جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1361 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 792|ئىنكاس: 35

«ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى» ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 265
تۆھپە : 9
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:02:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

iskenderning mungguzi.jpg


     «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى» ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى بازارغا سېلىندى

    بۈگۈن ناھىيىلىك شىنخۇا كىتابخانىسىغا بارغان دوستلاردىن بىر ئىككىسى تېلېفون قىلىپ كىتابىمنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى ئېيتىشتى. يازغۇچىلار تورىغا چىقىرىشقا ئىككىلىنىپ قالدىم. ئاخىرى تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپمىغىنى بىر باش پىياز، دەپتىكەن دەپ ئۆزۈملا يوللىدىم.

   بۇ توپلامغا «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى» قاتارلىق 17 پارچە ھېكايە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ھەجمى 138بەت. باھاسى توققۇز يۈەن. بۇ توپلامدىكى ھېكايىلەردىن بىر قىسمى كونا مۇنبەردە بار. بۇ يېڭى مۇنبەرگە «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى» ناملىق ھېكايىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا يوللىدىم ۋە يەنە ئىككى ھېكايىنى ئۇلانما قىلىپ قويدۇم.



يامغۇر

يېشىل كىيىملىك پەرىزات


داداممۇ قالتىس ئادەم ئىكەن


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  365
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 194
تۆھپە : 2
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!مەن سىزنىڭ سەمىيمىلكىڭىزگە بۇرۇندىن قايىل!ئىجادىيتىڭىزگە  ئۇتۇقلار يار بولغاي!

تۈنجى رەت ئۇچرىشىش ئايرىلىش ئۈچۈن،
ئاخىرقى ئايرىلىش كۈل بولۇش ئۈچۈن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 265
تۆھپە : 9
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:19:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى

    ياسىن ئىككىمىزنىڭ دوست، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. ئىككىمىز مەكتەپكە بارغۇچە  بىللە بېرىپ بىللە كېلىمىز. قويلارغا ئوت ئالغىلى بارساقمۇ بىللە بارىمىز. بەزىدە تاماقنى ئۇ بىزنىڭكىدە يېسە، بەزىدە مەن ئۇلارنىڭكىدىن يەيمەن. بىزنىڭ قېرىنداشلاردەك يېقىنلىقىمىزدىن سۆيۈنۈپ، بىزگە ھەۋەس قىلىدىغانلارمۇ بار.
   ئۇنىڭ بوۋىسى ئەبەيدۇللا بوۋام ھەممە ئوغۇللىرىغا چۈشەندۈرۈپ، ھەممە يېرىنى دېگۈدەك تەك قىلىۋەتكەن ئىدى. ئاتامغىمۇ نۇرغۇن قېتىم تەكنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپ، قولۇڭدىن كەلسە تەككە كۆپرەك ئىشلەپ قوي، دەپ كۆپ نەسىھەت قىلغانىدى. ئاتام بولسا « تەك مېۋىگە كىرگۈچە نەچچە يىل ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدىغان گەپكەن. ئۇنداق ئىشنى مەن قىلمايمەن» دەپ ئۇنىمىغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈزۈملىرىدىن ھەر يىلى نەچچە تۈمەنلەپ كىرىم بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ جىگدە ئورمان ياقىسىدىكى تىكىدىن كىرىم ئالاھىدە ياخشى. ئۇلار ئۇ يەردىكى تىكىنى ئاتامدىن كەپتەر مايىقى سېتىۋېلىپ، قىغ بىلەن قوشۇپ ئوغۇتلاپ ئىشلىۋېدى، ئۈزۈمىنىڭ دانىسى يوغان، ساپىقى چوڭ، بۇلۇق بولۇپ كىرىمى بىر ھەسسە ئاشتى. بىز ئۇ يەرگە كېۋەز تېرىپ كېلىۋاتىمىز. مىڭ قىلسىمۇ پاختىنىڭ پايدىسى ئۈزۈمگە يەتمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى يىلدىن بۇيان غوزا قۇرۇتى چۈشۈپ ھوسۇل ئالالماس بولۇپ قالدۇق. ئاتام بەزىدە ئاچچىقلاپ «مۇشۇ خەقنىڭ تېكىنىڭ يىلتىزى بىزنىڭ يەرنى بۇزدى...» دەپمۇ قوياتتى. بۇنداق چاغلاردا ئاپام «بىزمۇ تەك تىكەيلى» دەپ كايىيتتى.
    ئاتام ئۆگزىگە بىر چىقىۋالدىمۇ بولدى، ئاش-تامىقىنىمۇ ئۇنتۇپ، كەپتەرلەرگە بىللە قوشۇلۇپ ئاسماندا ئۇچىدۇ. ئاپام ئاچچىقلاپ پات-پات «كەپتەرلەرنىڭمۇ جىنىغا ۋاي. ئۇمۇ قورسىقىغا بىر نەرسە يېمىسە بولماس. ئاۋۋال تاماقلىرىنى يەۋالسىلا» دەپ تەگەيتتى. ئاچچىقلاپ ۋارقىراپمۇ قوياتتى.
    ياسىن ئىككىمىز رەكەتكە ياسىدۇق. ئىككىمىز چوڭ يولغا چىقىپ، چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش تاشتىن يۈز تالدىن تېرىپ كەلدۇق—دە. ياسىنلارنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ ئېغىلىنىڭ تېمىدىكى ئوتىغۇچ، ئارغامچا... قاتارلىق نەرسىلەرنى قۇيىدىغان ئويۇققا بىرىمىز بىردىن قەلەي قۇتا قۇيۇپ، قارغا ئېتىپ مۇسابىقىلەشتۇق.
   ياسىن رەگەتكىنى مەندەك ئاتالمايتتى. مەن ئۆزۈمنىڭكىنى ئۈچ قېتىم تەگكۈزدۈم. ئۇ بىرەر قېتىممۇ تەگكۈزەلمىدى. ئۇ زېرىكىپ توختاپ قالدى. ياسىن تۇيۇقسىز.
   —ئابدۇرېشىت، مەن سىلەرنىڭ ئاۋۇ كەپتىرىڭلارنى ئېتىپ باقايمۇ،—دېدى.
   —جىم تۇرغان قۇتىغا تەگكۈزەلمەيسەن قانىتى بار كەپتەرگە تەگكۈزەلەمتىڭ. ياخشىسى سەن ئاۋۇ ئادەمدەك يوغان تۇرخۇنلۇقنى چەنلەپ مەشىق قىل،—دېدىم.
   —ئاتايمۇ.
   —ئاتە، سېنىڭ...
   قىزىق ئىش. گېپىم تۈگە-تۈگىمەي ئۇنىڭ ئاتقان تېشى كەپتەردىن بىرىنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋەتتى.
   —قانداق؟ تەگكۈزدىممۇ؟
   —تەگكۈزدۈڭ! ئۈچ مىڭ كويغا بەرمىگەن كەپتەرنى جېنىدىن جۇدا قىلدىڭ! ماڭا ئاتاڭغا ئېيت، ئۈچ مىڭ كوينى تۆلەپ بەرسۇن...
    شۇ ئىشتىن كېيىن ئىككى ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى بۇزۇلۇپ، باردى-كەلدى چۈرتلا ئۈزۈلدى. ئاتام «رەكەتكە»نىڭ نامىنى ئاڭلىسىلا ھېلىقى ياسىن ئۆلتۈرۈپ قويغان كەپتەرنى يادىغا ئېلىپ مېنى ئەيىبلەيتتى.
   —ھەممىنى قىلغان سەن. قاراپ تۇرۇپ ئەڭ ئېسىل كەپتىرىمدىن ئايرىدىڭ. ھېلىقى ياسىن دېگەن كالاڭپاينىڭ كەپتەرنىڭ بوينىنى بىردە بىر ئۈزۈۋەتكىنىنى دەيمەن، ھەي، ئىسىت، ئۈچ مىڭ كويغا سېتىۋەتسەممۇ بولۇپتىكەن... مەن ساڭا دېسەم...
   —بولدى، بولدى بۇ ئۆيدە بىر كەپتەرۋازنىڭ دەردىنى تارتىپ بولالمايۋاتسام يەنە بىرنى تەربىيىلەي دەمدىكىن. سەن ھەرگىز ئۇنداق ئاسمانغا قارايدىغان ئادەم بولما، بالام.
ياسىنلارنىڭ ئۈزۈمى تازا ئوخشىدى. چۈنچىسى كىچىك كېلىپ، قوشنىلارنىڭ چۈجىسىگىمۇ ئۈزۈم ئاستى. ئاتام ئۆز ۋاقتىدا بەش مو يېرىمىزگە تەك تىكمىگىنىگە پۇشايمان قىلدىمىكىن. پات-پات ئۇھسىنىپ قوياتتى. ھېلىمۇ كېچىكمىگەن ئىدۇق. ئاپام بۇ ھەقتە تولا گەپ قىلىپ ھاردى بولغاي ئانچە تىلغا ئالمايدىغان بولدى.
   بىز ئۈچ بالا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولغاچقا توققۇزىنچى ئايدا ئوقۇش پۇلى، كىتاب پۇلى تۆلىگىچىلىك ئاتامغا ئېغىر كېلەتتى. شۇڭا مەن نەچچە يىلدىن ياسىنلارنىڭ ئۈزۈمنى ئۈزۈشۈپ، ھارۋىسىنى ھەيدەپ بېرىپ ئوقۇش، كىتاب پۇلۇمنى تاپاتتىم. بۇ يىلمۇ شۇنداق ئىشلەپ كۈزنىڭ غېمىنى قىلغۇم بار ئىدى. ئاتامنىڭ مۇز يىغىپ تۇرغان چىرايىدىن قورقتۇم. مەكتەپكە بارىدىغان كۈنلەرمۇ كۈنسېرى يېقىنلاشماقتا. ھەرقاچان «سەن چوڭ بولغاندىكىن، ئاۋۋال ئۇكىلىرىڭ پۇل تاپشۇرسۇن...» دەپ «ھۆكۈم» چىقىرىشىدۇ. ھەي، تېزرەك بىر ئامالىنى قىلسام بولاتتى.
ياسىن بىلەنغۇ ياخشى ئۆتىمەن. ئۇلارنىڭكىدە ئىشلەيمەن دەپ، يۈرسەم ئاتام نېمە دەپ قالار؟ يا ھېلىقى ئېسىل كەپتەرلىرىنى سېتىپ ئوقۇش، كىتاب پۇلىنى بېرەمدىكىن. ئاتام ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. ئاپامغا دەپ باقايمۇ—يە؟ ئاپام قوشۇلغان بىلەن ئاتام قوشۇلمىسا بىكار، ئىككىسى جېدەللىشىپ قالسا بولغۇلۇق بىز بالىلارغا بولىدۇ شۇ.
شۇنداق تىت—تىت بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە ئۇدۇل قوشنىمىز ئابلىمىت ئاكام كىرىپ ماڭا ئىش تاپقانلىقىنى ئېيتتى.
   —قىلىدىغان ئىشىڭ، قولۇڭغا بىر ئوتىغۇچ ئېلىپ، كېۋەزدىكى يانتاقنى چاپىسەن. كۈنىگە ئون كوي بېرىدۇ. ئون كۈن ئىشلىۋالساڭ قولۇڭغا يۈز كوي كىرىدۇ دېگەن گەپ، قانداق قىلىسەن؟
مەن گەپ قىلغۇچە ئاپام قوشۇلمىدى.
  —ھاۋا بەك ئىسسىق، بالا...
  —قۇدۇق ئىگىسىمۇ غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم. ئەتىگەن سائەت بەشتە  ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتسەك. ناشتىنى قۇدۇق بېشىدا قىلىمىز. سائەت ئونلار بىلەن قايتىپ كېلىمىز. چۈشتىن كېيىنمۇ سائەت تۆتلەر بىلەن ئىشلەيمىز. ئىسسىقتا قالمايمىز.
   —ئابدۇرېشىت ئۆزۈڭ بىر نېمە دېگىن.
   —بارماي نېمە ئامالىم. توققۇزىنچى ئايدا مەنمۇ ئوقۇش پۇلى، كىتاب پۇللىرىنى بالدۇر تاپشۇرۇپ باقاي.
كېۋەز ئوتاپ يۈز ئون كوي پۇل تاپتىم. تاماقتىن قىينالدىم. بۇنى ئويلىسام ياسىنلارنىڭ ئۈزۈمىنى ئۈزۈشۈپ بەرگەن بولسام ئەتىگەندە سۈت چاي. چۈشتە ئىسسىق تاماق. تەكلىكتە قۇرساق ئاچسا ئۈزۈمنى تاللاپ يەپ... بولدىلا ئۇنداق كۈنلەر ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ.
   ئاتامنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ياسىن بىلەن بىللە ئوينايمەن. ھەش—پەش دېگۈچە قىشنىڭ ئاچچىقى يېنىپ، ھاۋا ئىلىپ باھارنىڭ شەپىسى كەلدى. ئاتام كەپتىرىنى ئۇچۇرۇپ تاماكىسىنى چېكىپ تۇرخۇنلۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. تۇرۇپلا ئاتامغا ئاچچىقىم كېلىپ قالدى. ئاپامنىڭ شۇنچە ئېغىر ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرمەمدىغاندۇ؟ ھەممە خەق ئېغىللاردىن قىغ چىقىرىپ، يەرلىرىنى ئوغۇتلاشقا باشلىدى. كۈندە بىر—ئىككى ھارۋا قىغ توشۇپ قويسىمۇ ھېسابتى ئەمەسمۇ؟
   مانا «ئۈچەك»كە كىرگەن تەكلەر ئېچىلىپ، يوپۇرماقلىرى چىقىپ، يېشىل دېڭىزدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى.  يېقىندىن بۇيان ئاتام بىكار بولسا پالتىنى بىلەپ قويىدىغان بولدى. مەن ئاتامنىڭ ئوتۇن يارغاندا ئىشلىتىدىغان پالتىنى بىلىمەي، گۆش چانىغاندا ئىشلىتىدىغان پالتىنى بىلىگىنىگە قاراپ «ئۇنى نېمىگە ئىشلىتىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم. نېمىلا بولسا بولسۇن، قولى ئىشقا باردى. بۇنىمۇ قىلمىسا نېمە دېگۈلۈك.
   ئەتىيازنىڭ بورىنى چىقىشقا باشلىدى. تاڭغا يېقىن ئۇكام «تەرەتكە چىقىمەن» دېۋىدى ئۇنى تالاغا ئاچىقسام بوران ئاللىقاچان توختاپ قالغان بولۇپ، بوران شامىلى چىقىۋاتاتتى. مەن ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدا چاشقاندەك بىر نەرسىنىڭ  شەپىسىنى ئاڭلاپ شۇ ياققا قولچىراغنى يورۇتتۇم. بىر چاشقان بۇلۇڭدىكى تۆشىكىگە كىرىپ كەتتى. كۈندە جايىدا تۇرىدىغان پالتا يوق ئىدى. بەلكىم ئاپام ئۇنى بىرى ئوغرىلىۋالمىسۇن، دەپ قازناققا ئەكىرىپ قويغاندۇ دەپ ئويلىدىم.
   سەھەردە ئىشىككە چىقساق قىيا—چىيا بولۇپ كېتىپتۇ. ئاتام ئۆگزىدە تورنى پۇلاڭلاتقىنىچە بىر خىلدا كەپتەر ئۇچۇرۇۋاتاتتى.
   —توۋا قىلدىم، ئەبەيدۇللا ئاكاملارنىڭ ئىككى ئېرىق تېكىنى بىرى قىرقىۋېتىپتۇ.
   —نېمە دەيدىغانسىز ئەمدى. بىزمۇ قاراپ باقايلى.
   مەھەللىدىكى ھەممە خەق دېگۈدەك تەكلىككە قاراپ ماڭدى. مەنمۇ ئىككى ئىنىمنى ئەگەشتۈرۈپ باردىم. دېگەندىكىدەك ئون ئىككى يىللىق تەكنىڭ يوغىنى چوڭ ئادەمنىڭ بىلىكىدەك، كىچىكى كىچىك بالىنىڭ بىلىكىدەك تەك شۇڭلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىرى تۈپ بېشىدىن كېسىۋەتكەن ئىدى.
   مەن كىشىلەرنىڭ «پالتىدا كېسىپتۇ» دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى. ئىككى ئىنىمنى ئىلىپ ئۆيگە كەلدىم. پالتا ئۆز ئورنىدا تۇرۇپتۇ. مەن ئاتامغا قارىدىم. ئاتامنىڭ سەل قىزارغان كۆزلىرى ئۇيقۇسىراپ تۇراتتى. ساقچى كېلىپمۇ «ئىزىنى بوران يوقىتىۋېتىپتۇ» دەپ بىرمۇنچە ئەھۋال ئىگىلەپ كەتتى.
   ئۇ ئىككى ئېرىقتىكى ئۈزۈمنىڭ پۇلى كەم دېگەندە ئۈچ— تۆت مىڭ يۈەن بولاتتى. ئاتام ھېچ ئىش بولمىغاندەك كەپتىرىنى ئۇچۇرۇپ ئاۋارە ئىدى. ھېلىقى كۈنى ياسىننىڭ ئاپىسى ھۆ تارتىپ يىغلىغاندا، ئاتامنىڭ «يىغلايدىغان يىغاڭلار ئالدىڭلاردا» دەپ غۇدۇڭشىغىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئاھ، خۇدا بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان قولۇقۇم گاس بولۇپ قالغان بولسىچۇ... دەپ كېتىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن يۈرىكىمنى بىر قۇرۇت غاجايدىغان بولۇپ قالدى. بەزى كېچىلىرى ئاتامنىڭ مەھەللىدىكى ھەممە تەكلەرنى چېپىپ، ھېرىپ «پۇخادىن چىقتىم» دەپ دوپپىسى بىلەن ئۆزىنى يەلپۈپ ئولتۇرغان تۇرقىنى چۈشەپ چىقىمەن. ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئوقۇشسام تەكنى قىرقىۋىتىلگەننىڭ ئۆزىلا بىر ئادەمنىڭ نەچچە يىل تۈرمىدە يېتىشىغا ئاساس بولالايدىكەن. ئاغزىمدىن مەن ئەنسىرىگەن گەپنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىمەن. چۈشۈمدە كۆرگەننى جۆيلۈپ دەپ سالماي دەپ، ھېچكىمنىڭكىدە قونۇپ قالمايمەن.
    بۇرۇن ئاپام ئېيتىپ بەرگەن بىر چۆچەكتە، پادىشاھ ئىسكەندەرنىڭ چېچىنى چۈشۈرمەكچى بولۇپ، ۋەزىرلەر بىر ساتىراشنى تەكلىپ قىلىپتۇ. ۋەزىر ساتىراشقا پادىشاھنىڭ مۈڭگۈزىنىڭ بارلىقىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلاپتۇ. ساتىراشمۇ ماقۇل بولۇپتۇ. كىم بىلسۇن، ئۇنىڭ يۈرىكىنى ھېلىقى ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزىنىڭ بارلىقى، بىر قۇرۇتتەك تىنماي غاجاشقا باشلاپتۇ. ئۇ چىدىماي ئادەم يوق يەرگە بېرىپ:«ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار ئىكەن!» دەپ ۋارقىرايدىكەن... مېنىڭ يۈرىكىمنىمۇ ساتىراشنىڭ يۈرىكىنى غاجىغان قۇرۇت غاجاپ ئارام بەرمەيتتى. مەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئادەم يوق يەردە ساتىراشتەك ۋارقىراپ سالارمەنمۇ؟

2005—يىلى 12— ئاي (پىچان)





كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 641
تۆھپە : 0
توردا: 131
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ قەلبىگە كىرىش چوڭلار قەلبىگە كىرىشتەك ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس. لېكىن سىز بۇيولنى ئۇتۇقلۇق باستىڭىز. سىزنى يورۇق كۆرگەن كىتابىڭىز بىلەن قۇتلۇقلايمەن. كېيىنكى مەنزىللىرىڭىز تېخىمۇ يورۇق بولغاي!

بېغەملىك-خەلقلەرئۈچۈن ئۈمىتسىزلىكتىنمۇ ئۆتە يامان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 287
تۆھپە : 4
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:57:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات كازىمنىڭ بالىلار كىتاۋىغا مۇبارەك بولسۇن !!!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  92
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:59:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئۇستاز ، ئەتىلا بىرنى سېتىۋالاي ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  107
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 236
تۆھپە : 2
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 21:10:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن  ، قەدەملىڭىزنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىىنى ئومىد قىلىمەن.

ھايات بىر ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  185
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 103
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 21:34:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن ۋە سېنىڭ كىتابىڭغا مۇبارەك بولسۇن پەرھات. كىتابىڭنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ سەن ئۈچۈن خوشال بولىۋاتىمەن. ئىشلىرىڭ يەنىمۇ روناق تاپسۇنكى، بەركەتلىك بولغايسەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 272
تۆھپە : 4
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 21:58:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز پەرھات كازىمنى «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى»ناملىق كىتابىنىڭ نەشردىن چىققانلىقى بىلەن قۇتلۇقلايمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 155
تۆھپە : 2
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 22:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات كازىم ئاكامنىڭ يېڭى كىتابىغا مۇبارەك بولسۇن...  بالىلار ئۈچۈن تەۋرىگەن قەلىمىڭىزگە سەمىمىيەت ۋە بەرىكەت تىلەيمەن....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 244
تۆھپە : 5
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 01:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابىڭىزنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۈم . ئىجاد مەنزىلىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 01:50  


كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 01:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  125
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 0
توردا: 96
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 08:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابىڭىزغا  مۇبارەك بولسۇن پەرھاتكا،كىتابنىڭ مۇقاۋىسى چىرايلىق لاھىيلىنىپتۇ،نۇسرەت سىزگە يار بولسۇن!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 265
تۆھپە : 9
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 09:48:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دوستلارنىڭ ئىلھامىغا رەھمەت!

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1168
تۆھپە : 59
توردا: 202
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 10:13:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات كازى ئاكامنىڭ ئىجادىيتى ئۇتۇقلۇق بولسۇن . يېڭى كىتابىنى مۇبارەكلەيمەن . بالىلار ئىشقىدا يېنىۋاتقان يۈرەكلەر مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرسۇن !

ۋىسال سەپىرىدە ئۇچىۋاتىمەن ، سېنىڭ ئىزلىرىڭ تامان . شۇنداق بىر ئۇۋا باركى زىمىندا ، سېنىڭ يۈرىكىڭ شۇ تىلسىملار بىلەن قورشالغان . دوزاخقا كىرسەممۇ رازى ئىدىم بىر ئۆمۈر ، كۈلرەڭ ئوت پۈركۈپ تۇرغان ئاشۇ ئۇۋا مېنىڭ ماكانىم بۇلىدىغانلا بولسا ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش