ximal
كۆرۈش: 123|ئىنكاس: 5

كۆڭۈلدىكى گەپلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 10:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كۆڭۈلدكى        گەپلەر
                      ( ھېكايە)
                      پولات غەنىزات غەيۇرانى
    كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرسەم، ئىككى بالام ئادىتى بويىچە ياتاق ئۆيىدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋېتىپتۇ. ئايالىم بولسا مېھمانخاندا بىخارامان تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئولتۇرغاچ تېلېۋىزورغا قارىسام تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىۋاتقىنى <<كۆڭۈلدىكى گەپلەر>> پىروگراممىسى ئىكەن. مۇنبەردە دىكتوردىن باشقا بەش كىشى ئولتۇراتتى. كۆزۈمگە ئىشەنمەي زەن سېلىپ قارىسام، مۇنبەردە ئولتۇرغانلار ئارىسىدا ئايالىممۇ بار ئىدى. ئايالىمغا قارىسام، ئايالىم ماڭا<<كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دەۋەتتىم>> دېگەندەك كۈلۈپ قويدى. <<بۇ ساددا خوتۇن نېمىلەرنى دەپ كەتكەندۇ ئەمدى>> دەپ ئويلىدىميۇ، بىز توي قىلىپ ھازىرغىچە كۆڭلۈمدە توختاپ قالغىدەك بىرەر خاپىلىققا دۇچار بولۇپ باقمىغاچقا، كۆڭلۈم توق تېلېۋىزور كۆرۈشكە باشلىدىم.
-        - كەسىپتە ئوبدان نەتىجىلەرگە ئىرىشىپسىز، كىشىلەر ئاياللارنىڭ بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىنىشى ئاسان ئىش ئەمەس دېيىشىدىكەن، مەن سىزدىن سوراپ باقاي، خىزمىتىڭىزنى ئىرىڭىز قوللامدۇ؟ بالىلىرىڭىزغا سىز بەكراق قارامسىز، ئېرىڭىزمۇ؟-دېدى دىكتور مىكروپۇننى ئايالىمغا سۇنۇپ. ئايالىم سەل ئالدىغا ئىڭىشىپ مىكروپۇننى قولىغا ئالدى-دە، ئۆزىنى رۇستلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-        خىزمىتىمنى ئەلۋەتتە ئىرىم قوللايدۇ، ئۇنىڭمۇ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، خىزمەتنى خاتىرجەم ئىشلىشىمگە ئىرىمدىنمۇ قېيناپام بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى. نېمىشقا دېسەڭلار؟ بىز تونۇشۇپ توي قىلىپ، سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ يېنىدىكى بىر قورودىن ئىككى ئېغىزلىق ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردۇق. بۇ قورو قېيناتامنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىمىننىياز دېگەن كىشىنىڭ ئىدى. بۇ ئۆينىمۇ قېيناتام تېپىپ بەرگەن. دەم ئالغان كۈنلىرىم چوڭ ئۆيگە بېرىپ قېيناپام بىلەن مۇڭداشتىم. تاماققا تۇتۇش قىلغاندا ماڭا تاماق ئىتىشنى ئۆگەتتى. ئۆمرۈم ئوقۇش بىلەن ئۆتكەچكە تاماقنى ئوخشىتالمايتتىم. ئەمما قېيناپام ئېغىر ئالماي <<ئوخشاپتۇ، ئاستا-ئاستا ئۆگىنىدىغان گەپ>> دەپ قازان بېشىنى ماڭا بىرىپ زىرىكمەي ئۆگەتتى. نېمىشقا دېسەڭلار، بىز تونۇشۇپ توي قىلىپ، سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ يېنىدىكى بىر قورودىن ئىككى ئېغىزلىق ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردۇق. بۇ قورو قىيناتامنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىمامنىياز دېگەن كىشىنىڭ ئىدى. بۇ ئۆينىمۇ قېيناتام تېپىپ بەرگەن. دەم ئالغان كۈنلىرىم چوڭ ئۆيگە  بېرىپ قېيناپام بىلەن مۇڭدىشاتتىم. تاماققا تۇتۇش قىلغاندا ماڭا تاماق ئىتىشنى ئۆگىتەتتى. ئۆمرۈم ئوقۇش بىلەن ئۆتكەچكە تاماقنى ئوخشىتالمايتتىم. ئەمما قېيناپام ئېغىر ئالماي <<ئوخشاپتۇ، ئاستا-ئاستا ئۆگىنىدىغان گەپ>>دەپ قازان بېشىنى ماڭا بېرىپ زېرىكمەي ئۆگەتتى. ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا تاماقنى خېلى ئوبدان ئېتەلەيدىغان بولدۇم. ئۆيگە مېھمان چاقىرساممۇ قېيناپام ياردەملىشىپ ھەممىنى تەل قىلىپ بېرەتتى. قېينىئاپام ئائىلە ئايالى بولغىنى بىلەن ئىشچان، ئاقكۆڭۈل، خۇشپېئىل كېلىنگە ئامراق ئايال، مېنى بەكلا ھۆرمەتلەيدۇ. ئۆز بالىلىرىدىنمۇ چارە كۆرىدۇ. قېينىئاتام ياشىنىپ قالغان بىلەن زېھنى ئوچۇق، نەۋرىلىرىگە ئامراق خىزىر سۈپەت كىشى، ئۆزىمۇ ئىلمى ئادەم بولغاچقا شۇنداقمۇ ئىلىم ئەھلىنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ. ماڭىمۇ ھەم شۇنداق، بىز تولىمۇ ئىناق ئۆتىمىز، ئاتا ئانامنىڭ ئۆيىگە ئانچە بېرىپ كەتمىگەن بىلەن قېينىئاتامنىڭ ئۆيىگە كۈندە دېگۈدەك بېرىپ تۇرىمەن. ئۆزۈممۇ بۇ ئائىلىگە كۆنۈپ قاپتىمەن. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرشى بىلەن بىز ئىككى بالىلىق بولدۇق، چوڭى 12 ياشقا، كىچىكى 8 ياشقا كىردى. توي قىلىپ ئىككى يىلغا قالمايلا ئېرىمنىڭ ئىدارىسىگە كۆچۈپ كىردۇق. مەن ئىككى بالامنى دوختۇرخانىدا يەڭگىدىم. ھەر ئىككى بالامنى ئۈچ ئايغىچە ئاپام، ئاندىن كىيىن تاكى مەكتەپ يېشىغا يەركۈچە قېينىئاپام بېقىپ بەردى. زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى: 97-يىل 2-ئايدا ئاپام قان ئارىلاش تەرەت قىلىدىغان بولۇپ قېلىپ دۇختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. دوختۇرلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرۈپمۇ، كېسەلگە ئېقنىق دىئاگنوز قويالمىدى. بەدەندىكى قان تەرەت بىلەن چىقىپ كېتىۋەرگەندىن كىيىن ئاپام قانسىراپ كېتىپ قان بېرىشكە توغرا كەلدى. ئەمما بەرگەن قان بەدىنىگە ئۆزلەشمەي تەرىتى بىلەن يەنە چىقىپ كەتتى. گەرچە دوختۇرىانىدا ياتقىلى ئىككى ئاي بولغان بولسىمۇ، چىرايى تاتىرىپ، لەۋلىرى كۆكىرىپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، تامىقىمۇ ئازلاپ، ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلاشتى. دوختۇرلار بېيجىڭ <<يىخې>> دوختۇرخاىسىدىكى دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىپتىكەن، ئۇلار كېسەلنى دەرھال بېيقىڭغا ئېلىپ كېلىشنى، مېڭىشتىن بۇرۇن كېسەلگە قان توختىتىدىغان بىر خىل ئوكۇلنى ئۇرۇشنى، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئون كۈن بولىدىغانلىقىنى ئون كۈن ئىچىدە كېسەلنىڭ چوڭقۇم ئوپراتسىيە قىلىنىپ بولۇشىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار سەھىيە ئىدارىسى ۋە ئاپامنىڭ ئىدارىسىگە بىلەن بېيجىڭغا ئاپېرىپ داۋالىتىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىردى ھەم بىزگە ئىككى كۈن ئىچىدە ماڭىشنى، مېڭىشتىن بۇرۇن ھېلىقى قان توختۇتۇش ئوكۇلىنى ئۇرىدىغانلىقى، ئئايروپىلاندا مېڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى، پويىزدا ماڭغاندىمۇ يۇمشاق كارىۋاتلىق ئورۇندا مېڭىشىنى، ئىككى ھەمراھ بولۇپ مېڭىشىنى ئۇقتۇردى. بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدۇق، ئاكا، ئىنىلىرىم، ئاچا-سىڭىللىرىم بىز بىرگە بارىمىز جاتىرجەم بولۇڭلار دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇشۇپ تۇرغان بولسىمۇ، بىز قېينىئاتامنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئاپامنى ئېرىم ئىككىمىز ئىدارىلىرىمىزدىن رۇخسەت ئېلىپ رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولغانىدۇق. شۇڭا قېينىئاتام ئۈچ كىشىلىك پويىز بېلىتى ئېلىپ كېلىپ <<يەنىلا ئەر-ئايال ئىككىڭلار بارغىنىڭلار تۈزۈك، چۈنكى، بىرىنچىدىن سىز دوختۇر، ئىككىنچىدىن ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلىسىز. كېسەل كۆرسىتىشكىمۇ قولايلىق>> دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ  تۇغقانلارمۇ پۇسسىدە بولۇشۇپ قالدى، قېينىئاپام:<< ۋاقىتنى كېچىكتۈرلەڭلار، ئىككى بالىنى مەن بېقىپ تۇرىمەن، ئۇلاردى خاتىرجەم بولۇڭلار>>دېدى. كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ، بىز ئەتىسى سائەت ئون يېرىمدا بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتۇق. ئاپامغا 4-5 سائەر ئىلگىرى ئۇرغان قان توختىتىش ئوكۇلىنىڭ ئۈنۈمى بولغان بولسا كېرەك. چىرايى سەل ئوڭشىلىپ قالغاندەك بولدى. پويىز بولسا ئاپامنى ئەللەيلىتىۋاتقاندەك تولىمۇ سىلىق ماڭاتتى. يېتىپ زېرىكسە، مەن بىلەن مۇڭدىشاتتى، ئېرىم گاھىدە قىزىق گەپلەرنى قىلىپ ئاپامنى كۈلدۈرۈپمۇ قوياتتى. بۇ چاغلاردا ئاپام:<< سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم بالام، خىزمىتىڭىزگە تەسىر يېتىپ قالامۇ؟>> دېسە، ئېرىم:<< ىاتىرجەم بولسىلا، ئۇنداق بولمايدۇ، مەن رۇخسەت بىلەن كېتىپ بارىمەنغۇ؟ كۆرمىدىلىمۇ ئاۋۇ يېشىل تاغلارنى، ماۋۇ ئېتىزلاردىكى باش چىقارغان بۇغدايلارنى قارىسىلا، يەنە ئۆڭكۈرگە كەلدۇق» دەپ دىققىتىمنى باشقا ياققا بۇرىۋىتەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاپامنىڭ روھىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. پويىز يەنىلا نۇرغۇن ھەيۋەتلىك تاغ- ئىدىرلارنى، قارغايزارلىقلارنى، يېشىل ئېكىنزارلىقلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەردىن ئۆتۈپ، كۆك بىلەن بوي تالاشقان ھەيۋەتلىك بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەھەرلەرنى ئارىلاپ باراتتى. پويىزنىڭ ھەر بىر ۋاگونغا بېكىتىۋەتكەن رادىيو كانايلىرىدىن بىزگە قايسى شەھەرگە كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ بىز يولغا چىقىپ 3- كۈنى ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدا بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ باردۇق. ئېرىمنىڭ ئۈرۈمچىدىن بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەن ئىككى ئاغىنىسى بىزنى ئالغىلى ئالدىمىزغا چىقىپتۇ. بىز شۇلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن شىنجاڭ مېھمانخانىسىغا كېلىپ 213- نومۇرلۇق ئۈچ كىشىلىك ياتاققا ئورۇنلاشتۇق. ئەتىسى ئېرىمنىڭ ئاغىنىلرى بىزنى ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدا «يىخې» دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى. ئەپسۇس، قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ نومۇرى ئاللىبۇرۇن سېتىلىپ بولغانىكەن، شۇڭا بىز ھايانكەشلەرنىڭ قولىدىن كېسەل كۆرسىتىش نومۇرىدىن بىرنى 100 كويغا ئالدۇق. تەلىيىمىزگە ئاپامنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن دوختۇر ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرلار ئالاقىلاشقان جاۋ دوختۇر بولۇپ چىقتى. «ئۇلارغا قان توختىتىش ئۇكۇلىنى ئۇرۇشنى، ئاندىن كېسەلنى بېيجىڭغا ئەكىلىشنى مەن تاپلىغان، سىزمۇ دوختۇر ئىكەنسىز – دە، گېپىڭىزدىن بىلىۋالدىم. خاتىرجەم بولۇپ، ئاپىڭىزغا ھېچ ئىش بولمايدۇ. رېنىتىگىنگە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئەكىتىڭلار، كۈندە چۈشتىن بۇرۇن ئەكىلىسىلەر، ھازىر ياتاق يوق، ياتاق بىكار بولغۇچە مۇشۇنداق داۋالاپ تۇرىمىز» دېدى – دە، ئۈستىنكى قەۋەتكە پەلەمپەي بىلەن ماڭدى. ئېرىم ناھايىتى چاققانلىق بىلەن «بىز ئۇيغۇرلاردا ئاغرىق- سىلاقلارنىڭ بېشىنى سىلىغانلارغا رەھمەت دەيدىغان ئادەت بار، ھېلىمۇ سىزگە كۆپ رەھمەت، مۇمكىن بولسا، ئاپامنىڭ كېسىلىنى تېزراق ساقايتىشقا ئامال قىلغان بولسىڭىز» دېگىنىچە ئاق خالىتىنىڭ مەيدە يانچۇقىغا بىر كاللەك ( 5 مىڭ كوي ) سېلىپ قويدى. ئېگىز، ئاۋاق، چېچى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەن بۇ ئەر دوختۇر «ۋاي... بۇ... » دەپ قويۇپلا مەيدە يانچۇقىنى تۇتقىنىچە ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. ئاپامنى رېنتىگىندە تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن كارىدوردا بىردەم تۇردۇق. شۇ ئەسنادا جاۋ دوختۇر پەيدا بولدى. ئۇ ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي، تولىمۇ خۇشال، تېتىك كۆرۈنەتتى. ئۇ بىزگە: « سىلەر ھازىرچە كەتمەڭلار، ئەمدى باشقا ئەزالىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك بىر تەكشۈرەيلى، كېسەلنىڭ نەدىلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن باشقا كېسەللىرىمۇ بارمۇ ئېنىقلاپ باقايلى، ئاندىن قالغان ئىشنى مەسلىھەتلىشەيلى» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن ھەممىمىزنىڭ بېشى كۆككە يېتەي دەپلا قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاپامنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈچ سائەت ۋاقىت ئۆتتى. ئاپام تېخىچە قايتىپ چىقمىدى. بىز سەل دەككە- دۈككىگە چۈشۈپ قالغانىدۇق. شۇ چاغدا ئىشىك «غېچ» قىلىپ ئېچىلىشى بىلەن ئاپامنى سېستىرا، دوختۇرلار يۆلەپ كېلىشتى. بىز ئاپامنى يەنە كارىدورغا ئېلىپ چىقتۇق. كارىدوردا پەقەت بىزلا قالغانىدۇق. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى جاۋ دوختۇر كېلىپ تولىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن (خەنزۇ تىلىدا) «ئاپىڭىزنىڭ كېسىلى <كۇلۇڭبىڭ> ( ئىنچىكە ئۈچەي تېشىلىش كېسىلى) ئىكەن. بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنچىكە ئۈچەي يارا بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنداق كېسەل چەتئەللىكلەردە، يەنە كېلىپ ئەمەلدارلاردا كۆپ ئۇچىرايتتى. بىز جۇڭگولۇقلاردا يوق دېيەرلىك ئىدى. ئاپىڭىزدەك شىنجاڭلىقلاردا بۇ كېسەلنىڭ بايقىلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ، مۇنداق كېسەلنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاڭ دوختۇر مېنىڭ ساۋاقدىشىم، ھېلى تېلفۇندا سۆزلەشتىم. سىلەرنى ئەتە مەركىزىي ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭلار» دېدى. ئەتىسى سائەت يەتتىدە جاۋ دوختۇر ئەۋەتكەن دوختۇرخانا ماشىنىسى بىلەن يۈك- تاقىلىرىمىزنى ئېلىپ مەركىزىي ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ مەزگىل بېيجىڭنىڭ ھەممە كوچىلىرى گۈل- چېچەككە پۈركەنگەن، يول بويىدىكى قاتار كەتكەن يېشىل قارىغايلار كۆككە تاقاشقان سەر خىل پوسۇندىكى بىنالار بىلەن بوي تالىشىپ تۇراتتى. خۇددى ئۆمچۈكنىڭ تورىدەك تۇتاش كەتكەن كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ ئاخىرى بىر سائەتتىن كېيىن مەركىزىي ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يېتىپ باردۇق. ماشىنىدىن چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا ئوتتۇرا بوي، قىزىل يۈز، چېچى قاردەك ئاقارغان، قارىماققا تولىمۇ تېتىك كۆرۈنىدىغان خالاتلىق بىر ئەر كىشى كېلىپ: « سىلەرنى جاۋ دوختۇر ئەۋەتتىغۇ دەيمەن، مەن ۋاڭ دوختۇر بولىمەن، ھازىر بۇ يەردە ياتاق يوق، ئەمما بىزنىڭ <شاۋخۇڭمىڭ> دېگەن يەردە بىر تارماق دوختۇرخانىمىز بار، شارائىتىمۇ ياخشى، ياتاقمۇ كەڭتاشا، سىلەرنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇراي، 20 مىنۇتتا بارىمىز، قېنى ماشىنىغا چىقىڭلار» دېدى. دېگەندەك 20 مىنۇتقا قالماي «شاۋخۇڭمىڭ»دىكى دوختۇرخانىغا يېتىپ باردۇق. بۇ دوختۇرخانا بەئەينى ياۋروپالىقلارنىڭ كىنو- تېلۋىزىيە فىلىملىرىدە كۆرسىتىلگەن يېشىل ئورمان ئارىسىدىكى داچىلىرىغا ئوخشايتتى. بۇ يەر ساياھەت رايونى بولغاچقا، ھەممە ئادەم تازىلىققا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ۋاڭ دوختۇر ماشىنىنى قايتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، بىزنى راۋاق شەكلىدە سېلىنغان تۆت قەۋەتلىك بىنانىڭ 2- قەۋىتىدىكى ئاستى- ئۈستى تاختايلىق ئىككى ئېغىز ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ھەم: «مۇشۇ ئەتىراپتا بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار، تاماقنى شۇ يەردىن ئەكىلىپ يېسەڭلىمۇ بولىدۇ. ئەمدى دەم ئېلىڭلار، چۈشتىن كېيىن ئاپىڭىزنى تەكشۈرىمەن» دېدى. بىز ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال ئىدۇق. بۇ خۇشاللىقتا چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ توشقىنىنىمۇ سەزمەي قاپتۇق. ۋاڭ دوختۇر ئىككى دوختۇر بىلەن بىر قانچە سېستىرانى باشلاپ ئاپامنى تەكشۈرگىلى كىرگەندىلا سائەتنىڭ توشقىنىنى بىلدۇق. چاڭ دوختۇر ئاپامنىڭ كېسەل تارىخىنى، بولۇپمۇ «يىخې» دوختۇرخانىسىدىكى جاۋ دوختۇر تەكشۈرگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپ، « بۇ ئاددى ئوپىراتسىيە، ھازىردىن باشلاپ داۋالايمىز، بۈگۈن چىسىلاغا بەش بولدىما؟ 24- چىسىلا ئوپراتسىيە قىلىمىز. ئوپراتسىيىگە مەن يېتەكچىلىك قىلىمەن، ئالدىن 30 مىڭ كوي تاپشۇرىسىلەر» دېدى- دە، شۇ ئەسنادا سېستىرالار بىلەن بىرگە كىرگەن ئىككى دوختۇر ئاپامنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە ئېلىپ ماڭغانىدى، ئېرىم ۋاڭ دوختۇرنىڭ يالغۇز قالغىنىدىن پايدىلىنىپ جاۋ دوختۇرغا قوللانغان ئۇسۇل بىلەن ۋاڭ دوختۇرنىڭ يانچۇقىغىمۇ بىر كاللەك ( ئون مىڭ كوي ) سېلىپ قويدى. «ۋاي ... بۇ ... »دېدى ۋاڭ دوختۇر پۇل سېلىپ قويغان يانچۇقىغا قولىنى سالغىنىچە تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە چىقىپ كەتتى.
− قىلىقىڭىز سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇ، قانداق؟ − دېسەم ئېرىم:
-            − ئاپاڭنىڭ ئىدارىسى 30 مىڭ كوي بەردى. ئاپاڭ 50 مىڭ كوي ئەكەلدى، خەجلىمەي نېمە قىلىسەن؟ جان ئامان قالسىلا بولمىدىمۇ، سۆرۈلۈپ يۈرگىچە بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇر كەتكىنىمىز ياخشى، پۇل دېگەننى مۇشۇنداق يەردە خەجلىمەي، نېمە قىلغىلى تاپىسەن، ھاياتلا بولىدىكەنمىز، پۇل دېگەن تېپىلىدۇ،− دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ قويدى. بىز ئۇنى- بۇنى دېيىشىپ ئولتۇراتتۇق، ۋاڭ دوختۇر كۈلۈمسىرىگىنىچە كىرىپ كەلدى.
-            «ئاپىڭىزنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ كۆردۈم، باشقا ئەزالىرى ساق ئىكەن، پەقەت بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنچىكە ئۈچەي يارا بولۇپ كېتىپتۇ، بۇ كېسەلنى «كۇلۇڭبىڭ»دەيمىز. چەتئەللىكلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. بىز جوڭگولۇقلاردا يوق دىيەرلىك. شىنجاڭدا بۇنداق كېسەل بولمىغاچقا، داۋالىيالمىغان گەپ. ئوپىراتسىيە قىيىن ئەمەس، ئۆزەم ئوپىراتسىيە قىلىمەن. ۋاقتى 8-چىسلا ئەتتىگەن، سائەت سەككىزدە، ھازىردىن باشلاپ ئاپىڭىزنىڭ تامىقىدىن تارتىپ چوڭ-كىچىك تەرىتىگىچە ھالىدىن سېستىرالار خەۋەر ئالىدۇ. سىلەر مۇشۇ ياتاقتا يېتىۋېرىڭلار، ياتاق ھەققىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى ئوپىراتسىيە ٪98 ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ٪2 ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا بۇنىڭغىمۇ ئامال يوق. چۈنكى مەن بىر سەۋەپ قىلغۇچى، جان ئاللانىڭ ئىلكىدە، نىجاتلىق بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ، ئەكىتىپ قالسا كېتىپ قالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرلار ماۋزىدۇڭنىمۇ ساقلاپ قالالمىغان، شۇڭا ئويلىمىغان يەردىن تۈگەپ كېتىپ قالسا مېيىتنى ئەكىتىشنى ئويلىشىپ قويۇڭلار؟ مۇنداق دېسەم قۇرقۇپ كەتمەڭلار، مېنىڭچە ئىشەنچىم كامىلكى ئوپىراتسىيە بىر سائەتتە تۈگەيدۇ، خاتىرجەم بۇلۇڭلار،- دېدى. <<كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دېگەندەك ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ>>،-دېدىم. مەن ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ. بۇگەپنى ئاڭلاپ ئېرىممۇ چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالدى. خەنزۇلارنىڭ ئۆرۈپ –ئادىتىدە مېيىتنى ماشىنىغا، پويىزغا، ئايروپىلانغا سالمايدىكەن. <<ساقايمايدىغان كېسەلنى ھەرگىز بۇ شەھەرگە ئەكەلمەيدىغان ئىشكەن، ئويلاشماي كېپقاپتۇق، ناۋادا ساقىيالماي قالسا ئۆلۈكى مىشەدە قالارمۇ ئەمدى>> دەپ غەمگە پاتتۇق. مۇشۇ ھەلەكچىلىكتە  ئوپىراتسىيە قىلىدىغان كۈننىڭ كەلگىنىنىمۇ بىلمەي قاپتۇق. ئاپامنى ئوپىراتسىيىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بىزگىمۇ باشقا كەلگەننى كۆرمەكتىن باشقا ئامال بولمىغاچقا، <<ئەلھۆكمىللىلا>> دەپ ئوپىراتسىيىنى كۈتۈپ تۇردۇق. شۇ ئەسنادا بۇغداي ئۆڭ، ياپما قاپاق، كۆزى پالدىرلاپلا تۇرىدىغان، بويى ئىگىز، ئورۇق، چېچىغا ئانچە-مۇنچە ئاق سانجىغان بولسىمۇ چىرايىدىكى قورۇقلاردىن قېرىلىق يەتكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئەر خەزۇ ئوڭ قولىدا بىر دەستە گۈل، سول قولىدا تاۋاقتەك چوڭلۇقتىكى ناندىن بەش-ئالتىنى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ كۆتۈرۋالغىنىچە كىرىپ كەلدى،-دە بىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئاندىن گۈل بىلەن ناننى دېرىزە تەكچىسىگە قويۇپ بىزگە ئۇيغۇر تىلىدا:
-فامىلەم جاڭ، جاڭ لى دېسىڭىز بولىدۇ. مەنمۇ ئۈرۈمچىلىك، مائارىپ نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. ئىككى بالام بار ئىدى. چوڭى قىز، ئۇ، بېيجىڭ ئونۋېرسىتىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىدە ئاسپىرانىتلىقنى پۈتتۈرۈپ مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئوغلۇم بېيجىڭ قاتناش ئونۋېرسىتىنىڭ ئاسپىرانىلىقىنى پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولدى. مەن ئايالىم بىلەن پېنىسيىگە چىققاندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋالغان. بەش يىل بولدى. نەشرىياتتا ئىشلىگەن چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار بىلەن تولىمۇ ئىناق ئۆتكەن، دۆڭ كۆۋرۈكنىڭ كەچلىك بازىرى كۆزۈمگە ئوت بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بالىلارنى دېمىسەم بۇ يەردە بىر كۈن تۇرغۇم يوق. چۈنكى مەن ئۈرۈمچىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تاماقلىرىغا كۆنۈپ كەتكەنمەن. بۇ يەردە ئېغىزغا تېتىغۇدەك تاماق يېيىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا بارمىسىڭىزبولمايدۇ. بۇ ناننى شۇ يەردىن ئالغاچ كەلدىم. يەنىلا دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا يەتمەيدىكەن. سىلەرنى كۆرۈپ دۆڭكۆۋرۈكنىڭ مەنزىرىسى كۆز ئالدىمغا كېلىپ قالدى. قالتىس بازار جۇمۇ ئۇ، توخۇ سۈتىدىن باشقىسى تېپىلىدىغان، قىزىم :<<ئۈرۈمچىدىن بىر جۈپ ياش ئۇيغۇر ئەر-ئايال ئاپىسىنى داۋالاتقىلى كەپتىكەن، بىزنىڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتى>> دېگەنتى، ئولتۇرالماي قالدىم. تونۇشلىرىمنىڭ بالا-چاقىلىرى چىقىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس، ئۇنداق بولمىسىمۇ ئۈرۈمچىلىكنى كۆرسەم ئۈرۈمچىنى سېغىنىشىمنىڭ پەسىيىشىگە ئازراق دال بولار،-دېدىم- دە، ئەتتىگەندىلا بۇ يەرگە كېلىشىم،-دېگەنتى، ئىرىم:
-ئاۋارە بولۇپ يوقلاپ كەلگىنىگىزگە كۆپ رەھمەت، ناۋادا ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا، مېيىتنى ئەكەتكىلى بولارمۇ؟-دېۋىدى.
-مۇمكىن، ئىلگىرى مۇشۇنداق بىر ئىش بولغان، خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇنداقمۇ بولماس، شۇنداق بولۇپ قالسا، مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ مېيىت توشۇيدىغان بىر ماشىنىسى بار. 20 مىڭ كوي بېرىمىز، خاتىرجەم بولۇڭ دەپ تۇرۇشىغا بىر سېستىرا:
-ئوپراتسىيىگە كىرگەنلەر قايتىپ چىقتى، ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بوپتۇ،-دېگەنتى. بۇ خۇشاللىقتىن بىزنى ئالايىتەن يوقلاپ كەلگەن كىشى بىلەن خوشلاشمايلا ھەر ئىككىلىمىز ئاپامنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كىردۇق. ئاپام كارۋاتتا ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئەركىن نەپەس ئېلىپ ئۇخلاۋاتاتتى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالغانىدىم. ۋاڭ دوختۇر ئەمدىلا يۇيۇپ بولغان قوللىرىنى لۆڭگە بىلەن ئېيتىپ تۇرۇپ:              
                                              -ئۇششاق-چۈششەك  كېسىلى بولمىغاچقا، ئوپىراتسىيە 40 مىنۇتتا تۈگىدى. بىر-ئىككى كۈن تىككەن جاي ئانچە-مۇنچە ئاغرىيدۇ. 16 يىپلىق تىكتۇق، ئىتى ياخشى ئىكەن. ئاسان تۇتۇپ كېتىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا بىر ھەپتىدە كارىۋاتتىن چۈشىدۇ،-دېدى. بۇ گەپلەر بىزنى بارلىق غەمدىن خالاس قىلدى. مەن ۋاڭ دوختۇرنىڭ خەنزۇ تۇرۇپ يەنە كېلىپ ئامىرىكىدا ئوقۇغان زىيالى تۇرۇپ پات-پات خۇدانى ئاغزىغا ئالغىنىغا ھەيران قالدىم. بىر ھەپتە بولغاندا ئاپام كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولدى. بىز بۇ خۇشاللىقتا كېتىش تەييارلىقىنى قىلغاچ تۇردۇق. 20كۈن بولغاندا سەلمازا ساقىيىپ، بەدىنىدىكى يىپنىمۇ دوختۇر ئېلىۋەتتى. ئېرىم ئاللىبۇرۇن بىيجىڭغا كېلىشتە ئالدىمىزغا چىققان ئاغىينىلىرى بىلەن تېلىغۇنلىشىپ پويىز بېلىتىنىمۇ ئەكەلدۈرۈپ قويغانىدى. بىز 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ساق-سالامەت ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدۇق. پويىزدىن چۈشۈشىمىزگە قېيناپام بىلەن قېيناتام ئىككى بالامنى تولىمۇ پاكىز، رەتلىك كىيىندۈرۈپ ئالدىمىزغا چىقىپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم . بۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ ئاندىن قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشتۈم ،-دېدى. بۇ چاغدا زال تىمتاسلىققا چۆمگەن بولۇپ، پۈتكۈل تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتى ئايالىمدا ئىدى. ئۇنىڭ بىر جۈپ بولاقتەك كۆزىدىن سىرغىپ چىققان ئىككى تامچە ياش مەڭزىنى بويلاپ ساقىپ كېتىۋاتاتتى.ئايالىم:                                      
-مېنىڭ شەخسى تۇرمۇشۇمدا دائىم ئويلايدىغىنىم قېيناپام بىلەن قېيناتامنىڭ ماڭا قىلغان ئەجرىنى قايتۇرالماي قالارمەنمۇ؟ دەپ ئەنسىرەشتىن ئىبارەت،-دېگەنتى، بىردىنلا پۈتۈن زالدا ئالقىش چاۋاكلىرى  ياڭرىدى.
<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>> ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى.                                                      

               

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1330
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 520
تۆھپە : 0
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 23:59:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى قىينى ئانا ياخشى كىلىنلەر  يەنىلا كۆپ

ئۆز قەدرىنى بىلگەن كىشى .ئۆزگىلەرنىمۇ قەدىرلەيدۇ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  110
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 958
تۆھپە : 50
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 11:56:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە بەكلا قالايمىقان، بەزى بۆلەكلەر  تەكرارلىنىپ كىتىپتۇ. ئوقۇپ چۈشەنمەك خىلى تەسكەن. بولسا ھېكايىنىڭ ئاپتۇرى بىر تەھرىرلىۋەتسە.
قارىغاندا يوللاشتىن بۇرۇن ئوقۇپ كۆرمەيلە يوللانغاندەك تۇرىدۇ.

تەستىقلىغۇچىمۇ دىققەت قىلمىغان چىغى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 11:58  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  110
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 958
تۆھپە : 50
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:08:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ ئىنكاسنى يازماي دېگەن لېكىن، بۇ ئاغزىمنىڭ ئىتتىكلىكى يەنىلا يول قويمىدى.
ھېكايە ئەمەلىيەتتىن بەك يىراق، تۇرمىشتىكى قىينى - ئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى مىھىر تەسۋىرلىنىشكە خىلى كۈچەلگەن بولسىمۇ يەنىلا  كەمتۈك تۇيۇلدى ماڭا.
يەنە بىرسى، زىيارەت قىلىنغۇچىغا ئۇنچىلىك ئۇزۇن جەرياننى سۆزلىگىدەك ۋاقت بېرىلمەيدۇ،  بۇ جەريانمۇ بەك سوزۇلما.
ئەگەر ھېكايە يېزىش مۇشۇنداق ئاسان بولىدىغان بولسا  نۇرغۇن ئادەم يازغۇچى بولۇپ كىتەر ئىدى دەپ ئويلاپ قالدىم.
تىما ئىگىسىگە:
بەلكىم بۇ سۆزۈمنى ئوقۇپ -سىز قانچىلىك يازدىڭىز؟- دەپ سوراپ قالارسىز لېكىن مەن بىر ئوقۇرمەن، ئوقۇغان ھېكايىلىرىم خىلى كۆپ. زوردۇن سابىرنىڭ ھېكايىلىرى مەندە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىمۇ بار.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى مىھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ  ھېكايىلىرىنى، ئايىمنىسە سۇلايماننىڭ شىېرلىرىنى قوغلاپ ئوقۇۋاتىمەن.
سۆزلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىزنى ئۈمت قىلىمەن، چۈنكى بۇ مۇنبەر ئۆز ئارا پىكىرلىشىش، ئۈگۈنۈش سورۇنى بولغاچ ئويلىغانلىرىمنى دېگۈم كەلدى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  265
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 330
تۆھپە : 1
توردا: 90
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>> ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى.


ئىسمىڭىزغا قاراپلا بېسۋەتكەن ئىكەندە ئىۋۇ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»دىكىلەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1820
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:58:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر تەپسىلى خەۋەر ئىكەنغۇ. ئەدەبىي ئاخباراتقا يېقىنراق...

   ئاكا، سىزگە نەسھەتىم بولسۇن، سىز دادىڭىزنىڭ ئەسلىمە، خاتىرىلىرىنى ئومدانراق يېزىپ چىقىڭ. ئەدەبىيات ساھەسىگە سوقۇنۇپ كىرمەڭ.
  بولمىسا، ئاتىڭىزنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش