ximal
كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 3

شائىر، تارىخچى موللا نىياز قارى سابىر ئىجايىتى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1843
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 4522
تۆھپە : 31
توردا: 399
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 19:55:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  
     شائىر، تارىخچى موللا نىياز قارى سابىر ئىجادىيىتى توغرىسىدا

                           ئەنۋەر ھوشۇر

                  (مەكتىپىمىز تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى دوتسېنتى)

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىر، تارىخچى موللا نىياز قارى سابىرنىڭ ھاياتى، ئىجادىيەت يولى، شۇنداقلا ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «تەزكىرەئىي تۆت ئىمام  رەبىھۇللا» (تۆت ئىمام تەزكىرىسى) ۋە «ئەرزنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: موللا نىياز؛ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى؛ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى


1. ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى

ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ خوجىلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلارغا تەئەللۇق نامايەندىلىرى ئارىسىدا ئوخشاش ئىسىم ۋە ئوخشاش تەخەللۇسلۇق شائىرلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن يۇرتداشلارلا ئەمەس، زامانداشلارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا سەللا بىخۇدلۇق قىلىنسىلا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ئاسانلا سادىر بولىدۇ.
18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىرلاردىن «نىيازى» تەخەللۇسلىقىدىنلا بىر نەچچىسى بولۇپ، ئۇلار: 19-ئەسىردە تۇرپان ۋە قەشقەردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان موللا بوساق نىيازى، 19-ئەسىردە يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ قوناساق كەنتىدە ياشاپ، «مەنسۇرنامە» ناملىق نەسرىي قىسسىنى پارسچىدىن نەزمىي يول بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان موللا مۇھەممەد نىيازى، 19-ئەسىردە يەكەن، قەشقەرلەردە ياشاپ، «تارىخىي رەشىدى»نى تەرجىمە قىلغان موللا نىياز يەركەندى، موللا ھەيدەر بىلەن بىرلىكتە «ئەمىر ئابا مۇسلىم» ناملىق قىسسىنى نەزمىلەشتۈرۈپ شېئىرىي داستانغا ئايلاندۇرغان موللا مۇھەممەد نىياز، يەنە بېرى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقار يېزىسىدا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان موللا نىياز (بەزى تەتقىقاتىلار يۇقىرىدا ئىسمى زىكرى قىلىنغان شائىرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئادەم دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇ بىر پەرەز بولۇپ، پاكىت ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس). بىز سۆزلىمەكچى بولغىنى تەرجىمىھالى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى نىسبەتەن ئېنىق بولغان، «تەزكىرەئىي تۆت ئىمام  رەبىھۇللا» (تۆت ئىمام تەزكىرىسى) ۋە «ئەرزنامە»قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى شائىر، تارىخچى موللا نىيازدۇر.
بۇ مۆھتەرەم تارىخچى ئەدىبنىڭ شۆھرىتى ئەلگە تونۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت مېۋىلىرى ھەققىدە يازما ماتېرىيالغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن، ئەدىبنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى زىكرى قىلىنغان ئەسەرلىرىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزنالار ۋە شائىر مۇھەممەدتوختى ئەھمەدنىڭ چاقا تاغلىرىدىكى ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئاساسىدا بەزىبىر تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز.
شائىر «تەزكىرەئىي تۆت ئىمام  رەبىھۇللا» ناملىق داستانىدا ئانا يۇرتى توغرۇلۇق:
ئانا مۈلۈك خوتەن چاقار تاغى①،
تۆت ئىماملارىم نىيازى② مەن داغى.
تۇفراغىم ئۇشبۇ ئاستانەدىندۇر،
نەسەبىم ئۇشبۇ ئاشيانەدىندۇر.
ھەشت پۇشتۇم بۇ يەردە ئۆتكەن ئىكەن.
مۇندا مەقسەدلارىغا يەتكەن ئىكەن.
دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىگە قاراشلىق چاقار يېزا چاقار كەنتىدىن (تاغلىق كەنت) ئىكەنلىكىنى، ئاتا-بوۋىسىنىڭمۇ مۇشۇ تۇپراقتا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
شائىرنىڭ قاچان، قانداق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى ھەققىدىمۇ يۇقىرىقى ئەسىرىدە بېشارەتلەر بار. داستاندا مۇنداق مىسرالار ئۇچرايدۇ:
تا بۇ دەم كەمىنە شىكەستەئى لال،
كۆڭلۈمدە ئېردى بىر ئەجەب خەيال.
بىر ئىش مەندىن ئاشكار ئولسا،
ئەھلى ئالەمگە يادكار ئولسا.
كۈندە باشىمدا يۈز خەيال ئېردى،
لىك بۇ ئىش ماڭا مەھال ئېردى.
بۇ تەفەككۇر بىرلە قاتىب باشىم،
يەتتى ئاخىر يىگىرمىگە ياشىم.
....
ئىردى تارىخ ئۈچ يۈز توقسان،
ئونى زۇلھەججەدە شەھىد ئولغان.
يەنە تارىخ بولمىش ئېردى غەرىب،
نەشردىن تابتى نەزمغە تەرتىب.
ئاي مەھەل ئېردى، يىلى ھەمدۇنە،
ھەم تاما ئولدى روز ئازىينە.
يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز شائىرنىڭ «ئەھلى ئالەمگە يادىكار» قالدۇرۇش ئۈچۈن چوڭراق بىر ئەمگەككە تۇتۇش قىلىش خىيالى بىلەن ئاخىر بۇ داستاننى يېزىپ چىققانلىقنى، بۇ چاغدا شائىرنىڭ 20 ياشتا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. «ئىردى تارىخ ئۈچ يۈز توقسان» دېگەن مىسرادىكى «ئۈچ يۈز توقسان» ھىجرىيە 390-يىلى بولۇپ، ئۇ داستاندا تەسىۋىرلەنگەن تۆت ئىمامنىڭ ھالاك بولغان ۋاقتىنى كۆرسەتسە، « يەنە تارىخ بولمىش ئېردى غەرب» دېگەن مىسرادىكى «غەرب» سۆزى ئەبجەت ھېسابىدا ھىجرىيە 1211-يىلى(مىلادىيە 1796-يىلى)نى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، شائىر شۇ يىلى 20 ياشتا بولسا، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە /17771776-يىلى بولىدۇ.
     شائىر يەنە ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق ئۇچۇرلارنى قالدۇرىدۇ: «قىرىق ياشىغە ئاتام يېتىپ ئەمدى، يوق ئىكەن ئەمما ھىچ پەرزەندى»، «بەردى مەكتەبكە تۆرت ياشىمدا، ئاتام ئېردى ھامان قاشىمدا»، «ياشىم ئالتە-يەتتەگە يەتمىش، بىۋاپا دۇنيادىن ئاتام كەتمىش»، «تولا ئەبيات ئەيلەگەچ زاھىر، ماڭا ئات قويدى چوڭ-كىچىك شائىر»، «ھالىم ئەيتۇرغە ھېچ كىشىم يوق ئېردى، ئالەم ئەھلى بىلە ئىشىم يوق ئېردى»، «نە ئاتا، نە ئانا، زاتۇ فەرزەند، نە قېرىنداش، نە ياۋەرۇ دىلبەند»، «پۈتۈلۈپ نەزم بولدى بۇ تاغدا، گاھ ئىماملاردا گاھ سايباغدا»؛ «مېنى قىلغان مۇنچە سۇخەندانى، مىر ئەلىشىرنىڭ نەمەكدانى»...
     يۇقىرىقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇكى، شائىر موللا نىياز ھىجرىيە 1191-يىلى (مىلادىيە 1776-،1777-يىللىرى) خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقار يېزىسىغا قاراشلىق چاقار تاغلىق كەنتىدە سابىر قارى ئىسىملىك (لەقىمى «ۋاچاك» بولۇپ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ تىلىدا سۆزگە ماھىر دېگەن مەنىدە) نامرات ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. موللا نىياز سابىر قارىنىڭ 40 ياشتىن ھالقىغاندا يۈز كۆرگەن تۇنجى ۋە بىردىن-بىر پەرزەنتى بولۇپ، سابىر قارى بۇ ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئوقۇتۇپ ئەھلى-ئىلمى قىلىش مەقسىتىدە 4 يېشىدىلا مەكتەپكە بەرگەن. لېكىن نۇرغۇن گۈزەل ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن سابىر قارىنىڭ ھاياتى يار بەرمەي 46 ياشلاردا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەمدىلا 6 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان موللا نىيازنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئانىسىمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ قارا يېتىم بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ موللا نىياز ئىقتىسادىي ۋە روھى جەھەتتىن يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ھەرخىل بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ، تىرىشىپ ئوقۇپ، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، «موللا نىياز شائىر» دېگەن نام بىلەن يىراق–يېقىنغا تونۇلغان. شائىرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە نەۋايىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان. شائىر مۇھەممەدتوختى ئەھمەدنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك كىشىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكى پەخىرلەنگەن ھېسسىياتى بىلەن موللا نىيازنى بىردەك «موللا نىياز شائىر» دەپ ئاتىشىدىكەن، ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «شائىر» دېگەن سۆزنى قوشماي ئاتىمايدىكەن.
شائىر 20 يېشىدا تارىخىي داستان يازغان پەۋقۇلئاددە تالانت ئىگىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۆمرى «ئۆز-ئۆزى بىلەن ئۈلپەتلىشىپ» تەنھالىقتا، غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن. شائىرنىڭ قەبرىسى چاقار يېزا بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تۆپە دۆڭلۈككە جايلاشقان بولۇپ، بازار بىلەن تۈز لىنىيەلىك ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ.

       2.  «تەزكىرەئىي تۆت ئىمام  رەبىھۇللا» داستانى

شائىر ئۆمرىدە تارىخ ۋە بەدىئىي ئەدەبىياتقا دائىر خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ، لېكىن «ئۇرۇق تۇغقانسىز، جۆرە، پەرزەنتسىز، ئۈلپەتسىز» ئۆتكەچكىمىكى، ۋارىسلىق قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي، ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يوقىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەمگەكلىرىدىن  «تەزكىرەئىي تۆت ئىمام  رەبىھۇللا» ناملىق داستانى بىلەن «ئەرزنامە» ناملىق شېئىرى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
«تەزكىرەئىي تۆت ئىمام رەبىھۇللا» شائىرنىڭ ئوقچۇپ تۇرغان بەدىئىي تالانتىنى نامايان قىلىدىغان يىرىك نەمۇنە بولۇپ، ھىجرىيە 1211-يىلى (مىلادىيە 1796 -يىلى) ئۆز يۇرتىدا (ئىماملىرىم ۋە سايباغدا) يېزىلغان. ئەسەر 11باب، 2340 مىسرادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قۇرۇلما جەھەتتىن ھەمدۇسانا، ئاساسىي ۋەقەلىك ۋە شائىرنىڭ ئۆز ئەھۋالى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. داستاننىڭ ھەمدۇسانا قىسمىدا، شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە خۇداغا، چاھاريالارغا ھەمدۇسانا ئوقۇغان. ۋەقەلىك قىسمىدا، ھىجرىيە 390–يىلى (مىلادىيە 999-1000-يىللىرى) خوتەندە ئىسلام دىنىنى جارى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىمام نەسىردىن، ئىمام مەئىيدىن، ئىمام زوھۇرىدىن، ئىمام قوۋمىدىن قاتارلىق تۆت ئىمامنىڭ نەسەبنامىسى، ئىسلام ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، ئۇلارنىڭ بۇددىستلارغا قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئاخىر خوتەن ئاھالىسىنى بويسۇندۇرغانلىقى ۋە خوتەن خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق زور تارىخىي ۋەقەلەر ئۆزگىچە بەدىئىي ماھارەتتە بايان قىلىنغان. ئاخىرقى قىسمىدا ئۆزىنىڭ ھايات-كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
«تەزكىرەئىي تۆت ئىمام  رەبىھۇللا» رېئال تارىخىي ۋەقەلىكنى سۇژىت قىلغان تارىخىي داستان بولۇپ، 11-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئالاھىدە تارىخىي رېئاللىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان.
تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسر سامانىنىڭ تەسىرى بىلەن مەخپىي رەۋىشتە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، كېيىن تەختتە ئولتۇرغاندىن باشلاپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقى دائىرىسىدە ئىسلام دىنىنى جارى قىلدۇرۇشقا كىرىشىدۇ. نەتىجىدە، خېلى زور تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە كۆپلىگەن ئاھالە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن، ئەينى چاغلاردا ئىسلام دىنىغا كىرىشنى جان-جەھلى بىلەن رەت قىلغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبلىك دىنىي ئېتىقادنى مەركەز قىلغان چوڭ-كىچىك سۈركىلىش ۋە ئۇرۇش-يىغىلىقلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى. ھىجرىيە 389-يىلى (مىلادىيە 998 -999-يىللىرى)غا كەلگەندە، پەرغانە ۋادىلىرى قاتارلىق جايلاردا ئىسلام دىنىغا قارشى زور كۆلەملىك ھەرىكەتلەر كۆتۈرىلىدۇ. بۇنى باستۇرۇش ئۈچۈن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھەسەن بۇغراخان، يۈسۈپ قادىرخان، ئارىسلانخان قاتارلىقلار قەشقەرنى ئىدارە قىلىپ تۇرۇشقا خوجا بىغەم ئوبۇلقاسىم قەشقەرى دېگەن كىشىنى سەردار قىلىپ تەيىنلەپ قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى زور ئەسكىرى كۈچ بىلەن پەرغانە ۋادىسىغا ئاتلىنىدۇ. بۇ چاغدا خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەر بۇددا ئېتىقادىدا بولۇپ، ئاكا-ئۇكا چۆكتەرەشىد، نۆقتەرەشىدلەر خوتەن ئاھالىسىنىڭ بۇددىست سەردارلىرى ئىدى. ئۇلار ھەسەن بۇغراخان قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن لەشكىرى قوشۇن بىلەن پەرغانە تەرەپكە  ئاتلانغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قەشقەرنى بېسىۋېلىپ، ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى ئىسلام دىنىدىن بۇددا دىنىغا قايتۇرىدۇ. بۇ خەۋەر پەرغانە ۋادىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يۈسۈپ قادىرخان 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرگە قاراپ ئاتلىنىدۇ ۋە سەپەر ئۈستىدە مەدايىن (مەۋارە ئۇننەنەھر تېررىتورىيەسى) دېگەن جايدىن ئۆتۈۋېتىپ، ئۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىمام نەسىردىن، ئىمام مەئىيدىن، ئىمام زوھۇرىدىن، ئىمام قوۋمىدىن قاتارلىق تۆت نەپەر ئەرەب سەردارىنى تەكلىپ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىپ، خوتەن قوشۇنلىرى قولىدىن قەشقەرنى قايتۇرىۋالىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىنلا ئىسلام قوشۇنلىرى تۆت ئىمامنىڭ باشچىلىقىدا خوتەنگە قاراپ توختاۋسىز يۈرۈش قىلىدۇ. يولبويى كەسكىن ئۇرۇشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئىسلام قوشۇنلىرى غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ خوتەن دىيارىغا يېتىپ كەلگەندە، چۆكتەرەشىد، نۆقتەرەشىد قاتارلىق بۇددىست سەردارلار قالدۇق قوشۇن ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەرنى باشلاپ مۇداپىئەلىنىشكە قولاي بولغان تاغلىق رايونلارغا چېكىنىدۇ، شۇ ھالدىمۇ ئۇرۇش توختىماي داۋاملىشىدۇ. مىلادىيە 1000-يىلى (ھىجرىيە 390-يىلى) 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىسلام قوشۇنلىرى ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلانغان چۆكتەرەشىد، نۆقتەرەشىد قوشۇنلىرى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئىسلام قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قىرىۋېتىپ، خوتەننى قايتۇرىۋالىدۇ. ئىمام نەسىردىن قاتارلىق تۆت ئىماممۇ شۇ قېتىملىق تالاپەتتە ھالاك بولىدۇ (بۇ تۆت ئىمامنىڭ قەبرىگاھى چىرا ناھىيەسىگە قاراشلىق تاغلىق يېزا بوستاندا بولۇپ، بۇ جاي يېقىنقى يىللاردا يېزا بولۇپ قۇرۇلغىچە «ئىماملا» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. يېزا بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن نامى «بوستان يېزىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. بۇ جاينىڭ «ئىماملا» دەپ ئاتىلىشى شۇ ئۇرۇشتا زەبىھ قىلىنغان تۆت ئىمامنىڭ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىدىن باشلانغان). مىلادىيە 1006-يىلى يۈسۈپ قادىرخان ئۆزى بىۋاسىتە زور قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ خوتەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شىددەتلىك جەڭلەردىن كېيىن بۇددىست سەركەردىلىرى چۆكتەرەشىد، نۆقتەرەشىدلەر نەچچە يۈز قالدۇق لەشكەرنى باشلاپ چىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا چېكىنىدۇ ۋە توختاۋسىز قوغلاپ زەربە بېرىشلەر نەتىجىسىدە ئاخىرى پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا خوتەن رايونىدا ئىسلام دىنى ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈز تۇتىدۇ.
شائىر موللا نىياز مەزكۇر داستانىدا ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيە تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مۇھىم بىر دەۋردە يۈز بەرگەن ئەنە شۇ تارىخىي ۋەقەلەر جەريانىنى بەدىئىي يول بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەر ئەدەبىي قىممىتىدىن باشقا، شىنجاڭ رايونىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شائىر ـ دەۋرنىڭ ئادىمى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ داستانىدا ئىسلام ئېتىقادى مەيدانىدا تۇرۇپ، خاھىش جەھەتتە تۆت ئىمام باشچىلىقىدىكى تاجاۋۇزچى ئىسلام قوشۇنلىرىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تەسۋىرىلەپ، ئۆز يۇرتىنىڭ ئامانلىقى ۋە ئېتىقادىنىڭ دەخلىسىزلىكى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلغان خوتەن (ئۇدۇن) بۇددىستلىرىنى چۆكۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. لېكىن، ۋەقەلىكنىڭ مېغىزىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگىنى ئۈچۈن ئاپتور غايىسىنىڭ تەتۈرىسىچە يەكۈن چىقىدۇ. بىز ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمزدە كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدىغىنى، ھۆرمىتىمىزگە ئېرىشىدىغىنى تۆت ئىمام بولماستىن، بەلكى 12مىڭ كىشىلىك قالدۇق قوشۇن بىلەن 140 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇننى يېڭىپ، دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا مۆجىزە ياراتقان چۆكتەرەشىد، نۆقتەرەشىدلەر باشچىلىقىدىكى بۇددىستلار بولۇپ چىقىدۇ. مۇئەللىپنىڭ نىيىتى (غايىسى) بىلەن ئۇنىڭ ئەسىرىدە تەسىۋىرلەنگەن، ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھايات مەزمۇنلىرى، يەكۈنلىرى ئارىسىدا پەرقلەر كېلىپ چىقىدىغان بۇنداق ئەھۋاللار دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا ئاز ئۇچرايدۇ.
داستان بەدىئىيلىك جەھەتتە ھازىرلىغان بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىزنى قايىل قىلىدۇ: ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى مەزمۇننى چىقىش قىلغان ھالدا ھەرىكەتچان ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بەدىئىي مەقسەت ئابستراكت چۈشەنچىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا جانلىق ئوبرازلار ۋاسىتىسى ئارقىلىق  سەنئەتلىك ئىپادىلەنگەن. ئۇندىن قالسا، ئاپتور ۋەقەلىكنى قانات يايدۇرۇشتىن تارتىپ تاكى پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرنى ئېچىشقىچە بولغان قول تۇتىدىغان مۇھىم ئىجادىيەت باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسىدە باشتىن-ئاخىر چىنلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان. شۇ سەۋەبلىك گەرچە ئاپتور دىنىي ھېسسىيات نۇقتىسىدىن تۆت ئىماملارغا ھېسداشلىق قىلسىمۇ، لېكىن ئەسەرنىڭ ئاخىرقى چىقىش نۇقتىسى ئاپتورنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان. قىسقىسى، ئاپتور دىنىي چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن خاھىشنى ئالدىن بەلگىلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا چىنلىق پىرىنسىپىدىن چەتنىمىگىنى، ئاپتورنىڭ سۇبيېكتىپ ئىدىيەسىنى، ئەسەر ۋەقەلىكىدىن پەيدا بولغان ئوبيېكتىپ ئىدىيە بېسىپ چۈشكەن. ئاپتور ئەسەر بەدىئىي تىلىنى خەلق تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ، داستانىنىڭ ئەل ئارىسىغا سىڭىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. داستاننىڭ ئەل ئارىسىدا زور شۆھرەت قازىنىپ، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ دەۋرىمىزگىچە تولۇقى بىلەن يېتىپ كېلەلىشىنى ئۇنىڭ مۇشۇ خىل ئۆزگىچىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.

        3. «ئەرزنامە» ناملىق ئەسىرى   

«ئەرزنامە» 48 مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىرى ئەسەر بولۇپ، شائىر موللا نىياز ئىجادىيەتلىرى ئىچىدە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قىممەتلىك يادىكارلىق، شۇنداقلا شائىرنىڭ ئىلغار پىكىرلىك، خەلقپەرۋەرلىك روھىدىن بېشارەتلەرنى بەرگۈچى ئۆزگىچە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
شائىر بۇ ئەسىرىدە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئېرىنىڭ ۋاپاسىزلىقى سەۋەبىدىن ئۆيىدىن قوغلاندى قىلىنغان بىر بىچارە ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق ھايات سەرگۈزەشتىسىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەش ئارقىلىق، فېئوداللىق نىكاھ ـ ئائىلە تۈزۈمىنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ تاشلايدۇ ھەمدە بۇنداق قەبىھ نىكاھ تۈزۈمىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولغان فېئوداللىق قارا تۈزۈمگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ، قىز-ئاياللار ھوقۇقى ـ ئازادلىقىدىن ئىبارەت تەخىرسىز ۋە دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان جىددىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
شائىر ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك بەدىئىي غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، بىر قىسىم كىلاسسىكلاردەك ئەرەب ۋە ھىندى ھېكايەتلىرىدىن سۇژىت ئىزدەپ، گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي، ئۆز زامانىسىدا، ئۆز ئەتراپىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئاھ ئۇرۇۋاتقان بىر بىچارە مەزلۇمنىڭ زاغرا تىلىدىن تۈپتۈزلا بايان قىلىدۇ:
قېرى دەپ مېنى قويدى ئالدى جۇۋان،
گادايلىق قىلۇرمەن تىلەپ ئاشۇ-نان.
دادام يوق، ئانام يوق مەن يېتىم خوتۇن،
يېمەككە ئاشىم يوق، قالارغا ئوتۇن.
بارارغا يېرىم يوق قاتىبتۇر بېشىم،
كى دەريا سۈيىدەك ئاقىپتۇر يېشىم.
............................
بۇ ئادەمگە تەككەندە مەن ياش ئىدىم،
ئاجايىپ چىرايلىق قەلەم قاش ئىدىم.
...............................
يىگىرمە ئىككى يىل بولۇپ بىر ئۆيدە بىز،
تېپىپ بەش بالا- ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز.
زاماندىن يېتىپدۇر قېرىلىق ماڭا،
بۇ ھالەت مەن ئەرزىمەپمەن ئاڭا.
دىدى: ‹ئەي قېرى بۇ ساقىلىمغا باق،
ساقالىم قارادۇر، بېشىڭ بولدى ئاق.
چىشىڭ ھەم چۈشۈبدۇر بولۇپسەن قېرى،
خوشۇم يوق، چىقىپ كەت كۆزۈمدىن نېرى!›
ئۆزى يولۇققان بەختسىزلىك ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەن بىچارە ئايال ئەمىر ئىشىكىدە ئۆزىنىڭ قارا قىسمەتلىرىدىن زارلىنىدۇ. 22 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئەھۋالى بىلەن مۇھتاجلىق ۋە خارلىققا چۈشۈپ قالغان بۈگۈنكى بىچارە ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئاجىز-مەزلۇملارنى ئاياغ-ئاستى قىلغان، ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەن قارا دەۋرنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ دەۋرنىڭ يول قويۇشى ۋە قوغدىشى بىلەن پۇل-مېلىغا تايىنىپ، ھەددىدىن ئېشىپ، 22 يىل بىرگە تۇرمۇش كۆچۈرگەن، ياشلىقىدا قۇلدەك ئىشلەتكەن ئايالىنى نومۇسسىزلارچە ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن تاش يۈرەك ئېرى (فېئودال پومېشچىكلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى) ئۈستىدىن غەزەپ بىلەن شىكايەت قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتەك ھەققانىي ئارزۇسىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قىلىپ زۇلۇم مۇنداق چىقاردى ئۇرۇپ،
ئالىپ بەر ئۆچۈمنى تەپتىشلەپ سورۇپ.
سالىب ئىشقا قىلغان مېنى ماز كەبى،
چىقاردى يەنە سويۇپ پىياز كەبى.
ئەقىدە قىلىپ ئىشلىدىم روز شەب③،
كېچە يىغلىدىم رىزقى ھەقدىن تىلەپ.
كى قىش ياز ئىشلەب قاپاردى قولۇم،
بىكارغا كېتەرمۇ بۇ تاپقان پۇلۇم؟
«قەلەم قاشلىق» چېغىدا ئەتىۋارلىنىپ، ھۆسن ۋە كۈچىدىن قالغاندا «سويغان پىياز»دەك قىلىۋېتىلىپ، ئىتتەك قوغلىنىش ـ فېئودالىزم جەمئىيىتىدە ياشىغۇچى جاپاكەش ئەمگەكچى ئاياللار دۇچ كېلىدىغان پاجىئەلىك قىسمەتلەرنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشى بولۇپ، بىز ئەسەرنىڭ ئاساسىي قەھرىمانى بولغان قېرى ئاجىزەنى ئەينى دەۋردىكى فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمى ۋە ئەخلاق قارىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى جاپاكەش ئاياللارنىڭ تىپىك ئوبرازى دەپ قارايمىز. بۇنداق كۈلپەتلەر تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زاماننىڭ ۋە شۇ زاماننىڭ ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگۈچى ھۆكۈمرانلارنىڭ، فېئوداللىق ئەرلىك ھوقۇقنىڭ، تەڭسىزلىكنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن شائىر ئايالنىڭ تىلىدىن ھۆكۈمدارلارغا دادىل خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراشقا، ئاياللارنىڭمۇ ئىنسانلىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ:
ئۇلۇغ ھاكىم ۋە پادىشاھىمغا④ داد،
ئادالەت قىلىپ ئەيلە كۆڭلۈمنى شاد،
ئېتىب ئەدلىلەر ئەرزۇ ھالىمنى سور،
قىلىب كەتمەسۇن زۇلۇم ئاجىزغا زور.
شائىرنىڭ 19-ئەسىر فېئودالىزم شارائىتى، جۈملىدىن دىنىي ھوقۇق ۋە ئەرلىك ھوقۇقى چېكىگە يەتكەن، قىز-ئاياللارنىڭ ھېچقانداق ئىمتىيازى بولمىغان ئالاھىدە تارىخىي دەۋردە مەسىلىنى بۇنداق ئوچۇق ۋە دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشى زور يېڭىلىق بولۇپ، بىز بۇ نۇقتىدا شائىر موللا نىيازنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قورال قىلىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان ياۋۇز فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغان ئىلغار پىكىرلىك خەلقچىل شائىر دېيىشكە ھەقلىقمىز.
ئىزاھاتلار:
① بەزى مەنبەلەردە بۇ مىسرا «ئاتا تاغى» دەپ ئېلىنغان.
②بەزى مەنبەلەردە بۇ مىسرا «مۇھىببى» دەپ ئېلىنغان، مەنىسى: دوست، دوستى، يېقىنى دېگەندىن ئىبارەت.
③ روز شەب ـ كېچە-كۈندۈز
④ پادىشاھىمغا ـ بۇ يەردە داۋا سورىغۇچى (سوتچى) كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
پايدىلانمىلار:
1. مۇھەممەد توختى ئەھمەد: «شائىر، تارىخچى موللا نىياز ۋە ئۇنىڭ ئىككى پارچە ئەسىرى»، «تارىم ساھىلىدا» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1999-يىلى8-ئاي، 1-نەشرى.
2. شەرىپىدىن ئۆمەر: «19-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1998-يىلى 1-ئاي، 1- نەشرى.
3. ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسىيىن: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تېزىسلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988-يىلى 11-ئاي، 2-نەشرى.
4. مەتقاسىم ئەكرەم، مۇھەممەتئىمىن تۇردى نەشرگە تەييارلىغان: «تۆرت ئىمام زەبىھۇللا تەزكىرىسى»، خوتەن ۋىلايەتلىك مىللىي قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى نەشر قىلدۇرغان. 1988-يىلى 6-ئاي.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


论诗人毛拉•尼牙孜•卡里创作之路

艾尼瓦尔•吾守尔

[摘  要]本文主要论述维吾尔族著名诗人毛拉•尼牙孜•卡里的生命、创作之路及代表性作品的主要内容和艺术特点。
[关键词]毛拉•尼牙孜•卡里;创作之路;代表性作品





Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 20:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       يېتىلىۋاتقان ئوبزورچى ھەم ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى   ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ بۇ ماقالىسى
ئارقىلىق شائىر، تارىخچى موللا نىياز قارى سابىرنىڭ ھاياتى، ئىجادىيەت يولى، شۇنداقلا ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «تەزكىرەئىي تۆت ئىمام  رەبىھۇللا» (تۆت ئىمام تەزكىرىسى) ۋە «ئەرزنامە» لەر بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن  ئاپتور بىلەن مەزكۇر  تېمىنى يوللاپ بەرگەن ئابدۇرەھىم ئاكىغا چىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1136
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 23:35:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم ئەنۋەر ھوشۇر مۇئەللىمنىڭ ئىزدىنىشلىرى سەمەرىسى بولغان بۇ ماقالە ئارقىلىق مەن يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئەدىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيى پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتكىنىمدىن خۇشالمەن . ئەنۋەر مۇئەللىم ۋە بۇ تىمىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنغان ئابدۇرىھىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە مىڭ مەرتىۋە رەخمەت .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1843
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 4522
تۆھپە : 31
توردا: 399
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 10:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ مۇنبەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى شۇكى، ھەجىمى چوڭراق ئەسەرلەر ئوقۇلمايدۇ ياكى ناھايىتى ئاز ئوقۇلىدۇ. ماۋزۇغا قاراپ كىرىپ قالغانلار دەرھال قايتىپ چىقىپ كېتىدۇ....

بارلىق دوستلىرىمنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش