ximal
كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 0

مامۇت زايىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:07:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مامۇت زايىت 1959 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا قوشقان تېگىشلىك تۆھپىلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇش . ئۇ مول ئىجادىي ئەمگەكلىرى بەدىلىگە خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى .
مامۇت زايىت 1942 – يىلى 4 – ئايدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيە بازار ئىچى ‹‹يېڭى بازار›› مەھەللىسىدە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلدى. ئۇنىڭ قول ھۈنەرۋەن ۋە سودىگەر دادىسى زايىت ئاخۇن ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر كىشىلىرىدىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئائىلىدە پات – پاتلا شۇ زاماندىكى ئۆلىما – شائىرلاردىن ئىسمائىل ھاجىم، ھىدايەت ھاجىم، سابىت داموللام، ئىسمائىل قارىھاجىم قاتارلىق كىشىلەر يىغىلىپ، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە باشقا پەنلەرگە ئائىت مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇتالىئە قىلىشاتتى. بۇ ئۆيدە ھەر خىل پەنلەرگە دائىر باسما ۋە قول يازما كىتابلارمۇ كۆپ ئىدى. بۇ خىل مۇھىت سەبىي مامۇتنى ئىلىم – پەنگە، بولۇپمۇ ئەدەبىياتقا قىزىقتۇردى. ئۇ مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، خوجا ھاپىز شىرازى، ئەخمەت يەسىۋى، نەۋائىي قاتارلىق كىلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتى. گەرچە ئۇ بۇلاردىكى چوڭقۇر ئىدىيىۋى مەزمۇن، پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ تەكتىگە يېتەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلادىكى جەزىبىدارلىق، رەڭدارلىق، ئاھاڭدارلىق مامۇتنى بەكلا جەلپ قىلاتتى. ئانىسى ھاۋاخان مامۇتقا قىزىقارلىق چۆچەك، مەسەل، تېپىشماقلارنى ئېيتىپ بېرەتتى.
1952 – يىلى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش مامۇت زايىتنىڭ يېڭى زامان بىلىملىرى ۋە ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى. ئۇ بۇ مەزگىللەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تېيىپجان ئېلىيوۋ قاتارلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى. 1957 – يىلىغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش جەريانىدا، ئۇنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ مەشھۇر يازغۇچى، شائىرلىرى بىلەن تونۇشۇش دائىرىسى كېڭەيدى، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇدى، خەلقنىڭ بېيىت، قوشاقلىرىنى توپلىدى.
1957 – يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇش مامۇت زايىتنىڭ ھاياتىدا يېڭى باشلىنىش بولدى. ئىنىستىتۇت ۋە ئۈرۈمچىدىكى قايناق مەدەنىي ھايات ئۇنىڭدا رەسمىي بەدىئىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشتىياقىنى قوزغىدى. 1959 – يىلى 18 – ئاپرېلدا، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› گېزىتىدە مامۇت زايىتنىڭ تۇنجى شېئىرى — ‹‹سەن باھارنىڭ كۈيچىسى›› ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. شۇ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە ئۇ يازغان ‹‹كۆرۈپ قالدى›› دېگەن لەپەر 2 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ دەسلەپكى شېرىن مېۋىلەر ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىلھام بەردى.
مامۇت زايىت 1960 – يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى. 1966 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل مامۇت زايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى دەسلەپكى گۈللىنىش دەۋرى بولدى. ئۇ ھەر كۈنى سائەتلەپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى، ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتە چوڭقۇرلۇققا، كۆپ تەرەپلىمىلىككە، شەكىل جەھەتتە كۆپ خىللىق، رەڭدارلىققا يۈزلەندى، شائىرنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرى، ئۇسۇللىرىمۇ كۆپەيدى. ئۇ بۇ مەزگىلدە ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىدا ئۆزىنى سىناپ باقتى، كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى، سەھنىلەردە ئوينالدى. ‹‹زامان – بەخت بىزنىڭكى››، ‹‹مۇھەببەت ناخشىلىرى›› قاتارلىق تېكىستلىرى 2 –، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مامۇت زايىتنىڭ ئىجادىيىتى تازا گۈللىنىشكە باشلىغان يىللار قەبىھ ‹‹تۆت كىشىلىك گۇرۇھ›› نىڭ مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكى تازا ئەۋجىگە چىققان، ‹‹ئۈچنى گەۋدىلەندۈرۈش›› ئەدەبىيات ساھەسىنى ئىگىلىگەن ۋاقىتقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭ جاپالىق ئىجادىي مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىگە تولغان خاتىرە دەپتەرلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىگە، سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنى يوق قىلىۋېتەلمىدى. ئەكسىچە، شائىر ئاشۇ ئاپەتلىك يىللاردىمۇ ئىجادىيىتىنى داۋام ئەتتى. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى ئىجادىيىتىمۇ سىياسىي چەكنىڭ سىرتىغا چىقالمىدى.
شائىر مامۇت زايىتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تېماتىك دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول، شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، قايناق تۇرمۇشىمىزنىڭ جانلىق كارتىنىسى، ئىندىۋىدۇئال خاسلىققا ئىگە ئوبرازلار، خەلقىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ كۈرەشچان تارىخى، بۈگۈنى ھەمدە كەلگۈسى ئۇنىڭ قەلىمىدە ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شائىر ‹‹قەشقەر ناخشىسى››، ‹‹بۇ — مېنىڭ ۋەتىنىم››، ‹‹خانتەڭرى قىزى››، ‹‹خىسلەتلىك قول››، ‹‹جەنۇب غەزەللىرى››، ‹‹كارۋان بۈيۈك نەزمىسى›› قاتارلىق خەلق ياقتۇرىدىغان شېئىرلىرىدا، ئۆزىگە خاس يېڭى پىكىر، جۇشقۇن ھېسسىيات، رېئال ۋە تارىخىي پاكىتلىق ۋەقەلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەن، ھۈنەر – سەنئەت، مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۇلۇغ كەشپىياتلىرى ، قەھرىمانلىق خىسلەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولسا، ‹‹ئۇستاز››، ‹‹بۇلاق بويىدىكى مۇھەببەت››، ‹‹ياشلىق تۇيغۇلىرى››، ‹‹شائىر شەجەرىسى››، ‹‹باھار قوشاقلىرى››، ‹‹قۇياشلىق سەھەر›› دېگەندەك شېئىر، داستانلىرىدا سوتسىيالىزم دەۋرىدىكى قەھرىمانلارنىڭ جەڭگىۋار ئوبرازىنى يارقىن سۈرەتلىگەن.

ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش