كۆرۈش: 486|ئىنكاس: 0

ئابدۇرېھىم مۇھەممەد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  280
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1451
تۆھپە : 9
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-19

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 14:47:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئابدۇرېھىم مۇھەممەت 1961-يىلى 2-ئايدا ئاقتۇ ناھىيە ئۈجمە يېزا ئاماشى كەنتىدە خىزمەتچى ئائىلسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈز يۇرتى ۋە ناھيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تاماملىغاندىن كىيىن 1978-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ يىڭىسار ناھيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، سابىق ئاقتۇ ناھيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئاقتۇ ناھيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ 2007-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ پىنسىيەدە.
ئۇنىڭ  ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللاردا2000پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،نەسىر ۋە ماقاللىرىنى ئېلان قىلىنغان. «ئۆركەش»«100شىئىر»«مۇھەببەت لىرىكىلىرى»«گۈزەل ئارزۇلار»«قەلىپ سوۋغىسى» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. «سەن بار» ناملىق شىېئىرىغا ئىشلىگەن ناخشا مەركىزى خەلق رادىئۇ ئىستانتىسى تەرپىدىن مۇكاپاتلاندى ھەم داۋاملىق رادېئۇدا ئاڭلىتىلىپ كەلمەكتە، يۇقارقى مۇۋاپىقىيەتلىرى ئاساسىدا ئۇ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا نوپۇزلۇق ئەدىپلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئابدۇرېھىم مۇھەممەت ھازىر جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمئىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىتى، قىزىلسۇ ئوبلاسىتىلىق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللاسى يىغىش سەۋەبى
ئاكا + 200

ھەممە باھا نومۇرى : تىللاسى + 200   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش