ximal
كۆرۈش: 765|ئىنكاس: 21

( ئەختەم ئۆمەر )ئۇ كەلمەسكە كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1772
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 02:11:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ ماقالىسىنى نەچچە يۈز قېتىم ئوقۇغۇنىمنى بىلمەيمەن...ھەر بىر ئوقۇسام خۇددى ھازىر ئوقۇغاندەكلا ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ.
يازغۇچىلار مۇنبىرىگە بۇ ماقالىنى يوللىغىنىم تەكرارلىق ھېسابلانماس.
قەدىرلىك تۈرداشلار قېنى ھەممىمىز ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ماقالىنى دائىم ئوقۇپ تۇرايلى...


   ئۇ  كەلمەسكە  كەتتى

       ( ئەختەم  ئۆمەر )

        ئۇ ، بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ھەممىمىز ئاخىرى بىر كۈن بارىدىغان يەرگە_ مۇقەددەس ھەم مەڭگۈلۈك ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ، ئەتىۋارلىنىدىغان پەيغەمبىرىمىز يېشىدا ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەر بولغان رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ھېچكىمگە <خوش> دەپ قويمايلا جىممىدە كېتىپ قالدى. قولىنى كۆسەي، چېچىنى سۈپۈرگە قىلىپ، ئوتتۇز يىللاپ تۈننى تاڭغا ئۇلاپ تەرىتىگە سۇ بەرگەن سۆيۈملۈك ئايالىغىمۇ ئۆزىنىڭ كېتىدىغانلىقىنى بىشارەت قىلماستىن ئۈنسىز، خاتىرجەم كېتىپ قالدى .....
       20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۆمۈر خەلىپە، خوجا نىياز ھاجى قاتارلىق مەشھۇر خەلق قەھرىماننلىرىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەن، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىت_نوغاي مەسچىتىدە ئۇنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلىۋاتقاندا ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىدىن بىرمۇنچىلىغان كىشى بۇ تۇيۇقسىز نامازغا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ ماتەم سۈكۈتىگە چۆمگەن ئىدى.
       بۇ نامازغا ئۇنىڭ دوستلىرى، شاگىرت-ئوقۇغۇچىلىرى، خزمەتداشلىرى كەلگەندىن باشقا مۇشۇ دەقىقىغىچە ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك دوئېلغا چۈشكەن رەقەپلىرىمۇ كېلىپ قايغۇلۇق سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. ئۇنى كۆرمەي، بىلمەي تىللاپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ <<دانىشمەن>> بولغانلارمۇ بۇ نامازدا ئوخشاشلا سۈكۈتكە چۆمگەنىدى.....
       مانا شۇ مىنۇتلاردا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە بىر نەرسە ئېنىق بولدىكى، مەيلى ئۇ قانداقلا ئادەم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ بۇنداق تېز، بۇنداق تۇيۇقسىز كېتىپ قالسا ھەرگىز بولمايتتى!
      ئۇ ئادەم ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈنمۈ، ئەتىسى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى كېرەكلىك ئادەم، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىرمۇنچە ئۇيغۇرلار بىرلىشىپمۇ تولدۇرالمايدىغان ئادەم ئىدى. يايلاقتا بۆرە ھۇۋلاپ تۇرمىسا قوي پاڭقۇش كېسىلى بولۇپ، قوتۇر بېسىپ قىرىلىپ كەتكەنگە ئوخشاش، ئۇنىڭ نامىزىغا قاتناشقان كۈچلۈك رەقىپلىرى ئۇزاق مۇددەت قىلىچلىشىپ دوئېلغا چۈشكەن چەۋەنداز رەقىبى يىقىلغاندىن كېيىن قىلىچىنى تۇتۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغاندەك، ياشاش ئەھمىيەتسىز، زېرىكىشلىك تۇيۇلۇپ، رەقىبىنى سېغىنغاندەك بولۇشۇپ قېلىشقان بولۇشى ئېھتىمال.
      دېمەك ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن ئۇزاپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىۋاتقان بۇ ئادەم بارلىق دوستلىرىغا كېرەكلىك بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى رەقىبلىرىگىمۇ ناھايىتى كېرەك، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كېرەكلىك ئۇيغۇر ئىدى .
      دوستلىرى تەرىپىنى قىلىپ ماختىغانمۇ، دۈشمەنلىرى شىددەت بىلەن قاغاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن پىتنە قىلىۋاتقانمۇ، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ زامانىمىزدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار بىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ، ئەڭ ئەتراپلىق يېتىلگەن ھەقىقىي ئالىم ئېكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاندىن ماختايتتى ياكى تىللايتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇ 20- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدىكى ئالىملارنىڭ ئالىمى ئىدى. بىز بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز، ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىمىسا بولمايتتى دەيمىزكى، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدە ئۇنىڭ خاسىيەتلىك تەرىپى، بىرى، ئۇ ئىگەللىگەن شۇنچە كۆپ بىلىمگە لايىق، ئۆز خەلقىگە بىرمۇنچىلىغان ئېسىل كىتابلارنى يېزىپ بەردى. بىرمۇنچە نەرسىنى ئىچىگە سولاپ ئۇلۇغ بولىۋىلىپ ھۆپۈپكە ئوخشاش ئىچىدە سېسىتىۋىتىدىغان بەزى ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇق ئالىملىرىمىزدەك ئەخمەخلەرچە ياشىمىدى. بولۇپمۇ ئۇ قارىماققا ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىغان، ئەمىلىيەتتە جىگدەچىلىك مېۋىسى يوق قاپاق تېرەكتەك، كارغا يارىماس بەزى ئالىملىرىمىزدەك ياكى ئېزىتقۇ سەركەردىلىرىمىزدەك ياشىمىدى. يەنە بىرى، ئۇ تېخى ئىشتىن قالماي، قەلىمىنى تاشلىماي بىلگەنلىرىم مەن بىلەن توپا ئاستىغا كىرىپ كەتمىسۇن، ئەۋلاتلارغا قالسۇن، دەپ كېچە-كۈندۈز شىددەت بىلەن توم-توم كىتاب يېزىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى دەل خەلقىگە كۆپلەپ ئەمىلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىگىدە ئىدى. ئۇنىڭ تىنىم تاپماي ئۈگۈنىدىغان ، ئىزدىنىدىغان، تىرىشىدىغان، ئىشلەيدىغان روھى سورۇنلارنى بىشىغا كېيىپ، خەقنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قۇرۇق لاپ ئاتىدىغان، بىر تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپ ئالەمنى بېشىغا كىيىدىغان، ئۆزىنى ماختاپ، ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزىدىن باشقىنى ئاساسسىز ئىنكار قىلىپ سېسىتىدىغان، ئەمىلىيەتتە خەلقىگە قۇرۇق پىتنىدىن باشقا تۈزۈك نەپ بەرمەيدىغان سەللىسى چوڭ، قۇرۇق سۆلەت ئالىملاردىن مىڭ ئەۋزەل ئىدى .
      ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇزۇتىپ كېتىۋاتقان چېغىمىزدا ئارىمىزدىن بىرسى: "بۇ ئادەم تازا ئىشلەۋاتقان ئىدى. مۇشۇنداق قولىدىن ئىش چىقىدىغان ئالىم يەنە خېلى ئۇزاق مەزگىل ياشىسا بولاتتى. ئەجەلمۇ دەيمىز، راستىنى ئىيتقاندا بۇ ئادەمنى ئۆزىمىز تولا قاغاپ ئۆلتۈرۋەتتتۇق، ياخشىغا كۈن يوق ،يامانغا ئۆلۈم دېگەن شۇ-دە،"دىدى. ھىچكىم بۇ گەپكە قارشى چىقمىدى، چۈنكى بۇ گەپنىڭ بىزنى ئويلاندۇرىدىغان يېرى كۆپ، كۆپ ھاللاردا ئاتا-ئانا نېمىنى قىلىپ ئادەتلەنگەن بولسا بالا-چاقا شۇنى دوراپ روھىغا، قېنىغا شۇنى سىڭدۈرۈپ چوڭ بولۇپ، دەل شۇلارنىڭ ئۆزى بولىدۇ. بىزنى تەربىيەلەپ ،ئۇچۇرما قىلىدىغان چوڭلار بىزگە نېمىنى ئۈگەتتى؟ دەل بىر-بىرىمىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنى، بىر-بىرىمىزنى تىللاپ سېسىتىشنى، قۇرۇق گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىپ،سورۇن قوغلىشىپ، قاتار چاي ئويناپ،كۈننى ھارام ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈپ تۈگەشنى ئۈگەتتى. بىز بىر-بىرىمىزنى ھەتتا ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى-ئۇستاز، ۋە چوڭلارنى تىللاپ، قاغاپ، يۇقۇرى-تۆۋەن قاتراپ بىر-بىرىمىزنى چېقىشنى، پىتنە قىلىشنى تازا ئۆزلەشتۈرۈپ<كەسپىي پىتنىچىلەر>دىن بولۇپ يىتىشىپ چىقتۇق. بىز بىر-بىرىمىزنى قەدىرلىمەيمىز، ھۆرمەت قىلمايمىز، بىر-بىرىمىزگە يول قويمايمىز، ئۆز ئارا كەڭ قورساق بولمايمىز . بىز كۆپ ھاللاردا ئۆزئارا گەپلەشسەكمۇ، سالاملاشساقمۇ ھالال نىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى بىرەر غەيۋەت ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇش مەخسىدىدە گەپلىشىپ، سالاملىشىمىز . مۇڭداشساقمۇ غەيۋەت شەكلىدە بولسا بەك ھوزۇرلۇنۇپ مۇڭدىشىپ كېتىمىز. پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزمۇ، تەپەككۈر ئادىتىمىزمۇ، قىممەت قاراشلىرىمىزمۇ پىتنە-پاسات، غەيۋەت-شىكايەت شەكلى ۋە مەزمۇنى بىلەن خارەكتىرلەنگەن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزگە چوڭلار ئۈگۈتۈپ ئۇدۇم قىلغان . مانا شۇ ئاڭ بىزنىڭ بۈگۈنكى نادان، ياۋۇز ئېڭىمىزنى بەلگىلەپ، بۈگۈنكى سەسكىنىشلىك ئۇيغۇر جەمىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن .كېسىپ ئېيتىش كېرەككى ، ئۇيغۇر جەمىيىتىنى قۇرۇق گەپ جەمىيىتى، بىر-بىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش، بىر-بىرىنى خورلاش، ھاقارەتلەش ئارقىلىق تۇغۇلغاندا ئۇيغير بولۇپ يارىلىپ قالغانغا دات دېگۈزۈپ ئۆلتۈرۈش جەمىيىتى . مانا بۇ سەسكىنىشلىك جەمىيەتنى چوڭلار بىزگە ۋايىغا يەتكۈزۈپ قۇرۇپ بەردى.
      ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەممە پىتنە-پاسات، غەيۋەت- شىكايەتلەرنىڭ چوڭى ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىللىرى يىغىلغان مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىن تارقىلىدۇ . بۇ يەردىكى ھەر ساھە ئەرباپلىرى، چوڭ-كىچىكلەر رايۇنىمىزنىڭ ھەرقانداق  يېرىگە بارسا ئېلىپ بارىدىغان دۇئايى-سالام، سوۋغاتلار ئىچىدە غەيۋەت بىلەن پىتنە چوقۇم بولماي قالمايدۇ . بۇ پىتنە-پاساتلار ئاندىن ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەردە سۈۋەرەك كۆپەيگەندەك بىر-بىرىنى تۇغۇپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئۇيغۇر بولماق بەك تەس، ئۇيغۇرغا ئالىم بولماق تېخىمۇ تەس !
      دىمەك ئۇيغۇرنىڭ زامانىمىزدىكى ئۇلۇغ ئالىمى، بۈيۈك مۇتەپپەككۈرى، خەلقارالىق ئىلىم مۇنبەرلىرىگە ئېلىپ چىقىشقا ئەرزىيدىغان پىروفېسسۇرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى مەندىن باشلاپ ھەممىمىز شۇنداق تىرىك تۇرغۇزۇپ غاجاپ، قۇرۇق ئىسكىلىت قىلىپ ئاندىن دەپنە قىلدۇق . تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي قانۇنىيىتى- مېۋىنىڭ شۆپىكى، بۇغداينىڭ سامىنى.....بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە، بىز بۇ ئالىمنىڭ ئادەمگە خاس نۇقسانلىرىنى ئەپۇ قىلالمىدۇق. بىكار تەلەپ ھارامزادىلەرنىڭ سانسىز جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن، گەپنىڭ چىرايلىقىنى، ئىشنىڭ ئەسكىسىنى قىلىدىغان خۇمسىلارنىڭ ئۈستىدىن كېچىسى ئورا كولاپ، كۈندۈزى ئەلخۇمار بولىۋالىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ئۈستىدىن، بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ يۈز ئىشنى يامان قىلىدىغان نائەھلىلەرنىڭ ئۈستىدىن نەپرەتلەنمەي، كەمچىلىكىنى تۆھپىسى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشۈدىغان بىر ئۇلۇغ ئالىمىمىزنى يەتتە ياشتىن تەتمىش ياشقىچە ھەممىمىز قاغىدۇق. بىز ئۆزىمىز ھەممىمىزنىڭ ئىلاھ ياكى پەرىشتە ئەمەس، بەلكى ئازغۇچى بەندە _ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى، ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق نۇقسانلىرىمىز بارلىقىنى ئويلىمىدۇق . ئەكسىچە ئۆزىمىزنى پەرىشتە، باشقىلارنى ئالۋاستى كۆرسۈتۈپ ياشاپ كەلدۇق.
      شۇنداق ئېيتىشقا بولىدىكى، ئەگەر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ياۋرۇپالىق ئالىم بولغان بولسا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تۇتىيا بىلگەن، ئۆزىنى پەرىشتە ھېساپلىغان بولار ئىدۇق . تەرجىمانلىرىمىز ئۇنىڭ مەلۇم كىتابىنى ئۆزى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ماختانغان بولار ئىدى. بۇ خىلدىكى مىساللارنىمۇ كۆرىۋاتىمىزغۇ ؟!
     ئەگەر بۇ ئالىمىمىز رۇس، گېرمان، ئىنگلىز، ياپۇن، خەنزۇ،قازاق... بولغان بولسا ، بىز كۆرسەتكەن كۈننىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرگەن، قالتىس قەدىرلەنگەن بولار ئىدى .
     ئۇ ئىنتايىن ياۋاش ئادەم ئىدى، سورۇنلاردا سۆز تالاشمايتتى، كۆرۈشكەندە قول تالاشمايتتى، ماڭغاندا يول تالاشمايتتى، رەسىمگە چۈشكەندە چەتتە ياكى باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇراتتى. باشقىلار يۈزىدىن يۈزىگە تىللىغاندىمۇ، زەھەرخەندىلىك بىلەن مەسخىرە قىلغاندىمۇ تۈگمەن تېشىدەك ئېغىر بېسىق بولاتتى. كېچە-كېچىلەر سوكۇلداپ مۇرۇت توپلاپ ، گۇرۇھۋازلىق ياكى يۇرتۋازلىق قىلمايتتى. قۇرۇق سۆلەت قوغلۇشۇپ بەدخەجلىك، سۆلەتۋازلىق قىلمايتتى. 58 -يىلىدىن 78-يىلىغىچە توپتوغرا يىگىرمە يىل تارتىۋىلىنغان ئۆمرى ئۈچۈن ئېچىنىپ، ۋاقىتنى ئالتۇن بىلىپ ئىشلەيتتى ، ئىشلەيتتى.
     ئۇ كىشىلەرگە ئازار بەرمەيتتى، ھەتتا ئاستى-ئۈستى خوشنۇرىرىغا دەخلى بولمىسۇن دەپ گۆشنى پالتىدا چانىماي ھەرىدەپ كەسكەن ئادەم ئىدى. بىزگە كۈلكىلىك تۇيۇلىدىغان بۇ ئىشنى ئەقىل بىلەن ئويلاپ كۆرسىڭىز، بىرىنجىدىن، خوشنىلارغا بىسەرەمجانچىلىق يەتمەيدۇ؛ ئىككىنجىدىن، گۆش تىتىلىپ، سۆڭەك ئۇۋۇلۇپ كەتمەيدۇ، كۆزلىگەن يەردىن كەسكىلى بولىدۇ. بۇ ئالىمىمىز ھەممە ئىشنى ئەقىل ئىشلىتىپ قىلار ئېكەن.
     گۈلساي قەبرىستانلىقىغا ئالىم دەپنە قىلىنىۋاتقاندا شىنجىئاڭ ئۇنۋېرسىتېنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلاپ " ھازىر ئۇيغۇرلار بۇ ئادەمنى قەدىرلىمىدى، خورلىدى.يەنە 50 يىللاردىن كېيىن ئەگەر ئۇيغۇر مىللىتى يەنىلا مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، چوقۇم بۇ ئادەمگە خاتىرە مۇنارى تىكلەيدۇ. بۇ ئادەمنىڭ قىممىتىنى شۇ چاغدا تولۇق چۈشۈنىدۇ. چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئېڭى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىن 50 يىل ئىلگىرى كەتكەن" دەپ تەرىپلىدى.
      شۇنداق قىلىپ ئۇنى كۆمۈپ قويدۇق. ئۇ كەتتى، كەلمەسكە كەتتى. ئۇيغۇرغا ئالىم بولغىنىغا تويۇپ، خوشمۇ دېمەي كەتتى. بۇ نادان خەلق ئۇيغۇر ئۈچۈن جۇۋاز كالىسىدەك ياۋاشلىق بىلەن ئىشلەپ بېرىۋاتقان، بىر ئۆزى نەچچە ئون ئالىمنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئۈلگۈرۈۋاتقان بىر ياراملىق ئالىمنى يوقۇتۇپ قويدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىمىز بويىچە تىرىك چېغىدا سېسىتىپ، ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسىگە ئېسىلىپ سېغىنىپ ئۇنى ياد ئېتىپ تۇرۇپتىمىز. ھەي كەم ئەقىل قېرىنداشلار، تىرىكلىكىمىزدە بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەيلى.................
      ئالىم كەتتى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىشقا ئۈلگۈرەلمەي ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. بىلىشىمىز كېرەككى بۇ بىزنىڭ شور تەلەيلىكىمىزنىڭ بىر ئىسپاتى. ئاللاھ << مەن غەزەپ قىلغان قەۋىم ئارىسىدىن ياخشىلىرىنى ئەكىتىش بىلەن شۇ قەۋمنى جازالايمەن >> دېگەن ئىكەن. بىز داۋاملىق جازالىنىشتىن پاتراق قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى. بىز لەنەت تاشلىرىمىزنى ياخشىلارغا ئەمەس شەيتانلارغا ياغدۇرۇشنى ئۈگۈنىۋالايلى!!
      ئېسىمىزدە بولسۇن، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى دوزاق ئازابىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەڭگۈلۈك ئارامگاھقا كەتتى .
                1995-يىلى 7- مارت
        مەنبە :  << ئىشچىلار  ۋاقىت  گېزىتى >>     1995-يىلى. مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 02:15  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 731
تۆھپە : 8
توردا: 123
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 02:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە باياتتىن باغداش مۇنبىرىدكى قىيا-چىيانى يادىمغا  سالدى.بىر- بىرمىزنى قاغاش بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن بولسا كېرەك.بىز ئەسلىي توھپىكارلىرىمىزنى قەدىرلەشنى ،ئۆلگەندە تاۋۇتقا ئسلىپ يىغلاشنى ئەمەس ،تىرىكلىكدە قەدىرلەشنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈگەنسەك بولاتتى.بەزى ئادەملەرنىڭ ئىچى نىمانچە تاردۇر دەيمەن.
زاھىر بورھان ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىنى يوللاپ بىزنى يەنە بىر قېتىم ئويغاتقىنغا رەھمەت!
ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قەلىمگە دەرت بەرمىسۇن.ئۇنىڭ ئېسل ئەسەرلىرىنى داۋاملىق كۈتىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   guzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 10:25  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1166
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 839
تۆھپە : 0
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 09:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرغا ئالىم بولغىنىغا تويۇپ، خوشمۇ دېمەي كەتتى. بۇ نادان خەلق ئۇيغۇر ئۈچۈن جۇۋاز كالىسىدەك ياۋاشلىق بىلەن ئىشلەپ بېرىۋاتقان، بىر ئۆزى نەچچە ئون ئالىمنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئۈلگۈرۈۋاتقان بىر ياراملىق ئالىمنى يوقۇتۇپ قويدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىمىز بويىچە تىرىك چېغىدا سېسىتىپ، ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسىگە ئېسىلىپ سېغىنىپ ئۇنى ياد ئېتىپ تۇرۇپتىمىز. ھەي كەم ئەقىل قېرىنداشلار، تىرىكلىكىمىزدە بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەيلى.................


ياتقان يېرى جەننەتۇل پىردەۋىستە بولغاي!

مەن نېمىشقا ئىسىممىنى ئۇيغۇرچە يازالمايمەن؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  296
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 618
تۆھپە : 20
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 09:59:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرنى يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.

بۇيەردە قىش پەسلى بىلەن ياز  پەسلى تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 10:36:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بىز شائېر بىلەن ئالىمنى پەرىقلەندۇرۇش ئەقلىدە ئەمەس .بىزلەرنىڭ چىرايىدىن  ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان قىرىنداشلىرىمىزدىن بەزىدە يۇمۇر سورايمەن .ئەسەت سۇلايمان بىلەن تۇمۇرخان روزىنى سىلىشتۇرۇپ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 10:37  


كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1074
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 277
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 11:18:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەر مىللەتنى سۆكۈشنى مۇشۇ ماقالىدىن باشلىغانمۇ ياكى «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام»دىن باشلىغانمۇ؟ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، ئايرىملىقنى ئومۇمىيلىققا تەققاس قىلىش بۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئاشقۇنلۇق. تەنقىدلەشكە تىگىشلىكىنى تەنقىدلەش كېرەك، ھەممىنى قوشۇپ داشقايناق قىلىش بىزگە تولىمۇ زىيانلىق. ھەممىنى ئىنكار قىلىش خاھىشى ئەختەم ئۆمەردە ئېغىر ئىكەن. مېنىڭچە 90 - يىللاردىن باشلانغان ئۇيغۇردىكى چۈشكۈنلۈككە دەل ئەختەم ئۆمەر مەلۇم دەرىجىدە ھەسسە قوشتى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  154
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 123
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 11:23:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         بۇ ماقالىنى يوللاپ قويغان زاھىر ئەپەندىگە رەھمەت!... ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن «بىز شۇنداق خەلق ئىكەنمىز، بىر-بىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتەلمەيدىغان...» دېگەن سۆز ئورنىغا مۇشۇ خاراكتېرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدىغان سۆزلەرنى قىلىشنى ئۆگىنەيلى، بىز ئۆزگىرىۋاتىمىز... بىز تونۇۋاتىمىز، بىز ھامان چۈشىنىمىز...

ئىنسان ھاياتىدا ئۆزىمۇ تۇيمىغان بىر دەقىقىلەردە شۇنداق بىر ئادەملەر  بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ س ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 774
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 11:48:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىز تىرىشىۋاتىمىز ! ھامان شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى ئىلىم ئەھلىلىرى ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ھۆرمەت - ئېتىبارىغا ئېرىشىدىغان ...
ئەمما ، جاھان مەيلى قانداق بۇلۇپ كەتسۇن ، ناچارلارنى ناچار دېمىسەك بولمايدۇ .

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1689
تۆھپە : 1
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 15:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتكەنلەر كەتتى،ئالىملارمۇ  زالىملارمۇ كېتىدۇ.ھازىرچە ھايات ياشاۋاتقانلار بىر بىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىپ كەڭ قوساق بولۇپ ئۆتەيلى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1562
تۆھپە : 0
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 16:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەرنىڭ  بۇ ماقالىسىنى مۇشۇنىڭ بىلەن قوشۇپ نەچچىنچى قېتىم ئوقۇغۇنۇم ئېنىق ئېسىمدە يوق،ئەمما ھەر كۆرگىنىمدە ئىچ -ئچىمدىن ئۆرلەپ چىققان بىر خىل ئاچچىق مېنى تولىمۇ قىينايدۇ.بار ۋاقتىدا قەدرىنى قىلمايمىزكەن، ئارىمىزدىن ئايرىلغاندا بولسا ھالىمىز قالمايدىكەن .كەتكەنلەرنىڭ قەدرىنى قىلىش بىلەن بىرگە بارلىرىنىڭمۇ  ھۆرمىتىنى قىلىپ قويساق ، بارلارمۇ ئارىغا ئۆزلىرىگە يەتكىلى بولمايدىغان  ‹‹يول›› پەيدا قىلىۋالمىسا ،بىلگەنلىرىنى ئايىمىسا ،ئۆزلىرىنى بىلەن بارلىغىنى ئېلىپ كەتمىسە .....................

ئاخىردا :ئالىمغا ھۆرمىتىم كۈچلۈك.زاھىر ئاكا تېمىڭىزغا رەھمەت !

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1010
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 146
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 16:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىمنىڭ ماقالىسىغا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىم ئۆزى بىر نېمە دېسۇن،ئاڭلاڭلار:

قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ،ھەر بېتى راھەت ماڭا،
مەيلى قايغۇ،مەيلى شادلىق كەلگىنى _ئامەت ماڭا.
بولسا گەر قەلبىڭدە ھېكمەت قىلغۇلۇق جۇتنى باھار،
بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت،ئامىتىم ئاپەت ماڭا.
*                         *                      *
ئەرك ئۈچۈن جاندىن جۇدا بولماق شەرەپكە ئىپتىدا،
لەنىتى كۈندۇر ياشاش بولماي خالايىققا پىدا؛
ئۆز ئۆيىنىڭ راھىتى ئالدارمۇ مەرتنىڭ قەلبىنى،
تېخى غۇربەت زەنجىرى تۇرسا غېرىپلار بوينىدا.
*                         *                     *
كەلدى قاسساپ قاپ-قارا،قات-قات بۇلۇت ئاسمان ئارا،
يالتىرار مىس نەيزىلەر قاپتال بىلەن ئايۋان ئارا.
ئىھ،جاھاننىڭ قىسمىتى...يازغايكى تارىخ ھەيئىتى:
ياغمىدى يامغۇر،بىراق ئالەم يۇيۇندى قان ئارا.
*                       *                     *
سەن تەكەببۇر ئەيلىمە ئەقلىم پاراسەت ئايى دەپ،
لەۋھەلەر ئاسما بويۇڭغا،نەزمىلەر دەرگاھى دەپ.
قانۇنى ئالەمنى سەن پىكرىمگە بەيئەت قىل دېسەڭ،
مەسخىرە ئەيلەر جاھان بىر تۈپ قوناقنىڭ پايى دەپ.
*                     *                      *
تۇرمىغاي بوستاندا چىم يوللار ھامان سىزنى كۈتۈپ،
چەرخى دەۋران بەزم ئېتەر باغ ئۈستىگە قارلار تۆكۈپ.
كىم سانالايدۇ زېمىن تەھتىدە ياتقان تاجلىنى،
ئەنە تۇرماقتا مۇنارلار بوينىچە قۇمغا چۆكۈپ.
*                   *                       *
زىننىتى قەلبىدە يوقلار ئۈستىگە زىننەت تاقار،
ئىدرىكى كۆزىدە يوقلار ئۇشبۇ "زىننەت"كە باقار.
ئىلمى-ئىرپان بىرلە ياۋلار پىتنەسى زىننەت ساڭا،
گۈلباھار زىبالىقىڭ،دەنالىقىڭ دەريا ئاقار.
*                 *                         *
يا قەپەز ئىلكىدە بۇلبۇل،يا تىكەن قوينىدا گۈل،
يا ۋاپا باغىدا يىغلا،يا جاپا تاغىدا كۈل!
كۆز يېشى تۆكمەك ئۆمۈرنىڭ زىننىتى بولغاندا ھەم،
بىلمىدىم خالار مۇشەققەت ئىچرە كۈلمەكنى كۆڭۈل.
*                *                        *
مىسرىنىم كەستى قولۇمنى،مېنى ئالدى تايغىنىم...
مىڭ قاداق يىڭنە ئۆسۈپ،سانچىلدى تاققان قالقىنىم.
ھۆكۈرەپ شىردەك يىقىلدىم،ئۆچمىدى قەلبىم شېمى،
تاڭ ساباسىدا شەپەق پۈركەر جاھانغا يالقىنىم.
*                     *                  *
شادلىقىمدا ھەركۈنى كىرسەم ئەگەر جەننەتكە مەن،
قايغۇدىن دوزاق ئىچىگە بەزىدە پەيۋەندىمەن.
ئىككىسى دەۋران قىلۇر كۈن-تۈن كەبى ئۆمرۈم ئارا،
بەزى شاھتەك،بەزى قۇلدەك ياشىدىم بىر تەندە مەن.
*                  *                      *
قارىلاپ سۇمرۇغنى قاغا،ئۆزىنى زىننەت بىلەن_
بېزىمەك بولدى تالاي ئىبلىس زۇۋان تۆھمەت بىلەن.
قاپ-قارا داغ سۈركىمەك ياقۇتقا چوڭ بىمەنىلىك،
قالىمەن سىزگە يەنە قەلبىمدىكى ھۆرمەت بىلەن.
*                *                      *
گەر خىيال قىلسام مۇشەققەت ئىچرە راھەت نازىنى،
ئەۋجى شادلىقتىن سېزەرمەن قايغۇنىڭ ئاۋازىنى...
مەيلى راھەت،مەيلى كۈلپەت بولمىغاي مىزان ماڭا،
ئەلگە شەيدالىق چالۇر چىن ئىپتىخارىم سازىنى.
*                 *                  *
يۈزلىرىمدۇر بەرگى گۈل،قان تامچىسىدۇر شەبنىمى،
بىخەۋەرمەن ئۆزگە غەمدىن،ئۆز غېمىمدۇر ئەل غېمى.
بەنت ئېتىلسە قاپقا غەملەر،بولسا ئەل غەمدىن خالاس،
تەننى قاپ قىلسام،يىغىلسا خەلقئارا غەملەر جېمى.
*                  *                 *
بىر كۈلۈپ گۈل كۆرسىتىپ،سانچىلدى نامەرت تىكىنى،
كۆيدۈرۈش پەرۋانىنى بولدى چىراقنىڭ ئەتكىنى.
شۈنچە نازلىق ھېس بىلەن چۈشسەم ئۈمىد دەرياسىغا،
پاتتى قۇمغا بى راۋان ئۆمرۈم كارابى يەلكىنى.
*                   *                *
مىسلى ئۇچقۇن قار چېچەكتەك پەسلى قىش ئاق قانىمەن،
جۇت-شىۋىرغان،قەھرىتاننىڭ بىگۇنا قۇربانىمەن.
گۈل-چېچەك بوي كۆرسۇتۇر پەسلى باھار رەڭدار بولۇپ،
تەرىپىم سورىساڭ ھاياتلىق چەشمىسى-زەر كانىمەن.
*                 *                  *
تۈگەرمۇ ھەسرىتى،ئالەم كىشىلىك داغىدىن تۇرسا؟!
لېيى كۆز ياشىدىن،جىسمى پىغان تۇپراغىدىن تۇرسا.
كىشى ھەتتا سائادەت قوينىدا ئەندىشىلەر چەككەي،
ئۇنىڭ ئامەتلىرى بى بەختىلەرنىڭ ئاھىدىن تۇرسا.
*                   *                *
كۆمۈڭكىم گەر ئەجەل يەتسە مېنى تەكلىماكانىمغا،
نە ھاجەت غەم گۈلى تاقىماق مېنىڭ سۆيگەن جاھانىمغا.
لەھەتكە كىرسىمۇ جىسمىم،كۆمۈلمەس ئاتەشى قەلبىم،
يۈرەر سازەندىدەك روھىم يانا قانماي ماكانىمغا.
*                *                   *
كۆزۈڭ ياشى پەقەت توپان،پىغان-ئاھىڭ قىيامەتتۇر،
گۇناسىز قىسمىتىڭ ئالەم ساپاسىغا ئىشارەتتۇر...
ۋاپا ئىزلەپ جاپا كۆرمەك جاھان چەرخىدە ئادەتتۇر،
ئەقىدە پاكلىقى ئاشىق ئۈچۈن ئەلا سائادەتتۇر.
*                 *               *
ئۆمۈر چەكسىز ئەمەس،ئاخىر ئۇنىڭ ئۆز مەنزىلى باردۇر،
ئەزىزلەر قەلبىدىن نازۇك پەقىرنىڭ ئۆز دىلى باردۇر.
چېكىپ زەخمەك بىلەن ساز تارىنى كۆڭلۈمنى شاد ئەتكىن،
چىمەننىڭ گۈلىدىن ئەلا شىپالىق دەشت گۈلى باردۇر.
*                     *                *
قۇياش يورۇقلىقىدىن تاڭغىچە كۆكتە تۇمانى بار،
ھەقىقەت ھۆكمى ئەتمەكتىن مۇقەددەم كۆپ گۇمانى بار.
تۈمەن مىڭ ھېيلىلىك مەلئۇن جەسەت لەخمىدە ياتقاندا،
ئۇنىڭ پاسىق پىكىرلەرگە مۆكۈنگەن كەنجى جانى بار.
*                   *                *
يېتىشمەي تاكى پۇرسەت،قەستى پىنھان ئاشىكار بولماس،
ئۇنى كۈتمەك ئەجەپ مۈشكۈل،ئۇنىڭغا بىر قارار بولماس.
رەقىپلەر قەستىنى يەڭمەك ھاياتنىڭ زىننىتى،پەخرى...
خۇشاللىق تۈرلىرى ئىچرە ئۇنىڭچە ئىپتىخار بولماس.
*                     *                *
تېنىم زەنجىر تۈپەيلى شاھى خىسراۋدىن ئاقار قانىم،
غۇرۇر بۇ،سەن ئۈچۈن شېرىن،شۇڭا يوق قىلچە ئارمانىم.
كۆزىدە كىبرىسى مەلئۇن،ماڭا بەھىسلىك سوئال تاشلار،
پاراغەت شاھىدىن غالىپ مۇھەببەت ئىچرە ۋىجدانىم.
*              *                       *
مۇرەببى يوق،پاناسىزلىق-غېرىپلىققا ئەسىر باشىم،
قولۇمدا يوق،شۇڭا يوقتۇر مېنىڭ قاشىمدا قولداشىم.
نىسىۋەم يا مەلەك يامغۇرىغا ئۈلپەت بولۇش بەلكى...
كۆكەرمەسمۇ زېمىن ياكى كۆزۈمدىن ئاقمىسا ياشىم؟
*                  *                         *
ئۈمىد بىرلە ئۈمىدسىزلىك ئاراسىنى ماكان قىلسام،
خۇشاللىق بىرلە قايغۇنى ئۆزۈمگە ئىمتىھان قىلسام.
بۇ نىسبەتلىك جاھاننى ھېچقاچان "مۇتلەق"پىكىر قىلماي،
توپاڭنى تۇتىيا ئەيلەپ،غۇرۇرنى ئاسىمان قىلسام.
*              *                         *
كەچۈرگەيسىز گۇناھىمنى مەگەر چوڭ بولسا باشىمدىن،
كۆڭۈل رەنجىنى يۇغايسىز تۆكۈلگەن ئۈنچە ياشىمدىن.
يوشۇرسا ھۆسنىنى ئاي قىلمىغايمەن ئانچە پەرۋا ھىچ،
تىلەرمەن تۈن-سەھەر قىلما جۇدا دەپ چىن قۇياشىمدىن.
*                *                  *
مۇشەققەت تاغى باشىمدا،بىراق پەريادى ئەتمەسمەن،
كى "ئىستىغپار" بىلەن ئىشرەت كۆرۈشنى يادى ئەتمەسمەن.
ھاياتىم نامەسى ئاشكار،ماڭا ئاردۇر سىرى پىنھان،
ئىچىشكە شەربىتى ئامەت،قىسىپ كۆز جادى ئەتمەسمەن.
*                *                     *
دىلى قەست بىرلە تولغانلار بىلەلمەس رەھنامالىقنى،
يېقىننى يات بىلىپ تۇتقاي يىراقتىن ئاشىنالىقنى.
قۇياش ئاپتاۋىسىز يۇلتۇز بىلەن ئالەم باھار بولماس،
ۋاپاسىزلىق بىلەن تەرك ئەيلىمەك تەس بىۋاپالىقنى.
*                   *                   *
ئەجەلنىڭ ئوقياسى ساۋۇتنى تېشەر،
ئۆمۈرۈڭ مەنىسىنى قالغانلار يېشەر.
بىر چىراق ئۆچكەنگە غەم قىلماس ئالەم،
خالايىق مىڭ چىراق پىلىكىن ئېشەر.
*                 *            *
چاچ قىلىڭدا تىكەرسەن بەلكى ئاق كىپەنىمنى،
كۆز ياشىڭدا يۇيارسەن شېمى ئۆچكەن تېنىمنى...
ئەجدىھا تۇپراق يۇتقاندا،تېرىلدۈرمەك بولساڭ مېنى،
نەزمىلىرىمدىن ئىزلە مىراس قالغان قېنىمنى.
*                  *                *
قەۋرە تېشى تەھتىدىن ئىزدىگەيسىز زاتىمنى،
سۆيگۈ پاجىئەسىگە قوشۇپ مىسكىن ئاتىمنى.
كىزەر روھىم گوياكى پەرۋانىدەك بىئارام...
ئۆتكۈزمەككە ئەل ئارا جىسىمسىز ھاياتىمنى.


مەن ئۈچۈن شېئىردەك ياسىنىپ دىلبەر،
بىر كۈلۈپ باقارمۇ غېرىپسىنسام گەر...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1524
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 395
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 16:50:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ ماقالىنى ئۇقۇپ چوڭقۇر ئويغا غەرق بولدۇم.
       مەن ئالىمنىڭ «ئومۇمى ئىستىتىكا» دىگەن كىتاۋىنى 86-يىلى ئېلىپ ئۇقۇپ ئالىم ھەققىدە دەسلەپكى تۇنۇشقا كەلگەن،ئۇندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ كۈپىنى ئۇقۇپ چىققتىم،ئۇ ئەجەپمۇ بىر خىزىر سۈپەت كىشى ئىدى،ئەگەر يەنە بەش يىل،ياكى بىر-ئىككى يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولسا ئىدى،بىز « قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا » دىگەن بۈيۈك كىتاپنىڭ ئاخىرىنى كۈرەر بولغىيدۇق، ئۇتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى ئىنىقسىزلىقلارغا،تالاش -تارتىشلارغا خاتىمە بىرىلەر ئىدى....
      ئەختەم ئۈمەر ،زاھىر بورخان يەغلىق ئەزىزلىرىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك يار بولغاي،قىلغان ئىشلىرىغا ئاللا ئىگەم بەرىكەت بەرگەي...
      ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،زوردۇن سابىر يەغلىق پىششىۋالىرىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي.
      بارلىق تور ئەھلىنىڭ تىنى سالامەت بولغاي،تۇرمۇشى ئىجىل-ئىناقلىق ئىچىدە، يېڭى-يېڭى مەنالارغا  تۇلغاي...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2599
تۆھپە : 7
توردا: 254
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 09:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                         ئۇيغۇر بولماق تەس... ئۇيغۇرغا ئالىم بولماق تېخىمۇ تەس...

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  193
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس، ئۇ بىزنىڭ پەخىرلىنىشكە، قەرىنى قىلىشقا تېگىشلىك ئالىمىمىز ئىدى.ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى جەھەتتە ئۇ بىزگە نۇرغۇن سوئاللارنى قالدۇرۇپ كەتتى.زاھىر بۇرھان ئەپەندىنىڭ بۇ تىمىنى يوللىغىنى ياخشى بوپتۇ. بىزنىڭ كۆزىمىز ئەمدىلەتىن سۈزۈلىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

يەي دېسە پۇقرا بېغىدىن پادىشاھ بىر ئالمىنى،
يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلار دەرەخنى غالچىسى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2123
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 15:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى كاتتا نامايەندە . بىزدىكى ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ئالىمنىڭ روھىنى قانداق خۇشنۇد قىلىش ،ئۇنىڭ ئىدىيەسىگە ،ئەسەرلىرىگە قانداق ۋارسىلىق قىلىشتۇر !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش