ئىزدە تور لۇغىتى
تورئىملاچىسى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
كۆرگەزمىخانا
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تور تېلىۋىزىيسى
›
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى
›
ئوسمانجان ساۋۇت
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
205
|
ئىنكاس:
0
ئوسمانجان ساۋۇت
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
Elayi
Elayi
توردا يوق
UID
479
يازما
158
ھوقۇقى
200
真实姓名
توختى مەھمۇد
نادىر
0
جۇغلانما
1036
تىزىملاتقان
2012-4-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-4
مەسئۇل مۇھەررىر
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
479
يازما سانى:
158
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
718
تۆھپە :
56
توردا:
180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2012-10-4
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 18:56:08
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئوسمانجان ساۋۇت تۇنجى شېئىرى ئېلان قىلىنغان 1961 – يىل ئۆكتەبىردىن بۇيان ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۈنۈملۈك شۇغۇللىنىپ، شېئىرخۇمار خەلقىمىزگە مول مېۋە بېرىۋاتقان، خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىقتىدارلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە، شۇنداقلا ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيەتلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ‹‹ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق››، ‹‹توزان قەسىدىسى››، ‹‹ياڭرا ئەجەم›› ھەمدە ‹‹ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ››، ‹‹يۈرىكىم — سېنىڭ قېپىڭ››، ‹‹دالىلارنى باشلاپ كەلدىم قۇچاقلىرىڭغا››، ‹‹كەچۈرگىن مېنى سەن، ئالا بوينىقىم››، ‹‹قورۇق تام››، ‹‹تاڭ لىرىكىلىرى››، ‹‹سۆيگۈ — كۈي›› دېگەندەك شېئىرلىرى بىلەن ئېلىمىز ئىچىدىكىلا ئەمەس، خەلقئارادىكى جامائەتچىلىكنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ‹‹ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ››، ‹‹تاڭ لىرىكىلىرى›› ناملىق شېئىر توپلاملىرى، بىر مۇنچىلىغان تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى.
ئوسمانجان ساۋۇت 1945 – يىلى ماناس ناھىيىسىدە تۇغۇلدى. 1961 – يىلى ساۋەن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە 10 – سىنىپنى تاماملاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ قۇمۇل، ساۋەنلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1986 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، دەسلەپتە ‹‹ئەدەبىي تەرجىمىلەر›› ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىدى.
شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە لىرىكا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تېما دائىرىسى كەڭ، پەلسەپىۋى پىكىر چوڭقۇر، ھېسسىيات قايناقۋە ئويناق، قۇرۇلما پۇختا، تىل رەڭدار ۋە راۋان، تۇراق ۋە قاپىيىلەر تولۇق، دەپ يەكۈنلەش مۇمكىن.
ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوسمانجان شېئىرىيىتىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغان تېما. ئۇ ‹‹ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ››، ‹‹يۈرىكىم — سېنىڭ قېپىڭ››، ‹‹ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق››، ‹‹توزان قەسىدىسى›› دېگەندەك زور بىر تۈركۈم شېئىرلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى خىلمۇخىل نۇقتىلاردىن كۈيلىدى.
شائىر ئوسمانجان شېئىرلىرىدا، شېئىر توغرىسىدىكى ئومۇمىي قائىدە – پرىنسىپلارغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، شېئىرىيەتنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىگە، مەسىلەن، شېئىرىي تىل ئىشلىتىش، شېئىرىي شەكىل، شېئىرىي جۈملە تۈزۈش، تۇراق، قاپىيە، رېتىم گۈزەللىكى، ئۆزئارا ئاھاڭدارلىق قاتارلىقلارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.
شائىر ئوسمانجان ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدىمۇ خېلى كۈچ سەرپ قىلدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇردى.
ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
ياش «قەلەم»
مەتبۇئاتلىرىمىز كاتالوگى
تەرجىمە ۋە ئەسلىي ئەسەر
سۆھبەت - خاتىرىلەر
ئىجادىيەت خەۋەرلىرى
ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار
شېئىرىيەت
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
ئۇقتۇرۇشلار
يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش