ximal
كۆرۈش: 233|ئىنكاس: 6

«ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى»ھەققىدە رادىيودا سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1763
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 06:47:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى«ئېنتېرنېت ۋە تور ئەدەبىياتى »توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ،تور ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردى




2012-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى(يەكشەنبە) ئەتتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:00دىن 9:00غىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسى  «شەھەر ئاۋازى» پروگراممىسىدا ھوشۇرجان خىزىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېنتېرنېتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بارلىققا كەلگەن ، خەلقىمىزنىڭ ناھايتى قوللشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقان «ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى»ھەققىدە بىر سائەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىملىق رادىيو سۆھبىتىگە «شىنجاڭ مەدەنىيتى »ژورنىلىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بەگمەت يۈسۈپ ئەپەندىم ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەپەندىملەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. شۇنداقلا سۆھبەت جەريانىدا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرى ئەلكۈيى تورىدا ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىنى يوللاپ،بارلىق تور ئەھلىگە تونۇلىۋاتقان ، ھەممەيلەننىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىۋاتقان ئەزايىمىز  بەرگىيە(تۇرسۇنئاي )نى تېلفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلدى.

«شىنجاڭ مەدەنىيتى »ژورنىلىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بەگمەت يۈسۈپ ئەپەندىم

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەپەندىم

«107.4 چايخانا پاراڭلىرى»، «شەھەر ئاۋازى»، «شاتلىق مىنۇتلىرى» قاتارلىق پىروگراممىلارنىڭ رىياسەتچىسى ھۇشۇرجان خىزىر

سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغا مېھمانلار ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنى،كەلگۈسى شۇنداقلا تور ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىم ئامىللارنى سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويدى.سۆھبەت جەريانىدا  يەنە ئېنتېرنېتنى ئىپادىلەش سۇپىسى قىلغان تور ئەدەبىياتى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە؟ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن تور باشقۇرغۇچىلىرى،تورداشلار ۋە توردا ئەسەر يازغۇچىلار،ئىنكاس يازغۇچىلار قايسى جەھەتلەردە دىققەت قىلىشى ۋە ئۈگىنىشى كېرەك دېگەن نوقتىلار مۇلاھىزىلىك سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەلكۈيى تورىدا ئەسەر ئېلان قىلىپ تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقان ئەزايىمىز بەرگىيە رادىيو ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيدان تېلفۇن زىيارىتىنى سۆھبەت جەريانىدا قوبۇل قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى ،تورغا ئەسەر يوللاشتىكى مەقسەت -مۇددىئاسى شۇنداقلا تور ئەدەبىياتىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئۈمىد -ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى»نىڭ گۈللنىشى ۋە كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق سۆھبەت ھەر بىر تورداشنىڭ توردىن ئەسەر ئوقۇش ۋە يېزىشتا پايدىلىنىشىغا،توردىكى ئەسەرلەرگە بولغان قارىشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە شۇنداقلا ئەنئەنىۋى مەتبۇئاتلار(يەنى گىزىت -ژورناللار ) بىلەن تور ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت بۇ ئىلغار ۋاستىگە ئېگە يېڭى مەتبۇئات شەكلىنىڭ مۇناسىۋىتى پەرقى ۋە گۈللىنىشى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان ياخشى ئوقۇشلۇقى بولۇپ،بىر قېتىم تولۇق ئاڭلاپ چىقىشقا شۇنداقلا ئۆز بۇرچى ۋە مەجبۇرىيتىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلىشقا تىگىشلىك بولۇپ،تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ،تۈنۈگۈن ئەتتىگەنكى رادىيو سۆھبىتىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.

شەھەر ئاۋازى پروگراممىسىنىڭ سۆھبىتىدىن كىيىن  تەكلىپلىك مېھمانلار رادىيو ئىستانسىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە

«تور ئەدەبىياتى»دىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە مەتبۇئات شەكلى ئەلۋەتتە نۇرغۇن قولايلىقلارغا،ئالاھىدىلىكلەرگە  ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن بۇنىڭدىن كىيىن يەنىمۇ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكۈسى ،ئەلۋەتتە  تور ئەدەبىياتى خەلقىمىزنىڭ ئىلغار پەن -تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرىشىغا،تور بېكەت مەسئۇللىرى ۋە تور مۇھەرىرلىرىنىڭ ئۆزىگە يەنىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ تور سەھىپىلىرىنى باشقۇرىشىغا،تورداشلارنىڭ ھەر بىر ئىنكاسقىمۇ بىر تېمىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىغا ھەمدە ئەنئەنىۋى مەتبۇئاتلاردا ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدۇرۋاتقان،ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ زور ئالقىش-مەدەتلىرىگە ئېرىشىۋاتقان يازغۇچى-شائىرلىرىمىز،تەتقىقاتىچى ،ئوبزورچىلىرىمىز...نىڭ دادىللىق بىلەن تورغا چىقىپ ئۆزنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىنى توردا ئېلان قىلىپ تورداشلار بىلەن ئەسەرلىرى ھەققىدە ، ئۆز كۆز-قاراشلىرى ھەققىدە دادىل پىكىرلىشەلەيدىغان روھى ئاستىدا يەنىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدۇ.تورداشلارنىڭ تېما ئاستىدىكى ئىنكاسلاردا تور ئەدەبىياتى ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى شۇنداقلا تەكلىپ -پىكىرلىرىنى تېتىملىق ئىنكاسلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.


مەنبە: ئەلكۈيى تور بېكىتى


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 12:30  


ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 628
تۆھپە : 0
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:08:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدىلا!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qasimjanosman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 12:06  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1408
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1404
تۆھپە : 23
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستىدىكى ئاي.كۈننى ئۆزگەرتىپ قويساڭلار بولغۇدەك، بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ.


مەن خىيال پىسخىكىسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 628
تۆھپە : 0
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 12:05:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىشە يوللىغان ۋاقتى  2012-7-31 11:40
ئاستىدىكى ئاي.كۈننى ئۆزگەرتىپ قويساڭلار بولغۇدەك، بىر ...

يازغۇچىلار تورىغا يۆتكىگەندە، 100 يىل ئالدىغا يېزىپ قويسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. دىمگۇراتىيەسى يوق، مەشھۇر ئادەم سېسىتقۇچىلارغا مەيدان ھازىرلىغان باشلامچى بىكەت ئەلكۈيىنىڭ بۇ پىرۇگراممىسى مۇشۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇش ئۈچۈن سائادەتنىڭ كۈچ چىقارغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1416
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 327
تۆھپە : 0
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 12:16:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشاش پىكىردە مەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  116
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 162
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 14:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ئاز تەكلىپ قىپتۇ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1763
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 20:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تېما بولغىنى ئۈچۈن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يۆتكەپ قويغان ئىدىم. سىلەرنى ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە نارازى قىلىپ قويغان بولسام ئۆزرىلىكمەن. بۇ تېما ئۆچۈرۈلسە ھېچقانداق پىكرىممۇ يوق.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش