتكۈل ھاياتىمغاتەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق دەقىقىلەر يىتىپ كەلدى.تا مۇشۇ كۈنگىچە ئۆزۈمنىڭ نېمەئۈچۈن 12 يىل ئۆي بىلەن مەكتەپ ئارلىقىدا قاتراپ يۈرگەنلىكىمنىڭ تىگىگە يىتەلمەييۈرگەن ئىكەنمەن.شۇ خىل گاڭگىراش ۋە تەشۋىش بىلەن تەغدىرىمنىڭ تىزگىنىنى ئالىيمەكتەپ ئىمتاھانىغا تۇتقۇزۇپ ،ئىككى كۈنلۈك جەڭنى ھەر ھالدا مۇۋاپىقىيەتلىكئاخىرلاشتۇردۇم. ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى ئاياغلىشىپ،بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئارزۇتوشقۇزغاندا يېرىم ئۈمۈد يېرىم ئىشەنچ بىلەن بىرىنجى قارار ئارزۇنىڭ ھەممىسىگەئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى توشقۇزۇپ،ئىككنجى قارار ئارزۇغا قانداقتۇر قەشقەرپىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىن باشقا مەكتەپ ۋەكەسىپلەرنى يازغۇم كەلمىدى.بەلكىم بۇنىڭغا مېنىڭ تۇلۇقسىز ھەم تۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپ ھاياتىمدا 6 يىللىق ۋاقتىمنى تەغدىم قىلغان توخسۇن ناھىيە بوستان يېزىلىقتۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قەشقەرپىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇپ كەلگەنلىكى ۋە قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە جەلىپ قىلىش كۈچىسەۋەب بولغان بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.

شۇنداق قىلىپ ئارزۇ،قىزىقىش،ھەۋەس ئارلىشىپ كەتكەن تۇيغۇلىرىم بىلەن ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلدىم.  بۇ جەرياندا يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا كەلگەن 117 نەپەر ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغاندىن سىرىت فىلولوگىيە فاكولتىتىنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ۋاھىتجان غۇپۇر، ئەمەت دەرۋىش، ئەنۋەرمەتسەيدى،مۇھەممەت غازى ئەيسا،تۇراپ قاسىم،مەمەتتۇرسۇن داۋۇت،كېرىمجان ئابدۇرېھىم،بۇلبۇل ئەكرەم(ئۇلارغا سالامەتلىك مەڭگۈ يار بولسۇن) قاتارلىق تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە پەرۋىشكار باغۋەنلەرنىڭ تەربىيىسى ئاستىداقەدەممۇ-قەدەم ئەدەبىيات بېغىغىغا كىرىپ كەلدىم ھەمدە مۇشۇ باغدا بىر تۈپ دەرەخبولۇپ كۆكلەپ قېلىش ئۈچۈن رىئاللىق بىلەن خىيال ئارلىقىدا تېنەپ-تەمتىرەپيۈردۈم.ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى يىلى مەخسۇس خەنزۇتىلى ئۆگۈنۈش بىلەنئۆتتى.2006-يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ھەقىقى كەسپى تەربىيلىنىش ھاياتىمباشلىنىپ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ يۇقىرىدا مەن ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «جەنۇبىشىنجاڭ ئارقى سېپى»دە ئۈنتۈنسىز ئىجادىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپمائارىپ قۇرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۈرلۈك ئىجادىيەت مىراسلىرىنى كىيىنكىلەرگەقالدۇرۇش،ئىجادىيەت ۋارىسلىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۆرەش قىلىۋاتقانمىننەتسىز قىممەت ئىگىلىرى بىلەن تونۇشتۇم.لېكىن مەن بۇ ئەجىر ئىگىلىرى بىلەن شۇۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۆپرەك ھەمسۆھبەت بولۇپ،پىكىر چوڭقۇرلىقىغا ئىچكىرلەپكىرەلمىگەنلىكىمدىن ھازىرغا قەدەر قاتتىق ئۆكۈنىمەن.

         ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن 5يىللىق ئوقۇش ھاياتىمۇ ئاياغلىشاي دەپ قالدى.تۈرلۈك تەييارلىقلار ئاساسىي جەھەتتىنپۈتۈپ پەقەت خىزمەت مەسىلىسىلا ھەل بولماي تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساۋاقداشلىرىمئارىسىدا  ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتاھانىئېلىندىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىپ مېنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى.خىزمەتتېپىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولىۋاتقان شارائىتتا شۇنداق بىر خەۋەرنىڭتارقالغانلىقىنىڭ ئۆزىلا يېرىم نەتىجە ئىدى ئەلۋەتتە. 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قىيالماسلىق ئىچىدە يېنىپ چىققاندىن تارتىپئوقۇتقۇچىلىق ئىمتاھان نەتىجەم لاياقەتلىك بولۇپ،ئۈرۈمچىگە بىر ھەپتىلىك تەربىيلەشكۇرسىغا قاتناشقىلى ماڭغۇچە بولغان بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقتىم تۈمەن دەرياسى بويىدايالغۇزلۇق،غېرىبلىق دەردىنى تارتىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە يەنى2010-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە چىقىش

ئىمتاھانىغا قاتنىشىۋاتقانمەزگىلدە «تەڭرىتاغ ژورنىلى» 2010-يىل 3-سانىدا يېڭى كۈچ سەھىپىسىدە ئېلانقىلىنغان «بار ئىدىم ئەسلى مەن قارشى قىرغاقتا»ناملىق ئومومىي ماۋزو ئاستىدابېرىلگەن سۆگەت مەڭگۈ تېشى،پالسىز يۈرەي،چاڭگا سالسام چېچىڭغا قاتارلىق ئۈچ پارچەشېئىر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن باشلاندى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

      2010-يىلى 9-ئاينىڭ22-كۈنىدىن باشلاپ مېنىڭ يەكەن ناھىيە تاغارچى يېزا چۈشۈرگە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى.يېڭى خىزمەت مۇھىتى مېنىخېلى گاڭگىراتتى،ئەمما كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇلۇپمۇ باشلانغۇچ 4-يىللىق 1-سىنىپئوقوغۇچىلىرىغا سىنىپ مۇدىرى بولۇپ، تۈرلۈك پەن دەرىسلىرىگە مەسئول بولۇپ،دەرسئۆتۈش جەريانىدا مۇنبەرگىمۇ بارا-بارا كۈنۈپ قالدىم.

ئەمما تەغدىر شاماللىرىمېنى شەرەپلىك مۇنبەر ۋە سەبى دىللارنىڭ قوينىدىن ئايرىدى (چۈشۈرگە باشلانغۇچمەكتەپتىكى بارلىق خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا،مېنى مۇئەللىمدەپ چاقىرغان ھەربىر ساۋاقداشنىڭ ياراملىق كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغاتىلەكتاشمەن !).ئىمتاھان ئارقىلىق خىزمەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مېنىڭخىزمىتىم يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق يېزىلىق خەلق ھۆكىمىتىگە يۆتكەلدى.تۆۋەندىكىشىئېرلار  ئەنە شۇ  5يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ۋە بىر يىللىقئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ۋە ھازىرقى يېزا خىزمىتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەنئازۇ-ئىستەك،رومانتىك خىيال،ئاچچىق رىياللىق،گۈزەل غايىلەرنىڭ لىرىك سىماسىدۇر.


ئەرشىدىن باھاينىڭ شېئىرلىرىدا ھېسسىيات ئىلمنتلىرى قۇيۇق، ئىماگلىرى يېڭى، تىل ئاددىي ۋە تارتىشلىق بولۇپ ھەر بىر شېئىرىدا ناھايىتى غۇۋا بولسىمۇ ئىزدىنىش ئىلمىنتلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ھال بۇ ياش ھەۋەسكارنىڭ ئەتىسىگە بولغان ئۈمىد شامىمىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرنى تىلەپ يېقىندا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

ــــــ مەسئۇل مۇھەررىردىن



« كەلگۈسى ۋە رىقابەت»

يېڭى يىل كېچىسى چۈش كۆرۈپ،

بىردىنلا چۆچۈپ ئۇيغۇنۇپ.

ماڭا قاراپ خۇش كۈلۈپ،

يىتىپ كەلدى ئىلھام يۈگۈرۈپ.

بايان ئەيلەي مەن سىزگە،

چىن يۈرەكتىن سۆز ئېچىپ.

سەبى دىللارغا كۆز ئېچىپ،

كەلگۈسى رىقابەتتىن شىئېر يېزىپ.

بېرىپ كەلگۈسىدىن ئالدىن بىشارەت،

ئېيتىپ بېرەر بىزگە رىقابەت.

رىقابەت دېڭىزى چوڭقۇر كارامەت،

غەرىقسەن بولمىسا ئىرادە-پاراسەت.

رىقابەت كەلدى قۇيۇندەك جار سېلىپ،

ھۇرۇن ئەخمەق نادانلارنى خارقىلىپ.

رىقابەتنى بىلمىسەڭ دەرتكە پېتىپ،

ئاخىرى بولىسەن كور ئۇخلاپ يېتىپ.

رىقابەت دەۋرى قورقۇنۇچ بەختىيار،

پەن-مەدەنىيەت بۇ دەۋىردە ئاقار.

ئۇخلاپ يېتىپ ئۇيقۇغا بولۇپ خۇمار،

ئاخىرى بولىسەن شاللىنىپ بىكار.

يېڭى ئەسىردە بار كۈچلۈك رىقابەت،

ئىگىلمىگىن بول يىغىپغەيرەت-جاسارەت.

يارىتىپ ئەلگە مۆجىزە دارامەت،

رىقابەت ئۈستىدىن سەن قۇچۇپ شەرەپ.

2000-2001-يىل چىگرىسىدا يېزىلدى.

    مەن

مەن تەن بىلەن روھنىڭ ئارلىقىدا،

گۈل بىلەن تىكەننىڭ تەشۋىشىدە.

ئىسمى بار جىسمى يوق بىرپاراكەندە.

گۇناھ يەلكىسىنى بېسىۋاتقان،

ئايىغى گۆرگە ساڭگىلاۋاتقان،

ئۆزىدىن تۇلىمۇ يىراق بەندە.

مەن بىر خارابە ئۆينىڭ ئىچىدە،

شەيتان تۇغۇلغان رەزىل كېچىدە،

روھنى بۇغۇزلاۋاتقان بىر تەندە.

مەن يار چېچىغا ئېسىلغان جەسەت،

مېنى كۈتمەكتە سۈيۈملۈك لەھەت.

يۈرۈكۈم يېرىلغان ئاشۇ دەمدە.

ئىككىمىز

ئىككىمىز بىر باغنىڭ شەيداسى ئىدۇق،

يۈرەكلەر يالقۇنجاپ كېتەتتىچوغدەك.

شاماللار شىۋىرلاپ قويسىمۇ بەزەن،

پورەكلەپ كېتەتتى قۇياشمۇ چوغدەك.

ئىككىمىز باھارنىڭ تەشناسى ئىدۇق،

ھاياجان سالاتتى ۋىسال كويىغا.

يۈزلەرنى يۇياتتى ياشاڭغۇ ئېقىن،

ئېسىلىپ قالاتتۇق ئۆستەڭ بويىغا.

كېچىلەر ئۇلغايدى چۈشلەر كۆپەيدى،

رىشتىمىز بىر يىپقا باغلاندىئاخىر.

قىرغاقتىن قىرغاققا ئۆتكۈچەكۆزلەر،

بىر قەترە كۆز-ياشتا يارلاندىئاخىر.

تۈگىدى...

مەلۇم، ئاشىقنىڭ ھەسرىتى مەشۇقتىن

غەمخانە كۆزدە يۈرەكنىڭ دەرمانى

تۆكۈلەر چەكسىز سېغىنىش، كىرپىكتىن

... ھاياجان ياشلىرى يىغلايدۇيۈزدە

سورىما دەردىمنى تۈندىكى يۇلتۇز،

ئىزدىمە قەلبىمنى ئىككىنجى بىرى.

ھېچنېمە، قالمىدى بەرگۈدەك مەندە

مۇھەببەت قىزى ئالدىما ئۆزۈڭنى

تۈگىدى پاكپاكىز ھەممە ھەممىسى،

نالىسى قالغىنى يۈرەكنىڭ ئاچچىق

ئىچمەكچى بولدۇم، نەپرەتنىڭ قېنىنى

ئالدىدى كۆڭۈل ئالىسى ئالداندىم

قالدى، كۆزلىرىم مۇڭ بىلەن مۇڭپېتى

كۈلنىڭ چالىسى باغرىمدا بىر دۆۋە

سورۇلۇپ تۈگىدى ئاشىق، شامالدا

تۈگىدى ھەم ئاشىق كۆزنىڭ قارىسى.

سوغوق نۇر

قاغجىرغان ھېسياتىم قاققا ئايلاندى،

ئاپتاپتەك كۆڭۈلدىن قالمىدى ئەسەر.

تۇيغۇلار ئىلكىمدە بولماقتا يارا،

يۈرۈكۈم مۇزلىدى ئۇچقۇنغا قەدەر.

سەرسان چوغ كۆتۈرۈپ كەلمەكتە ھىجران،

تەشمەكتە كۆزۈمنى ھەسرەتلىكياشلار.

بىر ئىگىز يالقۇندىن يىقىلدىكۆڭلۈم،

سىيرىلىپ چۈشمەكتە ئاداققى تاشلار.

كۆزۈمدە سوغوق نۇر مۇز بولۇپ قاتتى،

كىرپىكلەر ئاستىدا سويلايدۇھىجران.

قارچۇقلار نەپرەتتە تولدى قۇمبىلەن،

ئۆستەڭدە ئولتۇرۇپ يىغلايدۇبوستان.

سۆيگۈ ئىمزاسى

باغرىمغا ئوت ياققان كۆزلىرىڭ قالدى،

كىرپىكتىن تۆكۈلگەن مۇڭغاباغلىنىپ.

چېچىڭدىن تارقىغان تونۇش پۇراقتىن،

قىيالماي نەپەسلەر دەردتەداغلىنىپ.

قولۇمدا بىر قولنىڭ ئىمزاسى قالدى،

لەۋلەردە بىر تاتلىق تامغىنىڭمۆھىرى.

ھاياجان لەرزىدە ئۆلدى يۈرىكىم،

تۇنجى رەت ئوقۇلدى سۆيگۈنىڭ سىرى.

ھەتتاكى پەرىلەر ئۆرتەندى بەلكىم،

چېچىڭغا ئېسىلىپ ئۆلگەندە دۇنيا.

قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىىئۆلۈم،

تەقدىرگە كۆز قىسىپ كۈلگەندە رىيا!

شۇنىڭدىن باشلاپ

پىچىرلاپ ئويغاتتىم كۆڭلۈمنى ئاستا،

مەن ئۇنى ئەزەلدىن سۆيۈپ باقمىغان.

لېۋىڭگە تۇنجى بوپ سۆيگەندىنباشلاپ،

دىلىمدا باشقىسى كۆيۈپ باقمىغان.

قەلبىمدىن يىراقلاپ كەتتى يۈرىكىم،

باغرىمدا بىر گۈلخان يانغاندىنباشلاپ.

كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن پەرھىز تۇتۇشتى،

سېنى دەپ ھەممىدىن تانغاندىنباشلاپ.

يۈرۈكۈم ئۇلغۇيۇپ كەتكەندىن باشلاپ،

كۆز يېشىم دەريادا ئۈزۈپ باقمىدى.

بېلىقلار بىلمەيدۇ دەردىمنى ئەسلا،

ھەسرىتىم رىشتىنى ئۈزۈپ باقمىدى.

يامغۇردىن كېيىن

يامغۇردىن كىيىنكى سوغوق تۇيغۇدا،

قايرىلدىم دوقمۇشتىن ئازاپقاقاراپ.

ئىزلىرىم ھەسرەتتىن پۈتۈلگەنبولغاچ،

شاماللار چېچىمنى قوياتتى تاراپ.

خىيالنىڭ قانىتى توڭلىدى بەلكىم،

توڭلىدى ھەتتاكى قۇشلارنىڭ پېيى.

گۈللەردىن سادا يوق،شاماللارجىمجىت،

مۇزلىدى چىنەڭدە كىملەرنىڭ چېيى.

قاراڭغۇ چۈشكىچە يامغۇر ياغمىدى،

مەڭگۈلۈك غېرىبلىق يەنىلا مەۋجۇد.

تىكەندەك يالغۇزلۇق قىلماقتاداۋام،

تىكەنگە يۈزلىنىپ كەلمەكتە ھۇجۇد.

يېڭى كۆكلەم

ئاپتاپتىن تۇغۇلغان مايسىغا ئوخشاش،

بەك يۇمران باش باھار كېلىشئالدىدا.  

يىگىرمە تۆت قىشتىن كىيىنكىكۆكلەم،  

ياساندى ياپيېشىل ئوماقدالىدا.  

تېرەك بېشىدا تۈگۈر-تۈگۈرباھار،  

تۇغۇلغان كۈنۈڭگە سويلايدۇبوستان.  

بوستاندەك ئۆرۈلگەن ئۇزۇنچېچىڭغا،  

پۈتۈلدى يەنە بىر تۈگىمەسداستان.  

تۇغۇلغان كۈنۈڭدە تۇغۇلغانقۇياش،  

كۆيدۈرۈپ تۈگەتسۇن بارچە ئازاپنى.

ھاياتنىڭ بارلىقى سېنىڭ بارلىقىڭ،  

ئەسلەپ قوي مېنىڭدەك ھالى خاراپنى.

ئۇنتۇلغان كوچا

                           

كوچىلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئازاپ،

ماڭىمەن مۇڭلانغان تۇرقۇمغادەسسەپ.

قانايدۇ قىپقىزىل گۈللەردە ھىجران،

گۈل بولۇپ ئېچىلغان كۈنلەرنىئەسلەپ.

ئۇنتۇلدى ئەڭ تونۇش كوچىنىڭ ئىسمى،

قاراڭغۇ كېچىدەك ناتونۇش يوللار.

قالغىنى سېنىڭدىن بىر تاليوپۇرماق،

تىتاتتى ئۇنىمۇ سەن تۇتقان قوللار.

كۆڭلۈمنى پارچىلاپ يىمەكتە بىرى،

قەلبىمدە چىچەكلەپ تۇرساڭمۇمەغرور.

تېنىمنى يىمىدىم غېرىب بولساممۇ،

تەن ساڭا مىڭ جاننى بېرىشكەمەجبور.

پۇچۇق ھېجىر

                          

غېرىبلىق قۇشلىرى سايرىغان چاغدا،

مۇھەببەت گۇللىرى خازان بولمىغان.

ياپراقلار شېخىنى سۈيۈپ تۇراتتى،

ئازاپ تېخى ئون سەككىزگە تولمىغان.

شاماللار كەلسىمۇ ئۇچۇپ كېتەتتى،

ھىجرانلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپتالاي.

قەلبىمنىڭ ئەرزىنى باستۇرۇپقويدۇم،

جېنىمنى ئالماقچى ئوغاق بولۇپ ئاي.

ئۆستەڭدە ياڭرايدۇ سۇنىڭ ئاۋازى،

مەجنۇنتال ئەۋرىشىم ئۇسۇلغاچۈشكەن.

ھەسرىتىم چالىدۇ دەردىمگە چاۋاك،

لەۋلىرىم ۋىسالغا تەلمۈرۈپ ئۆلگەن.

قاينايدۇ بىر چەينەك چاينىڭ يۈرىكى،

بىر پۇچۇق ھىجىردا لىقمۇلىقھىجران.

بېغىشلاپ تۇرىمەن ئىسسىق جېنىمنى،

ئىشقىڭدا كۆۋەجەپ بولغىلى ۋەيران.

ئاخىرقى ناخشا

                     

تولۇن ئاي ئاسمانغا چىقمىسا ئەگەر،

يۇلتۇزلار كۆزىنى قىسمايتى بەلكىم.

قىزىلگۈل بەرگىنى تىتىرتىپ تۇرۇپ،

قەلبىمنى تىكەنگە ئىلمايتى بەلكىم.

غېرىبلىق كۆزۈمگە ئۇۋا سالغاندا،

قەلبىڭدە مەن تېخى ماكانسىز ئىدىم.

يۇلتۇزنى سانايتىم بىر تالايغەمدە،

مۇھەببەت ئىشقىدا ساۋاتسىز ئىدىم.

كۈنلىرىم ئۆتەتتى بىپەرۋا قىزدەك،

يۈگۈرۈپ قاچاتتى كېچىمۇ كۆرسە.

يۇرۈكۈم قالاتتى باغرىمدا ئۆكسۈپ،

يالغۇزلۇق پىچىرلاپ لىۋىمگە سۆيسە.

ئەسەبىي تۇيغۇلار جەڭگە كىرمەكچى،

قۇترىغان خىياللار سەپكە تىزىلدى.

بىرىنجى دوئىلدا سېنى سۈيىمەن،

ئاخىرقى ناخشىنىڭ قەلبى ئىزىلدى.

نېمىشقا

                              

غېرىبنىڭ شەھرىدە تاھىر نە قىلسۇن،

شىرىننىڭ ئىشقىدا پەرھات بىتېنىم.

لەيلى دەپ كۈنۈ-تۈن مەجنۇنچۆللەردە،

دېڭىزدەك يۈرىكى قالغان بىر تېمىم.

بىر تامچە سۇدەكلا كەتتىڭ يىراقلاپ،

يۇپۇرماق تاشلايدۇ كۆڭۈل نېمىشقا.

قىزىلگۈل شېخىغا قوندۇرۇپ ھىجران،

پېيىنى قىرقىيدۇ بۇلبۇل نېمىشقا.

باھارنىڭ كەينىدىن كەلسە ئىسسىق ياز،

غۇنچىلار پورەكلەپ ھەسرەتكە تولۇپ.

چىدىماي كەچكۈزدە بىردىنلا ساڭا،

تاشلايدۇ نېمىشقا چېچىنى يۇلۇپ.

شىۋىرغان قارلارنى ئۇچۇرۇپ كېلىپ،

قەھرىتان سوغوققا پەرۋا قىلماستىن.

تۇرىدۇ نېمىشقا كۆلنىڭ بويىدا،

سېنى دەپ ئۈلۈمنى كۆزگە ئىلماستىن.

شاماللار چېچىڭغا يۆرگىلىپ قېلىپ،

جان تەسلىم قىلىدۇ نېمىشقا ساڭا.

كۆزۈڭدە مۆلدۈرلەپ تۇرغانبۇلاقلار،

نېمانچە نەپرەتلىك قارايدۇ ماڭا.

دەريالار نېمىشقا ئېسيان كۆتۈرۈپ،

تاغلارنىڭ بېشىنى سۇغا چىلىدى.

باغلاردا تاڭ ئاتماي مۇھەببەتئىشقى،

سەرگەردان چۆللەردە خوراز چىللىدى.

كۆرەي

                              

تاقەتسىز يۈرەكنى بەزلىمە كۆڭلۈم،

يېرىلسا يېرىلسۇن ئۆلگەننى كۆرەي.

يار ئۈچۈن ياشىماي ۋەسلىگە يىتىپ،

باغاشلاپ لەۋلەرگە سۆيگەننى كۆرەي.

قىزىلگۈل ھىدىنى ھىدلىماي تۇرۇپ،

ھاياتنى گۈل دېگەن ئاشىقنى كۆرەي.

زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇلنى سۈيۈپ،

ۋاپاغا جان پىدا مەشۇقنى كۆرەي.

يۇلتۇزنى كېچىدە ساناپ ئولتۇرۇپ،

تولۇن ئاي ۋەسلىنى قۇچقاننى كۆرەي.

ئاھ ئۇرۇپ چۆللەردە پەرىنى قېقىپ،

يار ئۈچۈن سامادا ئۇچقاننى كۆرەي.

قەھرىتان سوغوقتا چاپاننى سالغان،

يامغۇردا يېپىنچا بولغاننى كۆرەي.

نىگارنىڭ ئىشقىدا تولا سايراپ،

بۇلبۇلدەك خارۇ-زار بولغاننىكۆرەي.

شاماللار قايرىسا گۈلنىڭ بەرگىنى،

ياپراقتەك جان تەسلىم قىلغاننىكۆرەي.

چۆللەرنى گۈل ئۈچۈن قىلىپگۈلىستان،

باغرىنى پىچاقتا تىلغاننى كۆرەي.

سەل بولۇپ دەريادا ئېقىپ توختىماي،

كۆللەرگە مۇھەببەت بەرگەننى كۆرەي.

يار ئۈچۈن ھۇلقاندەك ئېتىلىپكېلىپ،

كۈلپەتنىڭ تېشىنى تەرگەننى كۆرەي.

گۈل مەڭزى

                           يوللارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ شامال،                           

ئىزلارنى ئۆچۈرۈپ ماڭدىڭ قەيەرگە.

يار ۋەسلى مەن ئۈچۈن ئۈلۈممۇ ياكى،

ئەجەل بەر ۋەسلىڭنى كۆرەيمەھشەردە.

دىلىمنى قورغانلاپ كەلدىم سەن ئۈچۈن،

تېنىمنى كىشەنلەپ تۇرسىمۇ ھىجران.

يىللارنىڭ بوينىغا گىرە سالغانكىم،

يۈرىمەن تۆت پەسىل تۆت تامدەكسەرسان.

ھاياجان ئۇرغۇيدۇ باغدا گۈللەردىن،

قىزارغان مەڭزىدە تۇنجى مۇھەببەت.

مەن سېنى شۇ چاغدا ياقتۇرۇپقالغان،

گۈل كەبى لەۋلەردە گۈلدەكپورەكلەپ.

شاماللار سازىنى سازلىدى غۇر-غۇر،

تارىسى ئۈزۈلگەن تەمبۇر يىغلايدۇ.

ئىشىقنىڭ چۆلىدە چاڭقىغان توغراق،

غېرىبنىڭ دەردىنى قۇمدىن ئىلغايدۇ.

شەرىقتىن غەرىبكە

تەبەسسۇم چېھرىڭدە ئۆچكەن يۇلتۇزدەك،

قەلبىمنى يۇرۇتقان ئاخىرقى قېتىم.

زىناقلار ئىككىنجى كۈلمىدى ماڭا،

ئارمانلار قەلبىمدە مەڭگۈلۈكيىتىم.

شەرىقتىن غەرىبكە ئۆتكۈچە قۇياش،

قەلبىمگە بىر كۈنلۈك يۇرۇقلۇقكېرەك.

باغرىمنى زىمىستان قىلغانھىجرانغا،

سۈبھىدە قەلبىمنى تۈكەي بىر ئىتەك.

قۇشلارمۇ يىغلىدى

                           

بۇلاقتىن بالقىغان ئەلۋەك سۇئىدىڭ،

ئاقاتتىڭ قەلبىمدە دائىمشىلدىرلاپ.

ياپيېشىل تۇيغۇمنى قاندۇرۇپ سۇغا،

قاچاتتىڭ بېلىقتەك ئاستاپىلتىڭلاپ.

ئۇرغۇغان قېنىمنى تۆكەتتى خىيال،

يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىقاتتى فونتان.

قاچانكى بېغىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭسەن،

قۇشلارمۇ قەلبىدە يىغلىدىقان-قان....

چوغنىڭ ھەسرىتى

ئىزغىرىن شامالنىڭ تارى ئۈزۈلدى،

ئۇسۇلغا چۈشمەستە غەمكىن يۇپۇرماق.

مۇھەببەت كۈيىدە ئۆلدى سازەندە،

بەك ئېغىر ئازاپنى تىڭشاپئولتۇرماق.

كەچكىچە يارامنى تۇزلاپ ئاۋارە،

ئىشقىڭدا ئۈنلەيدۇ يارقىننوقتىلار.

قاينايدۇ سۇ يۈزى كۆيگەن دېڭىزدەك،

باغرىڭدا تۈنەيدۇ ئاشىق چوققۇلار.

كۆزلەردە چاقنىغان ئۈمۈد ئۇچقۇنى،

سۇنماقتا ئازاپنىڭ شاۋقۇنلىرىدا.

كۈل بولۇپ توزىدى چوغنىڭ ھەسرىتى،

ھاياجان ئۆلمەكتە يالقۇنلىرىدا.

ئازاپ ئۆتكىلى

خىياللار بىمەنە چۈشلەر مەنىسىز،

تولۇن ئاي كېچىگە يۇلتۇز چاچىدۇ.

ئېتىكى تولمىسا گۈلگە باغلارنىڭ،

بۇلبۇللار ئىشىكنى قانداق ئاچىدۇ.

كېتىشنى ئويلايمەن يىراق قەلبىڭگە،

توسالغۇ بولسىمۇ ئازاپ ئۆتكىلى.

سورايمەن سېنىڭدىن بىر قەترەيالقۇن،

ئىمكان بەر بىر لەھزە كۈيۈپئۆچكىلى.

پارچىلاپ تاشلىدىم روھىمنى چۇل-چۇل،

ھەممىسى ئازاپتىن ئالغان غەنىمەت.

سورۇيمەن ئېتىزدا ھەسرەتلىرىمنى،

يۈرۈكۈم بىرپارچە سۆيگۈ-مۇھەببەت.



Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 794
تۆھپە : 3
توردا: 350
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 16:56:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېشىت ئېلى ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە ئاپىرىن!

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 17:24:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىزنىڭ «توخسۇننىڭ كەنجى شائىرى »دىن يۇرتىمىزنىڭ شېئىريەت ھاۋاسىغا بولۇپمۇ مەن تۇرىۋاتقان يۇرىتنىڭ سۇزۇك ھاۋالىرىغا قوشۇلغانلىغىدىن سۇيۇندۇم .40مىڭ نۇپۇسى بار يۇرىتقا بىر شائېر كەلدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 17:32  


كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2653
تۆھپە : 8
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 17:29:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە، تۇرمۇشىڭىزغا يەنىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن ئىنىم!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1820
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 17:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توخسۇندىن غەزەل شاھىمىز     چىققان ئىدى، ئەمدى لېرىك شائىردىن بىرى چىققاي!

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 619
تۆھپە : 1
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 17:50:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمھالىڭىزنى تولىمۇ قىزىقارلىق تۇيغۇدا ئوقۇپ چىقىپتىمەن . ئىجادىيتىڭىزگە بەركەتلەر يار بولسۇن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 94
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 18:32:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپدېشىمىزنىڭ نەتىجىلرىدىن تولىمۇ سۆيۇندۇم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  110
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 958
تۆھپە : 50
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 19:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھائىغا  شىېىريەتنىڭ يۈكسەك پەللىلىرى يار بولغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  413
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 508
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 19:54:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن. كىينكى ئىجادىيتىڭىزىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولشىغا تىلەكداشمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 708
تۆھپە : 34
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 21:20:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئاپلا، ئەرشىدىن باھايى ئاشۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئايرىلمىسىڭىز بولاتتى، سىزگە شېئىر ئىلھام شۇ مەكتەپتىن كېلەتتى، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئالمىشىپسىز، ئەمدى تۈگەپسىز. سىزدىن شېئىر كۈتكىلى بولمىغۇدەك...ئىسىت، بىر ھەۋەس، بىر سەۋدا، بىر ئىقتىدار ھالاكەتكە يۈزلىنىپتۇ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  613
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 316
تۆھپە : 0
توردا: 76
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 22:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپدىشىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشىنى تىلەيمەن...! ئىزچىللىق يار بولغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 22:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرىشىدىننىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
         لېكىن «ئاپتۇردىن» دەپ بېرىلگەن بايانلاردا «دۆلەت تىلى» دەپ بىر گەپ بار ئىكەن. دۆلەت تىلى دەپ نەزەردە تۇتۇلغىنى خەنزۇ تىلى بولسا كېرەك. لېكىن خەنزۇ تىلىنىڭ دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى ھەققىدە بىرەر قانۇننىڭ ماقۇللانغانلىقى ياكى ھۆججەت چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە بىرەر خەۋەر ئاڭلىمىغانىكەنمەن.
        خاتا دەپ تاشلىغان بولسام ئەپۇ قىلارسىلەر...

يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1556
تۆھپە : 0
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 23:17:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياش شائىرنىڭ پىكىرلىرى خېلى ئۆتكۈر ئىكەن .

بىرە قولى ئارا  مۇھەررىر مۈمكىن بولسا  تېما مەزمۇنىنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتىكەن ، كۆپ سۆزلەر ئۆزئارا باغلىنىپ كېتىپتۇ .

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1523
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 210
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:43:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركزات ئاكىنى سېغىنىپ قالدىم .ئاپتۇر ئىلاۋىسى ۋە شېئىرلاردا ئىملا خاتالىقى يەنىلا مەۋجۇت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  200
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 321
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 17:00:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تونۇش چىراينى قەيەردە كۆرگەندىمەن دەيمەن تېخى، ئەسلىدە مەكتەپداش ئۇكىمىزكەندە.  سىزنىڭ «ياش قەلەم»سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلغانلىقىڭىز ھەمدە لىرىك شېئىرلىرىڭىز بىلەن قۇتلۇقلايمەن. مۇباراەك بولسۇن !

دەس تۇر !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش