قەشقەردە داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن ئوتتۇز مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتاپخانىسىدا 7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ‹‹تەڭرىتاغ كىتاپ ئوقۇش بايرىمى››مۇناسىۋىتى بىلەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائلىيەتنىڭ نامى‹‹7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ‹تەڭرىتاغ كىتاپ ئوقۇش بايرىمى› ۋە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى›› دەپ ئاتالدى.
بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتاپخانىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم خەلق ھۆكۈمىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك شىنخۇا كىتاپخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە بىرلىكتە كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، بۇ پائالىيەت 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنى كەچكە قەدەر ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ.
بۇ قېتىمقى ‹‹ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتى››گە ئاپتۇنۇم راينىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە يازغۇچىلاردىن پەرھات ئىلياس، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، مۇھەممەت بارات تەشنائى، مۇختار تۇردى، ئەخمەت ئىمىن، قادىر راخمان، غوجا ئەخمەت يۇنۇس، مەمتىمىن شىپە ، ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى، تاھىر تالىپ قاتارلىق ئون نەپەر ھۆرمەت ئىگىسى مۇنبەردىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئوقۇرمەنلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن كىتاپلارغا ئۆز قولى بىلەن ئىمزالىرىنى قويۇپ بەردى ۋە بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ كىتاپ سېتىۋېلىش ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتنىششش ئۈچۈن كەلگەن ئاممىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋەتتى.
بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت يەنە ياش يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ ئىككى قىسىملىق يېڭى تارىخى رومانى‹‹ئابىھايات››نىڭ نەشىردىن چىقىپ تارقىتلىش مۇراسىمى بولغىنى ئۈچۈن ئابدۇناسر يۇنۇس بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قىزىق نوقتىسى ۋە بۇ پائالىيەتتىكى ئەڭ ئالدىراش ئادەم بولۇپ قالدى.