ئەلتۇغنىڭ يۈرىكى بالىلار ئۈچۈن سوقىدۇ
ياسىن ئىسمايىل ئىلتەرىش
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
ئۆزىنىڭ كىشىنى ئويغا سالىدىغان ئەسەرلىرى، ئەدەبىي تەرجىمىلىرى، ساتىرالىرى، شېئىرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كېلىۋاتقان شۇنداق بىر يازغۇچى بار. ئۇ يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، يازغۇچى ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ بولىدۇ. ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇيغۇر ‹‹ئون ئىككى مۇقامى››نىڭ مۇبارەك تەۋەللۇتگاھى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى، تىللاردا ‹‹بادام يۇرتى›› دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان قەدىمىي ئاستانە يەكەن ناھىيەسىنىڭ بۈك-باراقسان يېشىللىققا تولغان ۋە زۇمرەت سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدىغان، خۇش ھاۋالىق مۇنبەت يۇرت ـــ مىشا (مىرشاھ) يېزىسى ياغاچچىلار كەنتىدە دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇپ تۈگىتىپ، 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن سىنىپىدا ئوقۇپ ئوقۇتقۇچى بولغان. ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان. 2003-يىلىدىن ھازىرغىچە ئانا مەكتىپى مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى 1991-يىلى 11-ئايدا ‹‹يەكەن گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹تەئەججۈپ›› ناملىق نەسرىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردا ‹‹ئۈزۈلمەس ئېقىن››، ‹‹ئاق چاچ ھەققىدە ناخشا››، ‹‹ يۇمىلاق خەرىتە››، ‹‹بەغەرەز››، ‹‹ خىلۋەتتىكى يارقىن چۈشلەر››، ‹‹قەشقەرنامە››، ‹‹ئەڭ مەغرۇر تۇيغۇدا چېكىمەن ئازاب››، ‹‹يوليورۇق›› قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، داستان، نەسىر، ھېكايىلارنى، ‹‹ئەخلاق تەربىيەسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك››، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاشلىق، مېۋە-چېۋە ساقلاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە››، ‹‹مىكرو ھېكايىلار توغرىسىدا››، ‹‹ ‹چار› سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا››، ‹‹تىل-ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك›› قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، نەزەرىيەۋى ماقالىلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايەن قىلىپ، كەڭ كەسىپداشلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. 1999-يىلى ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹قويمىچى›› ناملىق ساتىراسى جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ئاھاڭغا سېلىنىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالدى. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹زەرەپشان گۈلزارى››، ‹‹جەزبىدار گۈلدەستىلەر›› قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى ۋە سۈرەتلىك تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلدى. ‹‹خىلۋەتتىكى مەھەللەم››، ‹‹قەشقەرنامە››، ‹‹يوليورۇق›› قاتارلىق ئەسەرلىرى تۈرلۈك ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا، ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالىسى ‹‹شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى››، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى›› ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوقۇتۇش- تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ھەر دەرىجىلىك رادىيو ئىستانسىسىلىرىدا ئاڭلىتىلدى ۋە ئىجادىي ھاياتى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىمۇ خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ بالىلار ئۈچۈن يېزىپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان تىلى يەڭگىل، تارتىملىق، چۈچۈك، قىزىقارلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ‹‹چىرايلىق››، ‹‹كىچىك مۇئەللىم››، ‹‹بولدۇم مۇزىي باشلىقى››، ‹‹شىرچاقنىڭ ئوۋغا چىقىشى››، ‹‹ۋاپاسىز قاغا››، ‹‹ئۇرۇق، سازاڭ ۋە تۇپراق››، ‹‹يۇلتۇزلارنى ئۈزىمەن››، ‹‹بىز ئورمىنى تۈگەتتۇق››، ‹‹كەشتە تىكىمەن›› قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىر، چۆچەك-مەسەللىرى كىچىك ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزگىچە زوق ۋە راھەتبەخشلىك ئاتا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا چاقناپ تۇرغان قويۇق مىللىي تۇرمۇش كارتىنىسى، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئائىلە ئەخلاقى، سەھرا بالىلىرىنىڭ قايناق تۇرمۇشى ۋە ئىنتىلىشلىرى، ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن يەرلىك شىۋە، كونا ۋە ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئۇنىڭ بالىلار شېئىرلىرىنى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان. ئۇنىڭ بالىلار شېئىرلىرىنىڭ قاپىيەلىرى تولۇق، رېتىمى ئېنىق، ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك، ناخشا قىلىپ ئېيتىشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بالىلارنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىدۇ. ‹‹بالىلار ئەسەرلىرى بالىلارنى بالىلارچە ھېسسىي دۇنياغا باشلاپ كىرىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە بالىلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، تىل جۇغلانمىسىنى ئاشۇرۇشقا مۇئەييەن دەرىجىدە ياردەم بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ھازىر كۆپ قىسىم بالىلار تۇرمۇشىمىزدا ئەزەلدىن ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان، ئەجدادلىرىمىز ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان، ئەمما ئىستېمالىمىزدىن چۈشۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۈلگۈرجەك، نوگاي، رېپىدە (يىپىدە)، قۇ(ئىشتانباغ)، تۇزلۇق قاپىقى، تۈكۈچ (تۈكچە)، چۇ، خۇرجۇن، تۈگمەن، لاخشىگىر...دېگەندەك تۇرمۇش ئاتالغۇلىرىنىڭ مەنىسىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ھەتتا بىز ھەر كۈنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان پىدىگەن، يېسىۋېلەك، كەرەپشە، بەرەڭگە... قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئۇقالماي گاڭگىرايدۇ. بىز ئەنئەنىۋى تىل بايلىقىمىزنى قېزىپ چىقىپ بالىلار ئەسەرلىرىمىزدە دەل جايىدا ئىشلىتىش ئارقىلىق ساپ ئانا تىل بايلىقىمىزنى بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك››، دەيدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھىيەلەپ. ئۇ يەنە ‹‹ناخشىچى ئېشەك››، ‹تاۋۇس ئەللەيىن››،‹‹رەسسام مايمۇن››، ‹‹بېلىق بىلەن قاقىرا›› قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىي چۆچەك يېزىپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شېئىرىي چۆچەك ئاز بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈستىدە دادىللىق بىلەن ئىزدەندى. ئۇنىڭ شېئىرىي چۆچەكلىرىنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق ۋە ئەگرى-توقاي، تىلى جانلىق ۋە ئوبرازلىق بولۇپ، ئوقۇغان كىشىنى ئىختىيارسىز كۈلكە دۇنياسىغا غەرق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر بىر چۆچەكتە چاقناپ تۇرغان ھايات ھېكمەتلىرى كىشىنى ئىختىيارسىز تەپەككۇر دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ يازغان ‹‹ناخشىچى ئېشەك›› ناملىق شېئىرىي چۆچەك تىلنىڭ يۇمۇرلۇقلۇقى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا نائىل بولدى. ئۇ يەنە خەنزۇ تىلىنى ئىشتىن سىرت ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ مەكتەپ تەلىم-تەربىيەسى، بالىلارنىڭ تۇرمۇشى، ھېس تۇيغۇسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹كۆۋرۈك››، ‹‹ھىلالئاي››، ‹‹رەسىم تېرىش››، ‹‹تۇنجى دەرس››، ‹‹ئەتىرگۈلنىڭ بىشارىتى››، ‹‹مۇنۇ بېلىجان قويۇپتۇ›› قاتارلىق 300 پارچىدىن ئارتۇق مەسەل-چۆچەك، ھېكايە، ئەدەبىي خاتىرىلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۇ تەرجىمە قىلغان ‹‹مەكتەپكە بېرىش يولىدا›› ناملىق بالىلار ھېكايە فىلىمى ھەر دەرىجىلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا قويۇلۇپ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بىر قىسىم تەرجىمە ئەسەرلىرى دەرسلىك يانداشما مەشىقلىرىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى. ھازىر شائىر ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ بالىلار ئۈچۈن يازغان ‹‹شامال ئەسلى بوۋامكەن›› ناملىق شېئىر توپلىمىنى، ‹‹ناخشىچى ئېشەك›› ناملىق مەخسۇس شېئىرىي چۆچەكلەر توپلىمىنى، بالىلار تەربىيەسىگە دائىر ‹‹بالىلارنىڭ دۇنياسى›› ناملىق تەرجىمە كىتابىنى نەشرگە تاپشۇردى. ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر تەرەپتىن مەكتەپتە يېزىقچىلىق كۇرژىكى تەسىس قىلىپ، ‹‹مەكتەپ گېزىتى›› ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ماقالە، گۈزەل-سەنئەت، تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، مەكتەپتە تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي يىغىلىش، ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ‹‹ئەلتۇغ بالىلار ئەدەبىي ئىجادىيەت سىنىپى›› تەسىس قىلىپ، مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلىملىرىدىن لېكسىيە تەييارلاپ، 30 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى يېزىقچىلىق بىلىملىرى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ 70 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىنى ‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى››، ‹‹پەرۋاز››، ‹‹يەكەن ئەدەبىياتى›› قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇپ، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان ئون نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا ماقالە يېزىش مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇ يەنە كۆپ قېتىم ناھىيە بويىچە ئوقۇتقۇچىلارغا مەخسۇس تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ۋە ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى قانداق تەشكىللەش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە كەسىپداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. بىر قانچە مەكتەپتە تەكلىپ بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەپ مەكتەپ يېزىقچىلىق كۇرژىكىنى تەشكىللەشنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدا تەجرىبە تونۇشتۇردى. ئۇ يەنە توردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ ۋە تەھرىرلەپ مەتبۇئاتلارنى سۈپەتلىك بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بىلەن ئىزچىل تەمىنلەپ كەلدى. ئۇ يۇقىرىقىدەك ئەجىر-مېھنەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا، شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيلىقىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى كەسىپداشلار ۋە جەمئىيەت تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلىنىش بىلەن بىرگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى بويىچە ‹‹ئۆلكە دەرىجىلىك باھالاپ سىنىغۇچى››، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك باھالىغۇچىسى، ‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى، ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى قاتارلىق شەرەپلىك ۋەزىپىلەرگە تەكلىپ قىلىندى. بىر نەچچە قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر يېتەكچى›› بولۇپ تەقدىرلەندى. بىز ئوماق بالىلىرىمىز نامىدىن ‹‹مۇقام يۇرتى›› يەكەندىن يېتىشىپ چىققان بۇ ھارماس چۆچەكچى، تىرىشچان باغۋەننىڭ 38 ياشقا تولغانلىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-21 18:24
|