ximal
كۆرۈش: 488|ئىنكاس: 6

«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4- سان مۇندەرىجىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1105
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 288
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 10:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ھەممىگە قادىر ماشىنا

R. شېكلىي(ئامېرىكا)

ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى


گرېگور ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى. «AAA سەييارىلەر دېزىنفېكسىيە شىركىتى»نىڭ ئىشخانىسىنى قويۇق چاڭ – توزان قاپلىغان بولۇپ، بۇ مەخسۇس يېڭى سەييارىلەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى ياخشىلايدىغان شىركەت ئىدى. گرېگور قولىدىكى 2305 خىل ئوخشىمىغان بۇيۇمنىڭ ئىسمى يېزىلغان تىزىملىككە كۆزىنى چىمچىقلىتىپمۇ قويماي مىختەك تىكىلگەن بولۇپ، چالا قالغانلىرى بارمۇ - يوق تەكشۈرۋاتاتتى.

رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش مەلھىمىچۇ؟ ئالەمدە ئىشلىتىلىدىغان يورۇتۇش ئوقى ۋە سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىچۇ؟ ياق، بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تىزىملىكتە بار ئىدى. ئۇ بىر ئەسنىۋالغاندىن كېيىن قول سائىتىگە قارىدى. ھەمراھى ئارنولدنىڭ قايتىپ كېلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئەتىگەندىلا لازىملىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ ئالەم كېمىسىگە قاچىلىغىلى كەتكەن بولۇپ، بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن ئۇلار دىمېگې 2- نومۇرلۇق سەييارىگە بېرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلماقچى ئىدى.

ئەمما ھەممە ئىش تەل بولدىمۇ – يوق؟ ئالەم كېمىسى خۇددى بىر يېگانە ئارالغا ئوخشايدۇ. ھەممە ئىشتا پەقەت ئۆزىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ناۋادا پۇرچاقنى يەپ تۈگىتىۋەتسىڭىز سېتىۋالىدىغان ماگىزىن يوق. ئالىمادىس ئالەم كېمىسىنىڭ مۇھاپىزەت قېپى بۇزۇلسا زاپاس قاپلاش تاختىيى، لازىملىق سايمان ۋە چۈشەندۈرۈش كىتابى بولۇشى كېرەك. ئالەم ھەقىقەتەن بەك چوڭ، ھادىسىگە يولۇققاندا بىرەرىنىڭ قۇتۇلدۇرىۋېلىشىدىن ئەسلا ئۈمىد يوق.

تىزىملىكتە يەنە ئوكسىگېن ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى، پاپىروس... قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۆلۈمچە ئىچى ئالەم كېمىسىگە ئەمەس، بەلكى بىر دەرىجىدىن تاشقىرى بازارغا ئوخشاپ قالغانىدى. گرېگور تىزىملىكنى تاشلاپ قويۇپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن قارتنى ئېلىپ ئۆزى كەشىپ قىلغان قارتا ئويۇنىنى باشلىدى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئارنولد چوڭ – چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىشخانىغا تەكەللۇپسىزلا كىرىپ كەلدى. گرېگور چۈشۈنىكسىز نەزەردە ھەمراھىغا قارىدى: بۇ پاكار خىمىكنىڭ چىرايى ئېچىلىپ، خۇشاللىقتىن قىن – قىنىغا پاتماي قالغان بولسىلا شىركەتنى پالاكەت باسىدىغانلى

ــ قىدىن دېرەك بېرەتتى.

ــ ھەممىنى تەقلەپ قويدىڭىزمۇ؟ ــ دەپ سورىدى گرېگور زىيادە ئەنسىرەپ كەتكەنلىكتىن تەخىر قىلالماي.

ــ ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك،ــ دېدى ئارنولد تولۇق ئىشەنچ بىلەن،ــ بىز ھازىرلا ئۇچساق بولىدۇ...

ــ خاتىرجەم بولۇڭ، چاتاق يوق، ــ دېدى ئۈستەلنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇرۇپ، - مەن شىركەتكە نۇرغۇن پۇل تېجەپ بەردىم.

ــ شۇنداقمۇ؟ــ دېدى گرېگور،ــ سىز يەنە قانداق ئەخمىقانە ئىش قىلدىڭىز؟

ــ ياقەي، ــ دېدى ئارنولد ئەستايىدىللىق بىلەن،ــ ئۈسكۈنە ــ سايمانلارغىلا قانچىلىك پۇل سەرپ قىلىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ بېقىڭە. بىز 2305 خىل بۇيۇمنى تولۇق بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر –ئىككى خىلنىلا ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. نەتىجىدە ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچى ئىشلىتىلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ.

ــ بىراق كۆپىنچە ھاللاردا دەل شۇ بىر –ئىككى خىل بۇيۇم بىزنىڭ جېنىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.

ــ ئەلۋەتتە، مەن بۇ مەسىلىنى ئويلاندىم. تەلىيىمىزگە مەن يىراق سەپەردە ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولىدىغان، كەم بولسا بولمايدىغان ئۈسكۈنىنى تاپتىم. بىر نەرسىنى تاپتىم.

گرېگور قەددىنى رۇسلاپ ئۆزىنى مۇمكىنقەدەر بېسۋېلىپ ئېيتتى:

ــ ئارنولد، سىزنىڭ نېمە تاپقانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. بىراق سىز ئەڭ ياخشىسى يەنىلا 2305 خىل بۇيۇمنى ئالەم كېمىسىگە قاچىلاڭ.

ــ ئەپسۇس، بولمايدۇ، ــ دېدى ئارنولد مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ تۇرۇپ، - پۇل يەتمەيدۇ، چۈنكى مەن ئاشۇ لازىملىق سايماننىلا سېتىۋالدىم.

- قانداق نەرسە ئۇ ؟

- تەڭداشسىز، ئەمما باھاسى مۇۋاپىق بۇيۇم. ئالەم كېمىسىگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ. كۆزىڭىزنى ئېچىپ قوياي.

ئالەم قاتناش پورتىغا بېرىش يولىدا ئارنولد باشتىن ــ ئاخىر سىرلىق كۈلۈپ ماڭدى.ئالەم كېمىسى تەييارلىنىپ ئۇچۇشقا قويۇلغانىدى، ئارنولد بۆلۈمچە ئىشىكىنى ئاچتى.

ــ دەل مۇشۇ نەرسە، - دېدى ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا، - قاراڭ، بۇ ھەرقانداق ئاپەتكە تاقابىل تۇرالايدىغان «ئابىھايات».

گرېگور بۆلۈمچىگە كىرىپ يوغان بىر غەلىتە ماشىنىنى كۆردى. ماشىنىغا تۈرلۈك ئىشكالا تەخسىسى، چىراغ ۋە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى سائەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ــ بۇ نېمۇ؟

ــ ئەجەبا سىزگە يارىمىدىمۇ؟ــ دېدى ئارنولد ماشىنىنى يېنىك شاپىلاقلاپ تۇرۇپ،ــ مەن سەييارىلەر ئارا كونا ماللار سودىگىرىدىن بۇ ماشىنىنى ناھايىتى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋالدىم.

گرېگور شۇئان ھەممىنى چۈشەندى. ئۇ ئۆزىمۇ بۇنداق مەككار سودىگەرلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ باققان، بىراق بىرەرسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانىدى. ئۇلار ساتقان ئاجايىپ - غارايىپ ماشىنىلار گەرچە نورمال خىزمەت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى تامامەن باشقىچە ئىدى.

ــ بۇ سودىگەرلەرنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا كىرمەيمەن،ــ دېدى گرېگور چورت ئۈزۈپلا، ــ مەن ئۇنى كېرەكسىز تۆمۈر – تەسەك ئورنىدا بىر تەرەپ قىلۋېتىشكە رازى.

ئۇ شۇنداق دەپلا ئەتراپتىن بولقا ئىزلەشكە باشلىدى.

- توختاپ تۇرۇڭ، - دېدى ئارنولد ئۆتۈنگەن قىياپەتتە، - سىز ئالدى بىلەن مېنىڭ سىناپ بېقىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ. ئويلاپ بېقىڭ: ناۋادا ئالەمدە موتوردىن كاشىلا چىقىپ ئۈچىنچى چىشلىق چاق بوشاپ قالسا، گايكىنى ئىزدەپ تاپالمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

ــ مەن 2305  خىل بۇيۇم ئىچىدىن بىر يېڭى گايكا تېپىپ بۇ خىلدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرىمەن،ــ دېدى گرېگور

ــ شۇنداقمۇ؟ بىلىشىڭىز كېرەككى تىزىملىكتە ئاليومىن قېتىشمىسىدىن ئىشلەنگەن  تۆت دىيوملۇق گايكا يوق،ــ دېدى ئارنولد غالىبلارچە ،ــ مەن تەكشۈرگەن ئۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟

ــ ئۇنداقتا ئامال يوق، سىزنىڭ قانداق ياخشى چارىڭىز بار؟

شۇنىڭ بىلەن ئارنولد مەردانە قەدەم تاشلاپ ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بىر كۇنۇپكىنى بېسىپ ماشىنىغا قاراپ ياڭراق ھەم ئوچۇق ئاۋازدا تۆۋەندىكى گەپلەرنى ئېيتتى:

ــ ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ئىشلەنگەن گايكا، دىيامېتىرى تۆت دىيوم.

ــ ماشىنىدىن پەس گۈرۈلدىگەن ئاۋاز چىقىپ، چىراغلار چاقناشقا باشلىدى. قاپقاق ئاستا – ئاستا ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىر دانە پارقىراق نەرسە ياسىلىپ پۈتكەن گايكا پەيدا بولدى.

ــ قانداق؟ــ دېدى ئارنولد مەمنۇنلۇق بىلەن.

ــ ھىم، ــ دېدى گرېگور ئانچە قىزىقمىغان ھالدا، - ئۇ پەقەت بىر تال گايكىغۇ. يەنە نېمە ياسىيالايدۇ؟

ئارنولد كۇنۇپكىنى قايتا بېسىپ دېدى:

- بىزگە بىر قاداق ئېغىرلىقتىكى چوڭ راك كېرەك.

قاپقاق ئېچىلدى. ئىچىدە راستىنلا ئويناقشىپ تۇرغان بىر چوڭ راك تۇراتتى.

-بۇ نېمە ئىشتۇ، ئەسلىدە پىشۇرۇلغان راك بولۇشى كېرەك ئىدى، - دېدى ئارنولد ئەپسۇسلانغان ھالدا.

ــ ئۇ يەنە نېمە قىلالايدۇ؟ ــ سورىدى گرېگور.

ــ سىزگە نېمە كېرەك؟ يولۋاسچاقمۇ؟ 25 ۋاتلىق لامپۇچكا ۋە ياكى سېغىز كەمپۈتمۇ؟

ــ سىز نېمىگە ئاساسەن ئۇ ھەممىنى ياسىيالايدۇ دەيسىز؟

ــ شۇنداق، سىزگە كېرەكلىك بولسىلا ئۇ ھەرقانداق نەرسىنى، ھەممىنى ياسايدۇ… بۇ دېگەن ھەممىگە قادىر ماشىنا. قېنى ئۆزىڭىز سىناپ بېقىڭ.

گرېگور سىناپ بېقىۋىدى، ناھايىتى تېزلا مىنېرال سۇ، قول سائەت ۋە بىر قۇتا سالاتقا ئېرىشتى.

- يامان ئەمەسكەن، - دېدى ئۇ، - بىراق ...

- يەنە نېمە؟

گرېگور بېشىنى چايقىدى. ئەمەلىيەتتە ئۆزىمۇ نېمە دېيىشنى بىلمەي قالغانىدى. لېكىن ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن بۇ يېڭى نەرسىنىڭ ئانچە كېرەككە كەلمەيدىغانلىقىنى، ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.

ئۇلار ھايال بولمايلا يولغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۋالدى. بىر سائەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىغا كىردى.

ئۇلار دىمېگې 2- نومۇرلۇق سەييارىگە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى. بۇ بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك يۇلتۇز بولۇپ، كىلىماتى ئىسسىق ھەم نەم ئىدى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تولىمۇ باب كېلەتتى. بىرلا يېرى يامغۇر زىيادە كۆپ بولۇپ، يامغۇر يېغىپلا تۇراتتى. ياغمىغان تەقدىردىمۇ بۇلۇتلۇق بولاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىسى ئىمكان بار يامغۇرنى تىزگىنلەش بولۇپ، ئانچە تەس ئىشمۇ ھېساپلانمايتتى. پەقەت ھاۋارايىنى تەڭشەش پرىنسىپىنى ئىگىلىۋالسىلا بىر نەچچە كېچە ئىچىدە ھەممە نەرسىنى نورماللاشتۇرغىلى بولاتتى.

يولدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى. مەنزىل ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئارنولد ئاپتوماتىك ھەيدەش قۇرۇلمىسىنى ئېتىۋېتىپ، ئالەم كېمىسىنى ھەيدەپ قېلىن بۇلۇت – تۇمانلاردىن ئۆتتى. ناھايىتى تېزلا تاغ چوققىلىرى مىڭ مېتىر قېلىنلىقتىكى ئاقۇچ تۇمانلار ئىچىدىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن كېمە تىمتاس كۈل رەڭ تەكشىلىكتە ئايلىنىشقا باشلىدى.

- بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچىكەن، - دېدى گرېگور باھا بېرىپ.

ئارنولد بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئۇ ئادىتى بويىچە ئالەم كېمىنى بۇرمىسىمان ئىزدا ھەيدەپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغان ھالدا موتورنى ئۆچۈرۈپ پەسلەشكە باشلىدى.

- قىزىق، بۇ يەردە نېمىشقا ئۆسۈملۈكلەر ئۈنمىگەندۇ؟ - دېدى گرېگور ئۆز - ئۆزىگە.

بىردەمدىن كېيىن ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندى: ئالەم كېمە تۇيۇقسىزلا ئۇلار قونماقچى بولغان بوش مەۋھۇم تۈزلەڭلىك ئىچىگە چۆكۈپلا كەتتى. نەچچە ئون مېتىر  سىيىرلغاندىن كېيىنلا گۇم قىلىپ سوقۇلغىنىچە يەرگە چۈشتى.

ئەسلىدە ئۇلارغا كۈل رەڭ كۆرۈنگەن «تۈزلەڭلىك» بىر قەۋەت قويۇق تۇمان بولۇپ، دىمېگې 2 – نومۇرلۇق سەييارىدىن باشقا ئورۇنلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇلار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يېشىپ، يارىلانمىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئاندىن كېمىنى تەكشۈردى.

بۇ خىل بىنورمال قونۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس: سىمسىز رادىيو ۋە ئاپتوماتىك ھەيدەش قۇرۇلمىسى كاردىن چىقىپ، كېمىنىڭ سىرتقى قېپىدىكى ئون پارچە مۇھاپىزەت تاختىيى ئېگىلىپ ئاجراپ كەتكەن. تېخىمۇ يامىنى مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى بىر قىسىم دېتاللارمۇ بۇزۇلغان ئىدى.

ــ تەلىيىمىز بار ئىكەن،ــ دېدى ئارنولد خۇلاسىلەپ.

ــ شۇنداق،ــ دېدى گرېگور قويۇق تۇمانغا قاراپ قويۇپ، - بىراق كېيىنكى قېتىم سىز ئەڭ ياخشىسى ئاپتوماتىك قۇرۇلما بىلەن قوندۇرسىڭىز بولغۇدەك.

ــ ئەمدى سىز ھەممىگە قادىر ماشىنىنىڭ كارامىتىنى كۆرىسىز. بىز رېمونت خىزمىتىنى باشلىساق قانداق؟

ئۇلار بارلىق بۇزۇلغان زاپچاسلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقتى. ئارنولد ھەممىگە قادىر ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ كۇنۇپكىنى باستى:

ــ كېمىنىڭ مۇھاپىزەت تاختىيى، بەش دىيوملۇق كىۋادىرات شەكلىدە، قېلىنلىقى يېرىم دىيوم، 342 – نومۇرلۇق مېتال بىرىكمىسىدىن ياسالسۇن.

ھەممىگە قادىر ماشىنا ئۇنىڭغا كېرەكلىك مۇداپىئە تاختىسىنى ياساپ چىقىرىپ بەردى.

ــ بىزگە 10 پارچە كېرەك، ــ دېدى گرېگور.

ــ بۇنى بىلىمەن، - دېدى ئارنولد ۋە كۇنۇپكىنى باستى، ــ يەنە بىر قېتىم تەكرارلا!

ماشىنا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ــ قارىغاندا مەن بۇيرۇقنى تولۇق چۈشۈرسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ، ــ دېدى ئارنولد جەزىملەشتۈرۈپ.

ئۇ كۈچ بىلەن كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرۇپ يەنە بۇيرۇق چۈشۈردى:

ــ ئالەم كېمىسىنىڭ مۇھاپىزەت تاختىيى، بەش دىيوملۇق كىۋادرات شەكلىدە، قېلىنلىقى يېرىم دىيوم. 342 – نومۇرلۇق مېتال بىرىكمىسىدىن ياسالسۇن.

ئەمما ھەممىگە قادىر ماشىنىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى.

ــ قىزىق، ــ دېدى ئارنولد.

ــ نېمە بولدى؟ ــ دەپ سورىدى گرېگور بىر يامانلىقنى تۇيغاندەك.

ئارنولد يەنە بىر قېتىم سىنىدى. يەنىلا ھېچقانداق نەتىجە بولمىدى. ئۇ بىردەم خىيالغا چۆككەندىن كېيىن كۇنۇپكىنى يەنە بىر قېتىم باستى:

ــ بىر دانە سۇلياۋ قاچا كەلتۈر.

ماشىنا شۇئان يالتىراپ تۇرغان ئاسمان رەڭگىدىكى بىر قاچىنى چىقىرىپ بەردى.

ــ يەنە بىرنى، ــ دېدى ئارنولد.

ماشىنا ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا يەنە پەرۋامۇ قىلىپ قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئارنولد ئۇنىڭدىن بىر تال شام سورىدى. ماشىنا ياساپ بەردى.

ــ ماڭا يەنە بىر تال شام كېرەك، ــ دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى ئارنولد. ماشىنا يەنە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ــ راستلا غەلىتە ئىش، - دېدى ئارنولد،ــ مەن باشتىلا بۇ ئېھتىماللىقنى ئويلىشىم كېرەك ئىدى.

ــ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

ــ ئېنىقكى، ھەممىگە قادىر ماشىنا ھەقىقەتەن ھەرقانداق نەرسىنى ياسىيالايدۇ، ئەمما پەقەت بىرلا قېتىم ياسايدىكەن.

ئارنولد يەنە بىر قېتىم سىناق قىلدى. ئۇ ماشىنىغا بۇيرۇق قىلىپ بىر تال قەلەم ياساتتى. ئەمما پەقەت بىر تالغىلا ئېرىشەلىدى.

ــ ماۋۇ چاتاقنى، ــ دېدى گرېگور، ــ بىزگە يەنە توققۇز پارچە مۇھاپىزەت تاختىسى كېرەك. مەشغۇلات سىستېمىسىغىمۇ ئۈچ دانە پۈتۈنلەي ئوخشاش زاپچاس لازىم بولىدۇ. ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

ــ چوقۇم ئامال تېپىلىدۇ، ــ دېدى ئارنولد ئىلگىرىكىدەكلا خاتىرجەم قىياپەتتە. بۇ چاغدا سىرتتا سىم – سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىغانىدى.

ــ مەن بۇ ماشىنىنىڭ ھەرىكىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرەلەيمەن،ــ دېدى ئارنولد بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن، ــ ئۇ بولسىمۇ بۇ ماشىنا كونىسىدىن يېڭىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.

ــ نېمە؟ــ دېدى گرېگور قاتتىق چۆچۈگىنىچە. بايا ئۇ شىرىلداپ يېغىۋاتقان سىم – سىم يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن مۈگدەپ قالغانىدى.

ــ بۇ بىر ئىدراكلىق ماشىنا، ــ دېدى ئارنولد سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ــ بۇيرۇقنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ئۇ ئىجرا قىلىش تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن بىرلا قېتىم ئىشلەيدۇ؟ بۇ مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق يېرى. مېنىڭچە، بىردىنبىر سەۋەبى شۇكى: بۇ ماشىنا بىلەن ئىنسانلار ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنى پەقەت يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان چاغدىلا ئاندىن بىر خىل خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما ياساپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭدىن زېرىكىدۇ. شۇڭا ئۇ پەقەت يېڭى مەھسۇلات ئىشلەيدۇ، قايتىلاشنى ئانچە خالىمايدۇ.

ــ مەن بۇ ئۆمرۈمدە بۇنىڭدىنمۇ بىمەنە مۇلاھىزىنى ئاڭلاپ باقمىغان!ــ دېدى گرېگور غودۇڭشىپ، ــ ئەمما سىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىڭىزنى توغرا دەپ قارىساق، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

ــ بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن، ــ دېدى ئارنولد.

ــ مېنىڭچىمۇ شۇنداقتەك تۇرىدۇ.

بۇ كەچلىكى ھەممىگە قادىر ماشىنا ئۇلارنى مايدا قورۇلغان كالا گۆشى، ئالما قوتۇرمىچى قاتارلىق مول كەچلىك غىزا بىلەن تەمىن ئەتتى. مەززىلىك تاماقلار ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى خېلى يۇقىرى كۆتۈردى.

ــ بىز ئورنىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنايلى، ــ دېدى گرېگور چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن. ئۇ «ھەممىگە قادىر ماشىنا» ماركىلىق تاماكىنى بىر شوراپ قويغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى، 342- نومۇرلۇق بىرىكمە مېتال مۇھاپىزەت تاختىيى ياسايدىغان بىردىنبىر ماتېرىيالمۇ ئەمەس، باشقا بىرىكمە مېتاللارنى ئىشلىتىپمۇ يەر شارىغا قايتىپ كەتكىلى بولىدۇ.

بىراق ھەممىگە قادىر ماشىنا تۆمۈر بىرىكمىسىدىن ياسالغان مۇھاپىزەت تاختىيى ياساشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرونزا تاختا ياسىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ماشىنا يەنە بىرونزا تاختا ياكى قەلەي تاختا ياساشنى رەت قىلدى. ئەمما ئاليومىن تاختا ياساشتا ناھايىتى تېز بولۇپ، بىردەمدىلا ياساپ چىقتى. ئارقىدىنلا يەنە كادمىي، پىلاتىنا، ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەردىن تاختىلار تەييارلاندى. ھەتتا ۋولفىرامدىن ياسالغان ئالاھىدە تاختىمۇ ياسىلىپ تەق قىلىندى. بۇ نەرسىلەرنىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولمايتتى. ئارنولد يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىقلىقتىكى ساپال تاختا ئىشلەتتى. ئاخىرىدا يەنە بىر تاختا ساپ سىنىكتىن ياسالدى.

ئەلۋەتتە، بىر قىسىم مېتال تاختىلارنىڭ ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق سوۋۇتۇش سستېمىسىدىن كاشىلا كۆرۈلمىسىلا ئۇلار يەر شارىغا يېتىپ بېرىشقا چىدايتتى. بۇ كېچە ئۇلار يامان ئەمەس ئىشلىدى. ئەتىگەندە «ھەممىگە قادىر ماشىنا» ماركىلىق ئۈزۈم ھارىقى بىلەن خۇشاللىقىنى تەبرىكلەشتى. ئىككىنچى كۈنى ئۇلار مۇھاپىزەت تاختىلىرىنى قولمۇ قول ئورناتتى. كېمە قۇيرۇقى بەئەينى پۇرۇچلاردىن تىكىلگەندەك ئالىيېشىل تۈسكە كىرىپ قالدى.

بىراق، مەشغۇلات سىستېمىسىنى رېمونت قىلىشتا مەسىلە ئېغىرلاشتى. بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۈچ دانە تامامەن ئوخشاش زاپچاس كېرەك بولاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئىنچىكە ئىشلەنگەن ئەينەك ۋە ئۆتكۈزگۈچتىن ياسالغان بولۇپ، باشقا نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ھەرگىز بولمايتتى.

ھەممىگە قادىر ماشىنىنىڭ ھايال بولمايلا بىرىنچى زاپچاسنى تەمىنلەپ بېرىشى بىلەن ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى. تاكى چۈشكىچە ھېچقانداق ئامال بولمىدى. ئۇلار چوڭ راك يىمەكچى بولغان ئىدى، ماشىنا بىردەم گۈرۈلدىگەندىن كېيىن جىمىپ قالدى. چۈنكى ئۇلار بىر قېتىم راكنى ئىلىپ بولغانىدى. يەنە كېلىپ بۇ راكلارنىڭ ھەممىسى قاسىراقلىق ھايۋانلارغا تەۋە ئىدى. قارىغاندا ماشىنا نەرسىلەرنى تۈرلەر بويىچە رەتكە تۇرغۇزغان ئوخشايدۇ.

ــ دېمەك، بىز پەقەت كونسېرۋالا يېيەلەيدىكەنمىز،ــ دېدى گرېگور خورسىنغان ھالدا.

ئارنولد چۈشكۈن ھالدا كۈلۈپ قويدى:

ــ ئەپسۇس، مەن بۇ ماشىنىنى سېتىۋالغان چاغدا تېخى يېمەك – ئىچمەكتىن غەم قىلمايمىز دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن، شۇڭا...

ــ سىز كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەرنىمۇ تەييارلىمىغانما؟

ــ ھەئە.

ئۇلار ماشىنىدىن سالمون بېلىقى ياكى تاتلىق سۇلۇق بېلىق سورىدى، نەتىجىسى بولمىدى. قوي پاچىقى ياكى كولباسا يېمەكچى بولغانتى ئوخشاشلا بۇرنىغا يېدى.

ــ بىز كالا گۆشىنى يەپ بولدۇق. بۇ بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشىگە ئەمدى ئېغىز تېگەلمەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ــ دېدى ئارنولد، ــ بۇلاردىن پايدىلىنىپ ھېچقانچە قىينالمايلا مۇكەممەل بولغان جانلىقلار تۈر ئايرىمىسىنى تۇرغۇزغىلى بولغۇدەك.

ــ ئەمدى بىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئاچلىقتىن ئۆلىمىز، - دېدى گرېگور مەيۈسلۈك بىلەن.

ئۇ قايتىدىن كىچىك بىر توخۇ قورۇمىسى بۇيرۇتتى. بۇ چاغدا ماشىنا قىلچە ھايال بولمايلا تەييار قىلىپ بەردى. ئەمما ئۇ شۇئانلا يوغان بىر توخۇ تەلەپ قىلمىغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى.

دىمېگې 2- نومۇرلۇق سەييارىدە يامغۇر يېغىۋەردى. ئالەم كېمىسنىڭ ئەتراپىنى بىر قەۋەت تۇمانسىمان يامغۇر قاپلىۋالدى.

كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئۇلار ئازراق نەرسە تەييارلىماقچى بولۇشتى. سوغۇق سەيلەرگە ھېچقانچە كۈچ كەتمىدى. بىراق كالورىيەسى يېتىشمەيتتى. ماشىنا ئۇلارغا قاقلانغان بولكا يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ،ـــ پوشكالدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايتتى. ئۇلار بىر سائەتلىك بۇيرۇق ۋە رەت قىلىشلاردىن كېيىن ئاندىن قورۇلغان كىت گۆشىگە ئېرىشتى. قارىغاندا ھەممىگە قادىر ماشىنا كىتنى قايسى تۈرگە ئايرىشنى بىلەلمىگەن بولسا كېرەك.

ئۇچار كېمىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا سۇ تامچىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. پولات مۇھاپىزەت تاختىيىدىمۇ داتلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

ئەمدى چۈشلۈك تاماق مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. ئالما پوشكىلى سەۋەبلىك بارلىق مېۋە تۈرىدىكىلەر چەكلەنگەن ئىدى. ئۇلار ئامالسىز پاقا، قاقلانغان سېرىق چۇمچۇق ۋە كەسلەنچۈك گۆشى يېيىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار، ھاشاراتلار ھەمدە قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى كەلمەسكە كەتتى. بۇلار ھەقىقەتەن چوڭ يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىناتتى.

كېمىنىڭ سىرتىدا يامغۇر شارىلداپ ياغماقتا. ئۇچار كېمە پاتقاققا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىشقا باشلىدى.

گرېگور ئاخىرى بىر ئامال تاپتى. ئۇ قايتا – قايتا ئويلاپ گەرچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ كىچىكلىكىنى بىلسىمۇ بىر سىناپ باققۇسى كەلدى. ئۇ ئاستا ماڭغىنىچە ھەممىگە قادىر ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئارنولد ئەجەبلەنگىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلدى:

ــ سىز نېمە قىلماقچى؟ ــ سورىدى ئارنولد.

ــ مەن بۇ ئەبلەخكە ئەڭ ئاخىرقى بۇيرۇق چۈشۈرمەكچىمەن،ــ دېدى گرېگور بوغۇلغان ھالدا.  

ئۇ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن كۇنۇپكىنى بېسىپ تۆۋەن ئاۋازدا بىرنېمىلەرنى دېدى. دەسلىپىدە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى. كېيىن ئارنولد:

ــ تېز كەينىڭىزگە چېكىنىڭ، ــ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ماشىنا توختىماي تىترەپ سىلكىنىشكە باشلىدى، چىراغلىرى قالايمىقان لىپىلداپ ئىسترېلكىلىرى ئۇياق – بۇياققا توختىماي تەۋرىنەتتى.

ــ سىز ئۇنىڭغا نېمە دېدىڭىز؟ــ سورىدى ئارنولد.

ــ مەن ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئوخشاش ماشىنىدىن بىرنى ياساشنى ئېيتتىم.

ماشىنا تارتىشىپ قالغاندەك ئالدى – كەينىگە قاتتىق سىلكىنىپ، قويۇق ئىس كۆتۈرۈلۈپ ئۇلارنى توختىماي يۆتەلدۈرۋەتتى.  ئىس – تۈتەك تارقىغاندىن كېيىن ئۇلار ھەممىگە قادىر ماشىنىنىڭ ئۆز ئورنىدا تۇرغانلىقىنى، نۇرغۇن جايلىرىدىكى سىرىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، بەزى چىراغلىرىنىڭ كاردىن چىقىپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈشتى. بىراق يېنىدا يېپيېڭى بىر دانە ھەممىگە قادىر ماشىنا تۇراتتى.

ــ قالتىس! ــ دەپ ۋارقىرىدى ئارنولد،ــ بىز قۇتۇلدۇق!

ئۇ يېڭى ماشىنىغا بۇرۇلۇپ كۇنۇپكىسىنى باستى:

ــ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىر دانە زاپچىسىنى تەييار قىل!

بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلار دىمېگې 2 – نومۇرلۇق سەييارىدىكى تەكشۈرۈشىنى تاماملىدى. ئارنولد، گرېگور ۋە ئۈچ دانە ھەممىگە قادىر ماشىنا كېننىدى ئالەم پورتىغا ئۇچۇپ قايتىپ كەلدى.ئالەم كېمىسى يەرگە قونۇشى بىلەنلا ئارنولد كېمىدىن سەكرەپ چۈشتى، ئاندىن كىرا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ نيو – يورك شەھەر مەركىزىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى ئۇ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىنلا كېمىگە قايتىپ كەلدى.

ــ ھەممە نەرسە تەييار بولدى، ــ دېدى ئۇ گرېگورغا، ــ مەن ئۈنچە – مەرۋايت سودىگەرلىرى بىلەن دېيىشىپ قويدۇم. ئۇلار بىز تەمىنلىگەن چوڭ ئالماسنى يۇقىرى باھا قويۇپ سېتىۋېلىشقا قوشۇلدى.

گرېگور كۆڭلى پاراكەندە بولغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى.

ــ سىز بىرەر مەسىلىنى سەزمىدىڭىزمۇ؟

ــ قانداق دەيسىز؟ ــ دېدى ئارنولد تۆت ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ. ئەسلىي ئۈچ ماشىنا تۇرغان ئورۇندا ھازىر تۆتىنچى ماشىنا تۇراتتى.

ــ سىز ياساشقا بۇيرۇق بەردىڭىزما؟ - دەپ سورىدى ئارنولد،ــ بۇنىڭ نېمە ھەيران قالغۇچىلىكى بار، ئۇلارغا ئالماس ياساتساقلا بولدى.

ــ سىز تېخى چۈشەنمەپسىز، ــ دېدى گرېگور قايغۇلۇق ھالدا،ــ قاراڭ!

ئۇ ئەڭ يېقىندىكى بىر ماشىنىنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ دېدى:

ــ ماڭا ئالماس كېرەك.

ھەممىگە قادىر ماشىنا شۇئان تىترەشكە باشلىدى.

ــ ئۇلار ھازىر پەقەت مۇشىنىلا چىقىرىدىغان بولۇپ قاپتۇ،ــ دېدى گرېگور چارچىغان ھالدا.

ھېلىقى ماشىنا توختىماي تىترەپ ئاخىرىدا يېپيېڭى بىر دانە ھەممىگە قادىر ماشىنا چىقىرىپ بەردى...

خەنزۇچە «فانتازىيە دۇنياسى» ناملىق ژۇرنىلىنىڭ 1997-يىلى 11- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumars-tursun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 10:20  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1194
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 14:04:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرى يورۇقلۇق كۆرگەن تەرجىمانلىرىمىزغا سالاملار بولسۇن ، دوستۇم رسالەت مەردان ۋە ئۇستاز چوپاننىڭ قەلىمىگە دەرد كەلمىگەي .قەلەم تۇلپرلىرىڭلار تېخىمۇ چاپقاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1154
تۆھپە : 4
توردا: 153
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 16:08:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ‹دۇنيا ئەدەبىياتى› ژورنىلى مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ژورناللارنىڭ بىرى. بۇ قېتىمقى سانىغا مۇبەرەك. تەرجىمانىرىمىزغىمۇ سالام!

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1082
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 290
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 16:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قۇرۇق تىلەك ۋە ماختاشلار بولۇپ تۇرسۇن. ھىچ بولمىغاندا يالغانلىقى بىلىنىپ تۇرسىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ قالىدۇ .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 104
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 10:50:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلالسىڭىز سىزمۇ تەرجىمە قىلىڭە، سىزنىمۇ ماختاپ قويىلى...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1003
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 63
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 21:19:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹دۇنيا ئەدەبىياتى› ژورنىلىدىكى جاپاكەش مۇھەررىرلەرگە رەھمەت،ھەر سانىدا يېڭىلىق بولىۋاتىدۇ، تەرجىمانلارنىڭ قولىغا بەركەت بەرسۇن،مۇھەررىرلەرنىڭ كۆزى تالمىسۇن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 23:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىسالەت خانىمنىڭ تەرجىمە ئەسىرىنى بىر ئوقۇپ چىققۇم بار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش