كۆرۈش: 226|ئىنكاس: 1

«شىنجاڭ يازغۇچىلار لىكسىيەخانىسى» توقسۇدا لىكسىيە سۆزلىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: -6
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 15:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭ يازغۇچىلار لىكسىيەخانىسى» توقسۇدا لىكسىيە سۆزلىدى

9-مارت، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى، داڭلىق يازغۇچى دۇڭ لىبو، ئەدەبىي تەرجىمان، شائىر دىلمۇرات تەلئەت قاتارلىق يازغۇچى-شائىرلار توقسۇ ناھىيىسىدە «ئەدەبىياتنىڭ دەۋىتى ۋە ئەدەبىي تەربىيلىنىش» دىگەن تېمىدا مەخسۇس تېمىلىق لىكسىيە سۆزلىدى. لىكسىيىگە توقسۇ ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلاردىن كەلگەنلەر بولۇپ 300دىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى. لىكسىيە مەخسۇس تېمىدا لىكسىيە سۆزلەش ۋە ئارقىدىن سۇئال سوراش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، كەيپىيات ناھايىتى يۇقىرى بولدى.

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دۇڭ لىبو باشلامچىلىقىدىكى بۇ يازغۇچىلار ئۆمىكى ئەسلىدە 5-مارت توقسۇ ناھىيىسىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆمەك تەركىبىدە يەنە باشقا ئەدىبلەردىن شىيا گۇەنجۇۋ، يۈ دى، شىيۇڭ خۇڭجىيۇ، لىي دوڭخەي، لىي يىڭچاۋ ، لىيۇ تاۋ، جوۋ يا، جاۋ چىن، لىيۇ خۇيمىنقاتارلىقلارمۇ بار. بۇ ئۆمەك توقسۇ ناھىيىسىگە يىتىپ كەلگەن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار كەنتى بولغان جاي كەنتى، توقسۇ كۆسەن مەدەنىيەت موزىيى قاتارلىق جايلاردا ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان.

بۇ 11نەپەر داڭدار يازغۇچىنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە ئىكىسكۇرسىيە ۋە باشقا ئىلمىي زىيارەتتە بولۇشى، توقسۇ ناھىيىسىنىڭ مۇندىن كىيىنكى ئەدەبىي-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىدە جەزمەن تۈرتكىلىك  رول ئوينايدۇ.


mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 7183
تۆھپە : 8
توردا: 448
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 15:09:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىتۈك ئەدەبىي  تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت  ئەپەندىنىڭ  كەلەىنىدىن  خەۋەرسىز  قاتپىمىز  ئەمەسمۇ،  بۇ  يىل كىلىشىنى  ئۈمۈت  قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش