ximal
كۆرۈش: 161|ئىنكاس: 1

تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1408
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1404
تۆھپە : 23
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 19:55:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


        تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن (1944-2007) قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلىغىچە كونىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە خوتەن ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1976-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
        تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ «جىنەستە»، «بۇلبۇل ناۋاسى»، «گۈلنىھال»، «چىغىر يول»، «سەھرادىن كەلگەن قىزچاق» قاتارلىق 15 پارچە شېئىر، داستان، ھېكايە ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان. كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە «بالىلار ئەدەبىياتى تۆھپىكارى»، «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:33:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 11:36  


ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش