ximal
كۆرۈش: 173|ئىنكاس: 6

نەۋايى غەزىلىگە شەرھ (2): شەيخلەر غەۋغاسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 13:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                     شەيخلەر غەۋغاسى
                                                    (ئەلىشىر نەۋايى غەزىلىگە شەرھ)
                                              ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات
           ئەلىشىر نەۋايى غەزەللىرىدە تەسەۋۋۇپ بىلەن تەرغىباتى بىلەن بىرلىكتە يەنە تەسەۋۋۇپ ئەھلى ھىسابلىنىدىغان شەيخ ۋە زاھىدلىق تەنقىد قىلىنغان، رىياكار شەيخ- ئىشانلار قامچىلانغان مىسرالارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ، بۇ پىكىرلەرنىڭ تەسەۋۋۇپتا ئاساسى بار ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق، بۇ مەزمۇنلارغا قاراپلا شائىر ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋىي زېمىنى بولغان تەسەۋۋۇپنى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى، پەلسەپىۋىي، بەدىئىي تەپەككۇرىغا قارمۇ –قارشى قويۇپ تەھلىل قىلىشتەك بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. شۇ نۇقتىدىن چىقىپ بىز شائىر غەزەللىرىدىكى ئەسەرلىرىدىكى شەيخلەر تەنقىد قىلىنغان مەزمۇنلارغا قارىتا قىسقىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچىمىز. بۇ مۇھاكىمىمىزدە بىز يەنە خەزايىنۇلمەئانى» دىۋانىنىڭ بىرىنچىسى بولغان «غەرايىبۇسسىغەر» دىكى بىر غەزەل ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزىمىز.
خانەقەھدە ھەلقەيى زىكر ئىچرە غەۋغا قىلدى شەيخ
ئەھلى دىللار نەقدى ئەۋقاتىنى يەغما قىلدى شەيخ

(خانىقادا زىكر ھالقىسى ئىچىدە شەيخ غەۋغا قىلىپ سوپىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى تالان – تاراج قىلدى)
          بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان خانىقاھ – كىشىلەر يېغىلىدىغان جاي دېگەنلىك بولۇپ ، تەسەۋۋۇپتىكى مەنىسى سوپىلارنىڭ يىغىلىپ ھەلقە قىلىدىغان، زىكر قىلىپ سۆھبەت قۇرىدىغان ئورۇن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ شەيخ سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى ياشانغان، قېرى، ئاقساقال دېگەنلىك بولۇپ تەسەۋۋۇپتا نەپىسىنى پاكلىغان تەرىقەت پىشىۋالىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەھلى دىل بولسا تەرىقەت يولىغا كىرگەن كىشىنى، يەنى سوپىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن نەۋايى بۇ بېيتتا نېمە شەيخنىڭ يەنى، تەرىقەت پىشىۋاسىنىڭ خانىقاغا كىرىپ سوپىلارنىڭ زىكر ھالقىىسى ئىچىگە كىرىۋىلىپ ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىشلىرىغا رىغبەت بېرىۋاتقىنىنى تەنقىدلەيدۇ؟
            بىز بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن غەەزلنىڭ كېيىنكى بىيتلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:

ئول بىرى دام ئەردى بۇ بىر دانە ئەل سەيدى ئۈچۈن
ھەر قاچانكىم ئەزمى تەسبىھۇ مۇسەللا قىلدى شەيخ
(تەسۋى ۋە جايىنامازنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭ بىرى بىلەن توزاق قۇرۇپ يەنە بىرىنى خەلقنى ئوۋلاش ئۈچۈن دان قىلدى)


يا خەيالى بەڭ يا خۇد خانەقەھ فىكرى ئىدى
ھەر كەراماتى مەقەماتىكى ئىفشا قىلدى شەيخ
(شەيخنىڭ خىيالى يا نەشىدە، ياكى خانىقانىڭ غېمىدە بولغاچقا كۆپ جايدا ھەر خىل كارامەتلىرىنى ئاشكارا قىلىپ يۈرىيدۇ)


كەف ساچىپ فەرياد ئېتىپ سەكرەپ پەرۋىشلەرنى سەيد
قىلغالى دىۋانەلىغلەر ئاشكارا قىلدى شەيخ
(شەيخ كۆپۈك چاچرىتىپ، پەرياد قىلىپ، سەكرەپ گۈزەللەرنى ئوۋلاش ئۈچۈن ئاشكارا دىۋانىلىق قىلغىلى تۇردى)


توق چىقىپ خىلۋەتتىن ئۆزنى روزە دەپ جۇھھالىن
ئەسرۇ كۆپ ناداننى ئۆز تەۋرىغە شەيدا قىلدى شەيخ
(شەيخ خىلۋەتتە قورسىقىنى توقلاپ چىقىپ ئۆزىنى روزىدار كۆرسىتىپ نادانلىق بىلەن ئۆزىدىنمۇ كۆپ ناداننى ئۆز ئادىتىگە شەيدا قىلىۋالدى)


با ۋۇجۇدى مەسخۇ نادانلىغ مۇرىد ئەيلەر ئۈچۈن
كۆپ ئۆزىدىن مەسخۇ نادانراغنى پەيدا قىلدى شەيخ
(ئۇ شەيخ ۋۇجۇدى ئەخمەقلىق ۋە نادانلىق بىلەن تولغان مۇرىت توپلاش ئۈچۈن ئۆزىدىنمۇ ئەخمەق ۋە نادانلارنى ئىزدەيدۇ)


             مانا بۇ بېيتلاردا شائىر تەرىقەت پىشۋاسى بولغان شەيخلەرنى مەسخىرە قىلىپ گويا ئۆزى مەنسۇب بولغان تەسەۋۋۇپنى قارلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە شائىرنىڭ تەنقىد قىلغىنى تەرىقەت تونىغا ئورنىۋېلىپ ئالدامچىلىقلار بىلەن تەرىقەت پىشۋالىرىغا قېتىلىۋېىلىپ رىياكارلىق قىلىۋاتقان شەيخلەرگە قارىتىلغان. بىز يۇقىرىدىكى بېيتلارغا تولۇقلاپ شەرھ بېرىشنىڭ ئورنىغا نەۋايىنىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇب» نامىلىق ئەسىرىدىكى رىياكار شەيخلەرنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ يازغان بايانلىرىنى كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق:
           ئەلىشىر نەۋايى «مەھبۇبۇلقۇلۇب» تا مەخسۇس بىر بابقا (پەسىلنى) «رىياكار سوپى - ئىشانلار ھەققىدە» دەپ ماۋزۇ قويۇپ مۇنداق يازىدۇ: «شەيخ رىيائى، رەنالىتقا جىلۋىسى سۈنئىي، قاچىسىغا ئالتۇن بېرىلگەن ھەل، تاشقى كۆرۈنۈشى خۇش، ئەمما ئىچىدە ناخۇشلۇق ۋە غەل ـ غەش، تاشقى كۆرۈنۈشى دەرۋىشكە ئوخشىغان، ئەمما ماھىيىتى پۈتۈنلەي خەلققە ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان. ئۆزىنى كۆرسەتمەك بولىدۇ ئازادە، ئەمما ئۆزى بەنتنىڭ ئىچىدە. ئۇنىڭ كارامەتلىرى پۈتۈنلەي خەلقنى ئالداش، بېشىدىكى بىر تال مويىدا بىر بۇزۇق خىيال بار، سەللىسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىش ئالامىتى بار. كىيىملىرىدىكى ياماقلار كىيىمىنى رەڭدار قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يامالغان، ئۇنىڭ يەكتىكى پەردىسىدۇر ئۇنىڭ سەتلىكىنى ياپىدىغان؛ ئۇنىڭ رەختىنى رىيانىڭ چاقىدا ئىگىرىپ توقۇغان. بۇنىڭ مىسۋىكى بىلەيدۇ تەمەخورلۇق چىشىنى. چەندازىسىدا ساقال تارغىقى نىھان. ئۆزىنى خەلققە كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر ئېشەك مۇنچىقىدىن ياسالغان تەسۋىسىنى سىيرىپ تۇرۇشى ۋە ئۇزاق ناماز ئوقۇشىدىكى غەرىزى. دەسمىيسى سەللە يۆگىگەن كۇلاسى؛ تۈلكە قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ سەللىسىنىڭ ئۇزۇن ساڭگىلاتقان چۇچىسى. ئۇنىڭ بىۋاقىت، سەت، سوغۇق توۋلاشلىرى بىمەھەل قىچقارغان توخۇنى ئەسلىتىدۇ. مەستلەر ئۆز بەزمىسىدە ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلىشقاندەك ھۆكمەتنى ئالالا بىلەن ئوقۇيدۇ. سۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ھىيلە ئارىلاشقان، ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈنلەي غەرەز ئارىلاشقان. قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ياسالغان، ئويغاق چېغىدا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان. ئۇنىڭ ساماسى ئۇسسۇل ئەمەس، غەزىلى ھېچ ئاھاڭغا ماس ئەمەس. سۈرىتىنى قانچە خىل قىلسۇن، ھەممە قىلىقى مەنىسىز. بۇ ئىپلاس زات ئۆزىنى ياساپ ـ جابدۇپ پاك كىشىلەردەك كۆرۈنمەك بولىدۇ، ۋاي  ـ ۋۇي، نېمىدېگەن ئۇياتچىلىق بۇ! يەنە كېلىپ بۇ نابابلارنىڭ ئۆزىگە لايىق مۇرتلىرى بولۇپ، كېچە ـ كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. ئۇ بارلىق تەدبىرى بىلەن بۇ ئويۇننى ئويناپ، بەزىلەرنى قورقىتىدۇ. ئۇنىڭ قىلىقلىرى شەيتاننى ھەيران قالدۇرىدۇ، دىۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ»
« نەۋائىي «مەھبۇبۇل قۇلۇب»، 81- 82- بەتلەر.)

           مانا بۇ بايانلاردا بىز يۇقىرىدا كەلتۈرگەن بېيتلارنىڭ مەزمۇنى ئۆز ئەينى شەرھلەنگەن.
          شۇڭا نەۋايى رىياكار شەيخلەرنىڭ ئىگىدارچىلىىدىكى خانىقادىن مەيخانىنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. ئۆزىنى مەيخانا ئىگىسىنىڭ مۇرىتى سۈپتىدە نامايان قىلىپ تۆۋەندىكى بېيتنى يازىدۇ:
دەيرى پىرىنىڭ مۇرىدى مەنكى فەيزى ئام ئىرۈر
خانەقەھدە فەيزى ئام ئەلدىن تەمەننا قىلدى شەيخ
(مەن مەيخانا ئىگىسىنىڭ مۇرىتى، مېنىڭ پەيزىم ھەممىگە ئورتاقتۇر، لېكىن شەيخ خانىقادا تۇرۇپ پەيزى ھەممىگە ئورتاق كىشىلەردىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتىدۇ)


            توغرا، مەيخانا قەلبى پاك ئارىف كىشىلەرنىڭ سۆھبەت قۇرىدىغان دەرگاھى بولۇپ، نەۋايى بۇ دەرگاھتىن ھەممىگە ئورتاق بولغان پەيز ئالىدۇ. لېكىن رىياكار شەيخلەر بولسا خانىقادا تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ جەررە – سامالىرى بىلەن پەخرلىنىپ رىيا بىلەن قىلغان ئىبادىتىنى ئارفلارنىڭ پاك قەلبى بىلەن ئېرىشكەم پەيزلىرىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ ماختىنىپ يۈرىشىدۇ. شائىر رىياكار شەيخلەرنىڭ بۇ خىل تەكەببۇرلىقىغا قارشى ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئارفلارنىڭ ماكانىغا بولغان ئېنتىلىشلىرىنى تۆۋەندىكى بېيت ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ:
دەير ئارا تىندى قۇلاغىم راھىبا زىكرىڭ بەخەير
كىم سەھەر زىكر ئىيتۈردە كۆپ ئالالا قىلدى شەيخ
(ئەي راھىب، سىنىڭ بۇتخاناڭدا زىكرىڭنىڭ ياخشىلىقىدىن قۇلىغىم تىنجىدى، لېكىن شەيخ سەھەر ۋاقتىدا زىكر ئېيتقاندا ئالالا كۆتۈرۈپ كەتتى)


           بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان دەير سۆزى بۇتخانا، مەيخانا مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، تەسەۋۋۋۇپتا قەلبى پاكلانغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلاھىي ئىشققا بېرىلگەن ئارىف كىشىلەرنىڭ يېغىلىدىغنا ئورنىغا سىمۋۇل قىلىنىدۇ. راھىب – بولسا ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك بۇتخانا خادىمى بولۇپ، تەسەۋۋۇپتا تەرققەت ئەھلىنىڭ پىرى – مۇرشىدىقا سىمۋۇل قىلىنىدۇ. شائىر بۇ بېيتتا قەلبى پاك بولغان تەرىقەت ئەھلىنىڭ پىر – مۇرشىدىنىڭ زىكرىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا رىياكار شەيخلەرنىڭ خانىقادا ئالالا كۆتۈرۈپ ئېيتقان جەررە – سامالىرىنىڭ غەۋغاسىدىن قۇتۇلۇپ قۇلقىنىڭ تىنجىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق رىياكار شەيخلەرنىڭ خانىقاغا يىغىلىۋېىلىپ ئۆزىنىڭ ئىبادىتىنى پەش قىلىپ، باشقىلار ئاڭلىسۇن دېگەندەك «ئالالا» كۆتۈرۈپ زىكر قىلىشنى مەسخىرە قىلغان.
           نەۋايى بۇ غەزەلنىڭ ئاخىرىقى بېيىتىدا ئۆزىنى مۇرتلىققا چاقىرىك قىلىپ خىرقىسىنى، يەنى تونىنى كىيدۈرمەكچى بولغان شەيخنىڭ بۇ ئىشىغا كەسكىن جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
ئەي نەۋايى خىرقەسىن بەردى كەرامەت ئەيلەدى
كىم ماڭا تەرتىبى ۋەھجھى رەھنى سەھبا قىلدى شەيخ
(ئەي نەۋايى، شەيخ ساڭا خىرقىسىنى بېرىپ كارامەت قىلدىكى، مېنىڭ ئۇنى رەنىگە قويۇپ مەي ئېلىپ ئىچىشىم ئۈچۈن يول تېپىپ بەردى)


         شائىر بۇ بېيتىدا رىياكار شەيخلەرنىڭ تونىنى مەيخانىغا گۆرۈگە قويۇپ مەي ئىچمەكچى بولىدۇ. بۇ بېيتتىكى مەيخانا بىز باشتا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك قەلبى پاك ئارفلارنىڭ سۆھبەت قۇرىدىغان دەرگاھىغا ئوىشىمايدۇ. يەنى بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان مەيخانا كامىل ئارىفنىڭ ئىلاھىي ئىشق ۋە مەرىفەت بىلەن تولغان قەلبىدۇر. مەي بولسا – ئالاھىي ئىشقتىن مەس قىلغۇچى بىھۇشلۇقتۇر. نەۋايى رىياكار شەيخلەرنىڭ خىرقىسىنى گۆرۈگە قويۇشتىن ئىبارەت كىنايە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كامىل ئارفلارنىڭ پاك قەلبىدىن ئىلاھىي بىھۇشلۇقنى ئىستەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
         دېمەك، نەۋايى غەزەللىرىدە رىياكار شەيخلەرنى مەسخىرلەشنىڭ تۈپ سەۋەبى بولسا ئۇلارنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈنلەي رىيادىن ئىبارەتلىكى، دىلى بولسا ھەقكە سادىق ئەمەس بولغىنى ئۈچۈندۇر. شائىرنىڭ نەزەرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلنى ئالدايدىغان ئالدامچىلار ھېسابلانغان. چۈنكى شائىرنىڭ قارىشىدىكى تەسەۋۋۇپ رىيا تەقۋىسى ئەمەس، ئىنساننى ھەقكە ئېلىپ بارىدىغان، پاكلىق، خالىسلىق، سەمىمىيلىك يولىغا ئۈندەيدىغان ئىلىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شائىر رىياكار شەيخلەرنىڭ ئالدامچىلىقىغا، تىلى بىلەن دىلىنىڭ بىر ئەمەسلىكىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى، شائىرنىڭ چۈشەنچىسىدە«تەسەۋۋۇپ زوھدۇ تەقۋا ئەمەس!»، بەلكى قەلبنى ھەق سۆيگۈسى بىلەن تولدۇرۇش، ئۆزلۈكنى يوق قىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلاھىي ئىشققا بېرىلىش دېگەنلىك ئىدى.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 02:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇسالام ؛
كىلاسسىك ئەدەبىيات ، بولۇپمۇ نەۋائى ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىڭىزدىن نورغۇن زوقلارغا ئىگە بولىمەن. ئىلىم دەپ قولغا ئالغان قەلىمىڭىز تۆككەن ھەربىر قۇر يازمېنىڭ ئوقۇرمىنى مەن بولۇشقا رازى. داۋاملىق غەيرەت...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 02:11  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  702
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 171
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 00:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر غەزەلگە مۇشۇنداق قىسقا تەقزىر يىزىلسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى، ھە! بۇندىن كېينكىلىرىدە ئەڭ ۋەكىللىكلىرىنى تاللاشقا كۈچىگىن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1801
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 76
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 18:09:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋايى شېئرلىرىنى چۈشىنىشتە داۋاملىق قىينىلىمەن.بولۇپمۇ شەرھىسىدە...سىزگە مەدەد...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 23:51:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kazgin يوللىغان ۋاقتى  2012-8-9 18:09
نەۋايى شېئرلىرىنى چۈشىنىشتە داۋاملىق قىينىلىمەن.بولۇ ...

تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىدىكى كلاسسىك شائىرلارنىڭ نەزمىلىرىگە قىسقىچە شەرھىي يېزىش بىلەن شىېرنىڭ مەنتىقىى پىكىرلىرىنى ئىزاھلاپ بولغىنى بولمايدۇ.قىسقىچە شەرھىينى تەلەپ قىلغان ئادەم چوقۇم تەسەۋۋۇپنى بىلىشى، چاغىتاي تىلىدىن مۇكەممەل ساۋاتقا ئىگە بولمىقى لازىمدۇر.ئابدۇسالام بەگزاتنىڭ قەلىمى بۇ ساھەدە ئالتۇن سەھىپىلەرنى ياراتقىنى تۇردى، بىز ئۇنىڭدىن قىسقىلىقنى ئەمەس، بەلكى تېىخىمۇ كەڭلىكنى تەلەپ قىلساق چۇشىنىشىمىز كەڭرەك ۋە ئاسانراق بولىدۇ - دەپ قارايمەن.قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:02:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەراپات يوللىغان ۋاقتى  2012-8-5 00:31
ھەر غەزەلگە مۇشۇنداق قىسقا تەقزىر يىزىلسا نەقەدەر ياخ ...

      



كەف ساچىپ فەرياد ئېتىپ سەكرەپ پەرۋىشلەرنى سەيد
قىلغالى دىۋانەلىغلەر ئاشكارا قىلدى شەيخ
يۇقارقى شىېردىكى« پەرۋىشلەرنى»دېگەن سۆز «پەرىۋەشلەرنى» بولىشى مۇمكىنمىكى ؟ئا. نىزارى مۇنداق يازىدۇ:
پەرىۋەش بىلە ئۇچتى ئانداغ پەرى،
ئانى كەلتۇرۇپ بارچەدىن ئىلگەرى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:41:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەت دەرۋىش يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 00:02
كەف ساچىپ فەرياد ئېتىپ سەكرەپ پەرۋىشلەرنى سەيد
...

           رەھمەت سىزگە مۇئەللىم، بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى «پەرىۋەش» ئىدى، خەت ئۇرغاندا «پەرۋىش» بولۇپ بېسىلىپ قاپتۇ.

يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش