ximal
كۆرۈش: 248|ئىنكاس: 0

مۇھەممەتجان سادىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Muhemmetjan sadik 03.gif



ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا چاچما شېئىر يېزىش بىلەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن شائىر مۇھەممەتجان سادىق 1934 – يىلى 8 – ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1941 – يىلىدىن 1948 – يىلى 7 – ئايغا قەدەر غۇلجا شەھەرلىك ‹‹روشەن›› باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇغان. 1948 – يىلى 9 – ئايدا غۇلجا شەھەرلىك رۇس گىمنازىيىسىگە كىرىپ ئوقۇغان. بۇ گىمنازىيەدە 1951 – يىلى 7 – ئايغىچە ئوقۇپ، رۇس يېزىقىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە ئىگە بولغان ھەمدە پۇشكىن، لېرمونتوۋ، نىكراسوۋ قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى، گوركىي، ماياكوۋسكىي ۋە ھادى توختاش، ئۆمەر مۇھەممىدى قاتارلىقلارنىڭ رۇس يېزىقىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. ئۇ 1951 – يىلى قايتىدىن ئىمتىھان بېرىپ، ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952 – يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەن، قەشقەرلەردە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1957 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 1963 – يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1963 – يىلى ئۇ غۇلجىغا يۆتكىلىپ ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك مەدەنىيەت – مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 1979 – يىلىدىن باشلاپ ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئىشلىگەن.
مۇھەممەتجان سادىق كىچىك چاغلىرىدا چۆچەك ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى. شائىرنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ھەردائىم قىزىقارلىق چۆچەك، ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇ ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، كىتاب ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلاندى. ئۇ كۆپىنچە ۋاقتىنى خالىي، جىمجىت ئورۇنلارغا بېرىۋېلىپ كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. كىتاب شائىرنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى ئىجادىيىتىگە ئاساس سالدى ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، ھۈسەيىن ناسىروۋ، خۇدابەردى تالىپ قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۈچلۈك ئىلھام بەردى. مۇھەممەتجان 1951 – يىلى خۇدابەردى تالىپنىڭ يېتەكچىلىكىدە ‹‹ئالماناخ›› دەپ ئاتالغان ئەدەبىي توپلامنى ئىشلەشكە قاتناشتى. بۇ ھال ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. 1952 – يىلى ئۇنىڭ ‹‹1 – مايدا›› ناملىق شېئىرى ‹‹ئىلى گېزىتى›› دە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇھەممەتجاننىڭ ئىجادىيەت يولى بارغانسېرى كېڭىيىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن لىرىك شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ‹‹قېلىن قاردىكى ناخشا››، ‹‹تىيانشان ناخشىسى››، ‹‹ۋاپا ۋە مەردلىك››، ‹‹ئىلى پەرزەنتلىرى››، ‹‹قىزىل يۇلغۇن›› قاتارلىق شېئىر، باللادا، داستان توپلاملىرى نەشىر قىلىندى. ‹‹سالام تېرىمدىن››، ‹‹نان››، ‹‹يېزا يولىدا››، ‹‹چىن مۇھەببەت››، ‹‹سىتودېنتلار›› قاتارلىق شېئىر – داستانلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكىتىمىز بويىچە 1956 – يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش – مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىدە، ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1 –، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
لىرىك شائىر مۇھەممەتجان سادىق ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ئۇسلۇب يارىتىش يولىدا ھارماي – تالماي ئىزدەندى. ئۇ چاچما شېئىر شەكلىنى تاللىۋېلىپ، پىكرىنى كەڭ – كۇشادە بايان قىلىشقا تىرىشتى. ‹‹مېنىڭ ئىجادىيىتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، يازغان شېئىرلىرىم باشقىلارنىڭكىگە يېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ، جەزمەن ئۆزۈمنىڭ بولۇشى كېرەك، – دەيدۇ شائىر، – مەن ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ قالماسلىقىم كېرەك.›› شائىر ئۆزىنىڭ بۇ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق شارائىتتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلدى.
مۇھەممەتجان سادىق شېئىر پەقەت پىكىرنىڭ ئىجادىيلىقى، يېڭىلىق بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا قوللىنىلغان بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك، ھەممىلا ئادەم سۆزلەرنى بوغۇم ساناپ قۇرلارغا تىزىپ چىقالايدۇ، شائىرنىڭ ماھارىتى يېڭى – يېڭى بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئوبرازلىق پىكىر قىلالىشىدا، دەپ قارىدى ۋە ئۆزى شۇنداق قىلىشقا تىرىشتى.
مۇھەممەتجان سادىق يالغۇز قىسقا لىرىكىلار ۋە ئىپىك شېئىرلار جەھەتتىلا ئەمەس، داستانچىلىق ساھەسىدىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىدى ۋە مول مېۋە بەردى. ئۇ ئون نەچچە پارچە داستان ھەمدە چوڭ ھەجىملىك تارىخىي داستانى — ‹‹ئىلى پەرزەنتلىرى›› نى يازدى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان داستانلىرىنىڭ بىرى ‹‹چىن مۇھەببەت›› تۇر. بۇ داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى، ئوبرازلارنىڭ خېلى مۇكەممەل يارىتىلغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شائىرنىڭ ‹‹قىزىلگۈل ۋە بۇلبۇل›› داستانىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان.

بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، شىنجاڭدىكى سانسىزلىغان ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ تەلەپچان، مېھرىبان ئۇستازى، ئىلى ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پىشقەدەم پىداگوك مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى غۇلجىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 78 يېشىدا ۋاپات بولدى.

مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت – تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئىدى./

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 19:49  


ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش