كۆرۈش: 252|ئىنكاس: 2

ئەجداتلار قالدۇرغان ئىزلار بىلەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 23:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەجداتلار قالدۇرغان ئىزلاربىلەن


                                              رۇسلان ئارزىېيوۋ(قازاقىستان)

waliri mahpir-1.jpg

ۋالېرىي مەخپىروۋ                 


          waliri mahpir -2.jpg

                                                   سولدىن ئىككىنچى كىشى ۋالېرىي مەخپىروۋ

بۇنىڭدىن 60 يىل مۇقەددەم تەڭرىتاغنىڭ گۈزەل باغرىغا جايلاشقان باغ كەتمەندەئۇيغۇر مەخپىروۋنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ خۇشاللىق يۈز بېرىدۇ. ياش زىيالىي دۇنياغا ئەمدىلاكۆز ئاچقان پەرزەنتىگە «ۋالېرىي» دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئادەتتە دۇنيادىكى كىشىئىسىملىرىنىڭ ھەرقاندىقىنى ئاڭلاش مۇمكىن بولغان ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدە بۇ ئازئۇچرايدىغان ئىسىم-فامىلە بولدى. ئىسىم-فامىلىنىڭ دەل مۇشۇنداق بولۇشى ياش سەپىنىڭكېلەچەك ھاياتىدىمۇ تەقدىرانە رول ئوينىغان بولسا كېرەك. چۈنكى گۆدەك ۋالېرىي ئۇيغۇرئوغلى مەخپىروۋ كېلەچەكتە خاس ئىسىملار بويىچە دۇنيا تۈركشۇناسلىقىغا تونۇلغانئالىم بولۇپ يېتىلدى.

بۇ يەردە يەنە ۋالېرىي مەخپىروۋنىڭ دادىسى ئاتاقلىق ژۇرنالىست، تەرجىمان ئۇيغۇرئاكىنىڭ ئىسمىغىمۇ توختالماي ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە سىياسەتنىڭقاينىمى بولغان ئالمۇتا شەھىرىدىن خېلى ئۇزاقتىكى كەتمەن يېزىسىدا مەخپىر ئاكىنىڭ1924-يىلى تۇغۇلغان ئوغلىغا «ئۇيغۇر» دەپ ئىسىم قويۇشى بۇ قۇتلۇق نامنىڭ1921-يىلقى كونفېرېنسىيەدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى،دېگەن پىكىرلەرنىڭ ئانچە ھەقىقەتكەيېقىن ئەمەسلىكىنى كۆر سىتىدۇ.ئەگەر ھەقىقەتنىمۇ،ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىكىلىقنامىنى تامامەن ئۇنتۇپ قالغان بولسا،ئاتالغان كونفېرېنسىيەدىن ئىككى-ئۈچ يىل ئۆتۈپلائاتا- ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بۇ«ئۇنتۇلۇپ»قالغان ئىسىمنى بىردىنلا ئۆزلىرىگەيېقىن كۆرۈپ قويۇشى ناتايىن ئىدى. دېمەك، بۇ قۇتلۇق نام ئۇيغۇرلار خاتىرىسىدە بەزىچاغلاردا سۇسلاشقان بولۇشى مۇمكىنكى، ئامما ھېچ قاچان ئۆچمىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭئەزىز پەرزەنتلىرىگە «ئۇيغۇر» ئىسمىنى قويۇش ئارقىلىق مىللىتىنىمۇ ئۇلۇغلىغان، ئۇنام بىلەن پەخىرلەنگەن. ئۇيغۇر ئاكا خىزمەت سەۋەبى بىلەن ئالمۇتاغا كۆچۈپ كەلگەندىنكېيىن، ۋالېرىي شەھەردىكى 94-رۇس ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ئۇنى ئۇتۇقلۇقتاماملاپ، ئۇكرائىنانىڭ ژىتومىر شەھىرىدىكى پېداگوگىكىلىق ئىنستىتۇتنىڭ فىلولوگىيەفاكۇلتېتىغا (ھازىرقى ئىۋان فرانكو نامىدىكى ژىتومىر دۆلەت پېداگوگىكىلىق ئۇنىۋېرسىتېت)ئوقۇشقا چۈشىدۇ. مەزكۇر بىلىم دەرگاھىنى 1976-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ،قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگەئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. بۇ بۆلۈمنىڭ رەھبىرى ئاتاقلىق ئالىم غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋ كېلەچىكىدىنزور ئۈمىدلەر كۈتكۈزگەن ياش مۇتەخەسسىسنى بىر يىل ئىچىدىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭئىلىم-پەن مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان موسكۋادىكى س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىقئىنستىتۇتىغا، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارادا تونۇلغان داڭلىق تۈركشۇناس، تۈركىي تىللارتارىخىنى، تەرەققىيات دەۋرلىرىنى بىرىنچى بولۇپ سىستېمىلىق ئاساستا بىر ئىزغا چۈشۈرگەن،كۆپلىگەن تۈركىي تىللار بويىچە مەخسۇس ئەمگەكلەر يازغان ئالىم ن.ئا. باسكاكوۋقا(1905 — 1995) شاگىرتلىققا يوللايدۇ. ن.ئا. باسكاكوۋ ئىسمى تۈركشۇناسلىقتا ۋ.ۋ.رادلوۋ ۋە س.ئې. مالوۋتىن كېيىن ئاتىلىشقا لايىق ئالىملاردىندۇر. ئۇلارغا شاگىرتبولۇش ھەرقانداق ئىلىمگە ئىنتىلگەن ئادەمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدىغان ئىش. سابىق كېڭەشلەرئىتتىپاقىنىڭ جاي-جايلىرىدىن سەكسەندىن ئوشۇق پەن نامزاتىنى تەييارلىغان بۈيۈكئالىم ۋالېرىي ئاكىغا ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرىيىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»ناملىق ئەمگىكىدىكى خاس ئىسىملار بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. تۈركىيخەلقلەرنىڭ تىللىرىنىلا ئەمەس ھەم تارىخىنىمۇ، تەقدىرىنىمۇ ياخشى بىلىدىغان، كۆپنىكۆرگەن پېشقەدەم ئالىم ئەجدادلىرىدىن يالداما بولۇپ قالغان تەۋەررۈكيادىكارلىقلارنى بىۋاسىتە ئەۋلادلىرى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارغا لايىق ۋارىسلاردىنبولسۇن دېگەن نىيەتتە مەزكۇر تېمىنى ئۇنىڭغا بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە يەنەشۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»كە ئوخشاش قامۇسىيمەزمۇنغا ئېگە قەدىمىي ئەمگەكتىكى خاس ئىسىملارنى، يەنى شەھەر-يېزا، كۆل-دەرىيا،مىللەت-قەبىلە، كىشى ناملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكىشۇ دەۋردە مەھمۇد قەشقەرىي ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسىگە ئالغان باشقىمۇتۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، گېوگرا فىيەسى، فولكلورى ۋە ئەدەبىياتى ھەم ئېتنوگرافىيىسىبويىچىمۇ پۇختا بىلىمگە ئېگە بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. ۋالېرىي ئاكا تۇغماقابىلىيىتى، تىرىشچانلىقى ۋە، ئەڭ مۇھىمى، ئەجدادلار ئالدىدىكى پەرزەنتلىك پەرزىنىچوڭقۇر ھېس قىلىشى تۈپەيلى ئۇستازلىرىنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئاقلاپ،ئىككى يىلدىلا (1977— 1979-يىللار) نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملايدۇ ھەم ئۇيغۇر تىلشۇناسلارئىچىدە بىرىنچى بولۇپ قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بويىچە مۇتەخەسسىس بولۇپ يېتىلىدۇ. ۋالېرىيئاكا ئىككىنچى قېتىم موسكۋادىكى بۇ داڭلىق تىلشۇ ناسلىق ئىنستىتۇتىغا 1988 —89-يىللىرى ئىلمىي كاماندىروپكىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ قەدىمىي تۈركىي ئونوماستىكىسىبويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىگە باغلىق تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. تۈركشۇناسلىقتارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان مەزكۇر تەتقىقاتىنى 1998-يىلى ئۇتۇقلۇق ھىمايەقىلىپ، پەن دوكتورى ئىلمىي دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ.

مەلۇمكى، 1986-يىلىقازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئېچىلدى. ئۇيغۇرشۇناسلىقتارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان بۇ ئىنستىتۇ تنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەم تەرەققىي ئېتىشىگەۋالېرىي ئاكىنىڭمۇ قوشقان ئۈلۈشى چوڭ بولدى. ئۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئۈچ يىل داۋامىدائىلمىي كاتىپى، ئاندىن تىلشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى (1989 — 1994)، ئىنستىتۇت مۇدىرىنىڭئورۇنباسارى (1995 — 1996) بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا مەزكۇر تەتقىقات دەرگاھىنىڭئىلمىي يۆنىلىشلىرىنى، تەتقىقات ماۋزۇلىرىنى، دارئسىنى بەلگىلە شتىمۇ قەدىمىي مىللەتنىڭتىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتىنى ھەم ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئەھۋالىنى مەخسۇسئۆگىنىدىغان پۈتكۈل ئىتتىپاقلىق دەرىجىدىكى يېڭى ئىنستىتۇتنىڭ شەرقشۇناسلىق دۇنياسىغاتونۇلۇشىدا چوڭ خىزمەت ئاتقۇرىدۇ.

1991-يىلى بولسا،تۈركىيە مەدەنىيەتمىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەنقەرە شەھىرىگە ئىلمىي كاماندىروپكىغا بېرىپ، تۈركىيتىللارنىڭ سېلىشتۇرما لۇغىتىنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمىنى يېزىشقا قاتنىشىدۇ. بۇ«تۈركىيتىللارنىڭ سېلىشتۇرما سۆزلۈكى»ناملىق چوڭ لۇغەتتە كەڭ قوللىنىشقا ئېگە ئۇقۇملارنىبىلدۈرىدىغان ئون مىڭ سۆز رۇسچە بېرىلىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تۈرك، قازاق، ئۆزبېك،قىرغىز، ئەزەربەيجان، تۈركمەن، تاتار، باشقۇرت ھەم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندائاڭلىتىدىغان مەنىسى بېرىلگەن. 1992-يىلى بۇ لۇغەت ئىككى توم بولۇپ، يورۇق كۆردى.

    1998-يىلى ۋالېرىي ئاكا ئابىلايخان نامىدىكىقازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.ئالىمنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارىنى، تەشكىلاتچانلىقىنى بايقىغان ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىئۇنى دەسلەپ كافېدرا باشلىقى (1998 — 2000)، ئاندىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت يېنىدىكىنەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي لىڭۋىستىكا بويىچە ئىلمىي-تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى (2000— 2002)، شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ دېكانى (2003 — 2006)غا ئوخشاش جاۋابكار خىزمەتلەرگەتەيىنلەيدۇ.ھازىر بولسا، ئابىلايخان نامىدىكى ئۇنىۋېر سىتېتنىڭ شەرق تىللىرى كافېدراسىنىڭپروفېسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. شۇنداقلا،ئالىم مۇشۇ يىللار جەريانىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتيېنىدىكى نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيە بويىچە كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (2000 — 2004)،دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيە بويىچە كېڭەشنىڭ ئەزاسى (2004 — 2011)، قىرغىزىستاندىكىب.ئېلسىن نامىدىكى قىرغىزىستان — رۇسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەبويىچە كېڭەشنىڭ ئەزاسى (2007-يىلدىن تا ھازىرغىچە) بولىدۇ، كۆپلىگەن نامزاتلىق ۋەدوكتورلۇق دىسسېرتاسىيەلەرگە يىتەكچىلىك قىلىپ، قازاقىستاننىڭ، شۇنداقلا قىرغىزىستاننىڭمۇئىلمىي تەرەققىيا تىغا،ياش تۈركشۇناسلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.ۋالېرىي مەخپىروۋ ئېلىمىزدىكى، شۇنداقلا رۇسىيە، تۈركىيە، سابىق چېخوسلوۋاكىيە، جۇڭگو،تۈركمەنىستان،قىرغىزىستان ئوخشاش دۆلەتلەردىكى تۈرلۈك خەلقئارا ئىلمىي كونفېرېنسىيەلەرگەقاتنىشىدۇ، يەتتە پەن نامزاتىنى ئالتە ماگىستىرنى تەييارلايدۇ. ھازىر بولسا، ئىككىPHd دوكتورانتىغا رەھبەرلىكقىلماقتا.

ئۆتكەن يىلى ۋالېرىي ئاكا مەخسۇس تەكلىپ بىلەن بېجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېر سىتېتىدىكىئۇيغۇر فىلولوگىيىسى فاكۇلتېتىنىڭ ماگىسترانت ۋە دوكتورانتلىرىغا سېلىشتۇرما تۈركشۇناسلىقبويىچە لېكسىيە ئوقۇپ كەلدى.

ۋالېرىي ئاكا ئەللىكتىن ئوشۇق ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ۋە مونوگرافىيەلەرنىڭ مۇئەللىپى. ئۇنىڭدوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىگە ئاساس بولغان «ئەجدادلار قويغان ناملار» («ئىمېنا دالېكىخپرېدكوۋ») ناملىق چوڭ مونوگرافىيەسى 1997-يىلى نەشر قىلىندى. بۇ ئەمگەكنىڭ يورۇق كۆرۈشىتۈركشۇناسلىقتا چوڭ بىر ئىلمىي ۋەقە بولدى. ئۇ توغرىلىق ئامېرىكا، رۇسىيە، تۈركىيەۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇ ساھەگە ئائىت مەتبۇئاتلىرىدا قىزغىن ئىنكاسلاربېسىلدى، ئۇلاردا دۇنيانىڭ تۈركشۇناس ئالىملىرى ۋالېرىي ئۇيغۇر ئوغلىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭئۆتمۈشتە قويغان ناملىرى بويىچە تەتقىقاتىغا يۇقىرى باھا بەردى.   مەزكۇر مونوگرافىيەدە قەدىمىي تۈركىي ۋە ئۇيغۇرتىللىرىدا يېزىلغان مەتىنلەردىكى ئېتنونىملار (مىللەت ۋە قەبىلە ناملىرى)،ئانتروپونىملار (كىشى ئىسىملىرى) ۋە توپونىملار (يەر-جاي ناملىرى) تارىخىي ۋە مەدەنىيكونتېكىست ئاساسىدا تىلشۇناسلىق جەھەتتىن ھەرتەرەپلىمە ھەم تەپسىلىي تەھلىلقىلىنغان.

شۇنداقلا،ۋالېرىي ئۇيغۇرئوغلى مىللىي مائارىپىمىزنىڭ بەزى مۇھىم مەسىلىلىر ىگە ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ياردەملىشىپكېلىۋاتىدۇ. قازاقىستان ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ، يېڭى دەۋرگە لايىق ئەۋلادنىتەربىيىلەش ئۈچۈن «يېڭى ئەۋلاد» دەرسلىكلىرىنى چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغاندا، ئۇ ئۇيغۇرتىلى بويىچە پروگراممىلارنى تەھلىل قىلىشقا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلدى ھەم ئومۇمىيبىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىماىي-گۇمانىتارلىق يۆنىلىشتىكى 11- سىنىپلىرى ئۈچۈنيېزىلغان ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنىڭ مۇئەللىپلىرىنىڭ بىرى بولدى.

بۇ يەردە ۋالېرىي ئاكىنىڭئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقا خەلقلەرگە تونۇتۇشقىمۇ ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇپكېلىۋاتقانلىقىنى ئاتاپ ئۆتمەي مۇمكىن ئەمەس. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنىڭرۇسچە بەدىئىي تەرجىمىسى ئۇيغۇر تىلىدىن رۇس تىلىغا ئالىم ئاكىمىزنىڭ سۆزمۇ-سۆز رۇسچەتەرجىمىسىگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى كۆپچىلىك گېزىتخانا بىلمىسە كېرەك.

ۋالېرىيئاكا شەخسىي ھاياتىدا بەختلىك ئائىلىنىڭ ئاتىسى، ئۇنىڭ رەپىقىسى روزا مەخپىروۋا سەنئەتشۇناس،رېستوراتور، دىزاينېر. ئىنگلىز، ئەرەب، تۈرك قاتارلىق بىر نەچچە تىلنى بىلىدىغانئوغلى دىيار بىر ئاز يىللار قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىسترلىگىدە ھەر خىل لاۋازىملاردائۈنۈملۈك پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولسا، ھازىر پرېزىدېنت مەمۇرىيىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «توختىماس كارۋان يولىدىن» دەپيازغىنىدەك،بۈيۈك ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقەرىي باشلامچى بولغان ئۇيغۇر تىلشۇنا سلىقىنىڭكارۋىنىمۇ ۋالېرىي ئۇيغۇر ئوغلى مەخپىروۋ ئوخشاش ئەۋلادلىرىنىڭ تالانتى ۋەتىرىشچانلىقى تۈپەيلى ئەجدادلار قالدۇرغان قۇتلۇق ئىزلار بىلەن دائىم ئالغا بېسىۋېرىدىغىنىغائىشەنچىمىز كامىل.


       ئاپتور: رۇسلان ئارزىېيوۋ، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى

   قازاقىستاندا چىقىدىغان سىلاۋيانيېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدىن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان يېزىقىغائاغۇدۇرۇلدى.


ئاغۇرۇپ نەشرگە تەييارلىغۇچى:قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن

         تۇرسۇن ئابدۇللابەگيار
       2013-يىل 18-فىئورال

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-19 23:34  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1145
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 694
تۆھپە : 0
توردا: 131
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 23:53:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۉپ  تەشەككۇر!ئوقۇرمەنلەرنى قىممەتلىك  ماتىريال بىلەن تەمىن ئەتكەن جۇپ قولىڭىز بەرىكەتكە تولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىنۇردىلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-20 00:05  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 16:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادلار قالدۇرغان ئىز ھامان ئۆچمەيدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش