ئىزدە تور لۇغىتى
تورئىملاچىسى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
كۆرگەزمىخانا
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تور تېلىۋىزىيسى
›
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى
›
مۇھەممەد شاۋۇدۇن
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
87
|
ئىنكاس:
0
مۇھەممەد شاۋۇدۇن
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
Elayi
Elayi
توردا يوق
UID
479
يازما
158
ھوقۇقى
200
真实姓名
توختى مەھمۇد
نادىر
0
جۇغلانما
1036
تىزىملاتقان
2012-4-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-4
مەسئۇل مۇھەررىر
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
479
يازما سانى:
158
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
718
تۆھپە :
56
توردا:
180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2012-10-4
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 18:36:31
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئىقتىدارلىق تەھرىر مۇھەممەد شاۋۇدۇن 1942 – يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى كۇچانىڭ شەھەر ئىچىدە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . 1949 – يىلىدىن 1953 – يىلىغىچە كۇچا شەھەر ئىچىدىكى 1 – باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1956 – يىلىغىچە ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1956 – يىلىدىن 1960 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئىنىستىتۇت ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتكە چىقىرىۋېلىپ، مەكتەپ گېزىتىگە تەھرىرلىككە قويغان. 1961 – يىلىدىن 1962 – يىلى 7 – ئايغىچە ئىنىستىتۇت قارمىقىدىكى شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1962 – يىلى 8 – ئايدا ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› گە يۆتكەلگەن. 1977 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ، ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1979 – يىلى يەنە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كېيىن ئۇيغۇر مەخسۇس بەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن
.
شائىر مۇھەممەد شاۋۇدۇن 1952 – يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا شېئىر – قوشاق يېزىشنى باشلىدى. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى ‹‹چېنىق ئىنىم›› 1957 – يىلى باھاردا ‹‹شىنجاڭ پېئونېرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىر، داستان، نەسىر، ئوچېرىك، ئاخبارات ئەدەبىياتى قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەر قايسى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ‹‹يۈرەك ناخشىلىرى››، ‹‹بۇ يوللار، ئۇزۇن يوللار›› ناملىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىندى. ‹‹ئالىم بىلەن ئايىم›› ناملىق داستانى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئوبزورچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، خېلى كۆپ نەزەرىيىۋى، ئىلمىي ماقالە ۋە ئوبزور يازدى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى خەنزۇچىغىمۇ تەرجىمە قىلىندى ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ‹‹ئىلى پەرزەنتلىرى›› دېگەن شېئىرىي رومان قاتارلىق ئون نەچچە كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، نەشرگە تەييارلاپ بەردى
.
شائىر 1962 – يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ‹‹ئون يىلغا مەدھىيە››، ‹‹شىشادىكى جەڭ››، ‹‹ياڭ كەيخۇي ھەققىدە ناخشا››، ‹‹لېي فىڭ ھەققىدە ھېكايىلەر››، ‹‹ھاجى مۇرات›› دېگەنگە ئوخشاش جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدىبلىرىنىڭ بىر نەچچە يۈزلىگەن ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. ‹‹جۇ ئېنلەينىڭ ياشلىق ۋاقتىدىكى شېئىرلىرى››، ‹‹تيەنئەنمېن شېئىرلىرى››، ‹‹ئەي چىڭ شېئىرلىرى››، ‹‹قىزىل چىراغ›› ئوپېراسى قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتىگە ئىشتراك قىلدى. ئەدەبىي تەھرىرلىك خىزمىتى داۋامىدا ياش تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى يېتەكلەش، ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش جەھەتلەردە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 18:37
ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
ياش «قەلەم»
مەتبۇئاتلىرىمىز كاتالوگى
تەرجىمە ۋە ئەسلىي ئەسەر
سۆھبەت - خاتىرىلەر
ئىجادىيەت خەۋەرلىرى
ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار
شېئىرىيەت
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
ئۇقتۇرۇشلار
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش