كۆرۈش: 989|ئىنكاس: 15

ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئابلا ۋاپات بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 10:00:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

49d50fd0t6ddada78b21a&690.jpg

9 U  V/ L" \! `2 R
مەملىكەتلىك «تۇلپار» ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمانىمىز ئىمىن ئابلا ئەپەندى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن داۋالىنىش ئۈنۈم بەرمەي 54 يېشىدا ئۈرۈمچى «بىرىنچى ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى» (باگاڭ) دائالەمدىن ئۆتتى.
! l5 W* D- P( N' Vئىمىن ئابلا ھايات ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئەدەبىياتىمىزنى كەڭ خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئېلىمىزگە يۈزلەندۈرۈش يولىدا ئۈن – تۈنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلگەن ئاز ساندىكى تالانتلىق ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى شۈبھىسىزكى ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.* |1 |+ g5 K' a3 t/ ^7 k$ B5 z7 d& [
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز تورىمىز ئارقىلىق ئەدەبىي تەرجىمانىمىز ئىمىن ئابلا ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا چەكسىز قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇققان، خىزمەتداش، دوستلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.' z- K/ [& I, p9 k8 }

9 a+ N8 r2 S4 l
mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2194
تۆھپە : 4
توردا: 343
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-13

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:43:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن! كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بوپ قالدى.

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.
jallat ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1519
تۆھپە : 0
توردا: 622
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژورنىلىدىن مەرھۇمنىڭ نۇرغۇن تەرجىمىلىرىنى كورگەن ئىدىم .ئۇنىڭ ئەدەبياتتىكى تەرجىمىلىرىگە زوقلىنىش قەرزى ئىدىم .مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 12:48  & T; b3 l# {: y

- X" A! s. m9 H

سەندىكى بالا-قازانى ياقتۇردۇم، ساڭا بالا-قازانى ئايان قىلدىم، سەندىكى بالا-قازادىن نەپرەتلەندىم، بالا-قازان ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  396
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2291
تۆھپە : 0
توردا: 283
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:57:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! 4 x* t! \2 A" K' [9 \

6 N/ }; w/ |  ?' k/ R' o& }2 mھەقىقىي تەرجىمان، مەرھۇم ئىمىن ئابلا ئاكىدەك خەقنىڭكىنى بىزگە ئەمەس، بىزنىڭكىنى خەقنىڭكىگە تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرالىغانلاردۇر!

گۈل ئۈزسەڭ سەھەردە ئۈز،
چولپان كېلۇر كۆز قېسىپ!
         
                                        __ ئاپتۇرى نامەلۇم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 836
تۆھپە : 0
توردا: 169
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 20:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن كۆيىدىغان يەنە بىر تۈرەك نەپەستىن توختاپتۇ.ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ئامىن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2009
تۆھپە : 49
توردا: 690
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 00:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4 o6 O3 X3 Y; a5 o( mتۈۋەندە مەرھۇم ئىمىن ئابلا ئاكىنىڭ خەلق تورىدىكى قىسقىچە تەرجىمھالىنى سۇنىمىز:
, D& x! ?( J: ^! V
$ R: y0 D& @9 xئىمىن ئابلا، ئەر، ئۇيغۇر، ئالىي مۇھەررىر، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى ــــ «تۇلپار» مۇكاپاتىنىڭ تەرجىمە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى. ھازىرغىچە جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەتقىقات ئىشىخانىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.5 w/ K8 _/ z6 Q: i" L

2 k7 h1 W" t" V6 }  ئىمىن ئابلا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەرجىمانى، مەمۇرىي كاتىپى، ئىدارە كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچسى، «مىللەتلەر تەرجىمىسى» (ھازىرقى ‹مىللەتلەر تەرجىمىچىلىكى›)نىڭ تەھرىرى، ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.0 B( Y  Q1 v' m6 j4 i5 b
, c5 C( p1 c. [: b- n6 d/ d
  ئىمىن ئابلا ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىدە «كاپىتال»، «جىياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ۋە بېكىتىش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە قاتناشقان. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلارنىڭ سېلىشتۇرما ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تەرجىمە ماتېرىياللىرىنى پىلانلاپ، توپلاپ ۋە تەھرىرلەپ، تەرجىمانلار ئۈچۈن «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر سېلىشتۇرمىسى» ۋە «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەرنىڭ سېلىشتۇرما قوللانمىسى»نى بېسىپ تارقاتقان، بۇلارنىڭ بىر قىسىمى «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر لۇغىتى» (ئىمىن ئابلا باش مۇھەررىرلەرنىڭ بىرى)گە كىرگۈزۈلۈپ، 2008-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.+ P# a' q+ B3 I

# a- U- |4 r* D$ x0 n  «شېئىر»، «خەلق گېزىتى» «نۇر گېزىتى»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «غەربىي يۇرت ئەدەبىياتى»،«ئىلى دەرياسى» قاتارلىق خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئىمىن ئابلانىڭ 110 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە شېئىرى ئېلان قىلىنغان. «سۆيگۈ دەپلا سالىمەن چۇقان» ناملىق تەرجىمە شېئىرى «1949-1999 جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر ئامبىرى»غا كىرگۈزۈلگەن؛ «ئۈجمە كۆڭۈل ئەمەسمەن، بىراق » ناملىق شېئىرى «2003-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر شىئىرلار» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن؛ «مۇھەببەت كارىدورى» شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر تاللانمىسىغا كىرگۈزۈلگەن، «شور پېشانە ئاشىق» ناملىق شېئىرى «ئەسىر ھالقىغان مۇھەببەت شېئىرلىرىدىن 300 پارچە» دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.- `! S% k) A! z0 d
$ R9 J4 X& c5 b6 |
  2004-يىلى «كۇچار خەلق ناخشىلىرى توپلىمى»نى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان.
9 L% W) |, }4 u/ A/ H1 \" T- L8 p. {+ q, S( c
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «ئۇمۇرتقىسىز ئەرۋاھ»، «قارىچۇقتىكى پىنھان سىر»، «قەھرىماننىڭ ئوغلى» ،«پامىردىكى چاقماق» قاتارلىق پوۋېست، ھېكايىلەر توپلىمى ۋە تۆمۈر داۋامەتنىڭ «ئۆمۈر ئىزلىرى» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى بولۇپ جەمئىي 1 مىليون خەتتىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسەر ئېلان قىلغان.5 P8 Q: \5 O7 a# s, F2 k
& x+ I8 A9 P! E9 B1 S* e
  2006-يىلىدىن 2008–يىلىغىچە، ئىمىن ئابلا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئاسپىرانتلارغا «تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى» دەرسى ئۆتكەن. 2008-يىلى 11-ئايدا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنسىتىتۇتى ئىمىن ئابلانى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي تەرجىمانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات سىنىپى ئۇيغۇرچە گۇرۇپپىسىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىگە تەكلىپ قىلغان.; W; z7 @' S2 M# N) s

8 H' B0 f7 a! _( r بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-22 00:46  
5 ?) H2 W2 L# d8 v4 y: `" r
1 n1 A2 i- x' K  K" ^* P

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  766
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 168
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 00:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق كىچىك پىئىل،سەمىمىي كىشى ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن سەپەرداش ۋە ھەم سۆھبەت بولغان كۈنلىرىمنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ قالدىم....مەرھۇمنىڭ روھى ئەمىن تاپقاي،ئۇرۇق تۇققانلىرى سەۋىرلىك بولغاي....

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 01:17:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىز 2008-يىلى «لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى»دا ئوقىۋاتقىنىمىزدا ئۇ بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ ئۈگىنىدىغان كەمتەر، كىچىك پىئېل خىسلىتى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. 8 r6 a" r1 g9 [

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1883
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 44
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 12:18:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەرجىمانتى،ئاللاھ ئاخىرەتلىكىنى بەرسۇن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 15:00:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىراق جاي،ئۇنىڭ يىراقلىقىدىن باشقا يەنە... 0 I7 p% f0 u( Y) I9 W7 j) ]) C3 z: @
  l, O: B, T* D) [
مىللەتلەرتىل-يېزىق تەرجىمە خىزمىتى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك ماقالەــــ ئىستىداتلىق تەرجىمان ئىمىن ئابلا ئەپەندىگە نەزەر
$ F1 L2 {. T2 r, X9 D. S- N6 S; g$ @* i( i6 _
خاسېن(موڭغۇل)
  l) B! R, ^/ I( Z" d! B2 {
( r1 _9 B+ Z" H* ]; qئۆمەرجان ئامۇت تەرجىمىسى
% f1 E' J6 a0 P  c6 n. K/ h7 I- s& v: K
    ئۇيغۇر تەرجىمان،ئالىي مۇھەررىر ئىمىن ئابلا خەنزۇ تىلىنى تولىمۇ راۋان سۆزلەيدۇ،ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش يۆلىنىشلىك تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 30يىلچە بولدى،مەن ئۇنىڭ بىلەن خىزمەتداش شۇنداقلا قوشنا.بىر يىلنىڭ قايسى پەسلى بولسۇن ھەر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ سەيلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن.بۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا ئۇ ئاساسەن دېگۈدەك ئىشخانىسىدا ياكى ئۆيىدىكى كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇر-خەنزۇ تىللىرى ئارىسىدىكى ئەجىرلىك ئەمگىكى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.شېئىر ياكى سىنارىيە تەرجىمىسى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى سورىغان چېغىمدا ئۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن چۈشەندۈرىدۇ.موڭغۇل ياكى ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغاچقا ئۈچىنچى خىل تىل بىلەن پىكىرلىشىشكە مەجبۇرمىز،شۇڭا ئارىمىزدىكى چۈشىنىش چوڭقۇرمۇ ئەمەس،يۈزەكىمۇ ئەمەس بىر خىل ھالەتتە تۇرماقتا. ( l3 l$ ~6 H# s" I, W
     «جۇڭگو مىللەتلىرى»ژۇرنىلىنىڭ ھىممىتى بىلەن جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە خىزمىتى توغرىسىدا ماقالە يېزىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدىم.شۇنىڭ بىلەن 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى «تۇلپار مۇكاپاتى» ئەدەبىي تەرجىمە مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى،جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلىمىنىڭ مۇدىرى،ئالىي مۇھەررىر ئىمىن ئابلا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش نىيىتىگە كەلدىم ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ تەرجىمە ھاياتى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم.ئۇنىڭ خىزمىتى تولىمۇ ئالدىراش ئىدى،جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يوليورۇقى بويىچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»دىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ،مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بۇ يىل ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ھۇجۇتقا كەلتۈرۈش،«خەلق تورى»مۇھىم خەۋەرلەر بېتىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ماڭا ۋاقىت چىقىرالمىدى. يېقىندا ئۇ يەنە «جياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما»نىڭ ئۇيغۇرچە،قازاقچە،موڭغۇلچە نۇسخىلىرىنى تەقدىم قىلىش خىزمىتى ئۈچۈن شىنجاڭغا كەتكەنىدى.شۇڭا بىر ئاي ئۆتكەندە ئاران ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولدۇم. 4 B+ b$ k! I" ?1 X7 u
ئىمىن ئابلا بىلەن سۇجۇ كوچىسىدىكى بىر قەھۋاخانىغا باردۇق،ئورۇن ئالغاندىن كېيىن ئۇ:«ئايگۈل ئىككىمىز بۇ جايغا دائىم كېلىپ تۇرىمىز»دېدى،ئۇ ئايالىنى دەۋاتاتتى.«ھوي،نېمە دەيدىغانسىز؟سىلەرنىڭ تېخى قەھۋاخانىدا ئولتۇغىدەك  چولاڭلار بارمۇ؟»،گەپلىرىمدە چاقچاق مەنىسى بار ئىدى.ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بەردى:«سۆيگۈ ئىزھار قىلىشىمىز-دە،مۇھەببەت پەرۋىشكە موھتاج.تۇرمۇشتا رومانتىكا كەم بولسا بولمايدۇ،لېكىن لايغەزەللىك قىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشمۇ توغرا ئەمەس.»بىلىشىمچە ئىمىن ئابلانىڭمۇ شېئىرغا تازا ئىشتىياقى بار،ئۇنىڭ تەرجىمە شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا،ئۇنىڭ شېئىرىيەتكە،تۇرمۇشقا بولغان سەمىمىيلىكى ۋە قىزغىنلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
+ z1 M2 u0 _. b& d  ~4 z“傻瓜,傻瓜,多么钟听的话 5 S9 F4 d3 i: {9 E7 a/ b( S! T* S
不知谁最早发明并用惯了它 5 g) m# j- `% J6 R. H) L
黑眼睛的美人只要你说出这句话
3 N2 y" z6 N5 Y' c' K) N( J* X* k 我的心就会被烈火般的真情溶化” * q7 P5 s! I: G  r) `4 p6 m0 k
(阿布都热依木•奈吾茹孜《我只呼唤爱情》节选)
3 \. R: n; A4 B# \مەزكۇر شېئىرنىڭ ئەسلىسى:
* R1 A  }2 V6 F4 F6 e, ]  @- W«ساراڭ،ساراڭ» ئەجەپ ئىللىق سۆز، * u/ O7 X* U  {. z4 _
قايسى ئىنسان دېگەنكىن باشتا.
- H! o5 y9 X$ V3 z1 yھەر نۆۋەتتە دېسەڭ قارا كۆز، 2 ~' P9 p6 |2 [2 s7 _2 `
كۆيەر يۈرەك ئوتلۇق بىر ھېستا. + o0 b7 p1 }8 {+ T4 x6 \
(ئابدۇرېھىم نەۋرۇز‹تاجىك›نىڭ «سۆيگۈ دەپلا سالىمەن چۇقان»دىن پارچە،«تارىم»1991-يىل 1-سان)
9 G2 ~0 H0 o0 u3 wئەسلىدە ئۇ تۇرمۇشقىمۇ مۇشۇنداق رومانتىك ۋە نازۇك بولغان شېرىي قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن-دە. & D$ W) J" b& a' n
نەچچە ئىستاكان بىرازىلىيە قەھۋەسى تۈگىدى،تۆت سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلاشقاندىن كېيىن،كەم تېپىلىدىغان بىر قېتىملىق تەرجىمە لېكسىيىسى ئاڭلىغاندەك بولدۇم،ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش يۆلىنىشلىك تەرجىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىمىن ئابلا ئەپەندى نەزىرىمدە تېخىمۇ ستېرولۇق ۋە يارقىن كۆرۈندى.   P' c  C, ^  R8 b/ H3 n$ O
يىراققا تەلپۈنگەن ئۆسمۈر
6 H# B5 R. {: G$ |1959-يىلى باش قىشتا ئىمىن ئابلا ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ تۇدۇنخابا رايونىدىكى بىر ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى.ئاتا-ئانىسى 1 -ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇدىنىڭ  ئىشچىلىرى ئىدى.ئۇنىڭ بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرى كۆپىنچە گۈلدۈرلەۋاتقان سېخ،ستانوك،كەپشەرلەش ماشىنىسى دېگەندەكلەر بىلەن باغلىنىپ كەتكەن.مۇھىت سەۋەبىدىن ئۇ كىچىك چېغىدىن تارتىپلا خەنزۇ بالىلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغان،شۇڭا ئۇنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى كىچىگىدىنلا ناھايىتى يۇقىرى ئىدى.مەكتەپكە كىرىدىغان چاغدا ئۇ دادىسىغا يالۋۇرۇپ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇشنى تاللايدۇ.باشلانغۇچنىڭ ئىككىچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بىر قېتىم ئۇ خەنزۇ ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بارىدۇ.ساۋاقدىشىنىڭ ئاپىسى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن زىيالىلاردىن ئىدى.شۇڭا «چىڭخۇا»دېگەن خەتلەر يېزىلغان دېپلوم كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان جايغا قويۇقلۇق تۇراتتى.ئۆسمۈر ئىمىن ئابلانىڭ قەلبىدە چىڭخۇا دېگەن سۆزگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولىدۇ-دە،«چىڭخۇا دېگەن نېمە؟چىڭخۇا نەدە؟»دەپ سورايدۇ.ساۋاقدىشىنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرىدۇ:«چىڭخۇا دېگەن جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتىتلىرىنىڭ بىرى،ئۇ بېيجىڭدا.»
, g3 h' [7 B) R% ?' V «چىڭخۇا»،«ئۇنىۋېرسىتىت»،«بېيجىڭ»دېگەن بۇ ئۈچ سۆز ئۇنىڭ قەلبىدە جىم-جىت يىلتىز تارتىشقا باشلايدۇ. / g( ^, I: b. n/ C6 Z" p
مەھەللىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر بالىلار ئىمىن ئابلانىڭ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى چۈشىنەلمەي بالىلارچە سەبىيلىك بىلەن ئۇنى«خائىن»دەپ مەسخىرە قىلىدۇ ۋە ئانا تىلىڭغا ئاسىيلىق قىلدىڭ دەپ تاش ئېتىپ ھاقارەتلەيدۇ.ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن خەنزۇچە مەكتەپنى تاللىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى،مۇشۇ تاللىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىلا بىلەتتى.بىراق ئۇ ئۆز ئانا تىلىنى سۆيمەيدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى،ئۆيىدە «سۇ بويىدا»،«يېڭى كەلگەن شياۋ شىجۇ»قاتارلىق خەنزۇچە رومانلارنى ئوقۇيتتى-يۇ،ئاتا-ئانىسىغا،ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارغا ھەرگىز خەنزۇچە گەپ قىلمايتتى.گۆدەك ھەم شوخ بالىلار «بوزەك»ئېتىپ قوغلىغاندا ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە بىر خىل تېڭىرقاش،ئاچچىق پەيدا بولىدۇ،ئەمما تەن بەرگۈسى كەلمەيدۇ،«مەن چوقۇم تىرىشىپ ئۈگىنىپ خەنزۇ تىلىدىن باشقا يەنە ئانا تىلىمنىمۇ پۇختا ئىگىلەپ سىلەردىن ئېشىپ چۈشىمەن»دەپ ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە قىلىدۇ.
$ N5 K4 ~3 S; x- T- Fئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدە ئىمىن ئابلا شېئىرىيەتكە بەكلا ھېرىس ئىدى،لى بەي ،دۇ فۇ قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن تاڭ نەزمىلىرىنى يادلاپ بېرەلەيتتى،شۇنداقلا شېئىرنى كۈندىلىك ئۆگىنىشىدە ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى.ئۇ ماتىماتېكا،فىزىكا،خىمىيە،تارىخ،جۇغراپىيە قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە جاۋابلىرىنى شېئىرغا ئايلاندۇرۇپ يادلىۋالاتتى.ئۇ خەنزۇچە مەكتەپتە خەنزۇ ساۋاقداشلار بىلەن بىرگە ئوقۇش جەريانىدا نەتىجىسى ئىزچل ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى.باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىدىكى چاغدا خەنزۇچە سىنىپلارغىمۇ ھەپتىسىگە ئىككى سائەتلىك ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەسىس قىلىندى.ئۇنىڭ ئانا تىلىدا ئاساسى بولغاچقا،بۇنى ئۆگىنىشتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇشى تەبىئىي ئىدى.ئۇ مۇشۇ مەزگىلدىكى ئۆگىنىشنىمۇ چىڭ تۇتۇپ كېيىنچە ئانا تىلنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە ئاساس سالدى.باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئىككى قېتىم سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇدى،ئەسلىدە 1980-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئىمىن ئابلا 1979-يىلىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى،ھەمدە خېلى يۇقۇرى نومۇر بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. 2 u; m- f& d# |/ C. m" C/ J1 \" s
ئەسلىدە ئىمىن ئابلانىڭ ئىمتىھان بېرىشتىن ئاۋۋالقى ئارزۇسى بېيجىڭ رادىئو ئۇنىۋېرسىتېنىڭ  تېلېۋىزىيە تەھرىرلىك كەسپىدە ئوقۇش ئىدى.بىراق بۇ مەكتەپ شۇ يىلى شىنجاڭدىن پەقەت ئىككى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلاتتى.بۇ مەكتەپكە بارالماسلىقىدىن ،شۇنداقلا تەلپۈنۈۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بېيجىڭغىمۇ بارالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلىنى كەسىپ قىلىپ تاللىدى.ئۇ دائىم بۇ كەسىپنى تاللىغانلىقىمدىن ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم دەيدۇ.ئۇنىڭ قارىشىچە تىلنى قانچە كۆپ  بىلسە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ ئاشىدۇ،بىراق ئانا تىلنى بىلمەسلىك بىر ئېچىنارلىق ئىش،چۈنكى ئانا تىل مىللىي مەدىنىيەتنىڭ جەۋھىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. % o* u, I9 W- H. |  [4 B, Z5 a
1979-يىلى 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىمىن ئابلا ئۆزى مائارىپ باشقارمىسىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشكەن 80يۈەن ياردەم پۇلىغا بېيجىڭغا بارىدىغان پويېز بېلىتىدىن بىرنى ئالىدۇ.9-ئاينىڭ 13-كۈنى پايتەخت بېيجىڭغا يېتىپ كېلىدۇ.
  j$ G3 C9 n/ y+ r: j  z$ @كەچكى شەپەق قىزارتىۋەتكەن تۇدۇنخابا دەرياسىغا تىكىلگىنىچە يىراقلارغا تەلپۈنگەن ئۆسمۈرنىڭ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.ۋاھالەنكى، ئاشۇ يىراق جايدا ئۇنى يىراقلىقتىن باشقا يەنە نېمە كۈتۈۋاتقاندۇ؟
) |: ?: O/ _) n& d7 t مۇقەددەس بۇرچ،بەرىكەتلىك قەدەم
) v: J5 \6 A$ q1 t2 C& T( }3 R80-يىللاردا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر خىزمەت ئىشىدىن غەم قىلمايتتى.دۆلەت بىر تۇتاش تەقسىم قىلاتتى،كۆپ ساندىكىلەر دۆلەتنىڭ تەقسىماتى بويىچە ئىش كۆرەتتى.1983-يىلى 7 -ئايدا ئىمىن ئابلا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدىكى 4 يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ،ئاتاقلىق تەرجىمان ئەخمەت پاسار،جۈمەخۇنلارنىڭ تاللىۋېلىشى بىلەن جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندى،شۇنىڭ بىلەن كەسپىي تەرجىمان يولىغا قەدەم باستى.
* M. l) V, V% d! q* A$ iمەركىزىي مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى 1955-يىلى 12-ئاينىڭ 12 –كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ،پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرجىمە ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان مەخسۇس ئورگان.بۇ ئورۇن كەڭ مىللىي رايونلارنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشى ۋە كەڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىر-ئاممىسىنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، تەرجىمىنى كۆۋرۈك،يول ئورنىدا كۆرۈپ موڭغۇل،تىبەت،ئۇيغۇر،قازاق،چاۋشيەن،يىزۇ،جۇاڭزۇ قاتارلىق 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىدا ماركىسىزم،ماۋزېدوڭ ئىدىيەسى،دېڭ شياۋپىڭ نەزەريەسى،ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى،پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ لۇشيەن،فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى،مەملىكەتلىك پارتىيە  قۇرۇلتىيى،مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى،مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنلىرىنىڭ مۇھىم  ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىپ،تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ؛شۇنداقلا دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىدۇ،تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرىدۇ.تەرجىمە نەزەرىيەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ ،ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.مىللەتلەر تەرجىمە خىزمىتىگە ئائىت تەكشۈرۈشلەرنى قانات يايدۇرۇپ،مەركەزگە دوكلات سۇنىدۇ.
8 k5 {; j/ p# h8 z5 Y, i  Mئىمىن ئابلا بۇرچ تۇيغۇسى كۈچلۈك ئادەم.پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ھۆججەت-ماتېرىياللىرى،پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەنتەنىلىك يىغىنلىرى،ھەتتا پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدىكى تەرجىمە خىزمىتىگە يۈزلەنگىنىدە،ئىمىن ئابلا خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئۆز بۇرچىنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. 3 C8 W' l, z1 l. X, [+ o
ئىمىن ئابلا خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن مەركىزى مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىدىكى بىر قانچە ئورۇنغا يۆتكەلدى:ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىدە تەرجىمان ۋە مەمۇرىي كاتىپ بولدى؛پارتكوم ئىشخانىسىدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باش ياچېيكا خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى؛كۇتۇپخانىنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتىنى،ئىلمىي ژۇرنال«مىللەتلەر تەرجىمە مۇنبىرى»(ھازىرقى «مىللەتلەر تەرجىمىچىلىكى»)نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتى قاتارلىقلارنى تۇتۇپ ئىشلىدى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلدى.بىراق،مەيلى قايسى خىزمەت ئورنىدا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر،ئۆزىنى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا ئەسكەرتىپ تۇردى.ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىدە تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان دەسلەپكى چاغلاردا،ئۇ پېشقەدەم ئۇستازلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، تەرجىماندىن ئىبارەت بۇ رولنى ياخشى ئېلىشقا،قەلىمى پىشقان تەرجىمان بولۇشقا تىرىشتى.ئۇزۇن ئۆتمەيلا رەھبەرلىك ئۇنى«جۇ ئېنلەي ماقالىلىرىدىن تاللانما»قاتارلىق مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشتۇردى. پارتىيە،ئىتتىپاق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە،يۇرتىدىن يىراقتا تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر مىللەت ياش خىزمەتداشلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن،ئۇ ھەر خىل چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ ئەھمىيەتلىك بولغان مەدىنىيەت-سەنئەت،تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى،نەتىجىدە ئىدارىنىڭ ياشلار خىزمىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.كۇتۇپخانىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدە،ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن«يېڭى جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە خىزمىتى شەجەرىسى»ۋە«جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەر كاتالوگى»قاتارلىقلارنى پىلانلىدى ۋە تۈزدى،شۇنىڭ بىلەن مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ماتېرىيال بوشلۇقى تولدۇرۇلدى ۋە كېيىنكى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش،تولۇقلاش ئىشلىرىغا ئاساس سېلىندى.«مىللەتلەر تەرجىمچىلىكى»دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن 11يىل ئىچىدە ئۇ تەرجىمەشۇناسلىققا ئائىت زور مىقداردىكى ماقالىلارنى تەھرىرلەپ ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىلەن بىرگە تەرجىمە نەزەريەسى ساھەسىدە پۇختا بىلىم جۇغلىدى.2002-يىلى ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن،ئۇ ھەم تەرجىمان ھەم تەرجىمە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى بولۇشتەك قوش سالاھىيەتكە ئىگە بولدى.يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمى كوللېكتىپ تەرجىمە قىلىپ تاماملىغان«كاپىتال»،«جياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما»قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم ئۆزىمۇ تەرجىمە قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتناشتى.باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ«ئىتتىپاقلىشىش،پىكىرلىشىش،ھەمكارلىشىش،تەڭ بەھرىمەن بولۇش»تىن ئىبارەت باشقۇرۇش ئەقىدىسىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ياش تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگىمۇ ئەھمىيەت بەردى.يەنە شۇنداقلا يەرلىكتىكى ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن تەرجىمە بايلىقىدىن تەڭ بەھىرلىنىش،خادىملارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ۋە ئۆز-ئارا ئۆگىنىش ئىشلىرىنى تولىمۇ ئىدىتلىق يۈرۈشتۈردى ۋە بۇنى بىر خىل مىخانىزىم قىلىپ شەكىللەندۈردى.ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى شىنجاڭغا «جياڭ زېمىن ماقالىلىرىدىن تاللانما»نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تەقدىم قىلدى،بۇ پائالىيەتتە ئۇ ئالاقىلىشىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشىپ،ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.ئۇ يەنە ئۇيغۇر-خەنزۇ تىللىرىدىكى يېڭى ئاتالغۇ سېلىشتۇرمىسى ماتېرىياللىرىنى تۇرغۇزۇپ،تەرجىمە ماتېرىياللىرىنى پىلانلاش،توپلاش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ،ئەخمەت پاسار قاتارلىق پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر سېلىشتۇرمىسى»ۋە«خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر سېلىشتۇرما قوللانمىسى»نى تۈزۈپ كەڭ تەرجىمانلارنىڭ قوللىنىشىغا سۇندى ،بۇنىڭ بىر قىسمى«خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر لۇغىتى»(ئىمىن ئابلا باش تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى)گە كىرگۈزۈلۈپ،2008-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.ھەر قېتىم پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالمىشىش سايلىمىدا،يولداش ئىمىن ئابلانىڭ كاستيۇم-بۇرۇلكىسىنى رەتلىك كىيىپ،سالماق قىياپەت بىلەن خەلق سارىيىغا سايلام بېلىتىنى تەرجىمە قىلىشقا ماڭغاندىكى ھالىتىنى كۆرىمىز.راست،ئۇ بىر ئەستايىدىل ئادەم،بۇ خىل خىسلەت پەقەت خىزمەت جەھەتتىلا چەكلەنمەيدۇ،ئەلۋەتتە. ) U! w5 j2 F% M0 U* z" W; ~
ئەدەبىي تەرجىمە زېمىنىدا چېپىۋاتقان تۇلپار
0 q  I% b- H$ i1 ]3 m( c1981-يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى،ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىمىن ئابلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى بەرگەن تاپشۇرۇقنى تاماملىدى:ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرىسى ئۆتىدىغان مۇئەللىمىنىڭ«رەگەتكە»ناملىق ھېكايىسىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدى،بۇ ئۇنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىكى تۇنجى سىنىقى ئىدى.مۇئەللىمنىڭ ياخشى باھاسى ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى،شۇنداقلا يېڭى بىر يۆلىنىشنى كۆرسىتىپ بەردى.شۇ چاغدىن تارتىپ ئۇ بىر قىسىم ساۋات خارەكتېرلىك ماقالىلارنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا كىرىشتى،تەرجىمە ئەسەرلىرى«شىنجاڭ گېزىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.گەرچە بۇلار كىچىك ماقالىلار بولسىمۇ،ئانا تىلدىكى بۇ نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا،زور ئىلھام ئىدى.
& F( |  m- I& M! p5 k  \; Z5 u: [0 mمەركىزىي مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن،1984-يىلى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىدارە بويىچە ھۆسنىخەت،رەسىم پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى.ئۇ بىر پارچە خەزۇچە شېئىر يازدى.بۇ چاغدا يەنە بىر پېشقەدەمنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شېئىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر شئېرىي تالانتى بار ئىمىن ئابلاغا مۇراجەت قىلىدۇ.ئۇ تەرجىمە قىلغان «ۋەتەن قەسىدىسى»ناملىق بۇ شېئىر 9يىلدىن كېيىن يەنى1993-يىلى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ.بۇنىڭدىن بۇرۇن،«مىللەتلەر ئەدەببىياتى»نىڭ1991-يىللىق8-سانىدا ئۇنىڭ «شامال،قۇش،دەرەخ»ناملىق تەرجىمە شېئىرى ئېلان قىلىنغانىدى. 5 w* r* E4 }$ n2 F$ F2 {1 q
风摇撼树的时候
+ I' L" w! m: {. b4 \ 鸟受惊了
$ M  s0 v& E) j8 W) o 飞散了
+ {6 F( d4 e8 L! L# A; e( u 远去了
/ ~: p( `* O! o$ Q' y 留下树
: l# H" G4 t% `+ G/ q2 Z1 b. I# v( Q 仿佛吟颂着神秘的曲调
* _" h& \* y" l5 d 忧郁地沙沙作响 " G6 F( W  X/ l0 o8 a# a9 E7 i
(艾则孜《风、鸟、树》节选)
2 y0 Z8 L% R/ @8 r/ [مەزكۇر شېئىرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى: , H, N4 w9 G) H7 Y, m8 R
تەۋرەتكەندە شامال دەرەخنى
. b. d* d* P7 u$ f# P; }2 ?0 [ چۆچۈگەندەك 7 j( f; Y; _9 E/ c& Z: H+ Y
قۇش ئۈركىدى،
' O: ^4 k3 K! f$ e* T كەتتى ئۇزاقلاپ. 2 `, w. k, X: Q
دەرەخ قالدى : E' c- m6 a4 }; r
كۈيلىگەندەك سىرلىق بىر كۈينى
8 L0 x, p$ l  Y3 A% p: w$ _ غەمكىن شىرىقلاپ
+ Z# S7 b& P9 L8 R(ئەزىزىنىڭ «شېئىرلار»دىن پارچە،«تارىم»ژۇرنىلى 1990-يىل 12-سان)
, I1 `4 D& R) y4 v% }2 b$ y, Aبۇ شېئىر يەنە 1991-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالاندى.بۇ مۇۋەپپىقيەت ئۇنىڭ شېئىر تەرجىمىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى.مۇشۇنىڭدىن باشلاپ«شېئىرلار»،«خەلق گېزىتى»،«نۇر گېزىتى»،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«غەربىي دىيار ئەدەبىياتى»،«ئىلى دەرياسى»قاتارلىق خەنزۇچە گېزىت-ژۇرناللاردا ئىمىن ئابلانىڭ يۈز پارچىدىن ئوشۇق تەرجىمە شېئىرى ئېلان قىلىندى.ئۇ لېرىك شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىشقا ئامراق،ئۇ ئۆزى تاللاپ تەرجىمە قىلغان بىر قانچە پارچە مۇھەببەت لېرىكىسى شېئىرىيەت ساھەسىدە بەلگىلىك دىقققەت-ئېتىبارغا ئېرىشتى.مەسىلەن:مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ«ئۈجمە كۆڭۈل ئەمەسمەن،بىراق»ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ قەلىمىدە ئۆز ئىپادىسىنى مۇنداق تاپتى: $ a9 W2 ?' a- I2 N0 ^. i( w; ~$ Q
我不是多情的种子,然而 6 |: b  K  H7 y# F
心同时在为两个姑娘燃烧
% z+ s5 s. k7 s' H8 G/ X" u& `1 v 蕴倩姆像花蕾含苞欲放
. S5 k8 M. ^- W6 [% G- {0 p& E9 v 莱丽像蜀葵般身姿曼妙
2 b: `- A8 `; ]4 }, h6 z1 \9 B) B/ i9 V
我不是多情的种子,然而
, {; ^3 |+ d+ Y3 _2 M- b$ c" G 两堆篝火却在同时燃烧
" |" Z, A* ^. D! o8 g. D3 Q3 @ 我真想扑灭其中一堆
* u, o  D0 x& i& {, v 可越泼水火势越高 & x0 v. }! ?- I
ئۈجمە كۆڭۈل ئەمەسمەن،بىراق : A, Z) K( O1 X' X' d
ئىككى قىزغا تەڭ كۆيىدۇ يۈرەك
3 m) |3 g' p- ~4 _* r, i0 p لەيلى لەيلىدەك جازبىدار،زىبا، ; i) p" u  \9 Z; i9 N" \
غۇنچەم غۇنچىدەك گۈزەل،ئۇز پورەك.
/ Z, V4 n0 N7 U& d% U
0 c4 ]# ~! r9 s- Z8 W8 D8 c4 hئۈجمە كۆڭۈل ئەمەسمەن،بىراق 2 u$ a% {! ~0 h# F2 g5 Y- A5 H, s
ئىككى گۈلخان تەڭ يانار لاۋۇلداپ
# u! r3 [9 M! t( f9 Q! Y7 z ئۆچۈرۈپ تاشلاي دېدىم بىرسىنى ( R8 Y6 T; N" j3 I
سۇ سەپكەنچە ياندى چاراسلاپ $ e8 m* Y( z* U1 g, n
بۇ تەرجىمىدە ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى تەبىئىي ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ،ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن،مەردانە خارەكتېرىنى ئەينەن ھېس قىلىۋالالايدۇ،شۇنداقلا قۇلاق تۈۋىدە دۇتتارنىڭ ساداسى ياڭراۋاتقاندەك،كۆز ئالدىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەل رۇخسارى نامايان بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ.«تەرجىمىدە ئىز قالدۇرماسلىق»نىڭ كامالىتى ئوقۇرمەنلەرگە ئەسلى ئەسەر بىلەن تەڭ قىممەتتىكى ئىستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. & Q0 h5 k$ J, F! V) P/ g
我把土块投向你家屋顶
: Y! [1 |8 q8 }: z( K1 p" d5 k+ Z. Y& n 只想在月色中一睹你圆月般的容颜 - x- i! l$ @' H0 |2 k( a7 \
请宽恕我的鲁莽,美丽的姑娘
5 T1 K% d# D* x1 d 只因爱恋夺走了我的理性判断
0 H! o- ]" L2 J9 O7 N
" {2 ?9 e. C% A' @( E 你家房门顿时略微打开
- U, ?% Z5 i  B' W7 G 我的心欢跳不止犹如鱼儿一般 ) \0 L2 M/ G$ u8 ^7 ?0 K  l; Z' E
花斑家犬愤怒的猛扑过来 " m: e  o. q( k- R
吓得我性命只剩一点点
3 Q+ y  V0 `; J
+ j/ y% p, M' t+ j& D) } 惊恐中我仍在幻想 9 o+ \. R' z! M# |, V0 ^2 P
你就这样扑过来该有多好 6 j. M# P1 n4 k+ z6 j- k' [
到那时我俩将成为贴心知音
7 \9 a: R9 T0 H% a5 N/ t" X' ~0 l 你我的身心相溶似漆如胶
9 _# h$ q9 W9 _+ }4 N4 p5 T (穆罕默德•伊明《倒运的恋人》) . C2 }+ U: i, g
مەزكۇر شېئىرنىڭ ئەسلى تېكىستى: 3 r- v" C  l+ k* d
ئۆگزەڭگە چالما ئاتتىم كۆرەي دەپ " U3 i2 [) r9 q3 G
ئايدىڭدا ئايدەك چېھرىڭنى پەقەت.
' U7 T) H: d4 Fكەچۈر،ئوماق قىز،تەنتەكلىكىمنى % ~- b' F6 w1 n
ئەقلىمنى ئېلىپ قاچتى مۇھەببەت.
1 Y. j/ y9 ~- A- k; k& a, V
' K* _& z/ p; j1 c$ y! Dئىشىكىڭ قىيا ئېچىلدى بىردىن، / K  D, O' {! u
يۈرىكىم ئويناپ كەتتى بېلىقتەك. 0 W! W) r* `7 k- R- k& Q
ئالا ئىت ئېتىلىپ چىقتى غەزەپتە،
, r2 Q8 t4 J. i4 l' D! q9 Y* p قورقۇپ جېنىم قالدى تېرىقتەك. / W7 Y9 E, n  u1 B& b0 Q2 L

2 r  a" P7 r5 F: Wئويلاپ قالدىم ۋەھىمە ئىچرە، 0 J  z+ T' \' u3 _4 A
چىقساڭچۇ ئۆزۈڭ شۇنداق ئېتىلىپ،
* k% J% J  W- A" m/ Y كەتمەسمىدۇق ئۇ چاغدا،دىلدار،
/ X% V/ D, _" o; q بىر جان-بىر تەن بولۇپ قېتىلىپ...
! a. Q% V6 ~: {6 k/ l (مۇھەممەت ئىمىن «شور پېشانە ئاشىق») 7 K8 u, x8 x1 L$ w5 b4 M' ?
بۇ تەرجىمىدە ئىشلىتىلگەن يۇمۇرىستىك تىل ئەسلى تېكىستتە ئىپادىلەنمەكچى بولغان غەربىي دىيار تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى ئۆز ئەينى بويىچە گەۋدىلەندۈرگەن،ئۇسلۇب جەھەتتىكى قوشاقلارغا خاس تېتىكلىكى كشىنى ئۆزگىچە بەھىرلەندۈرىدۇ. ! Z& x& U* Y# f6 \
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،ئۇ تەرجىمە قىلغان «سۆيگۈ دەپلا سالىمەن چۇقان»ناملىق شېئىر«1949-يىلدىن1999-يىلغىچە بولغان جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى كلاسسىك ئەسەرلەر غەزىنىسى »گە كىرگۈزۈلدى؛«ئۈجمە كۆڭۈل ئەمەسمەن،بىراق»ناملىق شېئىر «2003-يىللىق جۇڭگو ئەڭ نادىر شېئىرلار مەجمۇئەسى»دىن ئورۇن ئالدى؛«مۇھەببەت كارىدورى»شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى،نادىر ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى.«شور پېشانە ئاشىق»،«قېرى قارىياغاچ دەرىخى ئاستىدا»ناملىق شېئىرلار «ئەسىر ھالقىغان مۇھەببەت لېرىكىلىرىدىن 300پارچە»گە تاللاندى.
) R. z) d0 P( u% B# oشېئىر تەرجىمىسىدە،ئۇ ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۆزىنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.ئۇنىڭ قارىشىچە،تەسىرلىنىش،ئىلھام ۋە شېئىرىي تىل دېگەنلەر ھەرگىزمۇ«ئىزدەش»ئارقىلىق بارلىققا كەلمەيدۇ،بەلكى ئۆزلۈكىدىن تەبىئىي«پەيدا بولىدۇ»،مىسرالاردىكى ھەر بىر سۆز ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان سۆز بولۇشى كېرەك.«شېئىرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ»دېگەن مەسىلىدە،ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس قارىشى بار:ھەر قانداق ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش مۇمكىن،شېئىرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.مەزمۇننىڭ تەرجىمە قىلىنىشىدا ھەرقانداق ئەھۋالدا مۇمكىنچىلىك بار،بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت،بەزىدە«تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ»دېيىلىدىغان ئامىللار پەقەت ئەسلى ئەسەرنىڭ شەكلىدىنلا ئىبارەت،خالاس. 6 ~, j8 e  \' [
مەيلى قايسى ئورۇندا خىزمەت قىلسۇن،ئۇ تەرجىمىنى بىر دەممۇ توختىتىپ قويغىنى يوق،بولۇپمۇ ئەدەبىي تەرجىمىدە تېخىمۇ شۇنداق.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە«ئۇمۇرتقىسىز ئەرۋاھ»،«قارىچۇقتىكى سىر»،«قەھرىماننىڭ ئوغلى»،«پامىردىكى چاقماق»قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمىنى ۋە تۆمۈر داۋامەتنىڭ«ئۆمۈر ئىزلىرى»ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تەرجىمە قىلدى.يېقىندا،ئۇ «شېرىن ئارزۇلار» (تۆمۈر داۋامەت) ، «ئۈجمە كۆڭۈل ئەمەسمەن،بىراق» ( مۇھەممەت ئىمىن) ،«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان لېرىكىلىرىدىن تاللانما»قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى تاماملىدى.تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ خەت سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. مىللەتلەر ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتىگە قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ئۈچۈن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى 2008-يىلى مەمەلىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى بولغان«تۇلپار»مۇكاپاتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەرجىمە مۇكاپاتىنى قوش تىل زىمىنىدا ئەركىن چېپىۋاتقان تۇلپارـــــــــ ئىمىن ئابلاغا بەردى. ' e) ?  ]$ c/ Q; J$ [3 G# Z
تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى مول مېۋە
. T8 j' c8 g8 u; e$ C1983-يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش دېسىرتاتسىيەسىنى ياقلىغاندا،ئىمىن ئابلا تەرجىمە نەزەرىيىسى تەتقىقاتىغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ قالغانىدى.خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن،ئەينى چاغدا باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن يازغان ماقالىسى«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭداش سۆزلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە»1995-يىلى خەنزۇچە«تىل ۋە تەرجىمە»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى،شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئۆزىگە«ھەر يىلى بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يازىمەن»دېگەن نىشاننى تۇرغۇزۇپ،ھازىرغا قەدەر 30 پارچىدىن ئوشۇق ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى،8پارچىسى مۇكاپاتلاندى. 6 H' i5 j( Z* U: S& ~/ l
«‹ئىككى يىغىن›ھۆججەتلىرى تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇش ھەققىدە»،«20-ئەسىردە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى»،«ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشتىكى شەكىل ئىستېتىكىسى ھەققىدە مۇلاھىزە»……قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرىدە،ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە ھېس قىلغان ۋە بايقىغانلىرىنى نەزەرىيىۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئەستايىدىل خۇلاسىلىدى ۋە مۇپەسسەل بايان قىلدى.كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىمىن ئابلا ئاخىرى تەرجىمە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق ئېتىراپىغا نائىل بولغان شۇنداقلا ئۆزىگە خاس قاراشقا ئىگە نەزەرىيە تەتقىقاتچىسى بولۇپ يېتىلدى.
+ _+ e9 W; @! n0 q+ O+ \3 @( v8 qجۇڭگو ئازسانلىق مىللەت تەرجىمە تارىخى،جۈملىدىن ئۇيغۇر تەرجىمە تارىخىمۇ ئۇ دىققەت قىلىپ،تەتقىق قىلىپ كەلگەن ساھەلەرنىڭ بىرى.جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تەرجىمە ئىشلىرنىڭ باشلىنىشى مەسىلىسىدە ئۇ مۇنداق قارايدۇ:«جۇڭگو  قاتارلىق قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ناملىرى ئۇچرايدۇ،بۇ يېزىق جەھەتتە تەرجىمە پائالىيىتىنىڭ ئاللىقاچان مەيدانغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.قەدىمدىن تارتىپلا كۆپ مىللەت كۆپىيىپ،ياشاپ كەلگەن ‹غەربىي دىيار›جۇڭگو ھەتتا دۇنيا مىقياسىدا‹تەرجىمە بۆشۈكى›بولۇپ كەلگەن».ئۇ يەنە دائىم:«تەرجىمانلىق ئەڭ قەدىمىي كەسىپلەرنىڭ بىرى،شۇنداقلا ئەقلىي ئەمگەك ئىچىدىكى ئەڭ جاپالىق،ئەڭ ئېتىبارسىز قارىلىدىغان ساھە،بىراق ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە كەم بولسا بولمايدىغان كەسپ بولۇپ كەلمەكتە»دەيدۇ.ئۇنىڭ قارىشىچە،تەرجىمان«مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەڭ قىممەتتە ئۆزلەشتۈرگۈچى» پەرۋىشكار بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئىككى خىل مەدەنىيەت،ھەتتا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارىسىدىكى ئەلچىلىك رولىنى ياخشى ئوينىشى زۆرۈر،بۇنىڭ ئۈچۈن «ئەسلىي ئاپتور»ۋە «ئوقۇرمەن»دىن ئىبارەت ئىككى«بايغا»سادىق بولغان بىر «مالاي»بولۇشى لازىم.تەرجىمان ئۆزىنى ئەسلىي ئاپتور ۋە ئوقۇرمەندىن يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇۋالسا بولمايدۇ.ئۇ ئۇيغۇر تەرجىمە تارىخى ۋە نەزەرىيىسى،تەرجىمىنىڭ جەريانى ،تەرجىمىنىڭ ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىپ كەلمەكتە.ئۇ ئۆزى ئىخلاس قىلىپ كەلگەن تەرجىمە ئۆلچىمىنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا بىلەن تولىمۇ قىزىققارلىق قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ:
1 s9 a1 L& _; l, oتەرجىمە تېكىستىنىڭ مەزمۇنى= ئەسلى تېكىست مەزمۇنى
# j: N' k/ K* {$ W: ^ تەرجىمىدىكى ئىپادىلەش≋ ئەسلى تېكىستتىكى ئىپادىلەش
2 R! Q8 W6 ~0 s6 c  B1 T2 B تەرجىمىدىكى ئىستىلىستىكا ≥ ئەسلى تېكىستتىكى ئىستىلىستىكا : b' K. g3 f2 L- B) [
ئۇ مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ھازىرقى ئەھۋال ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئەندىشە ۋە ئۈمىدۋارلىق ئارىلىشىپ كەتكەن نۇقتىدىن قارايدۇ.ئۇ قۇربىتى يېتىدىغان دائىرىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،نەزەرىيە جەھەتتىن بىر قىسىم ئىجادىي خارەكتېرلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.مەسىلەن:ئازسانلىق مىللەت تىلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تەرجىمانلىق كەسپىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش؛تەرجىمە نەزەرىيىسى تەتقىقات قوشۇنىنى كۈچەيتىش؛تەرجىمە خىزمىتىدە يۇقۇرى-تۆۋەن تارماقلارنىڭ بىرلىكتە تۇتۇش ۋە باشقۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛تەرجىمە خىزمىتىنى قانۇن-نىزام بويىچە باشقۇرۇش؛جايلاردىمۇ تەرجىمە ئىدارىسى قۇرۇش؛مەملىكەت دەرىجىلىك تەرجىمە مۇكاپاتى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار.
% S) p* r" d6 L2005-يىلىدىن بۇيان ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن،ئاسپرانت ۋە تولۇق كۇرستىكى ئوقۇغۇچىلارغا «تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى»،«خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قوش يۆلىنىشلىك تەرجىمە تارىخى»قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈپ كەلمەكتە.2008-يىلى لۇشۇن ئەدەبىيات يۇرتى ئۇنى جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەرجىمانلار ئالىي مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسىغا كەسپىي يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلدى. + B* ]8 r8 J1 p& ?, u+ q" C
ئۇنتۇلمىغان غايە ! q4 T- ?/ y7 f5 `! T
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك،ئىمىن ئابلانىڭ ئەڭ دەسلەپكى غايىسى كىنو-تېلىۋىزىيىگە باغلانغان. 2 I2 S; g. v+ _1 T  _& O
بەلكىم ئوقۇرمەنلەر«ئۇ بۇ غايىسىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتكەندۇ»دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
. i$ x9 a* e9 Q6 A% L3 F( Jبىراق،ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى غايىسىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كېچەلمەيدۇ.ئىمىن ئابلامۇ ھەم شۇنداق. . b' h4 C5 O. J3 l; k
بېيجىڭدا گەرچە تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ كىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتىگە بولغان ئىشتىياقى ئەسلا سۇسلاپ قالمىدى.1982-يىلدىن1983-يىلغىچە ئۇ كەچلىك ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ،شىچېڭ رايۇنىدىكى شىنلېي كىنو-تېلېۋىزىيە كۇرسىنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلىدى،بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتوتىدىكى ۋە كىنو ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى ۋاڭ دى،سۇ شۇياڭ،ۋاڭ يۈەنجيەن،شيې پېڭسۇڭ،لى پىڭفېن قاتارلىق مەشھۇر زاتلار سۆزلىگەن كىنو ئەدەبىياتى دەرسلىرىنى ئاڭلاش ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن ئەپسۇسلىنىشلارنى تۈگەتتى.
" w2 l/ p* T% N6 A* ?5 Q3 F! u0 L& Qباشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئانچە ئەھمىيىتى يوق دەپ قارىلىدىغان بۇ بىر مەزگىللىك ئۆگىنىش ئىمىن ئابلا ئۈچۈن بىر ئەسكەرتىش رولىنى ئوينىدى.شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ تەرجىمىدىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ،ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى غايىسى ئۈچۈن ئەجىر قىلىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىنو-تېلىۋېزىيە ئوبزورچىلىقى،كىنو-تېلىۋېزىيە سېنارىيە تەرجىمىسى،ئىجادىيىتى جەھەتتىكى قىزىقىشى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. 1 ?9 B  r2 B# `# b* h
ۋاقىت بولسىلا،ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە كىنو-تېلېۋىزىيە بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش ئىشىغا كۈچەپ،ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 70پارچىدىن ئارتۇق ماقالا يېزىپ ئېلان قىلدۇردى.ئۇ يەنە كىنو-تېلېۋىزىيە ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمە كەسپىگە بىرلەشتۈرۈپ«كىنو-تېلىۋېزىيە فىلىملىرىنىڭ نامىنى تەرجىمە قىلىش ھەققىدە»(خەنزۇچە)قاتارلىق ئوبزورلارنى يازدى؛شۇنداقلا يەنە سېنارىيە ئىجادىيىتى ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ،ئۇيغۇر تۇرمۇشى تېما قىلىنغان خەنزۇچە سېنارىيەدىن3نى يازدى.ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ سېنارىيىسىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدى.   b" M9 E! [1 ?1 }* u
غايە ئادەمگە پەرۋاز شاتلىقى ئاتا قىلىدۇ.ئۇنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئەدەبىياتى ئۈستىدە توختالغاندىكى ھاياجىنىنى كۆرگەندە،بۇ نۇقتىنى ئېنىق ھېس قىلىۋېلىش مۇمكىن.
" `3 p& \2 x. Qئىمىن ئابلا پارتىيە-ھۆكۈمەت ھۆججەت تەرجىمىچىلىكى،تەھرىرلىك،ئەدەبىي تەرجىمە،تەرجىمە تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى،ئۇيغۇر كىنو-تېلېۋىزىيە تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە خىزمىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ،ئۆز خىزمىتىنى ئاساس،ئىشتىن سىرتقى تەرجىمىنى قوشۇمچە قىلىپ،پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرى ۋە مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش،بېكىتىش خىزمەتلىرىنىڭ ئورۇنلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە.ئۇ ھازىرغا قەدەر «كاپىتال»،«جياڭ زېمىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلار توپلىمى»،«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قاتارلىق 90خىلدەك ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىش،بېكىتىش قاتارلىق ئىشلىرىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى.ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«تەرجىمانلىقتىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي كەسپكە چىن دىلىدىن ئىشتىياق باغلىغان ئادەم مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەن،بۇنىڭ بىردىنبىر ئامالى داۋاملاشتۇرۇش،داۋاملاشتۇرۇش،يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت». . B3 L( o4 _* ^8 C
ئىمىن ئابلادىن«تەرجىمە مۇساپىسىدە دۇچ كەلگەن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ياكى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش قايسى؟»دەپ سورىغىنىمدا،ئۇ مۇندق دېدى:«بەزى ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەۋەنلىكلەرنى بايقىدىم،شۇنداق چاغلاردىكى بىئاراملىق ۋە خىجىللىق ئەڭ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.تەرجىمە خىزمەتچىلىرى ياكى مۇنداقچە ئېيتساق تىل-يېزىق خىزمەتچىلىرى تىل-يېزىققا نىسبەتەن خۇددى دىنىي ئەقىدىگە ئىخلاس قىلغاندەك ئىخلاسمەن ۋە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.چۈنكى تەرجىمە ئەسەرلىرىمۇ خۇددى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا ھامان ئەپسۇسلۇق جايلاردىن ساقلىنالمايدىغان ئەسەردۇر.بىز چوقۇم ئەپسۇسلىنىشنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشىمىز لازىم.» & m5 S1 r% D4 \( x6 e: w
ئىمىن ئابلانىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا بولغان ئىخلاسمەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. ' Y, T7 D* e4 H. X- Q8 V6 M2 X1 U- A) M
ئىشىنىمەنكى،ئۆز خىزمىتىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىخلاس قىلغان كىشى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.
( F: h0 Y3 o# P' O, T( g0 h$ ~& |8 j1 h
مەزكۇر ئەسەر << ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
, s( o. U2 ~& s2 z" I0 b- V2 l: I& p$ v' y! \: O( W

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1649
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 106
تۆھپە : 2
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 11:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1649
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 106
تۆھپە : 2
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 11:12:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل، بەك كەمتەر ئادەم ئىدى، ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  424
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 117
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-19

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:42:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« كۇچا خەلق ناخشىلىرى » نىڭ تېكىستىنى مۇشۇ ئاكىمىز ناھايىتى ياخشى تەرجىمە قىلىپ ، باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرغان ... مەرھۇمنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى  ... مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي !!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2118
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 168
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 00:36:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىبىيات - سەنئەت ئالىمىدىن بىر يۇلتۇز ساقىپتۇ. بۇ بىز ئۈچۈن زور يوقۇتۇشتۇر.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2609
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 169
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 20:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تەرجىمە ئىشلىرىمىىزدىكى زور يوقىتىش بوپتۇ،   مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتە بولغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش