مۇبارەكى «سې سەد رۇبائىي»
-شائىر روزى گۈلباينىڭ شۇ ناملىق توپلىمىغا باھا
شېرىن قۇربان
1
ئۆزىنىڭ پىروزا ئەسەرلىرى توپلىمى «ئاھ، دىلپارە» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2001-يىل نەشىرى) ۋە پوئېزىيە ئەسەرلىرى توپلىمى «سەيلىگاھ» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2004-يىل نەشىرى) بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تاجىك يازغۇچىسى ۋە شائىرى روزى گۈلباي ئەمدىلىكتە ھەر مىللەت كىتابخان-ئوقۇرمەنلىرىگە ئۆزىنىڭ «سې سەد رۇبائىي» (تاجىكچە 300 رۇبائىي) نى تەقدىم قىلدى. بۇ بىر ئەھمىيەتلىك قۇتلۇق ئىش بولۇپ، تەبرىكلەشكە ۋە مۇبارەكلەشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، خاس رۇبائىيلار توپلىمىنىڭ نەشىر قىلنىشى بۈگۈنكى دەۋىر تاجىك ئەدەبىياتىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش. شىنجاڭدىكى چوڭراق ئەدەبىيات بولغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ خاس رۇبائىيلار توپلىمى يوق دىسەك بولماس. ئەمما، ئىنتايىن ئاز. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، روزى گۈلباينىڭ «سې سەد رۇبائىي» توپلىمنىڭ نەشىر قىلنىشى بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ياكى يېڭىلىق يارىتىش ئەھمىيتىگە ئىگە.
شۇڭا توپلام توغۇرلۇق ئىككى كەلىمە سۆز قىلىشقا توغرا كەلدى.
2
تولۇقسىز سېتاتسىتكىغا قارىغاندا، ئەدىپىمىز روزى گۈلباينىڭ ئىجاد قىلغان رۇبائىيلار سانى مىڭدىن ئاشىدىكەن. «سې سەد رۇبائىي»، يەنى 300 رۇبائىي ئەنە شۇ مىڭ رۇبائىي ئىچىدىن تاللىنىپ توپلام قىلىنغان.
بىز شائىر روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرىغا قارىتا بىر قەدەر ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدۇقكى، روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى، بىرىنجىدىن، سان جەھەتتىن بىر قەدەر كۆپ، سۈپەت جەھەتتىن خېلىلا ياخشى ئىكەن. ئىككنىجىدىن، روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى ئىجادىيەت جەھەتتە بىردەملىك قىزغىنلىق ۋە تاساددىپى كەلگەن ھېسياتنىڭ مەھسۇلاتى بولماستىن، بەلكى مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئىجادىيەت ئادىتىگە ئىگە ئىكەن. تەكشۈرىشىمىزچە، ئۇ بۇنىڭدىن 30 نەچچە يىل ئىلگىرىلا رۇبائىي ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. دېمەكچىمىز ئۇنىڭ رۇبائىي ئىجادىيتى ئىزچىللىققا ئىگە. ئۈچىنجىدىن، روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى بۈگۈنكى تاجىك ئەدەبىياتىدا مۇئەييەن ئورۇن ۋە تەسىرگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبىك ئەدەبىياتىدا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە. چۈنكى ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىجاد قىلىنغان، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى سان جەھەتتىن خېلىلا زور. ئىجادىيەت جەريانىدا، ئۇيغۇر رۇبائىيچىلىق ئۇسلۇبى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ رۇبائىيچىلىق ئۇسلۇبىمۇ ئۇيغۇر رۇبائىيچىلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ ئەقەللى دېئالېكتكىدۇر. تۆتىنجىدىن، روزى گۈلباي رۇبائىيلىرى گەپ دۆۋىسى، قاپىيە ئويۇنى ۋە دەبدەبىلىك شۇئار ئەمەس، بەلكى ناھايىتى سەمىمى ۋە يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن چىققان بولۇپ، ئۇلاردا تۇرمۇش مەنزىرىسى، مىللى پۇراق، يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە زامان ھىدى ناھايىتى چېلىقىپ تۇرىدۇ ۋە باشقىلار.
3
بىز يۇقىرىدا بىر يەردە روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيچىلىق ئىجادىيتى مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە دېدۇق. بۇ گەپنىڭ مەنىسى شۇكى، تاجىكلارنىڭ مول ئەنئەنۋى رۇبائىيچىلىقى روزى گۈلباي رۇبائىيچىلىق ئىجادىيتىنىڭ پۈتمەس-تۈگمەس بۇلىقى. روزى گۈلباي تېماتىك مەزمۇن، شەكىل- قۇرۇلما ۋە ئۇسلۇب- ئېستىل جەھەتتە تاجىك ئەنئەنۋى رۇبائىيچىلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنسىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇنىڭدىن بەھىر ۋە ھوزۇر ئالغان. بىز بۇ يەردە روزى گۈلباي رۇبائىيلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تاجىك كىلاسسىك رۇبائىيچىلىقى، ئىران پارىس كىلاسسىك رۇبائىيچىلقى، تېخىمۇ يوغان گەپ قىلىپ، ئۇنى ھېكىم ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى، ھافىز شىرازى رۇبائىيلىرى، ئابدۇراھمان جامى رۇبائىيلىرى، ناسىرخىسرەۋ رۇبائىيلىرى، مىرزا ئابدۇقادىر بېدىل رۇبائىيلىرى بىلەن بىر يەرگە قويۇپ ياكى ئۇلارنىڭ كەينىگە تىزىپ لاپ گەپ قىلماقچى ئەمەسمىز. بىز روزى گۈلباي رۇبائىيلىرىنى پەقەت ئېلىمىز شىنجاڭ (پامىر) تاجىك خەلق رۇبائىيلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا ئۆتۈپ گەپ قىلماقچىمىز.
ئىپتىخارلىق ۋە پەخىرلىك ھالدا شۇنى ئېيتالايمىزكى، ئېلىمىز شىنجاڭ تاجىكلىرىنىڭ ئەل ئەدەبىياتى سىستىمىسىدا بىر نەچچە مىڭ رۇبائىي بار.
مەرھۇم تاجىك ئەل ئەدەبىيات ئۇستازلىرى تابلىدى ھوشۇر (1928-2002)، مۇھەممەت روزى (1936-1973)، ئاتاقلىق تاجىك يازغۇچىلىرى مۇنى تابلىدى، مەدەلخان بالۇن، ئاتىكەم زەمىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يىغىش، توپلاش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش نەتىجىسىدە تاجىك خەلق رۇبائىيلىرىدىن مىڭدىن ئارتۇقراقى توپلىنىپ، بىر قىسمى ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇچىدا تەرجىمە قىلىنىپتۇ. بۇ رۇبائىيلار ئاجايىب چىرايلىق، ئاجايىب تەسىرلىك بولۇپ، ئۇنى تاجىك خەلق ئىجتىمائى ھاياتنىڭ بەدىئى خاتىرسى دىيىشكە بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى رۇبائىيغا قاراڭ:
بەلدىرىم خوپ زېمىن، بەك ياخشى دىيار،
سۇلىرى سۈزۈك قەن، ئاجايىب گۈلزار.
پۇرغەللە چەشلىرى گوياكى كەشمىر،
بۇ يۇرۇتتا مەن دىلشاد، چەكمەيمەن ئازار.
رۇخسارىڭ ئاي ئۆزى، ھىلالدۇر-ھىلال،
نامىڭنى نىگار دەي، نىگاردۇر-نىگار.
ئېشقىڭدا قېرىدىم، مۈكچەيدى بىلىم،
دېمىدىڭ بىر قېتىم ئۇۋالدۇر-ئۇۋال③
①بەلدىر-تاشقورغان ناھىيسى بەلدىر يېزىسى.
②كەشمىر-جەنۇبى ئاسىيادىكى كەشمىر رايونى، ئاۋات، گۈزەل يەر.
③بۇ رۇبائىيلار «تاشقورغان خەلق ناخشا-قوشاقلىرى» دىن ئېلىندى.
تاشقورغان ناھىيلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى «ئۈچ توپلام» ئىشخانسى 1998-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى
ئېلىمىز تاجىك خەلق رۇبائىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاھاڭغا سېلىنغان بولۇپ، ئوقۇشقا، يادلاشقا ئەپلىك، شائىرىمىز روزى گۈلباي مانا مۇشۇنداق رۇبائىي مۇھىتىدا تۇغۇلغان، چوڭ بولغان. ئۇ يەنە تاجىك خەلق رۇبائىيلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشىر قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا ئۇ خەلق رۇبائىيلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، رۇبائىي ئىجادىيەت يولىغا قەدەم تاشلىغان. شۇڭا تامامەن ئېيتىشقا بولدۇكى، روزى گۈلباي رۇبائىيلىرى بىلەن تاجىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى رۇبائىيلىرى تاينىشلىق-باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىگەئىگە. تاجىك خەلق رۇبائىيلىرىدىن ئىبارەت بۇ سۈزۈك بۇلاق سۈيىدىن بەھىر ئالغان روزى گۈلباي رۇبائىيلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى، تەبىئىي ئەھۋال، ئەلۋتتە. چۈنكى «دەرەخنىڭ يىلتىزى قانچىلىك چوڭقۇر بولسا، ئۇ شۇنچە ئېگىز ئۆسىدۇ» (تاجىك خەلق ماقالى).
4
بىز شائىر روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرىغا قارىتا تىك ۋە توغرا يۆلىنىش بويىچە تەپسىلى نەزەر سېلىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدۇكى، شائىرنىڭ رۇبائىي ئىجادىيتى ئاددىيلىقتىن تەدرىجى مۇرەككەپلىككە، بىر خىل يۆنىلىشلىكتىن كۆپ خىل يۆنىلىشلىككە، تېيىزلىقتىن تەدرىجى چوڭقۇرلۇققا، ئاشكارا تەسۋىرلەشتىن ئوبرازلىق تەسۋىرلەشكە، قېلىپۋازلىقتىن ئەركىن بايانغا، ئىددىيۋى مەزمۇندە ھېكىمەت يارتىشقا، كالېندارچىلىق ئىجادىيەتتىن ھەققى ئىجادىيەتكە قاراپ تەرەققى قىلغان. مودا ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا، روزى گۈلباي رۇبائىي ئىجادىيتىدە ئىددىيدە ئازاد بولغان، يېڭىلىق ۋە خاسلىق- ئالاھىدىلىك يارتىشقا تىرىشقان. ھالبۇكى، بۇ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ لوگىكىسىغا، جۈملىدىن ئىجادىيەت تەرەققىيات قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ. دۇنيادا «ئىڭە-ئىڭە» ئەمەس، بەلكى «بىلىم-بىلىم» دەپ چۈشكەن بوۋاقنى جاھان ئەھلى تېخى كۆرگەن ئەمەس. دەرۋەقە «ھەممە تاش ئوخشاش يارالغان بولسا، ياقۇتنىڭ قەدىرى بولماس ئىدى، ھەممە ئادەم ئەقىلدە ئوخشاش يارالغان بولسا، ئەبۇئەلى ئىبىن سىنانىڭ قەدىرى بولماس ئىدى» (تاجىك خەلق ماقالى). دېمەكچىمىز، شائىر روزى گۈلباي بىر تەرەپتىن تەبىئىي ئىجادىيەت تالانىتقا ئىگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئىجادىيەتتە، بولۇپمۇ رۇبائىي ئىجادىيتىدە تەدرىجى تەرەققى قىلغان. بىز كىشىلەرگە، ئەسەرلەرگە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش نوقتىنەزەر بويىچە ئوبىكتىپ باھا بېرىشىمىز لازىمكى، ھەرگىزمۇ كىشىلەرگە «ئۇ كېچىكىدىلا ئەقىللىق يىشىيۇنىڭ ئۆزى ئىدى، بەزى تەرەپلەردە تېخى ئۇنىڭدىنمۇ ئەقىللىق ئىدى» دەپ باھا بەرمەسلىكىمىز لازىم. بىز ئوبزورچىلىق قائىدە- قانۇنىيتى ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. ھەرگىزمۇ ھېسياتقا بىرىلمەسلىكىمىز لازىم.
5
ئەمىدى بىز مەزمۇن، تېما تىكىستى نوقتىسىدىن روزى گۈلباي رۇبائىيلىرىغا نەزەر تاشلايلى. روزى گۈلباي رۇبائىيلىرى شەكىل جەھەتتىن ھەجىمى قىسقا، ۋەزنى نىسبەتەن ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر رۇبائىيسى ئىخچام شەكىل ئارقىلىق تولۇق ئاياقلاشقان بىر پۈتۈن پەلسەپىۋى، نەزەرىيۋى ۋە مەنتىقىلىق ئوي-پىكىرنى ھېسياتلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. بەزى رۇبائىيلىرى تېخى نەچچە ئون مىسرالىق شېئىر، غەزەل ياكى بىر داستان ئالغا سۈرمەكچى بولغان ئىددىينى قىسقا تۆت مىسرالىق رۇبائىي ئارقىلىق بىراقلا ئىپادىلەپ بەرگەن. شۇڭا، شېئىرىيەت ئىجادىيتىدە رۇبائىيچىلىق ئىجادىيتى روزى گۈلباينىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە خاسلىققا ئىگە شېئىر مۇۋەپپەقىيتى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئىددىيۋى مەزمۇن بويىچە، روزى گۈلباينىڭ «سې سەد رۇبائىي» نى «ۋەتەن، يۇرت توغرىسىدىكى رۇبائىيلار»، «تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر توغرىسىدىكى رۇبائىيلار»،«سۆيگۈ- مۇھەببەت توغرىسىدىكى رۇبائىيلار»، «كىشىلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى رۇبائىيلار» ۋە «تۇرمۇش ۋە ئەخلاق- پەزىلەت توغرىسىدىكى رۇبائىيلار» دەپ بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. تۆۋەندە ھەر بىر تۈر توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز.
ۋەتەن، يۇرت-ئەزىز دىيار، شېرىن دىيار. بىز ۋەتەن، يۇرت تۇپرىقىدا تۆرۈلۈپ، پانىي دۇنيادا ياشايمىز. بىز يەنە ۋەتەن، يۇرت تۇپرىقىدا باقى ئالەمدە ياشايمىز. بىزنىڭ مەۋجۇدىيتىمىز، بىزنىڭ تەقدىر-ئىقبالىمىز ۋەتەن-يۇرتنىڭ مەۋجۇدىيتى ۋە تەقدىر-ئىقبالى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق. ۋەتەندىن ئايرىلساڭ خارلىنسەن، قەلەندەر بولىسەن، بەزى كىشىلەرنىڭ يات ئەلدە مال-دۆلىتى زىيادە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى پەرىشان. مۇشۇ نوقتىدا، ۋەتەن، يۇرت ئەدەبىياتتا، جۈملىدىن شېئىرىيەتتە، جۈملىدىن رۇبائىيچىلىقتا مەڭگۈلۈك تېما. تاجىك كىلاسسىك مۇتەپەككۇر شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋىس (934-1025) نىڭ ئالەمگە مەشھۇر بولغان گىربك ئەما شائىرى ھومېر (مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-،9-ئەسىرلەردە ياشىغان) نىڭ «ئىلئادا» ئىپوسىدىن سەككىز ھەسسە زىيادە بولغان 120 مىڭ مىسرالىق شاھ كىتاب «شاھنامە» نى ئۇنداق سۈپەتلەيمىز، بۇنداق تەسۋىرلەيمىز، بىر ئېغىز خۇلاسە-ئۇنىڭ مەركىزى ئىددىيسى ۋە روھى-ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى ئىچىدە ۋەتەن ۋە يۇرت ھەققىدىكى رۇبائىيلىرى 70 تىن ئاشىدىكەن. بۇ رۇبائىيلاردا شائىر ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن، ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن ئەزىز ۋەتىننى، ئانا دىيارنى جەننەت، بىھشىت كەبى تەسۋىرلەپ، ۋەتەن، يۇرت ھېسياتىنى ئىپادىلىگەن.
ئالايلۇق:
يۇرت-ۋەتەن بىر گەۋدە-بىر پۈتۈن بەدەن،
گۈللەنسە يۇرت-ۋەتەن شۇ بەدەن تىمەن.
بولمىسا يۇرت ئاۋات، ۋەتەن قۇدرەتلىك،
ئاغرىيدۇ ئازابتا، كېسەلمەن شۇ تەن.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، شائىر روزى گۈلباي شەخىسنىڭ تەقدىر- قىسمىتىنى ۋەتەننىڭ تەقدىر قىسمىتى بىلەن ئورگانىك باغلىغان. شائىر دېمەكچى، «ۋەتەن- يۇرت گۈللەنسە، مەن خۇشال-خۇرام، ۋەتەن-يۇرت خارلانسا، دىلىم بىئارام».
يەنە بىر رۇبائىي:
يايلاقتا ئۆستۈممەن، يۈكسەك ئىستىكىم،
تاغ كەبى ياشىماق ئارزۇ-ئارمىنىم.
شادلىقتا سېزىمەن قۇتلۇق ئۆزۈمنى،
ئەجرىمدىن نەپ ئېلىپ كۈلسە ۋەتىنىم.
بۇ رۇبائىيدىمۇ شائىرنىڭ روھى-ئىستىكى ناھايىتى ھېسياتلىق ئىپادىلەنگەن.
شائىر روزى گۈلباينىڭ ۋەتەن، يۇرت ھەققىدىكى رۇبائىيلىرىنى ئوقۇغىنىمدا پاكىستاننىڭ دۇنياغا داڭلىق بولغان مۇتەپەككۇر شائىرى مۇھەممەد ئىقبال (1987-1938) نىڭ مۇنۇ رۇبائىيسى ئىسىمگە كەلدى.
ۋەتەن ئۇ گوياكى بىر بەدەن-گەۋدە،
مەن ئەزا شۇ تەندە بىر جۈپ كۆز-چەشمە.
بەدەندە ئاغرىسا گەر بىرەر ئەزا،
كۆزۈمدىن ئاقىدۇ ياش تامچە-تامچە.
دېمەك، پاكىستان شائىرى مۇھەممەد ئىقبالمۇ ۋەتەننى بىر پۈتۈن بەدەنگە، ئۆزىنى بولسا، شۇ بەدەندىكى كۆزگە ئوخشاتقان. بەدەندە (ۋەتەندە) بىئاراملىق بولسا كۆزىدىن (شائىر) ياشلار ئاققان. يەنى شائىر مۇھەممەد ئىقبال ۋەتەننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ئۈچۈن ياش تۆككەن، قەلەم تەۋرىتىپ ۋەتەننىڭ ئىقبالى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.
تاجىك شائىر روزى گۈلباينىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى رۇبائىيسى بىلەن پاكىستان شائىرى مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى رۇبائىيسىنىڭ ئوبراز، ئوخشىتىش، ھېسيات ۋە ئىپادىلەش جەھەتلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ چىقىشى، ئىنسان تەپەككۇرى ۋە ھېسياتنىڭ ئوخشاشلىقىدىن بولغان، بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ھازىر شائىر كۆپ، شېئىر تېخىمۇ كۆپ. لېكىن شېئىرلار شەبنەمدەك تېز پەيدا بولۇپ، تىز يوقىلۋاتىدۇ. سەۋەب نەدە؟ سەۋەب شۇكى، ئۇ شېئىرلار دىلدىن ئەمەس، تىلدىن چىققان. شېئىرلاردا پىكىر، پەلسەپە، مەنتىقە، ھېسيات يوق. كۆپ شېئىرلار ئۇ يەردىن، بۇ يەردىن ئېلىپ قۇراشتۇرۇلغان. شۇڭا شېئىرلارنىڭ ئۆمىرى قىسقا بولماقتا. يېقىندا ئامرىكىدا، بۈگۈنكى كۈندە ئامرىكا جەمئىيتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەڭ ئۇلۇغ شائىر كىم؟ دېگەن تېما ئۈستىدە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنداق بولغانكى، گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ئامرىكا جەمئىيتىدە شېئىر ۋە شائىر ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن 800 يىللار مۇقەددەم ياشىغان پارىس-تاجىك شائىرى، سۇفىزىم مۇتەپەككۇرى ۋە داھىيسى مەۋلانە جالالىدىن مۇھەممەد بەلغىي مەۋلامى رۇمى (1207-1273) ھۆرمەتكە ئەڭ سازاۋەر، شېئىرلىرى ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن بىردىن بىر كىلاسسىك شائىر بولۇپ چىققان. سەۋەب ناھايىتى ئېنىق، جالالىدىن رۇمى بولسا ھەققى شائىر، پەيلاسوپ شائىر، مۇتەپەككۇر شائىردۇر. قارىغاندا، شائىر بولۇش ئۈچۈن ئىككى خىل قاتتىق شەرتنى ھازىرىلىشى كېرەكتەك قىلىدۇ. بىرى، پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر بولۇشى كېرەك. يەنە بىرى ئەدەبىياتچى بولۇشى كېرەك. مەزمۇن پەلسەپە، شەكىل ئەدەبىيات بولغان شېئىرلار مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرىمۇ ناھايىتى ئوبدان مىسال بولالايدۇ. پارىس شائىرى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىغۇ شېئىريەتنىڭ، جۈملىدىن جاھان رۇبائىيچىلىقنىڭ ئەبىدىلىك ئۆرنەك-ئەندىزىسدۇر.
بىز روزى گۈلباي رۇبائىيلىرىنىڭ ئىچىدە تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇرغا ئائىت نۇرغۇن رۇبائىيلارنىڭ بارلىقنى ھېس قىلدۇق. بۇ خىل رۇبائىيلاردا شائىرنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن. بۇ ناھايىتى مۇھىم، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئەدەبى ئەسەر يازغۇچى، شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيا قارشى ۋە ئېستىتىك-گۈزەللىك قارىشىنى ئىپادىلىشىنىڭ ياخشى پۇرسىتى ۋە ۋاستىسى. شائىر روزى گۈلباي بۇ پۇرسەت ۋە ۋاستىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان. مەسلەن:
توختىماي ئالەمدە چۆرگىلەر جاھان،
جاھانغا مېھمان بوپ ئۆتىدۇ ئىنسان.
مېھمانلار ئىچىدە شۇنداق مېھمان بار،
ئىزلىرى كۆمۈلمەستۈمەنمىڭ زامان.
تىرىشش-ياشاشنىڭ چوڭقۇر مەناسى،
ھاياتتۇر تىنىمسىز ئىجاد سەيناسى.
تاسقىلار بۇ يولدا ئىنسان ھاياتى،
گاھ تىكەن، گاھ گۈلشەن بولۇر دالاسى.
يۇقىردىكى رۇبائىيلاردا «ئالەم»، «جاھان»، «ئىنسان»، «مېھمان»، «زامان»، «تېرىشش»، «ياشاش»، «ئىجادىيەت»، «ھايات»، «تىكەن»، «گۈلشەن»، «مەنە»، «سەينا»، ۋە «دالا» دىن ئىبارەت پەلسەپىۋى، ئىجتىمائىي ۋە تەپەككۇر ئاتالغۇلىرى، تىرمېنلىرى ۋە ئۇقۇملىرى بار. شائىر ئۇلارنى مەنتىقلىق قۇراشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىددىيۋى ىاھىشىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. شائىرنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى رۇبائىيلىرى 40 تىن ئاشىدىكەن. رۇبائىينىڭ بىر روشەن خاسلىقى، ئۇنىڭدا پەلسەپىۋى ئىدىيلەر ۋە ھېكىمەت دۇردانىلىرى چاقناپ تۇرۇشى كېرەك.
مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندا، روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى «رۇبائىي ئۆلچىمى» گە توشقان.
شائىر روزى گۈلباينىڭ نۇرغۇن رۇبائىيلىرىدىن كىشىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يارقىن مەنزىرسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شائىر ئۆز رۇبائىيلىرىدا دوسىت-بۇرادەرلىك، ئىناقلىق- ئىتتىپاقلىق، دوسىت- يارانلارغا مېھىربانلىق كۆرسىتىش، غېرىب- بىچارىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ، باشقىلارغا شەپقەت كۆرسىتىش، گېزى كەلگەندە، ئۆزىنى قۇربان قىلىش تەرغىب قىلىنغان. شائىرنىڭ نۇرغۇن رۇبائىيلىرىدا ئادالەتلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك، ساداقەتلىك، ۋاپادارلىق، مېھىر-مۇھەببەت، سېخىيلىق، ئالىيجانابلىق ۋە باشقا گۈزەل ئىنسانى ئەخلاق- پەزىلەتلەر پاساھەتلىك تىل ۋە گۈزەل مىسرالار بىلەن مەدىھيلەنگەن. قالاقلىق، جاھالەت، رىياكارلىق، يالغاچنىلىق، ئالدامچىلىق، ئاچكۆزلۈك، زالىملىق، پەسكەشلىك ۋە باشقا چىرىكلەر ھەجۋى تىل بىلەم قامچىلانغان. رۇبائىيلارنىڭ قۇرلىرىدا پەلسەپە، دىن، جەمئىيەت، ئەخلاق-ئېستىكا، مۇناسىۋەت، مۇھەببەت، تەلىم-تەربىيە قاتارلىق ساھەلەر توغرىسىدىكى بىلىملەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە تىلسىمات ماكان پامىر ئېگىزلىكنىڭ جۇغراپىيسى، تارىخى، تاجىك مىللىتىنىڭ ئېسىل- ئەخلاق پەزىلىتى توغرىسىدىمۇ كۆپلىگەن ئۇچۇر مەلۇماتلار بار. دېمەكچى، شائىر روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى ئوقۇرمەنلەرنى بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات دۇنياسىغا باشلاپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇرمەنلەرنى مەدەنىيەت دۇنياسىغا باشلاپ بارىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. بەدىئىي تەربىيە ۋە مەدەنىيەت ئىنفورماتسىيسى بولمىغان رۇبائىي پاخال رۇبائىي، پۇچەك رۇبائىي ۋە ئەخلەت رۇبائىي ھېسابلىندۇ. بىز روزى گۈلباينىڭ تۆۋەندىكى رۇبائىيلىرىدىن ھوزۇر ئالايلى:
كەمتەرلىك ئىنساننىڭ ئەخلاق-زىننتى،
ئىناق ئەل-ئاۋامدا ئۇنىڭ يىلتىزى.
بولالىساڭ ئەل بىلەن بىر جانۇ-بىر تەن،
كۆكلەيسەن قارغايدەك ياز ۋە قىش بويى.
ئىنساننىڭ قەلبىدە ھۆرمىتى ھاتەم،
ئۇستازنىڭ ئىلمىدىن نۇرلىنار ئالەم.
روھىيەت ئىنژىنىر ئۇستاز ئەجرىدىن،
تاپىدۇ ياشاشنىڭ يولىنى ئادەم.
ئىناقلىق ئەل يۇرتقا نىجاتلىق چولپان،
بىرلەشكەن كۈچ بىلەن جىمى ئىش ئاسان.
بىر دەرەخ بولالماس ھەرگىزمۇ ئورمان ،
پۈتمەيدۇ بىرلىمدا ساراي ھېچقاچان.
سەرىكوھ① باغرىدا قۇلچاق② قەھرىمان،
باتۇرلۇق قىسسىنى قان بىلەن يازغان.
ياخشى نام ئەسىرلەپ ئۆچمەيدۇ پەقەت،
ياشايدۇ ئەل بىلەن مىڭلاپ يىل-زامان.
مۇھەببەت-سۆيگۈ-ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەبىدىلىك تېما. شائىر روزى گۈلباينىڭ 300 رۇبائىيدىن تەڭدىن تولىسى مۇھەببەت- سۆيگۈ رۇبائىيلىرى بولۇپ، ئۇلاردا تاجىك خەلقىنىڭ مۇھەببەت قاراشلىرى، مۇھەببەت ئارزۇ-ئارمانلىرى تەسىرلىك مىسرالار بىلەن تەسۋىرلەنگەن. بۇ تەسۋىرلەردىن شائىرنىڭ مۇھەببەت-سۆيگۈ قارشى ۋە ھېسياتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ:
① سەرىكوھ-تاشقورغان رايوننىڭ ئەنئەنۋى نامى، مەنىسى ئەڭ ئېگىز يەر دېگەنلىك بولىدۇ.
②قۇلچاق-تاجىك خەلقىنىڭ مىللى قەھرىمانى، ئۇ باتۇرلۇقتا داڭلىق-ئاتاق چىقارغان.
جاناننىڭ لىۋىدۇر قىپ-قىزىل چىلان،
شورىسام شىكەردەك، يايرىدى بۇ جان.
ئۇنۇتتۇم ھەممىنى، شۇ ماڭا لەزىز،
ئايرىلىپ نە قىلاي، تارتقىچە ھىجران.
ھەي جانان ئەجەبمۇ قېينىدىڭ مىنى،
كېلىمەن دەپ بەرگەن شۇ ۋەدەڭ قېنى
يولۇڭغا تەلمۈرۈپ ئۆتتى تالاي يىل،
ئاقاردى چاچ-ساقال، دېدارىڭ قېنى؟
مۇھەببەت رىشتىسى، غۇنچىسى سۆيگۈ،
سۆيگۈسىز مۇھەببەت بولمايدۇ مەڭگۈ.
نۇرلىنار مۇھەببەت پاك سۆيگۈ بىلەن،
لەززىتى دىللاردىن يۈتمەيدۇ مەڭگۈ.
ئەمدى بىز شائىر روزى گۈلباينىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش ۋە ئادىملىيلىك ئەخلاق-پەزىلەت توغرىسىدىكى رۇبائىيلىرىغا نەزەر سالايلى. روزى گۈلباينىڭ كۆپ سانلىق رۇبائىيلىرى تاجىك خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە مىللى ئەخلاق- پەزلىتىگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇلاردا تاجىكلارنىڭ تۇرمۇش ئېكولوگىيەسى، ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى ۋە شەكلى، يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى، ھويلا- ئارىمى، مېھماندارچىلىق قائىدە-يوسۇنلىرى، سەپەر- مەنزىل قائىدىلىرى، كۆۈشۈش، سالام- سائەت، خوشلىشش ئادەتلىرى، سىپايى تەكەللۇپلىرى، توي-تۆكۈن، نىكاھ ئائىلە قائىدىلىرى، ئۆلۈم-يىتىم، نەزىر-چىراغ ئادەتلىرى، مىللى ھېيىت-ئايەم مۇراسىم قائىدىلىرى، بۇۋاقچىلىق مۇراسىملىرى، بالا-پەرزەنىت تەربىيلەش يوسۇن قائىدىلىرى، دوسىت تۇتۇش، باردى-كەلدى ئادەتلىرى، ئېلىم-بېرىم قائىدە- ئادەتلىرى، ئېتقاد- ئىخلاس شەكىل-قائىدىلىرى، پەرىز ۋە پەرھىزلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش مەنزىلىرى كەڭ كۆزگە تاشلىندۇ. بۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، شائىر رۇبائىيلىرىنىڭ مىللى ۋە يەرلىك پۇرغىنى ئاشۇرغان. رۇبائىي، جۈملىدىن باشقا ئەدەبى ئەسەرلەر تۇرمۇشتىن ئېلىنغان بولۇشى، تۇرمۇشقا يېقىنلاشقان بولۇشى، تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئۇنىڭ جەلىپكارلىقى ۋە قىممىتى ئاشىدۇ. تۇرمۇشقا چۆكمەي، ئىشخاندا ئولتۇرۇپ يېزىلغان رۇبائىيلار، جۈملىدىن باشقا ئەدەبى ئەسەرلەردە تۇرمۇش پۇرىقى چىقمايدۇ. ئۇلاردا ساقىتلىق، زورمۇ-زورلۇق، قۇراشتۇرمىچىلىق، ھارامزادىلىك مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرىنى ئوبدان ئوقۇسىڭىز، بۇ رۇبائىيلار سىزنى «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» پامىر ئېگىزلىكىگە، خىلۋەت تاجىك جەمئىيتىگە باشلاپ بارىدۇ.
ئىشەنمىسىڭىز تۆۋەندىكى رۇبائىيلارغا قاراڭ:
پامىرى مېھماندوسىت، ئالەمگە ئايان،
يولۇڭغا پايانداز سالۇر ھۆر جانان.
قەدىمىڭ يەتسىلا شۇ خىلۋەت جايغا،
ياشنايدۇ قەلبىڭدە بىر گۈزەل ئارمان.
قۇياشنىڭ نۇرىدا چاقنايدۇ مۇز تاغ،
ئاق كۆڭلەك زەردىن تاج كىيگەن، كۆڭلى چاغ.
شوخ ئاقار باغرىدا زۇمرەت تاغ سۈيى،
ئىتىكى ئارامگاھ-جەننەتتەك گۈلباغ.
مەن ئۈچۈن جەننەتتۇر سەن تۇرغان شۇ يۇرت،
خاك-توپا تۇتىيا ئەۋلەك سۈيى قۇت.
بىر ئۆمۈر ماڭدىم مەن ئۇزاردى يولۇم،
ئورنىدى سىمايىڭ قەلبىمگە مەزمۇت.
ئاي پەرى سامادا كۈلدى كۆز قىسىپ،
ئىستىكىم بۈركۈتتەك ئۇچتى پەر قېقىپ.
ئىخ ھېجران ئۇزارتتى مەنزىل يولۇمنى،
تەشنالىق ئوتىدا يۈرەك ئېتىلىپ.
تەبئىي گۈزەللىك سەندە ساقلاقلىق،
يوق ئەسلا رەڭۋازلىق رىيا-ساقتىلىق.
ئاق دىللىق، ھەمدەملىك خەلقىمگە ئۇدۇم،
ئالقىشقا سازاۋەر يۇرتۇم چىرايلىق.
شائىر روزى گۈلباينىڭ بىر قىسىم رۇبائىيلىرى سىزنى يېراق قەدىمكى زامان تاجىك جەمئىيتىگە ساياھەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدا تاشقورغاندىكى تاش شەھەر، مەلىكە قورغان، شامبابا قەبرىستانلىقى، مۇز تاغ ئاتا چوققىسىدىكى ئىلاھى گۈلزارلىق، تاجىكلارغا مۇقەددەس بۈركۈت نەي ئاتا قىلغان بۈركۈتلەر ماكانى، قەدىمكى سىرلىق قۇرۇلۇش خارابىلىقى «پەرھات-شىرىن ئۆستىڭى»، قەدىمكى كارۋان «يىپەك يولى» ساھىلىكى ئۆتەڭ- راباتلار، قەدىمكى سۈرلۈك مەقبەرە- گۈمبەزلەر، ئەۋلىيا- ئەنبىيالارنىڭ مازار-تاۋابگاھلىرى، رۇستەم پەلۋان ۋە قەھرىمان قۇلچاقنىڭ نامىغا مۇجەسسەملەشكەن جەڭگاھلار، ئىزنالار مەزمۇن قىلىنغان. رۇبائىيلاردا يىراق قەدىمكى زامان تاجىك تارىخى ۋە ئېتنوگىرافىيە- فولكىلور مەدەنىيتنى يان جەھەتتىن بايان قىلىش، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى بىر مۇۋەپىقيەت بولۇپ، ئۇ رۇبائىيلارنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، رۇبائىيلارنىڭ بىلىش قىممىتى، ئۇچۇر-ئىنفورماتسىيە قىممىتى، تارىخى قىممىتى ۋە ماتىرياللىق قىممىتىنىمۇ ئاشۇرىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك بولسا كېرەك، قەدىمكى گربىك ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى ئارىستوتېل (مىلادىدىن بۇرۇنقى 384-322-يىللار) مۇنداق ھېكىمەت قالدۇرغاندى: «تارىخى ئىزلارنى نەقمۇ نەق تىزىپ قويغاندىن كۆرە، ئۇنى گۈزەل قىلىپ سۈرەتلەپ يازغاندا ، ئىلمى ۋە تېخىمۇ ئېنىق چىقىدۇ. نەقمۇنەق تىزىپ قويۇش ۋەقەنى پەقەت تاشقى جەھەتتىن ئېچىپ بەرسە، بەدىئىي ھۈنەر-سەنىئەت ۋەقەنى تېگى-تەكتىدىن كۆرسىتىدۇ». ①
شائىر روزى گۈلباينىڭ بىر قىسىم رۇبائىيلىرىدا ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتلەر ئارسىدىكى مۇناسىۋەت، قېرىنداشلىق مېھىر- مۇھەببەت، ۋاپادارلىق ئىپادىلەنسە ، بەزى رۇبائىيلاردا ۋاپاسىزلىق، يۈزسىزلىك، ئەدەپسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق، نامەرتلىك، نادانلىق، قالاقلىق، مۇتەئەسسىپلىك، شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق ئىللەتلەر ھەجىۋى تىل بىلەن تەنقىت قىلىنغان. ياخشى پىكىر قىلىش، ياخشى سۆز قىلىش، ياخشى ھەركەتتە بولۇش تەشەببۇس قىلىنغان، يامان پىكىر، يامان سۆز ۋە يامان ھەركەتلەردىن ئۆزىنى تارتىشنى كىشلەردىن
① «تاجىك ئەدەبىياتى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2005-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 710-711-بەتلەر
تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، بۇ تاجىك مەدەنىيتىدىكى ئەنئەنۋى ئەخلاق مىزانى. ئۇ بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ رول ئوينىغان، رول ئويناۋاتىدۇ ۋە رول ئوينىغۇسى. بىز ئۇنى زامانىۋى ئىلمى-پەن ۋە ئەخلاق پەزىلەت تەربىيسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم.
ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ئانا قۇدرىتى،
غۇلۇتۇپ تاشلايدۇ كۈللى ئالەمنى.
ئۇنىڭسىز بولمايدۇ ئاپىرىدە ھايات،
ئىنساننى ياشناتقان ئۇنىڭ پاك مېھىرى.
مەينى دەپ كەچمىگىن دوسىت ۋە جاناندىن،
قالمىسۇن كەيىب بوپ پەرقىڭ ھايۋاندىن.
شارا بنى ئاز-ئاز ئىچ، ئېزىقما ھەرگىز،
بەتتەر بوپ ئالەمدە جىندىن-شەيتاندىن.
روزى گۈلباي رۇبائىيلىرىنىڭ تېما تىكىسى توغرىسىدا ھازىرچە مۇشۇنچىلىق توختالدۇق.
6
روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى كومپوزتسىيە جەھەتتىن خېلىلا ئويۇللۇققا ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە. بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى تاجىك يازما ئەدەبىياتىدىكى رۇبائىيلار (مەسلەن: ئۆمەر ھەييام، ناسىرخىسرەۋ رۇبائىيلىرى) غا ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى رۇبائىيلارغا ئوخشاپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 1-،2-،4- مىسرالىرى ئۆز-ئارا قاپىيداش، يەنى AABA شەكىلدە كېلىدۇ. ئاز بىر قىسمىدا تۆت مىسرانىڭ ھەممىسى قاپىيداش، يەنى AAAA شەكىلدە كېلىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن 1-،2- مىسرالاردا پىكىر ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ، ئەھۋال چۈشەندۈرۈلىدۇ ياكى ھېسيات ۋە روھى ھالەت كۆرسىتىلىدۇ. 3-مىسرا ۋاستىلىك باغلاش رولىنى ئويناپ، 1-، 2- مىسرالار بىلەن 4-مىسرانى ئۆز-ئارا لوگىكىلىق-مەنتىقىلىق باغلاشتۇرىدۇ. 3-مىسرا يەنە بۇرۇلۇش رولىنىمۇ ئوينايدۇ، يەنى 1-،2- مىسرالار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، 3-مىسراغا بارغاندا، پىكىرنىڭ نوقتىسىدا بۇرۇلۇش ھاسىل بولىدۇ-دە، 4-مىسراغا كۆچىدۇ. 4-مىسرادا پىكىرنىڭ جەۋھىرى، يەنى شۇ رۇبائىي ئالغا سۈرمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيە ئايدىڭ بولىدۇ.
بەدىئىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىن، روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى تۆۋەندىكدەك روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بىرىنجىدىن، ئوبرازچانلىققا ئىگە. روزى ەۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ھادىسلەرنى، پىكىرلەرنى، ۋەقەلىكلەرنى ۋە تۇرمۇش مەنزىلىرىنى دەبدەبىلىك ئۇقۇم-تىرمىنلەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ۋە ئاددى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى مۇئەييەن جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئىككىنجىدىن، تىلى راۋان، چۈشىنىشلىك ۋە خەلق تىلىغا يېقىن بولۇپ، تىلدىكى ئىستىلسىتىك ۋاستىلەرمۇ ناھايىتى ئاددى ۋە سەممى. قىسقىسى، شائىرنىڭ رۇبائىيلىرىدا مەمەانلىق، ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك تېرە تاراقتىشش خاھىشى كۆرۈلمەيدۇ. ئۈچىنجىدىن، شائىر روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرىنى بىر كىچىك ئەينەك دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىز بۇ كىچىك ئەينەكتىن تاجىك جەمئىيتىنىڭ بىر پۈتۈن مەنزىرسىنى كۆرۋالالايمىز. تۆتىنجىدىن، روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى ئۇيغۇر تىلدا ئىجاد قىلىنغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇر رۇبائىيچىلىقنىڭ تەسىرگە ئۇچىرىشى تۇرغانلا گەپ. شۇنداق بولسىمۇ، شائىرىمىز ئۆز رۇبائىيلىرىغا تاجىك تىلى ۋە تاجىك مەدەنىيتىدىن ھەل بىرىپ، ئۆز رۇبائىيلىرىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە يەرلىك پۇرغىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان، شائىر ئۆز رۇبائىيلىرىدا تەبىئەت، جەمئىيەت، كائىنات، ئەخلاق- مىزان، ئەدەپ- قائىدە، ئادەت- يوسۇن، تەلىم- تەربىيە، ئىخلاس- ئېتقاد، پەرىز- پەرھىز، مۇناسىۋەت- ئىناقلىق قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائى مەسىللەرنى شەرھىلىگەندە، ئۇنىڭغا ئارلاپ-ئارلاپ تاجىك خەلق ئىدىئوم- ھېكمەتلىرى، ماقال- تەمسىللىرى، تاجىك دانىشمەنلىرىنىڭ تەلىماتلىرى ۋە پەنىد- نەسىھەت دۇردانىلىرىنى كىرگۈزگەن. بۇ نوقتىدىن ئېيىتقاندا، روزى گۈلباينىڭ رۇبائىيلىرى تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ماتىرياللىق پايدىلنىش قىممىتىگىمۇ ئىگە.
شۇنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ كۆرسىتىش زۆرۈركى، يازغۇچى روزى گۈلباي تۆت مىسرالىق رۇبائىينى ئادا قىلغاندا، گېزى كەلگەندە، ئۆزىنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت، تەپەككۇر ۋە كىشىلىك ھايات توغرىسىدىكى قارشىنىمۇ پىنھان تۇتمىغان.
شۇڭا، ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ئېنىق خاھىشچانلىققا ۋە ئېنىقلىققا ئىگە. بۇ نوقتا شائىرنىڭ يېڭىلىق بىلەن كونىلىق ئوتتۇرسىدىكى، ئىلغارلىق بىلەن قالىقلىق ئوتتۇرسىدىكى، ھەق بىلەن ناھىقلىق ئوتتۇرسىدىكى، پاكلىك بىلەن ناپاكلىق ئوتتۇرسىدىكى، ئاكتىپلىق بىلەن پاسسىپلىق ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەرنى تەسۋىرلىگەندە، تېخىمۇ روشەن چېلقىدۇ. بۇ نوقتىنىمۇ روزى گۈلباي رۇبائىيلىرىنىڭ بىر خىل ئالاھىدىلىكى دېيىشكە بولىدۇ.
7
روزى گۈلباي بۈگۈنكى دەۋىر تاجىك ئەدەبىياتىدا ھەم پوئېزىيە ئىجادىيتىدە بار، ھەم پىروزا ئىجادىيتىدە بار. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ئۇنىڭ پوئېزىيە ئىجادىيتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنى بۈگۈنكى دەۋىر تاجىك ئەدەبىياتى ئىچىگە قويۇپ قارىساق، يەكۈن شۇكى، ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى تاجىك ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. مۇشۇ مەنىدە، بىز روزى گۈلباينى بۈگۈن دەۋىر تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ مول ھوسۇللۇق مۇنەۋۋەر ۋە تۆھپىكار ۋەكىلىرىدىن بىرى دەپ قارايمىز. ئۇنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەسەرلىرى، جۈملىدىن رۇبائىيلىرى بۈگۈنكى دەۋىر تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابى تەسىر كۆرسەتمەكتە. خۇددى بىر تاجىك ئوبزورچىسى كۆرسىتىپ ئېيتقاندەك، روزى گۈلباي رۇبائىيلىرىنى تاجىك خەلق ئىجتىمائى ھاياتنىڭ كۆلەڭگۈسى دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ.
8
دەرۋەقە، ھەر قانداق شەيئى ئىككى ياقلىمىلققا ئىگە بولىدۇ، جاھاندا ساپ ئادەم ساپ يازغۇچى ۋە ساپ ئەسەر يوق. روزى گۈلبايمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدىمۇ بىر مۇنچە نوقسانلار بار. بەزى رۇبائىيلار تەكرارلىنىپ قالغان، بەزى رۇبائىيلاردا سۆز-ئاتالغۇلار جايىدا قوللىنىلمىغان. بەزى رۇبائىيلارنىڭ قاپىيلىرى مەجبۇرەن، راۋان ئەمەس، بەزى رۇبائىيلارنىڭ مەزمۇنى ئاددى، بەزى رۇبائىيلاردا شۇئارۋازلىق بار ۋە باشقىلار. لېكىن بۇ نوقسانلار ئاساسى ئېقىمغا، ئومۇمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. تولۇن ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار ئەمەسمۇ!
ماقالنىڭ ئاخىرىدا، شائىر روزى گۈلباينىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئەدەبىي ئىجادىيتىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.
2010-يىل 1-ئاي. ئۈرۈمچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-10 20:43