ximal
كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 0

توختى ئايۇپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 18:46:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



پروزا ساھەسىدە ئوبدان ھوسۇل بېرىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى توختى ئايۇپ 1945 – يىلى كۇچا ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1953 – يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغاندىن كېيىن، 1957 – يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1963 – يىلىغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ 1970 – يىلىغىچە كۇچا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1970 – يىلى 3 – ئايدا ‹‹نەق ئەكسىلئىنقىلابچى›› دەپ قارىلىپ، 1979 – يىلىغىچە تۈرمىدە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا ۋە جەمئىيەتتە جاپالىق، سەرسانلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 1979 – يىلى ئاقلىنىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 1981 – يىلى 2 – ئايغىچە ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە، 1987 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى.
توختى ئايۇپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ھەۋەس قىلىشى ۋە ئاخىرىدا ئەدەبىيات قوشۇنىغا كىرىپ كېلىشىگە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق بولغانلىقى، بولۇپمۇ ئانىسىنىڭ ئىلىم – مەرىپەت سۆيەرلىكى، ئۆز ئوغلىنىمۇ ئاشۇ روھتا تەربىيىلىگەنلىكى سەۋەب بولدى. ئۇ ئوقۇش يېشىغا توشقىچە ئانىسىنىڭ ئوقۇپ بېرىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرق كلاسسىك شائىر، يازغۇچىلىرىنىڭ بىرمۇنچە نادىر ئەسەرلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتى. بۇلار ئىچىدە ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغىنى پۇشكىننىڭ مەشھۇر شېئىرىي چۆچىكى ‹‹بېلىقچى بوۋاي بىلەن ئالتۇن بېلىق ھەققىدە چۆچەك›› بولدى . مۇنداق ئەدەبىي مۇھىت توختى ئايۇپنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان كۈچلۈك ھەۋىسىنى قوزغىدى . ئۇ شېئىر مەشىقلىرىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىلا باشلىدى. دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، ئەدەبىيات توغرىسىدا بىرقەدەر سىستېمىلىق بىلىم ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى 1962 – يىلىدىن ئېتىبارەن ‹‹ئاقسۇ گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
توختى ئايۇپ 1966 – يىلغا قەدەر ئاساسەن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا يىگىرمە پارچىدەك شېئىرى ئېلان قىلىندى. تۇنجى ھېكايىسى ‹‹ماخۇچىنىڭ قەلبى›› 1965 – يىلى ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىياتى›› (ھازىرقى ‹‹تارىم››) ژۇرنىلىنىڭ 4 – سانىدا جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
يازغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى 1980 – يىلى ‹‹بەخت يېشى›› ناملىق ھېكايىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن باشلاندى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن گېزىت – ژۇرناللاردا ئۇنىڭ ھېكايە – پوۋېست، شېئىرلىرى، دراما، كىنو سىنارىيىلىرى توختىماي ئېلان قىلىندى. كۆپلىگەن ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى، بىر قىسىم ھېكايىلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. ‹‹ھايات قەدرى››، ‹‹مارجان بۇلاق››، ‹‹ئارمان›› قاتارلىق ھېكايىلەر، پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىندى.

ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش