ximal
كۆرۈش: 402|ئىنكاس: 0

پاشاگۈل ئىسمايىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1727
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 78
تۆھپە : 2
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 19:47:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


27_avatar_big.jpg


پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى 1974-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى كۇچادا مەرىپەتپەرۋەر مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.2001-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن. ھازىر كۇچا ناھىيە ئوچا ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى 1990-يىللىق ‹.شىنجاڭ ياشلىرى››ژورنىلى8-9-سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹تاتلىق ھېسلار››، ‹‹زورلىما››،‹‹مۇھاببەت››، ‹‹شاماللار›› قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن ئەدىبى-ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغىچە ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››، ‹‹تەڭرىتاغ››، ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››، ‹‹تارىم››،‹‹شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتى››ژورنىلى، ‹‹تۇرپان›› ئەدەبىياتى، ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››، ‹‹ئىلى دەرياسى››، ‹‹تارىم غۇنچىلىرى››،«شىنجاڭ سەنئېتى » ژورنىلى، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك ››گېزىتى،‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد» گېزىتى ، « ئاقسۇ گېزىتى » ، « كۈسەن مەدەنىيىتى » قاتارلىق گېزىت- ژورناللارغا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 100 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر، ھېكايە ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. «گۈلدەستە»،«تارىم ناۋاسى» ئويغۇرچە- خەنزۇچە توپلام « قەشقەردىكى يەر شارى» ، « زېمىننىڭ چۈشى» قاتارلىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. جەمىيەت ۋە قىز- ئاياللار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلىرىدىن ئىككى پارچىسى «شىنجاڭ ئاياللىرى » ژورنلىرى تەرىپىدىن 1- ۋە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن. بىر پارچە ئەسىرى قازاقىستاندا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى « ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات تەتىل تاپشۇرۇقى» قوللانمىسىغا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.‹‹قىز يۈرىگى››ناملىق ھېكايىسى 2001-يىلى‹‹ئاقسۇ ئەدىبىياتى››ژورنىلى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى 1997- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزالىققا قۇبۇل قىلىنغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ۋە كۇچا ناھىيىلىك يازغۇچىلار  جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش