ximal
كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 0

ئالىمجان ئىسمايىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1408
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1404
تۆھپە : 23
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:22:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

F201206281354150556703615.jpg


ئالىمجان ئىسمايىل 1941- يىلى سىنتەبىردە چۆچەك شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى چۆچەكتە ئوقۇپ، سابىق ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىۋىنىڭ مالىيە-پىلان سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بايىنغولىن ئوبلاستىغا تەقسىم قىلىنىپ، ئوبلاستلىق ھۆكىمەتتە ۋە "بايىنغولىن گېزىتىدە" موخبىر بولۇپ ئىشلەيدۇ.1964- يىلى گېزىت نەشىردىن توختىتىلغاندىن كېيىن، ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يۇرتىغا ئالمىشىپ شۇ يەردە 20 يىل ئىشلەيدۇ.

  1979-يىلى كورلىدا نەشىر قىلىنغان «بوستان» (ھازىرقى "كىرورەن") ژورلىنىنىڭ تەسىس قىلىشقا ئىشتراك قىلىپ، بىر مەزگىل ژورنالنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1997- يىلدىن 2001- يىلى پىنىسيىگە چىققۇچە "تارىم'' ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە كەسپى يازغۇچى بولىدۇ. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك يازغۇچى.

  يازغۇچى ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1979- يىلى "بوستان"ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ساداقەت» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، «ئاق چاچلىق يېگىت»، «لەقەملەر سىرى»، «ئەلۋىدا كۈل رەڭ بىنا» قاتارلىق ھېكايىلەرنى، «يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ»، «سەھرالىقلار»،«يىغلىما قىز»، «سىرلىق قاينام»، «چىغىر يول» قاتارلىق پوۋېستلارنى، «تۇمانلىق ئۇپۇق»، «زامانداشلار»، «قىسمەت»، «يىگانە دۇنيا»، «ھايات جىلۋىسى»، «ئاتىلار يولى» قاتارلىق رومانلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇردى. ئۇ بۇ ھىكايە پوۋست، رومانلاردا بۈگۈنكى دەۋىرنى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ شامىلىدا كۆلىگەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى تۇرمۇشنى ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى ماددىي، مەنىۋىي ئۆزگۈرۈشلەرنى يېزىپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ياندىشىپ بۈگۈننىڭ يارقىن، سۈزۈك بەتلىرى بىلەن يۇرتۇپ بەردى. بۇ ئەسەرلەر دەۋىر روھىنى نامايەن قىلغانلىقى، بەدىئىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن ئۇيغۇر پىروزا غەزىنىسىگە قوشۇلغان زور تۆھپىدۇر.

  ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كەلدى ۋە كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ «ئىجارە ھەققىي» ناملىق ھېكايىسى يېڭى دەۋىر مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «سەھرالىقلار» ناملىق پوۋسىتى «تارىم» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «يىغلىما قىز» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى مەملىكەتلىك 5- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.«يىگانە دۇنيا» ناملىق رومانى ئاپتونوم رايونلۇق 3- نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى.

  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش