شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ياش شائىر،يازغۇچىلارنىڭ جەنۇپنى كۆزدىن كەچۈرۈش،زىيارەت قىلىش، تۇرمۇش ئۆگىنىش پائالىيى»ئۆتكەن يىلنىڭ ئىيۇل ئايلىرىدا باشلانغان بولۇپ،بۇ ئۆمەك ئەزالىرى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇما ناھىيىسىگە يېتىپ كېلىپ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا ناھىيىمىزنىڭ مەدەنىيەت،سەنئەت،ئاسارە-ئەتىقە ئورۇنلىرى ۋە بىر مەيدان بىر يېزىدا تەكشۈرۈش زىيارىتىدە بولغان ئىدى. بىز ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۆمەكنىڭ ناھىيەمىزدىكى پائالىيىتىنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ سىنغا ئالدۇرغان بولساقمۇ مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن سىنئالغۇ لىنتىسى قولىمىزغا كەلمەي تا بۈگۈنگىچە بۇ پائالىيەتنىڭ نەق مەيدان فىلىمىنى ئۆمەك ئەزالىرى شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەر بىلەن ۋاقتىدا يۈز كۆرۈشتۈرەلمىگەن ئىدىۇق.نۇرغۇن ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق بۇ سىنئالغۇ لىنتىسىنى ئەندىلەتتىن قولىمىزغا ئېلىپ،فىلىم قىلىپ ئىشلەپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.ھوزۇرلىنىشىڭلارنى سورايمىز.
فىلىمنىڭ ئومۇمى ۋاقتى:72 مىنۇت 21 سىكىنۇت.ھەجىمى 728MB بولۇپ،تورغا يوللاش سەۋەبىدىن سىننىڭ سۈپىتى چۈشۈپ كەتتى. ھەقىقى سۈزۈك نۇسخىسىنى كۆرۈش ۋە ساقلاپ قويۇشنى خالايدىغانلار تۆۋەندىكى بوشلۇقتىن چۈشۈرۋالسا بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئورنى
تىخمۇ كۆپ بەدىئىي فىلىملەرنى كۆرۈشنى خالىغانلار
گۇما دىيارى مۇنبىرىگە مەرھەمەت قىلغاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxhuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 20:12