ئىزدە تور لۇغىتى
تورئىملاچىسى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
كۆرگەزمىخانا
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تور تېلىۋىزىيسى
›
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى
›
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم ي ...
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
214
|
ئىنكاس:
0
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئائىشە
ئائىشە
توردا يوق
UID
1408
يازما
83
ھوقۇقى
255
真实姓名
ئائىشە
نادىر
0
جۇغلانما
1556
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-21
تىرىشچان ئەزا
تىرىشچان ئەزا
, جۇغلانما 1556, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 1444 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
1408
يازما سانى:
83
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
1404
تۆھپە :
23
توردا:
99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2012-10-21
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 20:36:49
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل 1953-يىلى يانۋاردا مارالبېشى ناھىيە بازىرىدا بىر ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،1977-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئۇ 1975 -يىلى« شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان « سۇمرۇغقا مەدھىيە » ماۋزۇلۇق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 500 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر ۋە ئەدەبىي ماقالە-ئوبزورلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. « تارىمدىن سادا » ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2000-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن ‹‹تارىمدىن سادا›› ، «مۇشەققەت گۆزەللىكى»، «كەپتەرگە سۆز»، « مەندىن چاقنىغان ئۇچقۇنلار»، «شېئىرىيىتىمىزدە ئالەم تۇيغۇسى»، « شېئىرىي مۇددىئا توغرىسىدا» ، ‹‹ شېئردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر ›› قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ يەنە، دىيارىمىزنىڭ تارىخىغا ئائىت ماقالىلىرىدىن «تارىختا بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا»، «چىڭ سولالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا تۇرغۇزۇلغان ئۈچ پارچە تاشپۈتۈك» ، ‹‹ دىيارىمىزدا ئۆتكەن سەككىزئۇيغۇر تارخانبەگ›› ، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش» … قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ « شېىئىرىي مۇددىئا توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق پوبلېستىك ماقالىسى 2004-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە 13-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 2005 -يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر شەھرىدە ئۆتكۈزگەن ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش كاتتا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ «مەرھابا كاتتا مەرىكە» ماۋزۇلۇق بالىلار شېئىرى 200 نەپەر ھەرمىللەت ئۆسمۈر-بالىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدا جاراڭلىق دېكلىماتسىيە قىلىنىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ 1993-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ئىككى توملۇق « ئۇقۇتقۇچىلار قوللانمىسى» ناملىق كىتابنىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى زامان جوڭگۇ ۋە دۇنيا تارىخى قىسمىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. يەنە ، 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى ئۇ خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان « ئائىلە مال-مۈلۈك دەۋاسى » ناملىق كىتابنى نەشىر قىلغان. ئۇ 2001 -يىلىدىن 2005-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىلىك ( قۇشۇمچە «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىلىك ) ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ‹‹ قەشقەر ››ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئىجرائى مۇئاۋىن مۇدىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئىشلەۋاتىدۇ.
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
ياش «قەلەم»
مەتبۇئاتلىرىمىز كاتالوگى
تەرجىمە ۋە ئەسلىي ئەسەر
سۆھبەت - خاتىرىلەر
ئىجادىيەت خەۋەرلىرى
ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار
شېئىرىيەت
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
ئۇقتۇرۇشلار
يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش