كۆرۈش: 601|ئىنكاس: 2

ئەلىجان ئۇبۇل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1733
تۆھپە : 78
توردا: 649
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا تۆھپىكار مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:33:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

51_avatar_big.jpg



ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر 1973-يىلى 9-ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ باغچى يېزىسىدا بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1991-يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ، 1991-يىلى9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1996-يىلى 7- ئايدا ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ ھازىرغىچە بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىن باشلانغان بولۇپ،1991-يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ دادام» ناملىق ھېكايىسى بىلەن رەسمىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ «تارىم»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «تەڭرىتاغ»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «قەشقەر»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «مايبۇلاق»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»، «شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە گېزىتى» ۋە «قاراماي گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا پوۋېست، ھېكايە، نەسىر، شېئىر، ئوبزور، ئەدەبىي تەرجىمە بولۇپ 650 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «تۈتۈنگە ئايلانغان روھ»، «ئاخىرلاشمىغان چۈش» قاتارلىق پوۋېستلىرى، «كېچىكىپ يېرتىلغان كونۋېرت»، «نۇرلۇق سىيما» قاتارلىق ھېكايىلىرى، «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈلدىن ئىجتىمائىي  رېئاللىققا نەزەر »، «‹ شور دەريا ›نىڭ ئۇ تەرىپىدە كۆرگەنلىرىم»، «ئىجادىيلىق ئىلمىي ماقالىنىڭ جېنى»، «تەپسىلاتلار تەسۋىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەردىكى رولى»، «مېنى ئەللەيلەتكەن لىرىك كۈي»، « رېئاللىققا نەزەر»، «ئۆلتۈرۈش كېرەكمۇ ياكى قۇتقۇزۇشمۇ؟»، «‹ھەسرەتلىك ھايات›تىكى چوڭقۇرلۇق» قاتارلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئوبزورلىرى،  «بىر ناخشا، بىر پىكىر»، «نېفىتلىك ئاپتورلىرىدا خاسلىق» قاتارلىق ماقالە-ئوبزورلىرى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. «قارغا دەپنە قىلىنغان چۈش»، «شەھەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە پېداكارلىق بىلەن ئىشلەشتىن سىرت، يەنە «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، «كىتاب مۇنبىرى»، «قاراماي مائارىپى» قاتارلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ كەسىپداشلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.


مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...
mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2072
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6623
تۆھپە : 8
توردا: 441
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 14:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئەلىجان بىلەن توردا كۆرىشىۋالغانلىقىمدىن خۇشالمەن. ئىسىمى  ياسىنجان توخنىياز توغراق
ئالاقىلىشىشنى  خالىسىڭىز  
كوت-كوت 1425375975
يانپۇن   13565147438

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 385
تۆھپە : 5
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 16:17:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغراق ئەپەندى، مەن سىزنى قوشۇۋالدىم، تېلفونىڭىزنىمۇ خاتىرىلىۋالدىم، تېلفوننى سايرىتىپلا قويۇۋەتتىم، ئاشۇ مېنىڭ نومۇرۇم. 13999304569

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش