ximal
كۆرۈش: 133|ئىنكاس: 0

قەييۇم تۇردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:57:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




QQ截图20120801044159.jpg

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پىروزىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، ئىقتىدارلىق يازغۇچى قەييۇم تۇردى 1937 – يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ شامچى كوچىسىدا كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى تۇردى ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولۇپ، ئانىسى ئاسىخان ھاجىم شۇ زاماننىڭ ساۋاتلىق ئاياللىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇلار ئوغلىنى بىلىمگە ھېرىسمەن، دىيانەتلىك، ئەدەب – ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەشكە تىرىشقان. قەييۇم تۇردى ئاۋۋال قەشقەر شەھىرى قوناق بازىرى باشلانغۇچ مەكتىپىدە، كېيىن دارىلمۇئەللىمىن قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1954 – يىلى شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇزاق بىر مەزگىل ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››، ‹‹يەكەن گېزىتى›› ئىدارىلىرىدە مۇخبىر، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1979 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1981 – يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. قەييۇم تۇردى ھايات چېغىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك 7 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.

قەييۇم تۇردى ئەدەبىياتقا بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ قىزىققان. ئۇ كىچىكىدىلا ھېكايە – چۆچەك ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدى. قەييۇم تۇردى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا مۇئەللىمى ھاجى توختىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھاجى توختى ئازادلىق ۋە ئەركىنلىككە تەلپۈنىدىغان، ‹‹ئەل – جامائەتنىڭ تەقدىر – قىسمەتلىرىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ساۋاقداشلار بىلەن دىلكەش، پەزىلەتلىك ئادەم›› ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنى ئىلغار پىكىرلەر بىلەن قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن، بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ‹‹شاھنامە››، ‹‹مىڭ بىر كېچە››، ‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا›› قاتارلىق نادىر ئەسەرلەردىن پارچىلار سۆزلەپ بېرەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئۆمەر مۇھەممىدى، زۇنۇن قادىر قاتارلىق شائىر، يازغۇچىلارنىڭ شېئىر، ھېكايە، مەسەللىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى. بۇلار ئۆسمۈر قەييۇمنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس تەسىرات قالدۇرغان.

   1955 – يىلى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› دە ‹‹ئوراز بوۋا›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھېكايە شۇ يىلى خەنزۇ، ئېنگلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. قەييۇم تۇردىنىڭ ‹‹بەخت يولى›› ناملىق ھېكايىسى 1957 – يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ھېكايىلەر مۇسابىقىسىدە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتلەر قەييۇم تۇردىنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ‹‹قىزىل يۇلتۇزى بار شەپكە››، ‹‹زەرەپشان بويىدا››، ‹‹زەينەپخان ھەققىدە ھېكايە››، ‹‹تىنچسىز كۈنلەر›› گە ئوخشاش كۆپلىگەن ھېكايىلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، دېھقانلار تۇرمۇشىنى پىششىق بىلىدىغان ئىقتىدارلىق يازغۇچى سۈپىتىدە تونۇلغان.

قەييۇم تۇردى 1964 – يىلى ‹‹قىزىلتاغ چىراغلىرى›› ناملىق تۇنجى رومانىنى يېزىپ پۈتتۈرگەن. لېكىن ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› نىڭ قارا بورىنى بۇ روماننى كىرسە چىقماس توڭ ئىسكىلاتىغا كىرگۈزۈۋەتكەن. گەرچە بۇ ئىش يازغۇچىغا ئىنتايىن قاتتىق زەربە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، 1972 – يىلى ئېسىدە قالغانلىرى بويىچە قايتا يېزىشقا باشلاپ، 1974 – يىلى ئۇنى ‹‹قىزىلتاغ باتۇرلىرى›› دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتاب 1976 – يىلى خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹قىزىلتاغ ئېتىكىدە›› دېگەن نام بىلەن خەنزۇچە نەشر قىلىنغان.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› غا خاتىمە بېرىلگەندىن كېيىن، يازغۇچى قەييۇم تۇردىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە ‹‹زەرەپشان بويىدا››، ‹‹گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر››، ‹‹قىزىلتاغ چىراغلىرى››، ‹‹كۈرەشچان يىللار››، ‹‹سۈزۈك ئاسمان››، ‹‹بوغدا ئاتا›› قاتارلىق رومان، پوۋېست، ھېكايە توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇردى. بۇ كىتابلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا قوشۇلغان مول تۆھپە بولدى.

ئۈچ توملۇق رومان ‹‹كۈرەشچان يىللار›› قەييۇم تۇردىنىڭ ئەددەبىي ئىجادىيىتىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە، شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پىروزىسىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى.

قەييۇم تۇردى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ‹‹يول››، ‹‹ئىنژېنېر ئەلىنىڭ ھېكايىسى››، ‹‹ئاسماندىكى ھېكايە››، ‹‹بوغدا ئاتا›› قاتارلىق پوۋېستلارنى، ‹‹سۈزۈك ئاسمان›› ناملىق رومان، ‹‹بۇلۇڭ كوچىدىكى غەلىتىلىك››، ‹‹سەۋەنلىك››، ‹‹ئايخان›› قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى. قەييۇم تۇردى بىزدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان ئىجادىيىتى قولغا ئېلىنمىغان بىر شارائىتتا ناھايىتى چوڭ ئىجادىي غەيرەتكە كېلىپ رومان يازدى، يازغاندىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يازدى. ‹‹كۈرەشچان يىللار›› ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1 – دەرىجىلىك رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.



  


ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش