ximal
كۆرۈش: 465|ئىنكاس: 2

تەرمەچ فىليەتۇنلار(تەرجىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1743
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 22
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 09:48:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلغار تەجرىبە
مەلۇم ناھىيە ئۈچ تۈرلۈك ھۆكۈمەت خىراجىتىنى ئاشكارىلىدى، چارۋىچىلىق ئىدارىسى ئاز چىقىم قىلغانلىقى ئۈچۈ ئىلغار بولوپ باھالاندى، مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەر ۋە قوشنا ناھىيەلەرنىڭ چارۋىچىلىق ئىدارىلىرىمۇ ھەيران قالدى، ھەمدە ئۇ ئىدارىغا بېرىپ تەلىم ئالماقچى بولۇشتى. چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى مىھمان قىلدى. بىرپەس ھاراق ئىشىشكەندىن كىيىن، ئىدارە باشلىقى راس گەپنى قىلىپ تاشلىدى:
بىرىنچىسى، يەپ ئىشىچ قاتارلىق كۈتىۋىلىش خىراجىتىنى يەمخەشەك سېتىۋىلىش خىراجىتى تۈرىگە قېتىۋەتتۇق؛ ئىككىنچىسى، ماشىنا، پاراخوت، بىنزىن قاتارلىق چىقىملارنى ئەلا سورتلۇق چوشقىلارنى كىرگۈزۈش خىراجىتىگە قېتىۋەتتۇق؛ ئۈچىنچىسى، ساڭنا، يۇيۇنۇش مەركىزى قاتارلىق جايلاردا قىلىنغان چىقىملارنى چوشقا كۈچۈكلىرىنى تازىلاش، يۇيۇش خىراجىتىگە قېتىۋەتتۇق؛ تانسىخانا، ياتاق ئېچىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ چىقىملىرىنى نەسىللەندۈرۈش خىراجىتىگە قېتىۋەتتۇق....... باشقا ئىدارىنىڭ باشلىقلىرى ئۇيقىدىن ئويغانغاندەك بولۇشتى دە، ئۆزلىرىنىڭ مالىيە بىلىملىرىنى ئازراق بولسىمۇ ئۈگىنىشمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپ قېلىشتى.


                                                كىمگە ئاتىسەن؟
ئىككىنچى تاغام يۇۋاش، ئىزچىل يېزىدا يەر تېرىپ جان باقاتتى. بىر كۈنى، بىرەيلەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ سوراپتۇ: ئەگەر ناھىيەنىڭ ھاكىمى ۋە يېزا باشلىقى بىرلا ۋاقىتتا دەرياغا چۈشۈپ كەتسە، سېنىڭ قولۇڭدا بىر تاللا تاش بار بولسا، سەن قايسىسىغا ئاتاتتىڭ؟
تاغام: ھەي، نەدىمۇ مۇنداق بەلەن ئىش بولسۇن؟
ھېلىقى ئادەم: مەسىلەن دەيمەنغۇ ئەمدى.
تاغام: ئاناڭنى، كىم شۇ ئىككىسىنى قۇتقۇزسا شۇنىڭ بېشىغا ئاتىمەن.


                                    تاكسى شوپۇرىنىڭ دانا پىكىرى
بىر شوپۇرنىڭ مۇنداق دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم:
ئەگەر  20 ياشلىق، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان،  10 نەپەر ياشقا 4 يىل پۇتبول مەشىق قىلدۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارنى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرسا، ئەگەر نەتىجە قازانسا تۈرمىدىن ئازاد قىلسا، ئەگەر يېڭىلىپ قايتىپ كەلسە، ئېلىپ چىقىپ مىلتىق بىلەن ئېتىپلىۋەتسە، جوڭگۇ ئاندىن پۇتبولدا يېڭەلەيدۇ.
مەن ئۇنىڭ ئەقلىگە ھەيران قېلىپ، سورىدىم: ئۇنداقتا، ھازىرقى ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرىلاپ كېتىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
شوپۇر تاماكىسىنىڭ چىڭ بىر شورىۋالغاندىن كىيىن جاۋاب بەردى:ئاجرىشىشنى ھەقىقەتەن توسۇيالايدىغان نىكاھ قانۇنى شۇكى، ئاجراشقاندىن كىيىن، ئۆينى دۆلەت مۇسادىرە قىلىش.


                                        بوۋىسى، دادىسى ۋە نەۋرىسى
بوۋىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسى شۇكى: قورساق تويغىدەك تاماق يىيەلىسەم، خاتىرجەم كۈن كەچۈرسەم.
دادىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسى شۇكى: ئالىم، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى بولسام.
نەۋرىسىنىڭ ئارزۇسى بولسا: ئەمەلدار بولسام، داڭلىق چولپان بولسام.
يەنە 20 يىلدىن كىيىن، بالىلارنىڭ غايىسى نىمە بولار؟ ....................

فىليەتۇنلار ئايلىق ژۇرنىلى 2012- يىللىق 8- ئايلىق سانىدىن تاللاپ ئېلىندى.


ئەلىجان تۇرسۇن تەرجىمىسى.





(ئەگەر بۇ تەرجىمىنى ژۇرناللار تاللاپ ئىشلىتىشنى خالىسا، ئەسەرنىڭ ئەسلى ئورگىنالى بىلەن تەمىنلەپ بېرىمەن.   كىيۇ كىيۇ نۇمۇرۇم: 89013771)

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1689
تۆھپە : 1
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 17:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان پىليەتۇنلار ئىكەن، ئەجرىڭىزگە رەخمەت!
بىر ھىساپتا يۇمۇر ئىكەن بۇ تەرجىمىلەر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  712
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 32
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 18:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يازملار ئىكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش