ximal
كۆرۈش: 170|ئىنكاس: 1

ئامېرىكىنىڭ غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1843
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 4522
تۆھپە : 31
توردا: 399
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 10:45:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      ئامېرىكىنىڭ غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى توغرىسىدا

                              ئايجامال سەمەت

    (ئاقسۇ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)

قىسقىچە مەزمۇنى: ئامېرىكا 1783-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، تەدرىجىي مۇستەملىكە يولىغا مېڭىپ زورايدى، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، ھەتتا ئۆز زېمىنىدىن 10 ھەسسە كەڭ زېمىنلارنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سېلىشتۇرمىسىدا دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، مەزكۇر ماقالىدە، ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قاراشتا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجابىي ھەم سەلبىي تەسىرى قىسقىچە تەتقىق قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئامېرىكا؛ غەرب؛ كېڭىيىش؛ تەسىر


1783-يىلى ئامېرىكا ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ زېمىنى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا جايلاشقان شەرقى قىسىمدىكى دەسلەپكى 13 مۇستەملىكە شىتات بىلەن چەكلىنەتتى. ئومۇمىي زېمىنى 800 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشمايتتى. مۇستەقىل بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تېخى تولۇق تەرەققىي قىلمىغان ئامېرىكا غەربىي قىسىمغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە زېمىن كېڭەيمىچىلىكى قىلىپ 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان قىسقىغىنا يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىن غەربتە تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە، شىمالدا كانادادىن جەنۇبتا مېكسىكىغىچە بولغان بىپايان زېمىنغا ئېرىشتى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي زېمىنى 9 مىليون كىۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ مۇستەقىل بولغان ۋاقتىدىكىدىن ئون نەچچە ھەسسە كۆپەيدى.
«غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى» ئامېرىكىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكۈزدى ھەمدە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە بىر قاتار ياخشى ۋە يامان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۆۋەندە «ئامېرىكىنىڭ غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى» ۋە ئۇنىڭ جەريان نەتىجىلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەسىرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزمەكچىمەن.
1. «زېمىن كېڭەيمىچىلىكى»نىڭ سەۋەبى ۋە جەريانلىرى
ئامېرىكىنىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىدە تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىت تەڭ مۇھىم رول ئوينىدى. 1) تارىخىي شارائىت. «ئامېرىكا مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى ۋاقىتتا پەقەت شەرقىي قىسىمدىكى13 شىتات بىلەن چەكلىنەتتى. ئامېرىكا ئەنگلىيەنى شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلىقىدىن ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدا ئىسپانىيە ۋە فىرانسىيەدىن باشقا ئامېرىكا بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان كۈچلۈك دۆلەت قالمىدى»①. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىدە مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشلىرى بىلەن بەند ئىدى.
ئەنگلىيە ياۋروپادا فىرانسىيە بىلەن تىركىشىپ ئاساسلىق زېھنىنى ناپولېئون باشچىلىقىدىكى فىرانسىيەنىڭ ئۆزىگە تاجاۋۇز قىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىشكە قاراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگلىيە ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى كونترول قىلىش بىلەن بەند ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي شارائىت ئامېرىكىنىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىكىنى كۆڭۈلدىكىدەك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. 2) ئىجتىمائىي شارائىت. 16-ئەسىرگە كەلگەندە، «شەرقتىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۈنسايىن چۈشكۈنلىشىپ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزىي شەرقتىن غەربكە يۆتكەلدى»②. غەربىي ياۋروپادىكى يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يېڭى زېمىنلارنى تېپىپ مۇستەملىكىلەرنى قۇرۇپ ئالتۇن، كۈمۈش، تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاپ-تالاش ئۈچۈن پائال ئىزدەندى. زېمىنى كەڭرى، تەبىئىي بايلىقلىرى مول ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ بايقىلىشى ئۇلارنى چەكسىز خۇشال قىلدى. يېڭىدىن بايقالغان قۇرۇقلۇقتا مۇستەملىكە قۇرۇپ بايلىق بۇلاش ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق بېيىش يولىغا ئايلاندى. نەتىجىدە، بۇ سەپكە ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن قوشۇلدى.
ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى بايقالغان دەسلەپكى دەۋردىلا، زېمىنى مۇنبەت، سۈيى مول، ئىقلىمى يېقىشلىق، تەبىئىي بايلىقلىرى ھېسابسىز بولغان شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى ياۋروپا كۆچمەنلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىش نىشانىغا ئايلاندى. ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغانلار ۋە مۇستەملىكە قىلىپ ئاچقانلار پورتۇگاللار بىلەن ئىسپانلار ئىدى. پورتۇگالىيەنىڭ مۇستەملىكە نىشانى جەنۇبىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى بولدى. «جەنۇبىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمى ئىسپانىيەنىڭ ئاساسلىق مۇستەملىكە نىشانى ئىدى. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسپانىيە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەڭ مۇنبەت، ئەڭ باي رايونى بولغان ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا جايلاشقان شەرقى جەنۇب قىسمىدا بىر نەچچە مۇستەملىكە شىتات قۇردى»③. 1588-يىلى پارتلىغان ئەنگلىيە -ئىسپانىيە دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە غەلبە قىلىپ ئىسپانىيەدىن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىنى تارتىۋالدى. ئەنگلىيە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى بۇ باي، مۇنبەت زېمىنلاردا ئارقا-ئارقىدىن مۇستەملىكە شىتاتلارنى قۇردى. 18-ئەسىردە ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكە شىتاتلىرى كۆپىيىپ 13كە يەتتى. دەسلەپكى يىللاردا ئەنگلىيە ئامېرىكىغا جىنايەتچىلەرنى پالىدى. مۇستەملىكە شىتاتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئەنگلىيە تېخىمۇ كۆپ بوز يەر ئېچىپ، كۆپلەپ بايلىق ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا زور تۈركۈم نوپۇس كۆچۈردى. 1783-يىلى ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلدى. 19-ئەسىرگە كەلگەندە، ياۋروپا نوپۇسىنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كېتىشى، ئۇرۇش، ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن ياۋروپادا ئىنتايىن زور كۆلەملىك يېڭى زېمىنلارغا كۆچۈش دولقۇنى قوزغالدى. ئامېرىكا يەنىلا كۆچمەنلەرنىڭ ئاساسلىق كۆچۈش نىشانى بولدى. فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئىرلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن نۇرغۇن كۆچمەنلەر ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى زىيادە كۆپىيىپ كېتىپ يەر يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن زېمىن تالىشىش ماجىرالىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئېكىنزار خوجايىنلىرى بىلەن نامرات دېھقانلارنىڭ كۆزى مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ غەربى قىسمىدىكى بىپايان مۇنبەت زىمىنغا چۈشتى. زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ھۆكۈمەت ۋە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى. 3) زېمىن كېڭەيمىچىلىك جەريانى. ئامېرىكا مۇستەقىل بولۇپ، يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە زېمىن كېڭەيمىچىلىك قىلىپ «ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن تىنچ ئوكيان بويلىرىغىچە، كانادادىن مېكسىكىغىچە بولغان كەڭ زىمىنغا ئېرىشتى. ئامېرىكا زېمىن كېڭەيمىچىلىكىدە زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىش، مەجبۇرىي سېتىۋېلىش، قورال كۈچىگە تايىنىپ ھەيۋە كۆرسىتىش، بېسىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلاندى»④. 1800-يىلى جىففرسۇن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كەڭ-كۆلەمدە زېمىن كىڭەيمىچىلىكىنى باشلىدى. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ناپولېئون قوزغىغان ياۋروپا ئۇرۇشى ۋە لاتىن ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ ئىسپانىيەگە قارشى ئۇرۇشلىرى ئامېرىكىنىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىكىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.
ئامېرىكا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «1810-يىلى ئىسپانىيەگە قاراشلىق غەربى فىلورىدانى بېسىۋالدى. 1818-يىلى ئەسكەر چىقىرىپ شەرقى فلورىدانى بېسىۋالدى. ئىككىنچى يىلى 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا شەرقى فىلورىدانى مەجبۇرىي سېتىۋالدى. ئامېرىكا ئەنگلىيەنىڭ فىرانسىيەگە قارشى ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ كانادانى ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن تارتىۋالماقچى بولدى»⑤. 1812-يىلىدىن 1814-يىلغىچە شىمالغا كېڭىيىش ئۇرۇشىدا ئامېرىكا مەغلۇپ بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق نىشانىنى غەربكە قاراتتى. 1825-يىلى ئامېرىكا مېكسىكىنىڭ زېمىنى بولغان تىكساسنى بېسىۋالدى، 1845-يىلى ئامېرىكا يەنە مېكسىكىنىڭ زېمىنى بولغان كالفورنىيەنى بېسىۋالدى. 1846-يىلى ئامېرىكا مېكسىكىغا قارىتا ئۇرۇش قوزغاپ، 1848-يىلغىچە بولغان ئىككى يىللىق ئۇرۇشتا مېكسىكىنىڭ گىرانت دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى پۈتكۈل زېمىنىنى تارتىۋالدى. ئامېرىكا يەنە 1846-يىلى ئەنگلىيەگە تەھدىت سىلكىپ ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن ئورگۇن رايونىنى تارتىۋالدى. 1867-يىلى رۇسىيەدىن ئالياسكىنى ئەرزان باھادا سېتىۋالدى. ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنى پورتۇگالىيەدىن تارتىۋالدى. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ زېمىنى 9 مىليون كىۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى ۋاقىتتىكىدىن ئون نەچچە ھەسسە كېڭەيدى.
2. زېمىن كېڭەيمىچىلىكىنىڭ تەسىرى
1) زېمىن كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئىجابىي تەسىرى. ئامېرىكا يېرىم ئەسىر داۋاملاشقان غەربكە كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق زېمىنىنى نەچچە ھەسسە كېڭەيتىپ مۇنبەت تەبىئىي بايلىقلار مول بىپايان زېمىنغا ئېرىشتى. بۇ مۇنبەت زېمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلار ئامېرىكا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەرلىك ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
«غەربكە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ھەرىكىتى» ئامېرىكىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق رول ئوينىدى. قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنىشى زېمىن كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىجابىي تەسىرى ئىدى. غەربىي قىسىمدىكى زېمىنلارنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كاپىتالىستىك تۈزۈم بىلەن جەنۇبىي قىسىمدىكى قۇلدارلىق تۈزۈم ئوتتۇرىسىدا كەسكىن زىددىيەت پەيدا بولدى. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدا كاپىتالىستىك ئىگىلىك تەرەققىي قىلىۋاتاتتى. جەنۇبتا بولسا، قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئېكىنزارلىق ئىگىلىكى ساقلىنىۋاتاتتى. «غەربكە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ھەرىكىتى» نەتىجىسىدە «زېمىننىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يېڭىدىن كېڭەيگەن زېمىنلاردا كاپىتالىستىك تۈزۈم ئورنىتىش ياكى قۇللۇق تۈزۈم ئورنىتىش ئۈستىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تالاش-تارتىش باشلاندى»⑥. جەنۇبتىكى قۇلدار ئېكىنزارلىق خوجايىنلىرى بولسا، غەربىي قىسىمدىكى يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان زېمىنلاردا قۇللۇق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كىڭەيتىش ئۈچۈن شىمال بىلەن كەسكىن تىركەشتى. «ئاخىرى بۇ زىددىيەت كەسكىنلىشىپ جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى»⑦. 1861-يىلى جەنۇبىدىكى 11 شىتات ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ، شىمالدىكى شىتاتلارغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى. «جەنۇب ئىلگىرىدىنلا ئىسيان كۆتۈرۈش قەستىدە بولغاچقا، ئاللىقاچان ھەربىي ھازىرلىقلارنى پۈتتۈرۈۋالغانىدى. شىمال تەييارلىقسىز بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇب ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەچكە، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا قىسمەن غەلىبىگە ئېرىشتى»⑧. 1862-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا لىنكولىن «يەر-جاي قانۇنى»، «نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى»نى ئارقا-ئارقىدىن جاكارلىدى. بۇ خىتابنامىدە جەنۇبتىكى شىتاتلاردىكى قۇللارنى ئەركىن كىشىلەر دەپ قارايدىغانلىقى قوشما شىتاتلار ئارمىيەسىگە قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئامېرىكىدىكى نېگىر قۇللارنىڭ 300 يىلدىن ئارتۇق ئېچىنىشلىق قان-ياشلىق قۇللۇق ھاياتىغا خاتىمە بېرىلدى. «غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى» نەتىجىسىدە، ئېرىشكەن يېڭى زېمىنلاردا قايسى خىل تۈزۈمنى ئورنىتىش سەۋەبىدىن زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، پارتلىغان جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى كاپىتالىستىك تۈزۈم قۇلدارلىق تۈزۈمنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئامېرىكىدا قۇلدارلىق تۈزۈم يوقىتىلىپ، نەچچە مىليون نېگىر قۇللار ئەركىنلىككە ئېرىشتى. ئومۇميۈزلۈك كاپىتالىستىك تۈزۈم يولغا قويۇلۇپ، كاپىتالىستىك ئىگىلىك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە قوشما شىتات تۈزۈمى مۇستەھكەملەندى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەنگلىيەدىن ئېشىپ كېتىپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.
2) «غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى»نىڭ پاسسىپ تەسىرى. «غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى» باشتىن-ئاخىر ئىندىيانلارنى قىرغىن قىلىش بولدى. ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى بايقالغان دەسلەپكى دەۋرلەردىن باشلاپلا ئىندىيانلا قىرغىنچىلىققا ئۇچراشقا باشلىغانىدى. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە مۇستەملىكىلەرنى قۇرغان ۋاقىتتا، ئىندىيانلارنى كۆپلەپ قىرغىن قىلدى. ئىندىيانلار ئامالسىز باي، مۇنبەت ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىنى تاشلاپ ئوتتۇرا قىسىم ۋە غەربىي قىسىمدىكى قويۇق ئورمانلىق، قاقاس تاغلىقلارغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەنگلىيە ئامېرىكىنى ئىسپانىيەنىڭ قولىدىن تارتىۋالغاندىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكىدا مۇستەملىكىلىرىنى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتتى. ئىندىيانلار ئەنگلىيە تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلىندى. قىرغىنچىلىقتا ھايات قالغانلىرى شىمالدا كاناداغا، غەربى قىسىمدىكى قاقاس تاغلارغا يوشۇرۇندى. «ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ‹غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى›دە يەرلىك ئاھالىلەر بولغان ئىندىيانلارنى ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى ۋە قىرغىن قىلىپ ئۇلارنى تېخىمۇ قاقاس تاغلارغا، چۆللەرگە ھەيدىۋەتتى»⑨. ئىندىيانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان «ئىرقى تۇخۇمىنى قۇرۇتۇش» مەقسىتىدە ئىلىپ بېرىلغان مىڭ قېتىمغا يېقىن چوڭ قىرغىنچىلىقتا، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى نەچچە مىليون ئىندىياندىن 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، پەقەت ئادەم ئايىغى باسمىغان قاقاس چۆللەرگە، تاغلارغا يوشۇرۇنۇۋالغان 200 مىڭچە ئىندىيان ھايات قالدى. ئۇلار كېيىن «ساقلاپ قىلىنغان يەرلەر» نامىدىكى قاقاس چۆللۈكلەرگە ھەيدىۋېتىلدى. ئىندىيانلار «ساقلاپ قىلىنغان يەرلەر»گە كۆچۈش داۋامىدا ئاچارچىلىق، كېسەللىك سەۋەبىدىن كۆپ قىسمى قىرىلىپ كەتتى. كۆچۈپ بارغاندىكى تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچارلىقىدىن يەنە نۇرغۇن قىسمى ئۆلۈپ كەتتى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئامېرىكىدا ئىندىيانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. «غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى» ئىندىيانلارغا تۈگىمەس بالايىئاپەت، قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
خۇلاسە. ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ياخشى-يامان ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك، ئامېرىكىنىڭ «غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى»نىڭمۇ ياخشى-يامان تەسىرى بولدى. «غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى» ئامېرىكىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ بىر ئەسىرگە يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇستەملىكە دۆلەتتىن باشقا ئاجىز دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىدىغان جاھانگىر دۆلەتكە ئايلاندى. «غەربكە كېڭىيىش ھەرىكىتى» ئىندىيانلارنى زور كۆلەمدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى ھەتتا نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەسلىي مىللىتى بولغان ئىندىيانلار ئۆز زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ ۋە قانلىق قىرغىن قىلىنىپ، ئاز ساندا ھايات قالغانلىرى قاقاس تاغ ۋە چۆللەرگە قېچىپ بېرىپ ياكى ھەيدىلىپ ئۆز زېمىنىدا ئۆزى قاچقۇن بولۇپ ياشىدى. نەچچە مىليون نېگىر قۇللار ئېكىنزارلىقلاردا ۋە كانلاردا جاپالىق ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، ئەمگەكنىڭ جاپالىقلىقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن بەزى تارىخچىلار «بۈگۈنكى ئامېرىكا ئىندىيانلارنىڭ ئاپئاق سۆڭەكلىرى ئۈستىگە، نېگىرلارنىڭ قان-ياشلىرى بىلەن قورۇلغان» دەيدۇ.
ئىزاھاتلار ۋە پايدىلانمىلار:
①④⑥جو يىلاڭ، ۋۇ يوجىن: «دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى» (2-قىسىم)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1986- يىل 5-ئاي، 1-نەشرى، 317-،318-،321-،322-،324-،327-بەتلەر.
②③⑦ جو يىلاڭ، ۋۇ يوجىن: «دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى»، 1-نەشرى، 3-قىسىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1986-يىل 10-ئاي، 1-نەشرى، 92-،93-بەتلەر.
  ⑤⑧www.baidu.com   تەرجىمە قىلىنغان.
1. بېيجىڭ تارىخ فاكۇلتېتى تۈزگەن: «دۇنيانىڭ قىسقىچە تارىخى» 1-قىسىم، مىللەتلەر نەشرىياتى،  1977-يىلى 8-ئاي نەشرى.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


      论美国向西方扩张的影响

        阿依加玛丽•塞麦提

摘  要]1783年,美国摆脱英国的殖民统治,19世纪至中期的半个多世纪,美国快速扩张,领土增多了10几倍。因此美国的综合国力与领土进入了世界强国行列,成了殖民国。本文主要论述了美国“西进运动”的积极影响和消极影响。
[关键词]美国;西进运动;影响

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 10:46  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 13:14:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          خەيرىيەت، ئەمدى ئامېرىكىنىڭ شەرققە كىڭىيىشىنىڭ تەسىرى قانداق بولۇركىن.

يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش