ximal
كۆرۈش: 520|ئىنكاس: 5

قەبرىستانلىقتىكى ئېغىر تىنىقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1767
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 09:17:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەبرىستانلىقتىكى ئېغىر تىنىقلار4 z7 E2 I( u# |* r' |7 U: T
ھايات بېر تال يۇپۇرماققا ئوخشايدىكەن ،تېىخى يىقىندىلا ئۈنسىز قەلەم تەۋرىتىپ كىلىۋاتقان،كىشىلەرگە توغرا سۆزلىكنىڭ ھەقىقىتىنى ھەركىتى ۋە ئەقىدىسى بىلەن بىلدۈرۈپ كىلىۋاتقان بىر نۇرلۇق يۇلتۇز ئارىمىزدىن كېتىپ قالدى.7-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 7 لەردە ساۋاغدىشىم پەرھات جامالنىڭ بوش ئەمما ھەسرەتلىك ئاۋازدا ئۇستازىمىز مۇھەممەتجان سادىق ۋاپات بولدى دەپ ئۇرغان تىلفۇن خەۋىرى ماڭا شۇنچىلىك تاسادىپى ھەم ئېغىر تۇيۇلدىكى قانداق جاۋاپ بېرىشنىمۇ بىلمەي تېلفۇننى بېسىۋەتكىنىمنى بىلمەيلا قاپتىمەن . مەن ئۇ كۈنى شەھەردە بولماي قالغانلىغىم ئۈچۈن ئۆيىگە بارالماي قالدىم، بېراق شۇ بىر كېچە خىياللىرىم ئۈركىگەن كەپتەردەك ئۆزۈمگە تۇتۇق بەرمەي ،يىللار، سىنىپلار،ئۇستاز ،ساۋاغداشلار قوينىغا شۇڭغۇپ كەتكەن ئىدى....مانا تاڭمۇ ئاتتى ، مەن ئۇستازنىڭ ئۆيىگە چاپتىم ، بېراق بارغىنىمدا مېنىڭدېنمۇ بالدۇر بېرىۋالغان سەھەرچى قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆزلىرىدىن چېچىلىۋاتقان مۇڭلۇق، ھەسرەتلىك، ئۆكۈنۈش نۇرلىرى ،ئۇنىڭسىزمۇ ھەسرەت ئىچىدە تېپچەكلەۋاتقان يۈرىگىمگە ئايرىلىش ئوقلىرىنى ئېتىشقا باشلىدى.ۋاقىت سىتىرىلكىلىرى تېزلىك بىلەن داۋاملىشىپ مەشھۇر شائىرىمىز، يازغۇچىمىز، تەتقىقاتچىمىز ئەڭ مۇھىمى تەلەپچان ئۇستازنى بىزدىن يىراقلاشتۇرۇشقا، ئانا تۇپراقنىڭ قۇينىغا ئىلىپ كېتىشكە ئالدىراۋاتقاندەك كىلاتتى .ئىنىستۇت قوراسى ئاز كۆرىلىدىغان ئادەم دېڭىزىغا ئايلانماقتا ئىدى،ئوقۇتقۇچىلار، ئۇستازنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ،يازغۇچىلار،رەھبەرلەر،ئۇرۇق-تۇققان يۇرت _جامائەت سەلدەك ئاقماقتا،خۇددى شائىرنىڭ لېرىك چاچما شېئىرلىرىدەك دولقۇن ھاسىل قىلماقتا ئىدى........تەزيە يىغىنى داغدۇغلۇق مەنزىرە ھاسىل قىلغان بولسا ،ئالتۇشۇئار مەسچىدىنىڭ مەزىنىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى سۆيۈملىك پەرزەنتىدىن ئايرىلغانلىغىغا شاھىت بولىۋاتقاندەك  مۇڭلۇق ئېيتىلماقتا.نامازمۇ چۈشىرىلدى،،،،ماشىنىلار توپى خۇددى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى يۈلىنىشىنى ئۆزگەرتكەندەك شەرىققە بىزنىڭ بارار جايىمىز قارادۆڭ زەرەتگاھلىغىغا سەلدەك ئاقماقتا.خىياللىرىم يەنە قانات قاقتى،ئۆلىمالىرىمىز ئۇلۇغ روزا ئايلىرىنىڭ خاسيىتى ،دوۋزاق ئىشىكلىرىنىڭ قۇلۇپلىنىدىغانلى ھەققىدە سۆزلىگەندە ئۇستازىمدىن سۆيۈنسەم. بىزنىڭ «ئوغۇزخان »دەپ ئىسىم قۇيۇۋالغان ئۇستازىمىزمۇ  بىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئۆلىمالارنىڭ تەبلىغلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك بىلىندى. ئاتاغلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئۈنسىز خىياللارغا چۈشۈپ كىتىشى، ئۇستاز شائىر بىلەن ئاخىرقى قېتىم قۇلاق يىقىشىپ مۇڭدىشۋاتقاندەك تەسىراتلارنى بەردى.ئاھ تەغدىر، يەتتە كەتمەن توپىمۇ تاشلىنىپ بولدى، قۇرئاننىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى بىزگە تەسەللى، ئوزۇق،ئادەم بولىش يۇللىرىنى ئۈگىنىشكە چاقىرغاچ ،،ئۇستازىمىزنى بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىپ كەتتى، ياق روھى قالدى، جىسمى ئۆزى يازغان ، تەسۋىرلىگەن گۈللەرنىڭ تۈۋىگە مەڭگۈلۈك مېھمانغا كەتتى . ئەلۋىدا ئۇستاز، ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولغاي.                                                                                                               دوسلار ئالدىراشلىقا مۇشۇنچىلىكلا يازالىدىم، ئەپۇ قىلارسىلەر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1689
تۆھپە : 1
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 11:55:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندە تورنى ئېچىپلا قايغۇلۇق مۇسىبەتتىن خەۋەر تاپتىم. قايغۇلۇق بولسىمۇ ھامان ئاڭلايتتۇق. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ ئەركىن -چاچما شېئىرلىرى بىلەن بايراق بولۇپ كېلىۋاتقان تالانتلىق شائىر،ئاتاغلىق يازغۇچىمىزنى  اللاھ مەغپىرەت قىلپ، جەننەتتىن ئورۇن بەرگەي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  108
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 12:30:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي!...ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن يەنە بىر يۇقۇتۇش بۇپتۇ!مرھۇمغا ياراتقان ئىگەم ئاسانلىق بەرگەي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 13:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھەممەتجان سادىقنىڭ شېئرىي رومانلىرى بىلەن داستانلىرى بەك ياخشى ئىدى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 578
تۆھپە : 11
توردا: 97
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 18:26:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم ناۋائىدىن كىيىنكى بىردىنبىر خەمىسە يازغان ئەدىپ ئىدى؟ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!

ئۆزلۈك تۇيغۇمىزنى ئويغۇتايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1767
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 15:02:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ۋاپات بولىشتىن نەچچە كۈن ئىلگىرىلا رەھمەتلىكنىڭ خەمىسەسى قولىغا تېگىپتىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش