ximal
كۆرۈش: 469|ئىنكاس: 0

ئابلىكىم تالىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  519
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 218
تۆھپە : 6
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:13:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



شائىر،ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى ئابلىكىم تالىپ 1964-يىلى 6-ئاينىڭ1-كۈنى گۇماناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1981-يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ،گۇما ناھىيەلىك باج ئىدارىسىدا باج خادىمى،رادېئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىدا مۇخبىر،ناھىيەلىك پارتىكوم تەشكىلات بۆلۇمىدە تەشكىلاتچى ،گۇما بازىرى ،سانجۇ،پىشنا يېزىلىرىدا يېزا باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن .2006-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ گۇما ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،ئاخبارات-نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1984-يىلى «خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «يۇرتۇمغا» ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن باشلانغان. ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا 150پارچىدىن ئارتۇق شېئرى ئېلان قىلىنغان.ئۇنىڭ «سۆيگۈ يۇلتۇزلىرى» ناملىق بىر يۇرۇش شېئىرلىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2008-،2009-،2010-يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيتىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ،2012-يىلى 3-ئايدا «تارىم» ژورنىلى نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدىپ» شەرىپىگە ئىرىشكەن  .ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ،خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ، گۇما ناھىيەلىك ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئەشلەۋاتىدۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 04:54  


psb.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش