ximal
كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 8

ھۆسەيىن بايقارا- نەۋايى غەزىلىگە تەخمىس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 654
تۆھپە : 50
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 14:17:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەۋايى غەزىلىگە مۇخەممەس

ھۆسەيىن بايقارا

لەئلى جانبەخشىندىن ئەيرۇ ئابى ھەيۋاننى نېتەي؟
ھەردەم ئەر يۈز جان بېرۇر، جانانەسىز جاننى نېتەي؟
گەر ئېمەس مەنزۇر يۈزىڭ، ھۆرۇ غىلماننى نېتەي؟
گۈلشەنى كويۇڭدىن ئەيرۇ باغى رىزۋاننى نېتەي؟
باشىمە گەر گۈل ساچەر، سەنسىز گۈل ئەفشاننى نېتەي؟

ھەجرى ئەندۇھىدە تا گۈلشەن ئەرا قىلدىم گۈزەر،
سەرۋ بويى قامەتىڭنىڭ نەخلىدىن بەردى خەبەر،
لېكىن ئانىڭ ۋەسلىدىن نې بەھرە تاپدىم، نې سەمەر،
نەخلى قەددىڭ چۈن ئېمەس گىريان كۆزۇمدە جىلۋەگەر،
جۇئىبار ئەترافىدە سەرۋى خىراماننى نېتەي؟

جىسمۇ جاننى ئىستەمان، بىللاھكى، جاناندىن جۇدا،
كۆرسەڭ ئۇل مەھۋەشنى، ھالىم ئەرز ئېتىب ئەيت، ئېي سەبا،
لېك زىنھار ئاللىدە بۇ نەۋ قىلغايسەن ئەدا،
ئۇل ئىتىڭگە بولماسە تومە نەۋالىڭدە فىدا،
زەفلىك پەيكەرنى نەيلەي، ناتەۋان جاننى نېتەي؟

بىردەم، ئېي ئەھباب، ھەر سارى قاشىمدىن كەتمەڭىز،
ھەرنەكىم دەرمەن مۇۋەججەھ بولمەسە، ئەشىتمەڭىز،
بۇكى دەرمەن چېھرەدىن قانلىغ ياشىم ئارئەتمەڭىز،
لەئلگۈن ئەشكىم لەبى ھىجرانىدە ئەيب ئەتمەڭىز،
كۆز يولىدىن تۆكمەيىن باغرىمدەكى قاننى نېتەي؟

بۇ ئەجەبدۇركىم، سەڭا مەلۇم بولمەيدۇر بۇ سىر -
كىم، ئېرۇرمەن لەئلى شەۋقىدىن ئۆلۇمگە مۇنتەزىر،
گەر سۈيۇڭدىن ھەر نەفەس يۈز جام بەرسەڭ، بار مۇزىر،
زۇلمەتى ھەجرىدە چەشمەڭ ۋەسفىن ئەتمە، ئەي خىزر،
مەنكى ئۆمرۇمدىن تويۇبمەن، ئابى ھەيۋاننى نېتەي؟

سۆز ئىلاجىمدىن دېمە، ئەي بەھرى ئىشق ئىچرە غەرىق،
كىم بولۇبتۇر دەب غەمىڭدىن داغ ئىلە جىسمىڭ ھەرىق،
گەر مەڭا بارسەن مۇھىببۇ مۇشفىقۇ يارۇ شەفىق،
داغىمە مەرھەمنى كۆپ تەكلىف قىلمە، ئەي رەفىق،
تۇتتۇم ئۇل داغىم ئوڭەلدى، داغى ھىجراننى نېتەي؟

تا ئەيىردى مەندىن ئۇل مەھۋەشنى چەرخى كەج نىھاد،
ئەي ھۇسەينىي، تەلبە كۆڭلۈم بولمەدى بىر لەھزە شاد،
ئاقىبەت چۈن تاپمەدىم ئۇل شاخ ۋەسلىدىن مۇراد،
ياردىن ئەيرۇ بۇزۇغ كۆڭلۈمگە قىلدىم خەيرباد،
ئەي نەۋايى، ئۇيلە گەنج ئولمەي چۇ ۋەيراننى نېتەي؟


(ئۆزبېك لاتىنچىسىدىن ئابدۇقادىر سادىر تەرجىمىسى)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 14:20  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1106
تۆھپە : 0
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 14:33:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ھەقىقىي تەخمىس. ئۇستاز  ئابدۇقادىر سادىر ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە بارىكاللا!

www.sheriyet.com

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  294
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 585
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 16:40:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر.

پەلەكنىڭ چاقى تۈگمەنمۇ،
ئۇن تارتامدۇ ئادەمدە؟
ئەلەمنىڭ داغلىرى قالدى،
چاي ئىچكەن پىيالەمدە.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1523
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 210
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 18:19:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن.!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1689
تۆھپە : 1
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 18:28:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي ھۇسەينىي، تەلبە كۆڭلۈم بولمەدى بىر لەھزە شاد،
ئاقىبەت چۈن تاپمەدىم ئۇل شاخ ۋەسلىدىن مۇراد،

  ھۈسەيىن بايقارادەك شاھلارنىڭ شاخلىق تەختىمۇ سۆيگۈ ئالدىدا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلمەيدىكەن.دېمەك سۆيگۈنىڭ قۇدرىتى تەڭداشسىز!
يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەخمەت.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1843
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 4522
تۆھپە : 31
توردا: 399
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 18:28:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ تەخمىس خۇددى بىر ئادەم يازغان مۇخەممەستەكلا چىقىپتىكەن. تەخمىس مانا مۇشۇنداق بولىشى كېرەك...

بارلىق دوستلىرىمنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  519
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 218
تۆھپە : 6
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 20:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت.ئىزدىنىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 654
تۆھپە : 50
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 10:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرنىڭ ياخشى كۆڭۈل، ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت!

مۇۋەپپەقىيەت تېرىشچانلىقت

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1901
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 20:07:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ھۇسەينى دىۋانىنى كۆرۈش جەريانىدا ئابدۇقادىر سادىر ئەپەندى مۇنبەرگە يوللىغان نۇسخا بىلەن ئەنقەرە نەشرىدە قىسمەن مەتىن پەرقلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇشبۇ تەخمىسنىڭ ئەنقەرە نەشرىنى يوللاپ قويدۇم.

لەئلى جانبەخشىڭدىن ئايرۇ ئابى ھەيۋاننى نېتەي؟
ھەردەم ئەر يۈز جان بېرۈر، جانانەسىز جاننى نېتەي؟
گەر ئېمەس مەنزۇر يۈزۈڭ، ھۇرۇ غىلماننى نېتەي؟
گۇلشەنى كۇيۇڭدىن ئايرۇ باغى رىزۋاننى نېتەي؟
باشىما گەر گۇل ساچار، سەنسىز گۇل ئەفشاننى نېتەي؟

ھەجر ئەندۇھىدا يا گۇلشەن ئارا قىلدىم گۇزەر،
سەرۋ بويى قامەتىڭنىڭ نەخلىدىن بەردى خەبەر،
لېك ئانىڭ ۋەسلىدىن نە بەھرە تاپدىم، نە سەمەر،
نەخلى قەددىڭ چۇن ئېمەس گىريان كۆزۈمدە جىلۋەگەر،
جۇيبار ئەترافىدا سەرۋى خىراماننى نېتەي؟

جىسمۇ جاننى ئىستەمەن، بىللاھكى، جاناندىن جۇدا،
كۆرسەڭ ئول مەھۋەشنى، ھالىم ئەرز ئېتىپ ئايت، ئەي سەبا،
لېك زىنھار ئاللىدا بۇ نەۋئ قىلغايسەن ئەدا،
ئول ئىتىڭگە بولماسا تۇئمە بۇ ئېلىڭدە فىدا،
زەئفلىك پەيكەرنى نەيلەي، ناتەۋان جاننى نېتەي؟

بىردەم، ئەي ئەھباب، ھەر سارى قاشىمدىن كەتمەڭىز،
ھەرنەكىم دەرمەن مۇۋەججەھ بولماسا، ئىشىتمەڭىز،
بۇكى دەرمەن چېھرەدىن قانلىغ ياشىم ئارىتماڭىز،
لەئلگۇن ئەشكىم بەسى ھىجرانىدا ئەيب ئەتمەڭىز،
كۆز يولىدىن تۆكمەيىن باغرىمداغى قاننى نېتەي؟

بۇ ئەجەبدۇركىم، ساڭا مەئلۇم بولمايدۇر بۇ سىر

كىم، ئېرۈرمەن لەئلى شەۋقىدىن ئۆلۈمگە مۇنتەزىر،
گەر سۈيۈڭدىن ھەر نەفەس يۈز جام بەرسەڭ، بار مۇزىر،
زۇلمەتى ھەجرىندە چەشمەڭ ۋەسفىن ئەتمە، ئەي خىزىر،
مەنكى ئۇمرۇمدىن تويۇپمەن، ئابى ھەيۋاننى نېتەي؟

سۇز ئىلاجىمدىن دېمە، ئەي بەھرى ئىشق ئىچرە غەرىق،
كىم بولۇپتۇر دەپ غەمىدىن داغ ئىلە جىسمىڭ ھەرىق،
گەر ماڭا بارسەن مۇھىببۇ مۇشفىقۇ يارۇ شەفىق،
داغىما مەرھەمنى كۆپ تەكلىف قىلما، ئەي رەفىق،
تۇتتۇم ئول داغىم ئوڭالدى، داغى ھىجراننى نېتەي؟

تا ئايىردى مەندىن ئول مەھۋەشنى چەرخ ئەگەر نىھاد،
ئەي ھۇسەينىي، تەلبە كۆڭلۈم بولمادى بىر لەھزە شاد،
ئاقىبەت چۇن تاپمادىم ئول شۇخ ۋەسلىدىن مۇراد،
ياردىن ئايرۇ بۇزۇغ كۆڭلۈمگە قىلدىم خەيرباد،
ئەي نەۋايى، ئەيلە كۇنج ئولماي بۇ ۋەيراننى نېتەي؟



قىزىل بويالغان جايدا مەتىن خاتالىقى مەۋجۇد. ئەنقەرە نەشرىدە بۇ خاتالىققا يول قويۇلغان. نەۋايىنىڭ بۇ غەزىلى «نەۋادىرۇش شەباب» دىۋانىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەنقەرە ۋە تاشكەنت نەشرلىرىنىڭ مەتنىدە پەرقلەر خېلى مەۋجۇد. ئەڭ تىپىكىدىن بەشىنچى بېيىتتىكى «خىزىر» سۆزى «نەۋادىرۇش شەباب» بىلەن «دىۋانى ھۇسەينى»نىڭ ئەنقەرە نەشرىدە «خىزىر» شەكلىدە ئوقۇلغان بولسا، «نەۋادىرۇش شەباب»نىڭ تاشكەنت نەشرىدە «خىزر» شەكلىدە ئوقۇلغان. يەنە ئاخىرقى بېيىتتىكى «خەيرباد» سۆزى «نەۋادىرۇششەباب»نىڭ ئەنقەرە نەشرىدە «فەرياد» دەپ ئوقۇلغان. ئاندىن «نەۋادىرۇش شەباب»نىڭ ئەنقەرە ۋە تاشكەنت نەشرلىرىدە ئاخىرقى بېيىتتىكى «گەنج» سۆزى «گەنج» ئوقۇلغان بولسا، «دىۋانى ھۇسەينى»نىڭ ئەنقەرە نەشرىدە «كۇنج» دەپ ئوقۇلغان.  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرافات.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-6 22:43  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش